Windows Phone غا يەنە 5 تىل يېڭىدىن قوشۇلدى. | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Windows Phone غا يەنە 5 تىل يېڭىدىن قوشۇلدى.

[ IT خەۋەرلىرى ]

ئاخشام ئۈرۈمچى ۋاقتى 10:13 دا (يەنى ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى 2014-يىلى 25-نويابىردا) مىكروسوفت شىركىتى Windows Phone نىڭ يەرلىكلەشتۈرۈش ئۇسلۇب يېتەكچىسىگە يەنە 5 تىل قوشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇلارنىڭ بىلوگىدىكى خەۋەردە مۇنداق دەپتۇ:

نۆۋەتتە ئەپ ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ Windows Phone ئەپلىرىنى ئېچىشى ۋە يەرلىكلەشتۈرۈشى ئۈچۈن 50 تىلنىڭ Windows Phone يەرلىكلەشتۈرۈش ئۇسلۇب يېتەكچىسىنى تۈزۈۋاتىمىز. بىز 5 تىلنى يېڭىدىن قوشتۇق، ئىلگىرى بار تىللارنىڭ يەرلىكلەشتۈرۈش يېتەكچىسىنى تېخىمۇ ياخشىلىدۇق.

بۇ يېڭى قوشۇلغان تىللار تۆۋەندىكىدەك: •

Afrikaans

Basque

French Canadian

Galician

Hausa

 

ئۇچۇر مەنبەسى:

http://blogs.technet.com/b/terminology/archive/2014/11/25/5-new-international-windows-phone-style-guides-available.aspx

مۇناسىۋەتلىك توردىن كۆرۈپ باقسام Windows Phone نىڭ ئۆزبېكچە، قازاقچە،…. ئۇسلۇب يېتەكچىسىمۇ ئىشلىنىپ بوپتۇ، گەرچە بۇ قېتىم مەنمۇ Windows Phone نىڭ ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈش ئۇسلۇب يېتەكچىسىنى يەنە يوللىغان بولساممۇ، Windows 10 نىڭ تەستىقلىنىپتۇ، ئەمما Windows Phone غا ئائىت مەزمۇن چىقىرىۋېتىلىپتۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىممۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلمىدى. Windows Phone نىڭ تىل بولاقلىرىغا قاراپ باقسام باشقا دۆلەتنىڭ ئاپتونۇم رايونى ياكى ئۆلكىسىدە قوللىنىدىغان باشقا تىللارمۇ يوق ئىكەن، شۇڭا كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولمىدى، ئەمما Windows Phone دا ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلساق بولغۇدەك.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
61 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئۇچۇنجى تەرەپ خەت كىرگۇزگۇچ قۇشۇش تەس ئىش ئەمەستۇ ئۇلاغا نىسپەتەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 21:39
  • ئۇچۇنجى تەرەپ خەت كىرگۇزگۇچ قۇشۇشنى قولايدىغان ئقىتدار ئەقلى ئختىدارلىق تېلىفۇنلادكى ئادەتىكى ئقتىدارغۇ مۇشۇمۇ بولمىسا بۇ ۋىندوۋۇسفۇندا ئەمما Windows phonne 7دىن كۆپ ياخشى8.1 Windows phone شۇنداق بۇلسىمۇ موشۇنداق يەرلىرى بۇلمايدۇ دە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 12:52
    • بىر تىلنى قوشۇش ئادەتتىكى ئىش ئەمەس، بۇنى ھەرگىزمۇ ئۇچۇق كودىلىق تارقىتىلغان، بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ئاندروئىدلارغا سېلىشتۇرۇپ تۇرۇۋالماڭ.
      مۇشۇ ئىشنىڭ ئۆزىدىنلا Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ قانچىلىك مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلساڭلار بولىدۇ. مەن تېخى تەرجىمىگە كەتكەن ئەمگەكنىڭ زىيادە كۆپلىكىنى تىلغا ئالماي تۇراي.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 17:51
  • ئۇلانىڭ يانفۇن ساھسىدە ئۇتۇق قازانمىقى تەستەك تۇردۇجىمۇ ماڭا نىسپەتەن ھەممە ئىشلىرى قالايمىقادەك نىشانسىزدەكلا بىلىندۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 12:19
  • بۈگۈن ئاغىنىلەرنىڭ قولىدىكى ئالما ئالتىدە ئۇيغۇرچىنى راۋان ئالماشتۇرۇپ خەت يىزۋاتقىنىنى كۆرۇپ قولۇمدىكىlumia 1520 غا قاراپ خىيال سۈرۈپ كىتىپتىمەن .lumia 1520 نىڭ رەسىم تارتىشى 20 مىليۇن بولغان بىلەن يەنىلا 8مىليونلۇق ئالما ئالتىنىڭ تارىتقان رەسىملىردىن پەرىقلىنىپ قالدى……..ئەمما مەنlumia 1520 دىن ۋاز كەچمەيمەن …چۇنكى مىكروسوفىتwindows 8.1 دا ئانا تىلىمىزدا قوللىدى،،،،ھازىر ھەممە ئادەم تىلفۇنغا يۈزلىنىپ كەتكەندىن كىيىن Windows Phone دا ئانا تىلىمىزنى قوللۋەتكەن بولسا بۇنىڭ ئىختىسادى ئۈنۈمى ياخشى بولمىغان بىلەن ئىجدىمايى ئۈنۇمى ،ياخشى بولاتتى …ھىچ بولمىسا بىز ئۇيغۇرلار ئارسىدا تەشۋىقاتى ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمە

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 22:51
  • مىنىڭچە مىكروسوفىت پايدىنى ئۇنچىلىك قوغلىشىپ كەتمىسە بولاتتى…بىر چوڭ شىركەتكە نىسبەتەت خەت كىرگۈزگۈچ قىتىش ئۇنچىلىك تەس ئەمەسمىكىن دەپ ئويلايمەن…ئۇنى قاتسا سىستىما ئىغىرلىشىپ قالامدىغاندۇ ئۇنى بىلمىدىم …..شۇنچىلىك قىزغىنلىق ئىشەنىچ بىلەن تاشلىغان بىلەتنىڭمۇ پايدىسى بولمىدى ….ھىچ بولمىغاندا ئالمىدەك ئۈچىنچى تەرەپ كىرگىزگۈچنى قۇللايدىغان قىلىۋەتكەن بولسىمۇ يەنە ئۇيغۇردىن ئىشلىتىدىغانلار كۆپىيىپ قالارمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن مىنىڭچە ھازىرWindows Phone غا خىرىس ئىغىر كۆپلىگەن داڭلىق ماركىلىق تىلفۇنلارWindows Phone تىلفۇن تەتقىق قىلىشتىن ۋاز كىچىپتۇ …….مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مىكروسوفىت ئۈنچىلىك قىپ كىتمەي قىتىپ قويسا بولاتتى……ئالما ئۈچىنچى تەرەپ كىرگىزگۈچنى قوللايدىغان بولغاننىڭ ياقى ئۇنى ئىشلىتىغان ئۇيغۇرلار تەبىيلا كۆپىۋاتىدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 22:29
    • شۇنچىلىك قىزغىنلىق ئىشەنىچ بىلەن تاشلىغان بىلەتنىڭمۇ پايدىسى بولمىدى ….
      ==========
      نورمال داۋاملىشىۋاتقان بېلەت تاشلاشقا تويۇقسىز ساختىلىق، ھاياجان ئارىلىشىپ كەتتى، بۇنى ھەقىقى قىزغىلىق دېيىشكە بولمايدۇ، بەزى ئىشلارنى داۋراڭ قىلماي جىم-جىملا قىلىۋېرىش توغرا ئىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى am 09:49
  • ئۇيغۇر تىلىنىمۇ قوشقان بولسا قانچە ياخشى بولاتتى ھە؟!
    لىكىن ئاۋۇ
    Basque دېگەنمۇ نوپۇسى بىر مىليۇنغا يەتمەيدىغان،ئىسپانىيەدىكى بىر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ تىلى؛
    Afrikaans بولسا جەنۇبى ئافرىقىدىكى(دۆلەت نامى) ئۈچىنجى چوڭ تىل—جەنۇبى ئافرىقا گوللانىد تىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ،مەزكۇر دۆلەتتىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئاساسلىق ئالاقە تىلى،نوپۇسى 6مىليۇن ئەتىراپىدا؛
    Hausa بولسا ئافرىقىدىكى چوڭ تىللارنىڭ بىرى،60مىليۇن ئەتىراپىدا ئىشلەتكۈچى بار؛
    French Canadian بولسا كانادا فىرانسۇزلىرى،نوپۇسى 6مىليۇندىن ئاشىدۇ؛
    Galician بولسا ئىسپانىيەدىكى بىر تىل(ئىسپان تىلىنىڭ بىر شىۋىسى دەپمۇ قارىلىدۇ)،2مىليۇن 400مىڭ ئەتىراپىدا ئىشلەتكۈچىسى بار.
    ئومۇمەن ئېيىتقاندا،بۇ قېتىم ئافرىقىدىن 2 تىل،ياۋرۇپادىن 2 تىل ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىن 1 تىل قوشۇلۇپتۇ. ئاسىيادىن بىر تىلمۇ يوق،ئالىم مۇئەللىم دېگەدەك بەك ئاغرىنىپ كەتمىسەكمۇ بولىدىكەن. بىزدە مىكروسوفتنى قوللاش بەك ئاز قانچىمىز ھەقلىق نۇسقىسىنى سېتىۋالدۇق،ۋ.فوننى ئىشلىتىدىغانلار تېخىمۇ ئاز،شۇڭا ھە دېسە تىلنى قوشۇپ بەرمىدى دەپ ئورۇنسىز ئاغرىنمايلى! مىكروسوفت ساخاۋەت ئورگىنى ئەمەس،بەلكى پايدا ئالىدىغان ئورگان(盈利性机构)!
    ھەممىمىز تەشۋىق قىلىپ مىكروسوفتنى قوللىساق،ئۇلارمۇ بىزنىڭ ئۈمىدىمىزنى يەردە قويمايدۇ،ئۇلار بىر تىل قوشۇش ئۈچۈن نۇرغۇن تەتقىقات ۋە تەھلىللارنى قىلىدۇ،بىزدىكى ئىشلىتىش دائىرسى ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدىن خېلى يىراق،ئەپ بازىرىغا چىقسىڭىزلا بىلىپ قالىسىز. ۋ.فوننى ئېچىۋاتقانلار قانچىلىك؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى am 10:27
  • «چۈشتىن بۇرۇن\چۈشتىن كىيىن »دېگەننى« چ ب\چ ك» ياكى «چ.ب\چ.ك» دەپ قىسقارتىشنىڭ ھېچقانداق تالاش-تارتىشقۇچىلىكى يوق،نەدىكى بىر تاينى يوق پاراڭنى قىلىدىكەن «چاغاندىن بۇرۇن\چاغاندىن كىيىن» دەپ چۈشۈنۈپ قالىمىزدەپ.
    ئىنگىلىزچىدىمۇ «am\pm»دەيدۇ،amنى ھېچكىم Amplitude Modulationدەپ ياكى Americium(خىمىيۋى ئېلمىنىتam) دەپ چۈشىنىپ قالغىنى يوق،ئۇندىن ابشقا يەنە نۇرغۇن مىسال بار…
    شۇڭا « چ ب\چ ك» ياكى «چ.ب\چ.ك» دەپ ئالساق بولىدۇ.
    ئەينى چاغدا «ئۇيغۇر-Uyghur» دېگەننى «ئۇي-Uy»دەپ قىسقارتساق «كالا» دەپ مەنا چىقىپ قالىدۇ دەپ تايىنى يوق گەپنى قىلىپ «ئۇگ-Ug»دەپ قىسقارتتۇق،خۇددى بۇنىڭدىن بىر ئاڭلىسىلا «ئۇيغۇر» دەپ مەنا چىقىدىغاندەك،مېنىڭچە «ug»دېگەننى تىل پەرقلەندۈرۈش كودى ئۈچۈن ئىشلىتىلسىلا بولاتتى(ئارقا سەھنىدە،پىروگىراممىرلار)،
    م: «cn-ug»،«cn-hk»،«cn-tw»دېگەندەك. ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغىنى «ئۇي-uy»،م: ئۇيغۇر مۇزىكا–uymuzika،ناھايتى ئاسانلا «ئۇيغۇر مۇزىكا»دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ،«ugmuzika»چۇ؟
    uykino—ugkino قايسىغا بىر قارىسىڭىزلا «ئۇيغۇر كىنو» دەپ چۈشىنىسىز؟ بىز بىلەن قېرىنداشلار مىللەت بولغان ئۆزبەكلەرمۇ مىللەت نامىنى «ئۇز-uz»دەپ قىسقارتىدۇ.بەلكىم قازاقلارمۇ «ق.ز\ك.ز-kz» دەپ قىسقارتىدىغۇ دىيشىڭىز مۇمكىن،ئوبدانراق قاراپ بېقىڭ،قازاق،قىرغىز«kg»،تۈرك«tr» لار بىلەن ئۇيغۇر(uyghur)،ئۆزبەك(uzbek) سۆزلىرىنىڭ سۆز قۇرۇلمىسى ئوخشىمايدۇ،ئالدىنىقىللىرى ئۈزۈك تاۋۇشتىن باشلانغان بولۇپ بوغۇم بويىچە قىسقارتساق بىر قاراپ سەل ئويلاپلا ئەسلى مەنىسىنى بىلگىلى بولىدۇ،گىپىمنى چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىز زەر-زەۋەرلىرىنى(سۇزۇق تاۋۇشلىرىنى) ئېلىۋەتكەن ئەرەب يېزىغا (يەنى ئاددىيلاشتۇرۇلغان ئەرەب يېزىقىغا) قاراڭ! ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەك سۆزلىرىگە قارىساق،بۇ سۆزلەر سۇزۇق تاۋۇشتىن باشلانغان،ئالدىنقى بىر بوغۇمىنى ئېلىپلا قىسقارتساق ،ئاسان چۈشىنىش مەخسىتىگە يېتەلەيمىز.ug دەپ قىسقارتىش ھەم باشتىكى بوغۇم بويىچە قىسقارتىش شەكىلىگىمۇ چۈشمەيدۇ،ئەگەر بوغۇم بويىچە قىسقارتماقچى بولساق ئۇ چاغدا«ئۇ.غ»دەپ يېزىلىشى كېرەك بەلكى «ئۇ.گ»ئەمەس،چۈنكى بۇنداق قىسقارتىش «ئۇيغۇر»نى «ئۇيگۇر» دىگەنلىك! شۇڭا «ug»نى پەقەت تىل پەرقلەندۈرۈش كودلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ(ئەسلىدىنمۇ ئىنگىلىز تىلىدىكىuighurدىن قىسقارتىلغان،چۈنكى ئىنگلىز تىلىدا ‘غ’ يوق)،ئارقا سەھنىلەردە پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىپ،ئەمەلى تۇرمۇشىمىزدا «uy»شەكىلىنى ئىشلەتكەن بولساق تېخىمۇ بىزنىڭ قائىدىمىزگە يېقىن بولاتتى دەپ ئويلايمەن.
    ئۇيغۇر مۇزىكا:
    uymuzika–ئۇي مۇزىكا——-ugmuzika–ئۇگ مۇزىكا
    ئۇيغۇر سودا:
    uysoda–ئۇي سودا——–ugsoda–ئۇگ سودا
    سېلىشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىپ بېقىڭ،قايسىسى ئەسلى ئاھاڭغا يېقىن ئىكەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 19:16
  • دوستلار توغرا دەيدۇ، بىز ئاۋۋال مىكروسوفتنىڭ ئۇيغۇرچە مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ ئىشلەتسەك، بىز ئارزۇ قىلغان بۇ ئىشلارمۇ بالدۇرراق ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن، ئۈمىدسىزلەنمەيلى. ئالىم ئەھەد مۇئەللىمنىڭ مۇشۇ بىلوگىغا دائىم كىرىدىغان قېرىنداشلاردىن مىكروسوفتنىڭ ھەقسىز ئېلخەت مۇلازىمىتى(outlook.com)نى ئىشلىتىدىغانلار قانچىلىكتۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى am 08:47
  • دوستلار توغرا دەيدۇ، بىز ئاۋۋال مىكروسوفــتنىڭ ئۇيغۇرچە مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك ئىشلەتسەك، ئەپ بازىرىدىن كۆپرەك نەرسە چۈشۈرسەك، قوللىساق بىز ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى ئۇلار تەبئىيلا ئويلىشىدۇ. ئاددىيسى مىكروسوفتنىڭ ھەقسىز ئېلخەت مۇلازىمىتى(outlook.com) نى قانچىلىك ئۇيغۇر ئىشلىتىۋاتقاندۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى am 08:14
  • ئۇنداقتا كۈن ۋە تۈننى ئشلەتسەك كانداق بۇلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 23:52
  • ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بىز بىر توپ قۇرغان، ھازىرچە 17 ئادەم بار، ھەممىمىز wp ئىشلىتىۋاتىمىز. نومۇرى 155879116. بۇ توپقا 500 ئادەم سىغىدۇ، ئەگەر نۆۋەتتە كۆپرەك ئادەم بار توپ بولسا، بىز شۇ يېڭى توپقا كۆچسەكمۇ بولىدۇ. تارقىتىپ قويغايسىلەر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:46
  • مەن لۇمىيا 1320 دىن بىرنى ئالغانتىم . ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوللىمىغاننى ۋە كۇنۇپكا تاختىسى بولمىغاننى ھېسابقا ئالمىغانسا شۇنداق ئوبدان ئىشلىتىۋاتىمەن ھەم ئالغىنىمدىن بەك رازى . مۇشۇ يېقىندا يەنە بۇ تېلىفوننى ماختاپ تەۋسىيە قىلىپ يۈرۈپ ئىككى خىزمەتدىشىممۇ بىردىن ئالدى . ئۈمىدلىك بولساق سېستىما تىل بولىقى ئۇيغۇرچە بولغان شۇ كۈنمۇ كېلىپ قالار !

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 22:23
    • شۇنداق، ھەرۋاقىت ئاغرىنىش كەيپىياتىدا بولماسلىقىمىز كېرەك، مەسىلىنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلايلى. سەۋرىنىڭ تېگىنى ئالتۇن دەيدىغان گەپ بار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى am 09:09
  • ۋ پ تېلفۇنىنى ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ سانى قانچىلىكتۇ، مۇشۇنى سىتاستىكا قىلىپ باقىدىغان بىرەر ئىشنى قىلىپ باقساق، ھېچ بولمىغاندا قانچىلىك ئۇيغۇرلىرىمىز مۇشۇ ئانا تىلنى قۇشۇلۇپ قالار دىگەن ئۈمىد بىلەن ۋ پ تېلفۇنىنى سېتىۋالغانلىقىنى بىلىۋالساق، مەن لۇمىيا 620 دىن بىرنى قېرىتىپ، لۇمىيا 638 دىن بىرنى يېقىندىلا سېتىۋالدىم، شۇنداق قىلىپ مەن ئىشلەتكەن تېلفۇن جەمئىي 2 دانە. مۇشۇ ھەقتە بىرەر تور بېكەتتە، ئىمكان بولسا مۇشۇ بىلوگ دا ئاشۇنداق پائالىيەتتىن بىرەرنى ئۇيۇشتۇرسا دىگەننى خىيال قىلىپ قالدىم، كۆپچىلىك قانداق قارايدىكىن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى am 11:08
  • تەييار بولغان ئۇيغۇرتىلىنى ئۇلار چۇقۇم قۇشىدۇ، ئۇنىڭغىچە سەۋىر قاچام يىتىپ ئاشىدۇ. داۋاملىق ساقلايمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى am 11:04
  • يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 18:24