-
2010-10-22
ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/80310663.html
تەڭرىقۇت ۋە ھەر دەرىجىلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قوشۇن باشلاپ ئۇرۇش قىلىشى ھەم قورامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسكەر بولۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى نوقتا، ھۇنلارنىڭ ھاكىمىيەت تەشكىلىنىڭ قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىن ئەمدىلا ئايرىلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بولۇپمۇ تەڭرىقۇتنىڭ ھەربىي باشلىقلىقىدىن ئىبارەت بۇ بىر نوقتا ئۇنىڭ قەبىلە باشلىقلىقىدىن ئەمدىلا ھاكىمىيەت باشلىقلىقىغا ئۆزگەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
ھۇن قۇلدار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ بىرى قوشنا مىللەتلەرنى بۇلاش ۋە ئېزىش بولغاچقا، ئۇلار ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ فۇنكىسىيىسى ئارقىلىق بويسۇندۇرۇلغان رايونلاردىكى خەلقلەرنى دەھشەتلىك تۈردە ئەزدى.
ئالدى بىلەن باتۇر تەڭرىقۇت شەرقتىكى قوشنىسى ئوغانلارنى ⑧ بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارغا ھەر يىلى ئات، كالا، قوي تېرىلىرى تاپشۇرۇش، ۋاقتىدا تاپشۇرالمىغانلارنىڭ خوتۇنىنى قۇل قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى. كېيىنكى چاغلاردا، يەنى ھۇنلار خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئوغانلار ھۇنلارنىڭ بۇيۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇپ، خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى. ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋرىدە ھۇنلار يەنلا كونا قائىدە بويىچە ئوغانلارغا ئەلچى ئەۋەتىپ ئولپاننى سۈيلىدى، بۇ چاغدا ئوغانلار خەن سۇلالىسىنىڭ كۈچىگە تايانغاچقا، ئولپان تۆلەشنى رەت قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ھۇن ئەلچىسى غەزەپلىنىپ ئوغانلارنىڭ قەبىلە باشلىقىنى باغلاپ ئېسىپ قويدى. قەبىلە باشلىقىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى بۇنىڭدىن ناھايىتى غەزەپلىنىپ، ھۇن ئەلچىسى ۋە ئۇ باشلاپ كەلگەنلارنى ئۆلتۈرۈپ، ھۇن ئەلچىسىگە ئەگىشىپ سودىگەرچىلىك قىلغىلى ئەكەلگەن ئاياللار ۋە ئات، كالىلارنى تۇتۇپ قالدى. تەڭرىقۇت بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سول قول بىلىك خاننى قوشۇن باشلاپ بېرىپ ئوغانلاردىن ئەلچىنى ئۆلتۈرگەن جىنايەتچىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئەۋەتتى ھەم ئوغانلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ بىر قىسىم خەلىقنى ئۆلتۈرۈپ ئاياللار ۋە ئاجىز، ئۇششاقلاردىن بولۇپ مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى بولاپ كېتىپ، ئۇلارنى سول تەرەپكە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، ئوغانلارنىڭ مال-چارۋا، تېرە تاپشۇرۇپ ئۇلارنى قايتۇرۋېلىشنى ئۇقتۇردى. ئوغانلار مەجبۇرىي ھالدا مال-مۈلۈك ۋە چارۋىلىرىنى بەرگەن بولسىمۇ،ھۇنلار يەنىلا بۇلاپ كەتكەن كىشلەرنى قايتۇرۇپ بەرمىدى⑨.
ئۇنىڭدىن كېيىن ھۇنلار بويسۇندۇرۇلغان ئۇلۇس ياكى قەبىللىلەرگە قارىتا، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنى ئۆز زېمىنىغا كۆچۈرۈشكە بولسىلا مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ كېلىپ ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ بىۋاستە ئىدارە قىلىشىغا ئورۇنلاشتۇردى. مەسلەن ،
ھۇنلار شىرۋى قەبىلىسىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ نەچچە مىڭ ئادىمىنى قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن قوشۇپلا ئۆزلىرىنىڭ سول تەرپىگە كۆچۈردى⑾. يەنە تەڭرىتاغنىڭ ئىۋىرغول جىلغىسىدىكى «بارىكۆل خانلىقى»نىڭ خانى تەڭرىقۇتنى خاپا قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، تەڭرىقۇن ئۇنىڭدىن غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭ ئالتە مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى ئوڭ تەرەپتىكى ئاۋۇ دېگەن يەرگە كۆچۈپ كەلدى، شۇڭا بۇ يەر «ئاۋۇ بەگلىكى»⑿ دەپ ئاتىلىپ قالدى.
لېكىن، بۇيسۇندۇرۇلغان ئۇلۇس ياكى قەبىلىلەر خەلقىنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆچۈرۈلۈپ كېتىلىشى ناتايىن ئىدى، ھۇن قۇلدار ئاقسۆڭەكلىرىگىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز زېمىنىغا كۆچۈرۈپ كېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. شۇڭا، ھۇنۇنلار بويسۇندۇرۇلغان بەزى ئۇلۇسلارغا نىسبەتەن، مەسلەن ، غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى مىللەتلەرگە قارىتا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئەۋەتىپ تۇرغۇزۇپ، باج-سېلىق يىغىپ ھۆكۈمرانلىقى قىلدى. تارىخىي ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا، غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا باشلىقى، قوشۇنى بولۇپ بىرلىككە كەلمىگەنىدى. ئۇلار ھۇنلارغا قارام بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ھۇن ھۆكۈمرانلىرى ئۇلارنىڭ ئات –ئۇلاغ، مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا كۆچۈرۈۋېتەلمىگەن. شۇڭا، غەربىي تەرەپنى باشقۇرۇدىغان باتىس خان چاكارلار كاھ بېگى تەسىس قىلىپ غەربىي يۈرتنى باشقۇرۇپ، ئاگنى، ئۈشاق، لوپنۇر ئارلىقىدا (ھازىرقى شىنجاڭنىڭ قاراشەھەر، لوپنۇر ئەتىراپى) تۇرغۇزۇپ، ھەرقايسى خەلقلەردىن باج ئالغان⒀. بۇ چاكارلار كاھبېگى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 60-يىل باتىس خانىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشى بىلەن ئەمەلدىن قالغان. لېكىن، ۋاڭ ماڭ دەۋرىدە غەربىي يۇت ھۇنلارغا يەنە بىر قېتىم قارام بولۇپ قالدى. ھۇن ھۆكۈمرانلىرىنىڭ دەھشەتلىك بۇلاڭ-تالىڭىغا غەربىي يۇت خەلقى بەرداشلىق بىرەلمىدى.مىلادىيە 61-يىلى ئۇدۇن (ھازىرقى شىنجاڭنىڭ خوتەن ناھىيسى ئەتراپى)ھۇنلار تەرەپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ شاھزادىسىنى ھۇنلارغا بارىمتايلىققا ئەۋەتىشكە ھەم ھەر يىلى ھۇنلارغا يىپەك قاتارلىق نەرسىلەرنى تاپشۇرۇشقا ماقۇل بولدى⒁. مىلادىيە 73-يىلى ھۇن ھۆكۈمرانلىرى قايتىدىن ئەلچى ئەۋەتىپ غەربىي يۇرتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى نازارەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن
بىر ۋاقىتتا، پىشامىشانغا (كرورەن، ھازىرقى شىنجاڭنىڭ مىرەن ئەتراپى) ھىراۋۇل (دەرىجىسى ۋە ھوقوقى بىرقەدەر چوڭ ئەلچى) ئۇلايداي ۋە يانداش ھىراۋۇل بىلچىنى ئەۋەتىپ، يۈزدىن ئارتۇق ئەسكەر تۇرغۇزدى. كېيىن، بەن چاۋ غەربىي يۇرتنى تىنجىتقاندىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ كۈچى پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىلىدى. ئەمما، مىلادىيە 120-يىلىغا كەلگەندە چياڭلارنىڭ قوزغىلىڭى تۈپەيلىدىن خەن سۇلالىسى بىلەن غەربىي يۇرتنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى، ھۇنلار پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ يەنە تاجاۋۇز قىلىدى. شىمالىي ھۇنلار ئەلچى ئەۋەتىپ ھەر قايسى مىللەتلەردىن بۇرۇن قېلىپ قالغان باجلارنى سۈرۈشتۈرۈپ ھەم مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، چەكلىك مۇددەت ئىچىدە تۆلەشكە قىستىدى.بۇنىڭ بىلەن، پىشامشان، قوش (ھازىرقى شىنجاڭنىڭ تۇرپان ئەتراپى) نىڭ غەزىپى قوزغالدى⒂.خەنزۇلارمۇ ئۈزۈلمەس بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچىرىدى. باتۈر ھاكىمىيەت قۇرغاندىن باشلاپ، ليۇ باڭ بىلەن شياڭيۈ ئوتتۇرىسىدىكى چۇ-خەن ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك قالايمىقانلىشىپ كەتكەن پۇرسەتتە جەنۇپقا تاجاۋۇز قىلىپ چىن سۇلالىسى دەۋرىدە مېڭ تيەن تارتىۋالغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۋلدى ۋە چېگىرىسىنى دەريانىڭ جەنۇبىغىچە (ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ خېتاۋ ئەتراپى) سوزۇپ، تەسىر دائىرىسىنى چاۋنا (گەنسۇنىڭ پىڭلىياك ناھىيىسى ئەتراپى)، فۇشى (شەنشىنىڭ تۈلىن ناھىيىس) غىچە يەتكۈزدى.كېيىن، خەن گاۋدى ليۇباڭ پىڭچېڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھۇنلار بىلەن قۇدىلىشىشى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خەن مەلىكىنى تەڭرىقۇتقا ئالچى قىلىپ بېرىشكە مەجبۇر بولۇپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن تاۋار-دۇردۇن، ھاراق-شارەب، يېمەك ئىچمەك قاتارلىق نەرسىلەربى بېرىشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھۇنلار يەنىلا تاكى خەن ۋۇدى تەختكە چىقىپ قاتتىق قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغانغا قەدەر خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا پاراكەندە قىلىپ، ئەمەلدار ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈپ، ئاھالە ۋە چارۋىلارنى بۇلىدى.
ھۇن قۇلدار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قۇلدارلىق ھاكىمىيىتىنىڭ فۇنكسىيىسى يالغۇز سىرتقىلا قارىتىلغان بولماستىن، يەنە ئىچكى قىسىمغا قارىتىلغان ئىدى. ئىچكى قىسىمغا قارىتىلغان فۇنكىسىيىسى ئالدى بىلەن قۇللارغا دىكتاتورا يۈرگۈزۈش-قۇللارنى باستۇرۇش ئىدى.
ھۇنلار رايونىدا تەخمىنەن نەچچە يۈز مىڭ ھەر مىلللەت قۇللىرى بولۇپ، بۇ نەچچە يۈز مىڭ قۇل چارۋىچى چارۋىچى قۇل ياكى تېرىق قۇل ۋە ياكى ھۈنەرۋەن قۇل قىلىنىپ ھەر دەرىجىلىك قۇلدارلارغا بايلىق يارىتىپ بېرەتتى ياكى مەجبۇرىي ھالدا ئائىلە ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىناتتى ۋە ياكى توقال بولاتتى، ھەتتە ئاقسۆڭەكلەر ئولسە قۇربانلىق قىلىنىپ بىللە كۆمۈلەتتى. قۇللارنىڭ بۇ خىل شەپقەتسىزلەرچە ئېزىش ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيىگە قارشىلىق كۆرسەتمەسلىك ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ جيەنۋۇ يىللىرىدا ئون نەچچە تۈمەن «ئەسىر قۇل» نىڭ قېچىپ كېتىش قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ بىر شەكىلى ئىدى.
شۇڭا، قۇللارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش ھۇن ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
ئۇنىڭدىن قالسا ھۇنلار رايونىنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاپ، قۇلدار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ خۇسۇسىي مال- مۇلۈكلىرىنى قوغداش ئىدى. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دە، ھۇنلارنىڭ قانۇنى بويىچە پىچاق بىلەن ئادەمنىڭ بىر چىدىن ئارتۇق يېرىنى زەخىملەندۈرگۈچىلەرنىڭ ئۆلتۈرلىدىغانلىقى، مال–مۈلۈك ئوغرىلىغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ۋە مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىندىغانلىقى، باشقا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ يېنىكرەك بولغاندا پۇتى ھارۋا چاقىغا باستۇرۇلۇپ سۇندۇرۇلىدىغانلىقى، ئېغىرراق بولغاندا ئۆلتۈرۈلۈدىغانلىقى، زىندان تەسىس قىلىنغانلىقى خاتىرىلەنگەن.
ئەڭ ئاخىرىدا بولسا خەلقتىن باج يىغىش ئىدى. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسە» دەپ، ھۇنلار ھەريىلى ئۈچ قېتىم يىغىلىش ئۆتكۈزىدۇ. 1-ئايدا ھەر قايسى قەبىلىلەر باشلىقلىرى ھەر قايسى تەڭرىقۇت ئوردىسىغا يىغىلىپ ئەتىيازلىق نەزىر چىراغ ئۆتكۈزىدۇ؛ 5-ئايدا ھەممىسى ئەجدەربالىق شەھىرىگە يىغىلىپ ئەجدادلىرى، ئاسمان-زېمىن، جىن –ئەرۋاھلىرىغا ئاتاپ نەزىر چىراغ ئۆتكۈزىدۇ؛ كۈزدە ئاتلار سەمرىگەندە ھەممىسى دەيلىنگە يىغىلىپ «ئادەم ۋە چارۋا ماللارنىڭ سانىنى ئالىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇ ھەر يىلدىكى ئۈچ قېتىملىق يىغىلىشنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى كۈزدىكى بىر قېتىملىق بولۇپ، بۇ ۋاقىت دەل ئاتلار سەمرىپ، چارۋىلار كۈچكە تولغان ۋاقىت بولغاچقا، تەڭرىقۇت ھەرقايسى ئۇرۇق، قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرىنى دەيلىنگە يىغىپ يىغىن ئېچىپ«ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ سانىنى ئالغان» يەنى ھەرقايسى ئۇرۇق، قەبىلىلەرنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى -ئازىيىش ۋە ۋچارۋا –ماللارنىڭ ئاۋۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، قوشۇننىڭ سانىنى ئېلىپ بەلگىلىك مىقداردىكى مال-مۈلۈكنى خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇدىغان بېجى ھېسابىدا يىغىۋالغان. بۇ خىل باج-سېلىق بەلكىم بۇرۇنقى ئىپتىدارئىي جەمىئىيەت باسقۇچىدىكى ئۇرۇقداش قەبىلىدىكى ئومۇم ئىشى ئۈچۈن ئۇرۇق ئەزالىرىغا بىر قىسىم خىراجەت تەڭ چېچىلدىغان ئەدەتتىن ئۆزىگىرىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.
كېيىن، قۇلدار ئاقسۆڭەكلەر سىنىپى بارلىققا كېلىپ ھاكىميەت ئورگىنى قۇرۇلغاندا خىراجەت قەرەرللىك چېچىشقا قاراپ تەرەققىي قىلغان شۇ سەۋەپتىن ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئۇرۇق ئەزالىرىنى ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلىش مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن. باج-سېلىق يىغىشنىڭ تۈزۈمىلىشىشىگە ئەگىشىپ يىغىۋېلىش ئۇسۇلى تېخمۇ مۇكەممەللەشكەن. باتۇرنىڭ ئوغلى كىئوك تەڭرىقۇت دەۋرىدە، ھۇنلارغا ئەل بولغان جوڭ خاڭيۆ تەڭرىقۇتنىڭ سول قول، ئوڭ قول مەنسەپدارلىرىغا تىزىملاپ، پۇقرالارنىڭ چارۋىلىرىنى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى تەكشۈرۈپ باج ئېلىشىنى ئۆگىتىپ⒃، ئىلگىرىكى «ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ سانىنى ئېلىش» تەك ئاددىي ئۇسۇلنى بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزگەرتىپ، باج مەنبەسەگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان ۋە ئۇنى كېڭەيتكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئاقسۆڭەكلىرى سىياسىي ھوقوقىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق باشلىقلىق ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ئۇرۇق ئەزالىرىنىڭ مەنپئەتىنى بانا قىلىپ بۇرۇندىن ئۇرۇقنىڭ ئورتاق ئىگدارچىلىقدىكى چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە چارۋىچىلىق قىلىدىغان يەرلەرنى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئېلىۋالغان ۋە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بۇ چارۋىچىلىق مەيدانلىرى ۋە چارۋا باقىدىغان يەرلەرنى كونترۇل ۋە مونوپول قىلۋېىپ، ئاددىي خەلقلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئېكسپىلاتاتىسيىسىگە چىداشقا مەجبۇر قىلغان. بۇ خىل ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئاتالمىش «ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ مەنپەئەتى» ۋە «ئادەت»بىلەن يوشۇرۇلۇپ سىنىپىي مۇناسىۋەت غۇۋالاشتۇرۇلغان.
يۇقۇرىدىكى بايانلارنى يىغىنچاقلىغاندا، ھۇن ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ بىرقەدەر ئاددىي ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن سىنىپىي جەمىئىيەتكە ئۆتۈش باسقۇچىدىكى تەرەققىي قىلمىغان ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ھاكىمىيەت كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگلىكى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھۇنلارنىڭ تەرەققىي قىلمىغان قۇللۇق تۈزۈمى بىلەن ماسلاشقان. بۇ ھاكىمىيەتنىڭ شەكىلى تاكى مىلادىيە 1-ئەسىردە ھۇنلار گۇمران بولغىچە ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمىگەن.
ئىزھلار:
① ئېنگىلىس: «ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى»، «ماركىس –ئېنگلىس تاللانما ئەسەرلىرى»، خەلق نەشرىياتى 1972-يىلى خەنزۇچە نەشىرى، 4-توم 160~161-بەتلەر.
②«تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
③«خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
④ «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
⑤« كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دە بىرىنچىسى، سول قول بىلىك خان؛ ئىككىنچىسى، سول قول خان؛ ئۈچۈنچىسى،ئوڭ قول بىلىك خان. تۆتىنچىسى، ئوڭ قول خان دەپ خاتىرلەنگەن. بۇ تەرتىپ «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دىكىسى بىلەن بىردەك ئەمەس.
⑥ ئېنگلىس: «ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى»، خەنزۇچە نەشىرى، 4-توم 160-بەت.
⑦«تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» ۋە «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»
⑧ ماركىس، ئېنگلىس «نېمىس ئېدىئولوگىيىسى»، «ماركىس-ئېنگلىس ئەسەرلىرى»، خەنزۇچە نەشىرى، 3-توم 52-بەت.
⑨«كېيىنكى خەننامە. ئوغانلار ھەققىدە قىسسە» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئوغانلار ئەسلىدە توڭگۇس قەبىلىلەر ئىتىپاقىدىكى خېىلى چوڭ قەبىلە بولۇپ، باتۇر تەڭرىقۇت «توڭگۇسلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ مال-مۈلۈكى ۋە خەلقنى ئولجا ئالغان»دىن كېيىن، قېلىپ قالغان بىر قىسىم توڭگۇسلار ئوغان تېغى (ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ جاۋۋۇدا ئايمىقى ئالكۇرچىن خۇشۇنىنىڭ غەربىي شىمالدا)غا قېچىپ بارغانلىقى ئۈچۈن ئوغان دەپ ئاتالغان.
⑩«خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
⑾«خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
⑿« كېيىنكى خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى».
⒀«خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى». چاكار قۇل دېگەنلىك بولۇپ، چاكارلار كاھبېگى قۇللارنى باشقۇرۇدىغان ئەمەلدارنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭدىن ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى قۇل ئورنىدا كۆرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
⒁« كېيىنكى خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى».
⒂«كېيىنكى خەننامە. پەن چاۋنىڭ تەرجىمىھالى» ۋە «بەن يۇڭنىڭ تەرجىمىھالى».
⒃«تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».历史上的今天:
ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-22ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-22ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-22ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-22ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىمىڭ داۋامى 2010-10-22
收藏到:Del.icio.us