-
2010-10-22
ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/80311041.html
4-باب تەڭرىقۇت ئوردىسى ۋە ھەر قايسى خانلارنىڭ چارۋىچىلىق
رايونلىرى (باشقۇرۇش رايونى)نىڭ جايلىشىشى
«تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرىلىنىشىچە، تەڭرىقۇتنىڭ قول ئاستىدا سول قول، ئوڭ بىلىك خان قاتارلىق 24 نەپەر تۈمەن بېشى تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، سول قول خانلار شەرق تەرەپنى ئىگىلەپ، شاڭگۇ ئايمىقى (خېبىينىڭ خۇەيلەي ناھىيىسى ئەتراپىدا) نىڭ شەرقى بىلەن ، ئوڭ قول خانلار غەرب تەرەپنى، ئىگىلەپ، شاڭجۈن ئايمىقى (شەنشىنىڭ يۈلىن ناھىيىسى ئەتراپىدا)نىڭ غەربى بىلەن، تەڭرىقۇت ئوردىسى دەيجۈن ئايمىقى (خېبىينىڭ ۋېيشيەن ناھىيىسى ئەتراپىدا)ۋە يۈنجۇڭ ئايمىقى (ئىچكى موڭغۇلنىڭ توقتۇ ناھىيىسى ئەتراپى) بىلەن تۇتىشاتتى.
«ھەر قايسىسنىڭ ئۆز ئالدىغا بۆلۈشۋالغان يەرلىرى بولۇپ، سۇ، ئوت قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرەتتى». جۈملىدىن، ھۇنلارنىڭ تەڭرىقۇت ئوردىسى ھەم سول قول، ئوك قول بىلىك خان ئوردىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايونلارنىڭ بەلگىلىك چېگرىسى بولۇپ، بىلىكخانلارنىڭ قول ئاستىدىكى خانلار ۋە سانغۇنلارنىڭمۇ نىسبەتەن مۇقىم چارۋىچىلىق يەرلىرى بار ئىدى.
ھۇنلار تەڭرىقۇت ئوردىسىنىڭ زادى قەيەردىلىكى توغرىسىدا جۇڭگو-چەت ئەل ئالىملىرى كۆپلەپ تەكشۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئېنىق يازما تارىخىي ماتېرىياللارنڭ كەمچىللىكى ۋە ئارخېئولوگىيىلىك ماددىي ئىسپاتلارنىڭ يېتەرسىز بولۇشى تۈپەيلىدىن بۇنى بېكىتىش ھازىرچە قىيىن بولۇۋاتىدۇ. تارىخىي ئەسەرلەردە سول قول، ئوڭ قول بىلىك خان ئوردىسى ھەمدە سول قول ۋە ئوڭ قول خانلار ئوردىسى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئوردىلارنىڭ قەيەرگە قۇرۇلغانلىقىغىمۇ بىرنېمە دېمەك تەس بولۇۋاتىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بەلگىلىك مۇقىم ئورۇنغا جايلاشقانلىقىنى شۈبھىسىز مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
«تارىخي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرىلىنىشىچە، ھۇنلار ھەر يىلى ئۈچ قېتىم يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، 1-ئايدا تەڭرىقۇت ئوردىسىدا كىچىك يىغىلىش، 5-ئايدا ئەجدەربالىق شەھىرىدە ۋە كۈزدە دەيلىندە چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزگەن. ھەر يىلى مۇقىم يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ۋاقتى بولغانىكەن، قائىدە بويىچە يەنە مۇقىم يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ئورنمۇ بولۇشى كېرەك. تەڭرىقۇت ئوردىسى، ئەجدەربالىق ۋە دەيلىننىڭ ھازىرقى ئورنىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئورۇنلار توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. تۆۋەندىكى پاكىتلاردىن تەڭرىقۇت ئوردىسىنىڭ مۇڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتور ئەتراپىدىلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
(1) يېقىنقى نەچچە ئۇن يىلدىن بۇيان سېلىنگە دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى، ئۇلانباتورنىڭ70 مىل شىمالدىكى نۇبان تېغىدىن دەسلەپكى قەدەمدە نەچچە يۈزلىگەن ھۇن ئىمپېرىيىسى بايقالدى ۋە ئېنىقلاندى، سوۋېت ئىتتىپاقى، قوڭغۇلىيە ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن قېزىلغانلىرىمۇ 20-30 دىن كەم ئەمەس. ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان ھۇن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ (ياكى تەڭرىقۇتنىڭ) چوڭ تىپتىكى قەبرىلىدۇر①. بۇ تاغ تەڭرىقۇتنىڭ ئوردىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان بولۇپ، بۇنىڭدىن تەڭرىقۇت ئوردىسىنىڭ بۇ يەردىن ئانچە يىراق ئەمەسلىكىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ.
(2) 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلغان تۈرك خانلىقىنىڭ ئوردىسى ئۆتۈكەن تېغىغا قۇرۇلغان (ھازىرقى ئورقۇن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى خانگاي تېغىنىڭ شىمالىدىكى تاغ)②. كېيىن 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختىمۇ مۇشۇ يەرگە تەسىس قىلىنغان③. 13-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە قۇرۇلغان مۇڭغۇل ئىمپېرىيىسىمۇ مىلادىيە 1235-يىلدىن (ئۈگەدەينىڭ 7-يىلىدىن) باشلاپ قاراقۇرۇمنى (ھازىرقى ئورقۇن دەرياسىىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى ئوردانىسانت) پايتەخت قىلغان④. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئورقۇن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى رايونلار (ئولانباتورنىڭ غەربىي شىمالى) تارىختىن بۇيان شىمالدىكى قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ئوردا قۇرىدىغان جاي بولۇپ كەلگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى يوللۇغ جۇ«قوش ئېقىن بويىدا كەيپلىكتە يېزىلغان شېئىرلار» (2-جىلد) دىكى «قۇرۇمنى ئېلىش» ۋە «خان ئورىسىغا بېرىش» دېگەن ئىككى شېئىردا «خان ئوردىسى قۇرۇمىنىڭ غەربىي شىمالىدا» دەپ ئىزاھات بەرگەن. بۇلاردىنمۇ تەڭرىقۇت ئوردىسىڭ ئورنىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتە پايدىلىنىشقا بولىدۇ⑤.
ئەجدەربالىق توغرىسىدا «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەقىدە قىسسە» دە خاتىرىلىنىشچە، مايى ئۇرۇشىدىن كېيىن 5-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 129-يىلى) ئەتىيازداۋېي چىڭ شاڭگۇدىن يولغا چىقىپ ئەجدەربالىققا بارغان. بۇ ئەجدەربالىق ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇل شىلىنغول ئايمىقىنىڭ شەرقى، غەربىي ۋۇجۇمۇشىن خۇشۇنىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ھۇنلار ھەر يىلى 5-ئايدا يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغان ئورۇننىڭ شۇ ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
دەيلىن توغرىسىدا يەن شىگۇ «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» گە ئىزاھ بەرگەندە «نەزىر-چىراغ قىلىدىغان قويۇق دەرەخلىك يەر» دېگەن، ئۇ ئورمانلىق يەرلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ كونكرىت يەر نامى ئەمەس.
«خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرىلىنىشىچە، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 60-يىلى شۈرۇچانچۇ تەڭرىقۇت ئۆلگەندە خۇسۇر خان شىنۋىيان تەڭرىقۇتنىڭ ۋارىسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ھەر قايسى جايلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، ھەر قايسى خانلارنىڭ قۇرۇلتايغا كېلىشىنى ئۇقتۇرغان. بۇنىڭدىن خانلار تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ، ئەمما مۇقىم چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، ئەگەر بۇنداق بولمىسا، ئۇلارنى خالىغان چاغدا چاقىرىپ كەلگىلى بولمايتتى.
تارىخىي ئەسەرلەردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلىنىپ ھەرقايسى خانلارنىڭ «بۆلۈشۈۋالغان يەرلىرى» ـــ چارۋىچىلىق رايونلىرى (باشقۇرۇش رايونلىرى) دىن يىپ ئۇچى ئارقىلىق تەخمىنەن ئون ئالتىسىنى تاپقىلى بولىدۇ:
1. قۇنشارخان ۋە شۇتۇق خاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى ھازىرقى
گەنسۇدىكى خېشى كارىدورى ئەتراپىدا بولغان
تارىخىي ئەسەرلەردە قۇنشارخان بىلەن شۇتۇق خاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى نىسبەتەن ئېنىق خاتىرىلەنگەن. «خەننامە» 28-جىلد «جۇغراپىيە تەزكىرىسى» دە: «ۋۇۋېي ئايىمقى (ھازىرقى گەنسۇدىكى مىنچىن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) ئەسلىدە ھۇنلارنىڭ شۇتۇق خانىنىڭ چارۋىچىلىق رايونى ئىدى، جاڭيې ئايىمقى (گەنسۇدىكى جاڭيې ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالى) ئەسلىدە ھۇنلارنىڭ قۇنشارخانىنىڭ چارۋىچىلىق رايونى ئىدى» دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ رايونلار بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئەسلى ياۋچىلار ۋە ئۇيسۇرلارغا تەۋە يەرلەر بولۇپ، كېيىن ياۋچىلار بىلەن ئۇيسۇرلار ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ غەربكە، يەنى ھازىرقى ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ رايوننى قۇنشارخان بىلەن شۇتۇق خان ئىگىلىگەن.خەن ۋۇدىنىڭ يۈەنشۇ 2-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 121-يىلى) كۈزدە قۇنشارخان شۇتۇق خاننى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ قوۋمىدىكى 40 مىڭ ئاھالىنى باشلاپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى. شۇنىڭ بىلەن خېشى كارىدورىنى بويلاپ چىليەنشەن (تىلەك) تېغىدىن تارتىپ شىنجاڭنىڭ لوپنۇر كۆلىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىزىمۇ قالمىدى⑥. ئارقىدىنلا خەن سۇلالىسى خېشى كارىدورىدا تۆت ئايماق تەسىس قىلدى (ۋۇۋيى جاڭيې، جيۇچۈەن، دۇنخۇاڭ).
يەنە «تارىخىي خاتىرىلەر» 111-جىلد «قىران چەۋانداز سانغۇننىڭ تەرجىمھالى» دىمۇ: «يۈەنشۇ 2-يىلى ئەتىيازدا قىران چەۋەنداز سانغۇن خۇچۇبىڭ قوشۇنى باشلاپ لوڭشىدىن يولغا چىقىپ ئالچى تېغىدىن (گەنسۇدىكى شەندەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ئۆتۈپ مىڭ چاقىرىىملاپ يۈرۈش قىلىپ، قۇنشارخاننىڭ ئوغلىنى ئەسىرگە ئېلىپ، ‹كۆك تەڭرى مەبۇدى› غا ئىگە بولدى» دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭدىن خېشى كارىدورى ئەتراپى ھەقىقەتەنمۇ قۇنشارخان ۋە شۇتۇق خاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. قىران چەۋەنداز سانغۇننىڭ ئالچى يېغىدىن ئۆتۈپمۇ مىڭ چاقىرىملاپ سەپەر قىلغانلىقىغا قارىغاندا، قۇنشارخان ۋە شۇتۇق خاننىڭ باشقۇرش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولغان.
2.لەۋخان ۋە ئۇنئۇت خاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى ھازىرقى
گەنسۇدىكى خېشى كارىدۇرىنىڭ شىمالىدا بولغان
قۇنشارخان خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغاندىن كېيىن، خېشى كارىدورى ئەتراپىدا ھۇنلارنىڭ ئىزى قالمىغان بولسىمۇ لېكىن كارىدورىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايونلار يەنىلا لەۋخاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى ئىدى. «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 78-يىلى تەڭرىقۇت لەۋخاننى چېگرىنى كۆزىتىشكە ئەۋەتىپ، خەن سۇلالىسىنىڭ جيۇچۈەن، جاڭيې ئەتىراپىدىكى مۇداپىئە كۈچلىرىنى ئاجىز دەپ قاراپ، ئەسكەر چىقىرىپ بۇ ئەتراپتىكى قولدىن كەتكەن رايونلارنى قايتۇرىۋالماقچى بولدى. ئۇزۇن ئوتمەي ئوڭ قول بىلىك خان ۋە لەۋخان تۆت مىڭ چەۋەندازنى باشلاپ ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ رىلې، ۋۇلەن ۋە پەنخېغا بېسىپ كىرىدى. جاڭيېنىڭ ۋالىيسى،قارام ئەل كاھبېگى قوشۇن چىقىرىپ قايتۇرما زەربە بېرىپ غەلىبە قىلىپ لەۋخاننى ئېتىپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھۇنلار جاڭيېغا بېسىپ كىرىشكە پېتىنالمايدىغان بولۇپ قالدى، دەپ خاتىرىلەنگەن.
جيۇچۈەن، جاڭيې ئەتراپى ئەسلىدە ھۇنلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى رايون بولۇپ، قۇنشارخان خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغاندىن كېيىن، بۇ يەرلەر خەن سۇلالىسىگە ئۆتۈپ كېتىپ خەن سۇلالىسى بۇ يەردە تۆت ئايماقنى تەسس قىلىغان، جاڭيېدىكى قارام ئەل كاھبېگى قوشۇن تۇرغۇزۇپ مۇھاپىزەت قىلغان ئىدى. بۇ چاغدا ھۇن تەڭرىقۇتى قولدىن كەتكەن رايونلارنى قايتۇرۈۋېلىش نىيىتىدە چارىۋىچىلىق رايونى جيۇچۈەن، جاڭيېغا قوشنا بولغان لەۋخاننى چېگرىنى كۆزىتىشكە ئەۋەتكەن ھەمدە قوشۇن باشلاپ رىلې، ۋۇلەن ۋە پەنخېغا بېسىپ كىرگەن. بۇنىڭدىن لەۋخاننىڭ باشقۇرۇش رايوننىڭ خېشى كارىدۇرىنىڭ شىمالى ئەتراپلىرىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۋېلىشقا بولىدۇ. لەۋخان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ ئەتراپتىكى يەرلەرنى ھۇنلارنىڭ يەنە بىر خانى— ئۇنىئوت خان باشقۇرغان.
«خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، ھۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ زېمىنىغا تۇتىشىدىغان جاڭيې ئايمىقىغا ئۇدۇل كېلىدىغان بىر يېرىدىن ئاجايىپ بىر خىل ياغاچ ۋە تازقارا پېيى چىقىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن يا ئوقى ياسىغىلى بولاتتى. چېڭدىنىڭ سۈيخې 1-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 8-يىلى) دىۋان بېگى ۋاڭ گېنچيەن ئەلچى ئەۋەتىپ تەڭرىقۇتتىن بۇ يەرنى سورىۋالماقچى بولدى،تەڭرىقۇت بۇ ئۇنئوت خاننىڭ باشقۇرۇشىدىكى يەر، بۇ ئۇنىڭغا ئاتىسىدىن مىراس قالغان، بېرىشكە بولمايدۇدەپ جاۋاپ بەردى، دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭدىن بۇ يەرنىڭ ئۇنئۇت خاننىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايون ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
جاڭيې ئايمىقى بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن بۇ يەرنىڭ ئەتراپىنى خەن سۇلالىسىنىڭ ئۈچ كاھبېگى نەچچە يۈز ئەسكەرگە باشچىلىق قىلىپ مۇھاپىزەت قىلاتتى. بۇ ئۈچ كاھبەگنىڭ بىرى رىلېدىكى رېسۇ جىلغىىدا، بىر جۈيەندە، يەنە بىرى پەنخېدا تۇراتتى. خەن سۇلالىسىنىڭ زىمىنى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىغان بۇ يەر ھازىرقى گەنسۇدىكى خېشى كارىدورىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى روشۈي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى بولغان شەندەن دەرياسى ۋە خوڭشۈي دەرياسى ۋادىسى، خېشى كارىدورىنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى چىليەنشەن (تىلەك) تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى گوخې دەرياسى ۋادىسى ھەمدە ئىچكى موڭغۇلنىڭ جۈيەن كۆلى ئەتىراپى ئىدى. شۇڭا، ئۇشتۇمتۇت خاننىڭ باشقۇرۇش رايونىنىڭ جەنوبىي چېگرىسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇشۇ يەردە ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇ.
3. قۇش خاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى ھۇنلارنىڭ شەرق تەرىپىدە،
يەنى ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ جېلىم ئايمىقى، جاۋۋۇدا
ئايمىقى ۋە شىلىنغول ئايمىقى ئەتىراپىدا بولغان.
«خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دە، «مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 58- يىللار ئوغانلار ھۇنلارنىڭ شەرىقىدىكى قۇش خانغا ھۇجۇم قىلىپ بىر قىسىم خەلقنى بۇلاپ كەتتى. ئۇيانجۇت تەڭرىقۇت بۇنىڭدىن غەزەپلەندى. قۇش خان بۇنىڭدىن قورقۇنچقا چۈشۈپ، ۋۇجانمو ۋە سول قول تەرەپتىكى ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بىرلىشىپ قوشۇندىن 40 ~ 50 مىڭنى چاقىرىپ غەربكە يۈرۈش قىلىپ، ئۇيانجوت تەڭرىقۇتقا ھۇجۇم قىلدى، دەپ خاتىرلەنگەن.
«كېيىنكى خەننامە» 90- جىلد «ئوغانلار ھەققىدە قىسسە» دىكى خاتىرلەرگە ئاساسلانغانغاندا، ئوغانلار ئەسلى توڭگۇسلارنىڭ قالدۇق قوۋمى بولۇپ، مىلادىيىدىن ئىلگىركى 3- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، توڭگۇسلارىڭ ھۇنلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ قېلىپ، قالغانلىرى ئوغان تېغىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن «ئوغان» دەپ ئاتالغان. ئوغان تېغى ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى جاۋۋۇدا ئايمىقى ئاراقىرچىن خوشۇنىنىڭ غەربىي شىمالىدا، يەنى چوڭ ھىنگان تاغلىرىنىڭ جەنۇبۇي بۆلىكىدە. ئۇلار كېيىن ھازىرقى لىياۋخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى بولغان لاۋخا دەرياسى ۋادىسىغا كېلىپ چارۋىچىلىق قىلغان. خەن ۋۇدىنىڭ يۈەنشۇ 2- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 121- يىلى) خەن سۇلالىسىگە ئىگە بولۇپ، يۈياڭ، شاڭگۇ، يۇبېيپىڭ، لىياۋدۇڭ،لىياۋشى قاتارلىق بەش ئايماقنىڭ سىرتىغا كۆچۈپ، خەن سۇلالىسىگە ھۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى چارلاپ بەرگەن. بۇنىڭدىن لاۋخا دەرياسى، دالىڭ دەرياسى، لۇەنخې دەرياسى ۋە ھازىرقى جاڭجىياكۇ ئەتىراپلىرىغا پۈتۈنلەي ئوغانلارنىڭ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. قۇش خان ھۇنلارنىڭ شەرىقىدە بولۇپ، ئەڭ شەرقىي چېگرىسىمۇ يۇقىرقى جايلاردىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. قۇش خاننىڭ ئوغانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى ئۇنىڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ ئوغانلاردىن يىراق ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن قۇش خاننىڭ باشقۇرۇش رايونىنىڭ ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى جېلىم ئايمىقى، جاۋۋۇدا ئايمىقى ۋە شىلىنغول ئايمىقى ئەتىراپىدا ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ. بۇ يەرلەر ھۇنلارنىڭ سول تەرەپ رايونى بولغاچقا، قۇش خان جىخۇشاننى تەڭرىقۇت قىلىپ تىكلىگەندە چىقارغان قوشۇن دەل سول تەرەپ قوشۇنلىرى بولغان. ئۇ چىقارغان قوشۇننىڭ سانىنىڭ 40 ~ 50 مىڭغا يەتكەنلىكىدىن ئۇ باشقۇرۋاتقان قوۋمنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ۋە باشقۇرۇش رايونىنىڭمۇ ناھايتى چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
4. سول قول لەۋخان شاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى ھازىرقى ئىچكى
موڭغۇلنىڭ توقتۇ ناھىيىسىنىڭ شىمالىدا بولغان
لەۋخان جاۋدى دەۋرىدە (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 78- يىلى) ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن تارتىپ ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، پادىشاھ بولغىچە تەڭرىقۇت يەنە شاننى سول قول لەۋخان قىلىپ تەيىنلەپ، ھۇنلارنىڭ سول تەرىپىنى باشقۇرۇشىغا قويغان.
«خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، ۋاڭ ماڭ دەۋرىدە ئوغانالر ھۇنالرنىڭ تېرە بېجى شۈلىۋېلىشىغا قارىشى چىققاچقا، ھۇنلار قوشۇن چىقىرىپ ئوغانلاردىن مىڭدىن ئارتۇق خوتۇن- قىزى ۋە ئاجىز- ئۇششاقلىرىنى بۇلاپ كېتىپ، سول تەرىپىدىكى يەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى ھەم ئوغانلارنىڭ مال- چارۋا، تېرە تۆلەپ قايتۇرۋېلىشىنى ئۇقتۇردى. گەرچە ئوغانلار مال- چارۋا بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھۇنلار مال- چارۋىلارنى ئېلىۋېلىپ تۇتىۋېلىنغان ئاھالىنى قايتۇرۇپ بەرمىدى. كېيىن ۋاڭ ماڭنىڭ سەركەردىسى تەڭرىقۇت ئوردىسىغا ئەلچىلىككە بېرىپ قايتىش سەپىرىدە لەۋ خان شان ئولتۇراقلاشقان يەردىن ئۆتكەندە نۇرغۇن ئوغانلارنى كۆرۈپ شاندىن سورىغاندا، شان بۇ ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى، دەپ خاتىرلەنگەن. بۇنىڭدىن تۇنىۋېلىنغان بىر تۈركۈم ئوغانلار سول قول لەۋ خاننىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايونلارغا ئولتۇراقلاشقانلىقىنى، ھۇنلارنىڭ ئوغانلارغا مال- چارۋا ئەپكېلىپ ئادەملىرىنى قايتۇرۇپ كېتىىشنى ئۇقتۇرغانلىقىدىن سول قول لەۋ خان شاننىڭ باشقۇرۇش رايونىنىڭ ئوغانلارنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىدىن ئانچە يىراقتا ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ھالبۇكى، ئوغانلارنىڭ غەربىي شىمالىي تەرىپىنىڭ (ھازىرقى جېلىم ئايمىقى، جاۋۋۇدا ئايمىقى ۋە شىلىنغول ئايمىقى ئەتىراپلىرى) قۇش خاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدا بايان قىلغانىدۇق. ئۇنداقتا، سول قول لەۋ خان شاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى زادى نەدە؟
«ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە يەنە، جىيەنگو 3- يىلىدىن (مىلادىيە 11- يىلى) باشلاپ ۋاڭ ماڭ ئەمىر نۆكەرنى يۈنجۇڭغا ئەۋەتىپ، قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ ئوغۇللىرىنى ئالداپ ئەل قىلىپ، ئۇلارغا رېتى بويىچە ئوتۇغات بەرمەكچى بولدى. تىلماچ بەگ سول قول لەۋ خان شان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن دېڭ، جۇ قاتارلىقلارنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ئۈچى كەلگەندە، ۋاڭماڭ شانغا ۋاپادار تەڭرىقۇت دەپ نام بەردى، دەپ خاتىرلەنگەن. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى يۇنجۇڭ قورۇلى ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى توقتۇ ناھىيىسىنىڭ شىمالىدا بولۇپ، ۋاڭ ماڭ تىلماچ بەگنى ئەۋەتىپ، سول قول لەۋ خان شان ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى قورۇلغا كەلتۈرگەنلىكىدىن قارىغاندا، شاننىڭ چارۋىچىىق رايونىنىڭ يۈنجۇڭ قورۇلغا ئانچە يىراق ئەمەسلىكى ناھايتى ئېنىق. تەخمىنەن ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى توقتۇ ناھىيىسىنىڭ شىمالىدكى خوخخوت، باۋتۇ ئىككى شەھەر ۋە ئۇلۇنگۇر ئايمىقىنىڭ شەرىقىدىكى كونا چاخار ئايمىقى ئەتىراپىدىكى سول قول لەۋ خان شاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى بولغان.5.باتىسخاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى ھۇنلارنىڭ غەربىي تەرىپىدە
بولۇپ ، ھازىرقى شىنجاڭ بىلەن تۇتاشقان.
«خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 92-يىلى قۇلۇق تەڭرىقۇت شانشانچاننى باتىسخان قىلىپ تەينلىدى، دەپ خاتىرىلەنگەن. «غەربىي تۇرت تەزكىرىسى» دىمۇ:«ھۇنلارنىڭ غەربىدىكى باتىسخان چاكارلار كاھبېگى تەسىس قىلىپ غەربىي يۈرتنى باشقۇرۇپ، ئاگنى، ئۇشاق، لوپنۇر ئارىلىقىدا تۇرغۇزۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەردىن باج ـ سېلىق يىغدى» دەپ خاتىرىلەنگەن.
يۇقىرىدىكى خاتىرىلەردىن باتىسخان شانشانچاننىڭ ھۇنلارنىڭ غەرب تەرىپىنى باشقۇرغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ چاكارلار كاھبېگى تۇرغۇزۇپ غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلغانلىقىدىنمۇ ھۇنلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنىڭ چارۋىچىلىق رايونىڭ غەربىي يۇرتتىكى ئانچە يىراق ئەمەسلىكىنى، يەنى غەربىي يۇرت بىلەن تۇتاش ئىكەنلىكنى بىلگىلى بولىدۇ.چاكارلار كاھبېگىنىڭ ۋەزىپىسى، غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى باشقۇرۇش ۋ باستۇرۇش، يەنە بىرى غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى مىللەتلەردىن باج –سېلىق يىغۋېلىش ئىدى. ئۇنىڭ
تۇرۇشلۇق ئورنى ئاگنى (شىنجاڭدىكى قارا شەھەر ناھىيىسى)، ئوشاق(ھازىرقى قارا شەھەرنىڭ شەرقىي شىمالىدا)، لوپنۇر(شىنجاڭدىكى كورلا ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) ئۈچ جاينىڭ ئارىلىقىدا بولغان بۇلۇپ، بۇ ئۈچ يەر ئەينى چاغدا غەربىي يۇرتنىڭ شىمالى يولىدا ھەم شەرق بىلەن غەبىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغاچقا، چاكارلار كاھبېگى مۇشۇ يەرنى تۇرۇشلۇق ئورۇن قىلىپ تاللاپ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. چاكارلار كاھبېگى باتىسخان تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان ھەمدە بىۋاسىتە باتىسخانغا قارايدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ ئاگنى قاتارلىق ئۈچ جاي ئارىلىقىدا بولغانلىقىغا قاراپلا باتىسىخاننىڭ چارۋىچىلىق رايونىمۇ ئاگنى قاتارلىق ئۈچ جايغا تۇتاش دەپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.
6.شەرقىي بارىكۆل خانىنىڭ چارۋىچىلىق رايونى ھازىرقى
شىنجاڭنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا بولغان
«خەننامە» 96-جىلد «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە، تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 60-يىلى ھۇنلارنىڭ شەرقىي بارىكۆل خانى سىلىجى 1700-دىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرت قورۇقچى بېگىگە ئەل بولدى، قورۇقچى بەگ ئۇنى ئارقا قوش بەگلىكىنىڭ غەربىگە-ئوتانزىلغا ئورۇنلاشتۇردى،دەپ خاتىرىلەنگەن.
بارىكۆل قوشتىكى ئالتە «بەگلىك»نىڭ بىرى بولۇپ، سىلجىنىڭ شەرقىي بارىكۆل خانى دەپ ئاتالغانلىقىدىن ھەم خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرت قورۇقچى بېگىگە ئەل بولغانلىقىدىن ئۇنىڭ ئەسلىدىكى چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بارىكۆلنىڭ شەرقىدە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ئۇ قورۇقچى بەگكە ئەل بولغاندىن كېيىن، ئارقا قوشنىڭ غەربىدىكى ئوتانزىل دېگەن جايغا يۆتكىۋېتىلگەن. «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرسى» گە ئاساسلانغاندا، ئوتانزىل شەرقتە تەڭقىن، جەنۇپتا چۇمۇل، غەربتە ئۇيسۇنلار بىلەن چېگرىلىنىدىغان بولۇپ، تەڭقىن ھازىرقى شىنجاڭدىكى فۇكاڭ ناھىيىسىدە، جۈمى ھازىرقى شىنجاڭنىڭ سانجى، ماناس ناھىيىلىرىنىڭ ئارىلىقىدا، ئۇيسۇنلار بولسا ھازىرقى ئىلى دەريسنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ۋادىسىدا ئىدى. بۇنداق بولغاندا شەرقىي بارىكۆل خاننىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغاندىن كېيىنكى چارۋىچىلىق رايوننىڭ ھازىرقى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدە ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇ.
7.جەنۇبىي لەۋ خاننىڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ ھازىرقى
شىنجاڭدىكى جىمىسار ناھىيىسىنىڭ شىمالى ۋە جۇڭغار
ئويمانلىقىنىڭ شەرقىدە بولغان
«خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە، پىڭدىنىڭ يۈەنشى يىللىرىدا (مىلادىيە 1~ 5- يىللار ) ئارقا قوش «بەگلىكى »دە بىر يىڭى يول ئېچىلدى، ئۇ «ۋۇچۈەن» دىن باشلىنىپ، شىمالدا قاشقۇۋۇققا تۇتىشاشتى، بۇ يەرلەر ھۇنلارنىڭ ئەمەل تۈزۈمگە ئاساسلانغاندا، ھۇنلاردا پەقەت سول قول خان سەركەردە، ئوڭ قول خان سەركەردە ھەمدە سول قول، ئوڭ قول بۈيۈك سەركەردە قاتارلىقلار بولۇپ «سانغۇن» ئۇنۋانى بولمغان. بۇ جەنۇنىي سانغۇن ئۇنۋانىنى قوغۇشار تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغاندىن كېيىن، خەن سۇلالىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، خەن سۇلالىسىنىڭ تۈزۈمگە تەقلىد قىلىپ تەسىس قىلغان بولۇپ، ئۇ جەنۇبىي لەۋخانغا قارىغان. شۇڭا، جەنۇبىي سانغۇنىڭ چارۋىچىلىق رايونىمۇ جەنۇبىي لەۋخاننىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولغان.«خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، ۋاڭ ماڭنىڭ جيەنگو 2-يىلى (مىلادىيە 10-يىلى) غەربىي يۇرتقا ئەۋەتىلىگەن ۋۇجى چېرىكچى بەگنىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن چېن لياڭ، جۇڭ دەي، خەن شۈەن ۋە رېن شاڭ قاتارلىقلار ئىسيان كۆتۈرۈپ، چېرىكچى بەگ دياۋخۇنى ئۆلتۈرۈپ جەنۇبىي لەۋخان ۋە جەنۇبىي سانغۇندىن ياردەم تەلەپ قىلدى. جەنۇبىي سانغۇن دەرھال 2000 كىشلىك ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ غەربىي يۇرتقا كېلىپ چېن لياڭ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى، خەن شۈەن، رېن شاڭلار جەنۇبىي سانغۇننىڭ يېنىدا قېلىپ قالدى، لېكىن چېن لياڭ، جۇڭ دەي تەڭرىقۇت ئوردىسىغا كەتتى، دەپ خاتىرلەنگەن. بۇنىڭدىن ۋۇجى چېرىكچى بەگنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ جەنۇبىي سانغۇنىڭ چارۋىچىلىق رايونىدىن ئانچە يىراق ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
يەنە «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە، يۈەن دىدەۋرىدىكى ۋۇجى چېرىكچى بەگ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئالدى قوش بەگلىككە قاراشلىق يەرلەردە بوز يەر ئۆزلەشتۈردى» دەپ خاتىرلەنگەن. دېمەك، ۋۇجى چېرىكچى بەگنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ئالدى قوش بەگلىكى تەۋەسىدە بولغان. قوشۇنىڭ ئەسلى نامى «قوس» بولۇپ، شۈەندى دەۋرىدىن كېيىن، ئالدى ۋە ئارقا قوش بەگلىكىگە ھەم تاغنىڭ شىمالىدىكى ئالتە «بەگلىك» كە بۆلۈنۈپ كەتكەن.ئالدى قوش بەگلىكى يارغۇل شەھىرى، يەنى ھازىرقى شىنجاڭدىكى تۇرپان شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىنى باشقۇرغان؛ ئارقا قوش بەگلىكى قاغان بۇت شەھىرى، يەنى ھازىرقى شىنجاڭنىڭ جىمىسارنىڭ جەنۇبى ئەتراپىنى باشقۇرغان. دەل قوش بىلەن ھۇنلارنىڭ جەنۇبىي سانغۇنىنىڭ يېرى يېقىن بولغانلىقى سەۋەبلىك، چېن لياڭ قاتارلىقلار ئىسيان كۆتۈرگەندە ئۆزلىرىگە يېقىن جەنۇبىي سانغۇن بىلەن ئالاقىلىشىپ ياردەم سورىغان، جەنۇبىي سانغۇنمۇ قوشۇن ئەۋەتىپ ناھايىتى ئاسانلا ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن. يۇقىرىقى پاكىتلار جەنۇبىي سانغۇننىڭ چارۋىچىلىق رايونى بىلەن ئارقا قوش بەگلىكنىڭ يېرىنىڭ قوشنا ئىكەنلىكىنى، جەنۇبىي سانغۇننىڭ چارۋىچىلىق رايونىڭ جەنۇبىي لەۋخاننىڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا، جەنۇبىي لەۋخاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى ھازىرقى شىنجاڭنىڭ جىمىسار ناھىيىسىنىڭ شىمالى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقى ئەتراپلىرىدا بولغان بولىدۇ.
8. ئۈشەن خاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى ھازىرقى بايقال
كۆلى ئەتىراپىدا بولغان
«خەننامە» 54-جىلد «سۇۋۇنىڭ تەرجىمىھالى» دا، سۇۋۇ بايقالغا بېرىپ بەش-ئالتە يىل تۇرۇپ قالدى. تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ئۈشەن خان بايقال كۆلى بويىغا ئوۋ ئوۋلاشقا چىققاندا سۇۋۇنى كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قالغاچقا، ئۇنىڭغا ئۇزۇق-تۈلۈك، كىيىم- كېچەك سوۋغا قىلدى. ئارىدىن ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندە ئۈشەن خان كېسەل بىلەن ئۆلۈپ، ئۇنىڭ قوۋمى كۆچۈپ كەتتى. دەپ خاتىرىلەنگەن.
سۇۋۇ خەن ۋۇدىنىڭ تىيەنخەن 1-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 100-يىلى)ھۇنلارغا ئەلچىلىككە بارغاندا تەڭرىقۇت تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىپ، شىمالىي دېڭىزغا سۈرگۈن قىلىنغان. شىمالىي دېڭىز ھازىرقى بايقال كۆلىنى كۆرسىتىدۇ. ئۈشەن خاننىڭ بايقالغا ئوۋ قىلغىلى بېرىشى ھەم كۆپ يىل شۇ ئەتراپتا تۇرۇپ قېلىشى، ئۆلگەندىن كېيىن قوۋمىنىڭ ئۇ يەردىن كۆچۈپ كېتىشىدىن ھازىرقى بايقال كۆلى ئەتراپىنىڭ ئۇنىڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
9. ئوڭ ئۈكەن باتىس خان بىنىڭ چارۋىچىلىق رايونى ھازىرقى
ئىچكى موڭغۇلدىكى كونا سەدىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدا بولۇپ،
غەربتە خېتاۋدىن شەرقتە خېبىي ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى
نەنياڭ دەرياسىنىڭ غەربگىچە بولغان
«كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، قوغۇشار تەڭرىقۇت جىخۇشان ئۆلگەندىن كېيىن، ئوغۇللىرى نوۋەت بىلەن تەڭرىقۇت بولدى، بىنىڭ تاغىسى قۇتئەرىش تەڭرىقۇت يۈ دەۋرىگە كەلگەندە، بى ئوڭ ئۈكەن باتىس خان بولۇپ تەيىنلىنىپ جەنۇب تەرەپنى ۋە ئوغانلارنى باشقۇردى، دەپ خاتىرلەنگەن. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئوڭ ئۈكەن باتىس خان بىنىڭ چارۋىچىلىق رايوننىڭ ھۇنلارنىڭ جەنۇبىدا ئىكەنلىكى ئېنىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئوغانلارنى باشقۇرغانلىقىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ چارۋىچىلىق رايوننىڭ شەرقتە ئوغانلار رايونىغىچە سۈرۈلگەنلىكىنىمۇ بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
كېيىن قۇتئەرىش تەڭرىقۇت يۈ ئۆلگەندە، تەڭرىقۇتلۇق ئورنىنى باشقا خانلار تارتىۋالغانلىقى ئۈچۈن، بى بۇنىڭدىن ناھايىتى نارازى بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۇنلار رايونىدا ئۇدا بىر نەچچە يىل تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپ، نەچچە مىڭ چاقىرىم دائىردىكى ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىپ، ئادەم، مال-چارۋىلارغا ۋابا تارقىلىپ يېرىمى دېگۈدەك ئۆلۈپ كەتتى. شۇڭا، بى جيەنۋۇ 23-يىلى (مىلادىيە 47-يىلى) شىخې ۋالىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ ئەل بولۇشنى تەلەپ قىلدى. خەن سۇلالىىسى دەۋرىدىكى شىخې ئايمىقىنىڭ مەركىزىي پىڭدىڭ بولۇپ، ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلنڭ دۇڭشېڭ ناھىيىسىڭ شەرقىي جەنۇبىدا. جيەنۋۇ 24-يىلى باھاردا ھۇنلارنىڭ جەنۇبتىكى سەككىز قەبىلىسىنىڭ ئاقسۆڭەكلىرى مەسلھەتلىشىپ بىنى يۆلەپ قوغۇشار تەڭرىقۇت قىلىپ كۆتەرمەكچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ، ۋۇيۈەن قەلئەسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ خەن سۇلالىسىگە تەۋە بولۇشىنى ۋە شىمالىي ھۇنلاردىن بىرلىكتە مۇداپىئە كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋۇيۈەن قەلئەسى ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلدىكى خېتاۋنىڭ شىمالىدا. بۇنىڭدىن غەربتىن خېتاۋغىچە بولغان رايونلارنىڭمۇ بىنىڭ چارۋىچىلىق رايون ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
شەرقىي خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ بىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغاندىن كېىيىن، شۇ يىلى قىشتا بى ئۆزىنى قوغۇشار تەڭرىقۇت (شىلوشىيوت تەڭرىقۇت )دەپ ئاتىدى . شەرقىي خەن سۇلالىسى ھۆكغمىتى جيەنۋۇ 26-يىلى (مىلادىيە 50-يىلى)ئەمىر نۆكەر ئەۋەتىپ قوغۇشار تەڭرىقۇت بىنىڭ ۋۇيۈەن قەلئەسىنىڭ غەربىدىن 80 چاقىرىم يىراقلىقتىكى جايغا تەڭرىقۇت ئوردىسى (جەنۇبى تەڭرىقۇت ئوردىسى)قۇرۇشىغا ياردەم بەرى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنى يۈنجۇڭ ئايمىقىغا ، كېيىن يەنە شىخې ئايمىقىنىڭ مېيجى ناھىيسىگە (ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلدىكى جۇڭغار خوشۇننىڭ غەربىي شىمالىدا) كۆچۈردى. بىمۇ ئۆز قەبىلىلىرىنى سۇفڭ، ۋۇيۈەن، يۈنجۇڭ، دىڭراڭ، يەنمېن ۋە دەيجۈن ئايماقلىرىغا ئورۇنلادتۇرۇپ خەن سۇلالىسى ئۈچۈن شىمالىي ھۇنلاردىن مۇداپىئە كۆردى. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئالتە ئايماق ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا قىسىمدا بولۇپ، غەربتە خېتاۋدىن غەربتە خېبىي ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى نەنياڭ دەرياسىنىڭ ئەتراپىغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن بۇ رايونلارنڭ قوغۇشار تەڭرىقۇت بىنىڭ ئەسلىدىكى سەككىز قەبىلىسىنىڭ چارۋىچىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۇۋېلىشقا بولىدۇ. «جەنۇبىي ھۇنلار ھەققدە قىسسە» دە، ئۇ باشقۇرۋاتقان جەنۇبتىكى سەككىز قەبىلىدە تۆت-بەش تۈمەن ئادەم بار، دېيىلگەن.
10.سول ئىجىز خاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى ھازىرقى ئىچكى
موڭغۇلنىڭ شىلىنغول ئايمىقى ئەتىراپىدا بولغان«كېيىنكى خەننامە»90-جىلد«سىيانپىلار ھەققىدە توڭگۇسلارنىڭ بىر تارمقى بولۇپ، سىيانپى تاغلىرىدا ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. سىيانپى تېغى ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى جېلىم ئايمىقى قىرچىن ئوڭ ئوتتۇرا خوشۇنىنىڭ غەربىدە ⑦ شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە سىيانپىلار جەنۇبقا كۆچۈپ ھازىرقى لياۋخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى بولغانشىرامۇرەن دەرياسى ۋە جاۋئېرخې دەرياسى ئارىلىقىدا چارۋىچىلىق قىلغان. ئۇلار ئوغانلارنىڭ شىمالىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، يەنە لياۋدۇڭ سىيانپىلىرى دەپمۇ ئاتالغان. شۇ ۋاقىتتا ئوغانلار لاۋخا دەرياسى ۋە ھازىرقى خېبىي ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى نەنياڭ دەرياسىنىڭ شەرقىدە ئولتۇراقلاشقان. نەنياڭ دەرياسىنىڭ غەربىي جەنۇبى ھۇنلارنىڭ چارۋىچىلىق رايونى ئىدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، شىمالىي ھۇنلارنىڭ سول ئىجىزخاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى شىرامۇرەن دەرياسىنىڭ غەربىدە، يەنى ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى شىلىنغول ئايمىقى ئەتراپىدا بولغان بولىدۇ. بۇ رايون خەن سۇلالىسىنىڭ لياۋدۇڭ ئايمىقىغا (ھازىرقى لياۋنىڭدىكى لياۋياڭ شەھىرى) يېقىن بولغاچقا ھەم بىر يىل بۇرۇن (مىلادىيە 48-يىلى) جەنۇبىي ھۇنلار شەرقىي خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغاچقا، بۇ يەرنى سول ئىجىزخان باشقۇرغان. بۇنى خەن سۇلالىسى پىششىق بىلگەچكە، پيەن خې ئەل بولماقچى بولغاندا، جەي رۇڭ ئۇنى سول ئىجىزخانغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ ئەل بولۇشتىكى سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈشكە بۇيرىغان. ئەگەر جەي رۇڭ سول ئىجىزخاننىڭ چارۋىچىلىق رايونىنى بىلمىگەن بولسا، پيەن خېغا بۇنداق ئېنىق ھالدا ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن بولاتتى.
ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغول ئايمىقى ئەتراپى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 58-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە ھۇنلارنىڭ شەرقىدىكى قۇش خاننىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان بولۇپ، يۈز نەچچەيىللىق ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئۇ سول ئىجىزخاننىڭ باشقۇرۇشىدىكى يەرگە ئايلانغان.
11. گۈرەن ئونئوت خاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى ھازىرقى
موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ماندال
چۆللۈكىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا بولغان
«كېيىنكى خەننامە. جەنۇبى ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، مىڭدىنىڭ يۇڭپىڭ 16-يىلى (مىلادىيە 73-يىلى)جەنۇبىي ھۇن تەڭرىقۇتى سول قول بىلىك خان شىننى ئوردا مىراقۇلى جەي رۇڭ ۋە ۋۇتاڭ بىلەن سوفاڭ ئايمىقىدىكى گاۋچۆ دېگەن يەردىن چىقىپ جۈيې تېغىدا گۈرەن ئونئوت خانىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى، گۈرەن ئونئوت خان خەن لەشكەرلىرىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، قۇملۇقتىن قېچىپ كەتتى، دەپ خاتىرىلەنگەن.
جۇيې تېغى قەدىمكى گاۋچۆ قەلئەسىنىڭ غەربىي شىمالىدىن مىڭ چاقىرىم يىراقتا بولۇپ، ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ماندال چۆللۈكىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا. غەربىي خەن سۇلالىسىدىن بۇيان بۇ تاغ دائىم شىمالغا يۈرۈش قىلىشتىكى ئۆتەر يول بولۇپ كەلگەن. جەي رۇڭ قاتارلىقلارنىڭ گاۋچۆدىن جۇيې تېغىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن گۈرەن ئونئوت خاننىڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ ماندال چۆللۈكىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ئېنىق. گۈرەن ئونئوت خاننىڭ قوۋمىنى باشلاپ قۇملۇقتىن ئۆتۈپ شىمالغا كەتكەنلىكىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئەسلىدە ماندال چۆللۈكىنىڭ جەنۇبىدا چارۋىچىلىق قىلغانلىقىنى، كېيىن خەن لەشكەرلىرىدىن قورقۇپ قۇملۇقنىڭ شىمالىغا كەتكەنلىكىنى بىلىۋېىلىشقا بولىدۇ. ئۈچ يىل ئۆتۈپ جاڭدىنىڭ جيەنچيۇ 1-يىلىغا (مىلادىيە 76-يىلى) كەلگەندە، گۈرەن ئونئوت خان قوۋمىنى باشلاپ قايتىدىن جۇيې تېغىغا ئورۇنلاشتى. جەنۇبىي ھۇن تەڭرىقۇتى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يېنىڭ چەۋەندازلارنى چېگرا ئايماق لەشكەرلىرى ۋە ئوغان لەشكەرلىرى بىلەن بىللە قورۇلدىن چىقىپ ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، نەچچە يۈز كىشىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، ئۈچ-تۆت مىڭ كىشىنى ئەسىرگە ئالدى. بۇنىڭدىن جيې تېغىنىڭ گۈرەن ئونئوت خاننىڭ تەۋەسى، يەنى مۇقىم چارۋىچىلىق رايونى ئىكەنلىكى، شۇڭا ئىلگىرى خەن لەشكەرلىرىدىن قورقۇپ چۆللۈكنىڭ شىمالىغا قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، خەن لەشكەرلىرى چېكىنگەندىن كېيىن يەنە قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىۋېىلشىقا بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ بۇ چاغدا جەنۇبىي ھۇن تەڭرىقۇتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ نەچچە مىڭ ئادىمى چىقىم بولغان بولسىمۇ، يەنىلا بۇ يەردىن كەتمىگەن. ئارىدن توققۇز يىل ئۆتكەندىمۇ ئۇ يەنىلا شۇ يەردە چارۋىچىلىق قىلغان. «جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرىلىنىشىچە، يۈەنخې 2-يىلى (مىلادىيە 85-يىلى جەنۇبىي ھۇن تەڭرىقۇتى مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى ئوۋغا ئەۋەتكەن، ئۇلار جۇيې تېغىغا كەلگەندە گۈرەت ئونئوت خان بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ قاتتىق جەڭ قىلغان ۋە ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ قايتىپ كەلگەن
12. گۇرىن خاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى ھازىرقى ئىچكى
موڭغۇلدىكى جۈيەن كۆلىنىڭ 600 نەچچە
چاقىرىم شىمالىدا بولغان
يۈەن خۇڭنىڭ «كېيىنكى خەن خاتىرىلىرى» 10-جىلد «مىڭدى ھەققىدە خاتىرە» دە، يۇڭپىڭ 16-يىلى (مىلادىيە 73- يىلى گېڭ بىڭ جاڭيېدىكى جۈيەن قورۇلىدىن گۇرىن خامغا ھۇجۇم قىلىپ، قۇلۇ تېغىدىن ئۆتۈپ، قۇملۇققا600 چاقىرىم ئىچكىرىلەپ كىردى، بۇ يەردە سۇ،ئوتتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى، قولغا چۈشكەن ھۇنلار گۇرىن خاننىڭ سۇ، ئوت قوغلىشىپ شىمالغا كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. دەپ خاتىرىلىگەن.
«كېيىنكى خەننامە» 23-جىلد «دۇگۇنىڭ تەرجىمىھالى» دا، قۇلۇ تېغى «سەنمۇلۇ تېغى»دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ تاغنىڭ ئورنى ئېنىق ئەمەس. لېكىن، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جۈيەن قەلئەسىنى غەربىي خەن سۇلالىسى پادىشاھى ۋۇدى دەۋرىدىكى لۈبودې سالغۇزغان. بۇنى سالغۇزۇشتىكى مەقسەت ھۇنلارنىڭ جېشى رايونىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئىدى. شۇڭا بۇ قەلئە يەنە «قوغدىغۇچ توسۇق» دەپمۇ ئاتالغان. ئورنى ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلدىكى ئېجىنا ئايمىقىنىڭ شىمالىدىكى جۈيەن كۆلى ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ. گېڭ بىىڭنىڭ بۇ قورۇلدىن شىمالغا يولغان چىقىپ قۇملۇققا 600چاقىرىم ئىچكىرلەپ كىرگەنلىكىدىن سەنمۇلۇ تېغىنىڭ جۈيەن كۆلىنىڭ 600-چاقىرىم شىمالىدا ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ. گۇرىن خان ئەسلىدە مۇشۇ تاغدا چارۋىچىلىق قىلغان بولۇپ، شۇ چاغدا ئەتراپتىكى ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كەتكەچكە، شىمالغا كۆچۈپ كەتكەن، شۇڭا خەن سۇلالىسى سەركەردىسى ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەي قايتىشقا مەجبۇر بولغان.
گۇرىن خان شىمالغا كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن ، بۇ تاغقا قايتا كەلمىگەن، شۇڭا ئۈزاق ئۆتمەيلا بۇ تاغنىڭ ئەتراپىنى ھۇنلارنىڭ باشقا قەبىلىسى –جىلۇس قەبىلىس ئىگىلىگەن. «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، جيەنچۇ 8-(مىلادىيە 83-يىلى) شىمالىي ھۇنلارنىڭ سەنمۇلۇ قەبىلىسىدىن جىلۇس قاتارلىقلار 38 مىڭ ئادىمى، 20 مىڭ يىلقىسى، 100-مىڭ توياقتىن ئارتۇق قوي-كالىسى بىلەن ۋۇيەن قەلئەسىگە كېلىپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى. دەپ خاتىرىلەنگەن. جىلۇسنىڭ قەبىلىسى سەنمۇلۇ تېغىدا ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇ سەنمۇلۇ قەبىلىسدىن دېيىلگەن. بۇ سەنمۇلۇ تېغى گۇرىن خان بۇرۇن تۇرغان سەنمۇلۇ تېغى بولۇپ، ئورنى جۈيەن كۆلىنىڭ شىمالىدا، ۋۇيۈەن قەلئەسىگە بىرقەدەر يېقىن بولغاچقا، جىلۇس جەنۇبقا كېلىپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغاندا، ئالدى بىلەن ۋۇيۈەن قەلئەسىگە (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى خېتاۋنىڭ شىمالىدا) بارغان.
13. قۇيان خاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى ھازىرقى شىنجاڭنىڭ
تۇرپان ۋە بارىكۆل كۆلى ئەتراپىدا بولغان
يۈەن خۇڭنىڭ «كېيىنكى خەن خاتىرىلىرى» 10- جىلد «مىڭدى ھەققىدە خاتىرە» دە، ئەمىر نۆكەر گېڭ بىڭ مەلۇماتنامە يوللاپ، ئىۋىرغولدا ھۇنلارنىڭ قۇيان خاننىڭ قوۋمى بار، ئۇنى يوقىتىش ھۇنلارنىڭ بىر قانىتىنى سۇندۇرۇش بىلەن باراۋەر دېدى، دەپ خاتىرىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە شۇ چاغدا شەرقىي خەن سۇلالىسى شىمالغا يۈرۈش قىلىپ شىمالىي ھۇنلارنى يوقىتىشىنى پىلانلاۋاتقان ئىدى. «كېيىنكى خەننامە» 2-جىلد (مىلادىيە 73-يىلى) باھاردا، دۇگۇ تەڭرىتاغدا قۇيان خاننى مەغلۇپ قىلىپ، ئىۋىرغولدا ( ھازىرقى شىنجاڭدىكى قۇمۇلنىڭ غەربىدە ) قوشۇن تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئاچتى، دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭدىن قۇيان خاننىڭ ھازىرقى تۇرپان ئەتراپىدا چارۋىچىلىق قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ قېتىمقى زەربىدىن كېيىن قۇيان خان ئانچە قاتتىق چىقىمغا ئۇچۇرمىغان. شۇڭا، يۇقۇرىقى ئەسەردە يەنە، «يۇڭپىڭ 17-يىلى قىشتا دۇگۇ، گېڭ بىڭ دۇنخۇاڭدىكى قۇرۇم قورۇلىدىن چىقىپ ئاق تاغ تەڭرىتاغنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئاق تاغ ئاقساقىلى تەڭرىتاغدىكى قۇيان خان ئىدى، ئەمما، قۇيان خاننىڭ بۇ يەردىكى تەسىر كۈچى باشتىن ئاخىرى ساقلىنىپ قالغان، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ياكى ۋارىسلىرى يەنىلا داۋاملىق بۇ رايوندا چارۋىچىلىق قىلغان. شۇڭا، 50 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ بارىكۆل بويىدا قۇيان خاننىڭ قوۋمىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى خاتىرىلەنگەن.
ئەندىنىڭ يۈەنگۇاڭ 2-يىلى (مىلادىيە 123-يىلى)دۇنخۇاڭ ۋالىيسى جاڭ داڭ مەلۇماتنامە سۇنۇپ ئۈچ تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەدبىرلەردە شىمالىي ھۇنلارنىڭ قۇيان خاننىڭ بارىكۆل كۆلى ۋە چىننۇر كۆلى ئارىلىقىدا پائالىيەت قىلىپ، غەربىي يۇرتتا بۇلاڭ-تالاڭ يۈرگۈزگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. شۈندىنىڭ يۇڭجيەن 1-يىلى (مىلادىيە 126-يىلى غەربىي يۇرت دورغابى بەن يۇڭ قوشتىكى ئالتە«بەگلىك» نى تىنچىتىپ، غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ كۈچى بىلەن قۇيان خانغا ھۇجۇم قىلغاندا، قۇيان خاننىڭ قۇۋمىدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان، قويان خان كۇۋۇ دەرياسى (ھازىرقى ئورنى ئېنىق ئەمەس) ئەتراپىغا كۆچۈپ كەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن، قوش ئەتراپىدىن ھۇنلارنىڭ ئىزى ئۆچكەن. لېكىن، ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتكەندىن كېيىن (ياڭجيا 4-يىلى، مىلادىيە 135-يىلى) قۇيان خان يەنە بارىكۆل كۆلى ئەتراپىنى ئېلىپ ئارقا قوشقا باستۇرۇپ كىرگەن، يۇڭخې 2-يىلى (مىلادىيە 137-يىلى)غا كەلگەندىلا ئاندىن دۇنخۇاڭ ۋالىيسى پېي سېننىڭ قول ئاستىدىكىلىرى تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ قۇيان خان ئۆلگەندىن كېيىن بۇ رايوننى يەنە بىر قۇيان خان باشقۇرغان ھەم خۇەندىنىڭ يۈەنجيا 1-يىلى (مىلادىيە 151-يىلى)ئىۋىرغول شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان، خەن سۇلالىسى لەشكەرلىرى ھېچقانداق تۆھپە يارىتالماي قايتىپ كەلگەن⑧.
تارىخىي ئەسەرلەردە قۇيان خاننىڭ شۇنڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات يوق.历史上的今天:
ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-22ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-22ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-22ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-22ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىمىڭ داۋامى 2010-10-22
收藏到:Del.icio.us