ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  •  

    ئاپتورنىڭ بايانى : تۈركىيەلىك ئۇستازىم مۇستافا كاجالىن مەندىن «سىز نەدىن» دەپ سورىغىنىدا، جۇڭگۇ، شىنجاڭ، قەشقەر، كوناشەھەر دېگەنلەرنى ئەسكەرتمەستىنلا «ئوپالدىن، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ يۇرتىدىن» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدىم. ئۇستازىمنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل ھاياجان، پەخىرلىنىش ۋە ھەۋەسلىنىش نۇرلىرى چاقنىغان، قولۇمنى چىڭ سىقىپ كۆرۈشكەن ئىدى. مەن ھەر ۋاقىت ئۆزۈمنىڭ ئوپالدا تۇغۇلۇپ ئۆسكىنىمدىن، ئەشۇنداق مەرىپەتلىك، جەننەتتەك ماكاندا يېتىلگىنىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن
    بالىلىقىمنى ئەسلىسەم ئەڭ جەڭگىۋار، ئەڭ بەختىيار چاغلىرىمدەك بىلىنىدۇ.مەكتەپكە كىرمىگەن چاغلىرىمىدا مەھەللىدىكى «قابىل تەشكىلاتچى» ئىدىم. تۆت كوچا دوقمۇشىدىكى چوڭ سۆگەت سايىسى پۈركەپ تۇرىدىغان ئىشىك ئالدىمىز ۋە گۈللۈك ھويلىمىز مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ «مەكتىپى»، «باغچىسى» ئىدى. مەن بۇ مەكتەپنىڭ «مۇدىرى»، «ئوقۇتقۇچى»، «ئامانلىق قوغدىغۇچىسى» ئىدىم.

  • ئوت ئىچىدىكى پەرى

    ساڭا خەت يىزىۋاتىمەن

     

    ساڭا خەت يىزىۋاتىمەن جېنىم، يەنە ئاشۇ مەڭگۈ پۈتمەيدىغان ، مەڭگۈ داۋامى كۆرۈنمەيدىغان ، مەڭگۈ قورالمايدىغان سۆزلەرنى مەڭگۈ توشمايدىغان بەتلىرىمگە يىزىۋاتىمەن!

  • ئارۇز گۈلىستانىدىكى ئەراپات ئابدۇرۇسۇل

    ئەراپات ئابدۇرۇسۇل.1986-يىلى 12-ئاينىڭ26 -كۈنى چاپچال ناھيەسىنىڭ قاينۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان.

    مېنى زەررەتلەيدىغان مەنىۋى كۈچلەر ئىچىدە شېئىر موھىم ئورۇن تۇتىدۇ. گەرچە شېئىر يىزىش ۋە ئوقۇش مەۋجۇتلىقىمدىكى مەجھۇل تەرەپلەرنى تەلتۆكۈس يورىتىپ بىرەلمىسىمۇ،ئۇ زاھىرىم بىلەن باتىنىمنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغۇچى تونىل. كېلاسسسىك ئېتىقاتتا يېڭىلىققا ئېنتىلىش مېنىڭ ئىجادىيەت مىزانىم.ئىچمدىكى بارلىق ۋە تېشىمدىكى يوقلۇق مېنىڭ ئىلھام مەنبەيىم.مەن  مەنىۋىيىتىمگە شېئىر ئارقىلىق ئىستېلا ئىلىپ بېرىشقا ئۇرىنىمەن. مەغلۇبىيەت مېنى ئېتىراپ قىلمىغۇچە،مەنزىل تاماسىدىن ۋاز كەچمەيمەن

  • بۇ ___ ئالىمجان تۆمۈر تۇران

    بۇ مۇقەددەس زىمىنغا قاچان ئاپىرىدە بولغانلىقىمنى دادامدىن بىلگەن ئىدىم . دادامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە : ئانام ئاچچىق تولغاقتىن بوشانغان كۈنى ، دادام مېنى ئۇچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم يېزىسىدىكى ھازىرقى ئۆيىمىزدە تۇنجى بولۇپ كۆتۈرگەن ئادەم ئىكەن . 1988 – يىلى 7- مارت كۈنى مەن تۇنجى يىغام بىلەن جەمەتىمىز شەجەرىسىگە يېڭى بىر بەت ئاچقان ئىكەنمەن .

  • دىلبەرنىڭ كۈيچىسى: مەھمۇد ھىيىت مەھدى

     

    مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەھەللىمىزدىكى دەرەخلەر بار ئىكەن . 1983-يىلى 7-ئاينىڭ 13 –كۈنى پەيزىۋات ناھىيسىنىڭ خېلۋەت بوستانلىقلىرىدىن بىرى بولغان  مەھەللەمگە مەھمۇت ئېسىملىك بىر بالا قوشۇلدى . بۇ ئائىلىمىزگە بۆيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ‹تۇركىي تىللار دىۋانى›ناملىق كىتاپنىڭ ئېلىپ كىلىنىشى بىلەن بىر كۈنگە توغرا كەلگەچكە،ئىسمىمنى مەھمۇت قۇيغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئائىلىمىز ۋە مەھەللىمىزدە مىنى ئەدەبىيات بىلەن باغلايدىغان بىر ئادەت باشلىنىپتىكەن.

  •  

    ئۈمىدلىك ياش قەلەمكەش ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم (زۇلتاپ)

    (شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى «ياش قەلەم» سەھىپىسىدىكى تونۇشتۇرۇشتىن)

     

     

     

     

    ئابدۇراخماننىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقانلىرى – 1988-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغانلىقىمىنى بىلگۈدەك بولغۇچە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى ياپچان بازىرىنىڭ كەڭرى سەھراسىدا ئىشتىنمىنى تىزىمغىچە تۈرۈپ قۇيۇپ بۇ قوينى ئىللىق تەبىئەتكە قېتىلىپ ياشاپ كەلدىم. مېنىڭ بالىلىق دەۋرىم شورلۇق جاڭگالدا پادا بېقىش بىلەن ئۆتتى.

  • تۆھپىكار باغۋەن ـــــ مۇھەممەترېھىم سايىت

    مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ پروفېسسورى، كاندىدات دوكتۇر، دوكتۇر يېتەكچىسى، ماگىستىر ئۇستازلار يېتەكچىسى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ـــــ پروفېسسور مۇھەممەترېھىم سايىت 1950-يىلى 7-ئايدا خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسىدە دىننىي زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.

  •  

    ئىزدىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش ــــــ پاسئان

    مەن شېئىرنى تاللىمىغان، بەلكى ئۇنىڭغا دۇچار بولغان.
     مەن تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە شېئىرىي جاراھەتتىن ساقايمىسام دەپ ئويلايمەن. ھەمدە بۇ ئالىيجاناپ خىيالىم ئۈچۈن قانچىلىك ئازساممۇ ئازلىق قىلىدۇ...

  • سەيدۇللانى تونۇمسىز؟

     شائىرلىقنىڭ تۇيۇق يولى بىلەن مېڭىپ، ئاللىبۇرۇنلا، تولىمۇ سىرلىق ۋە قاراڭغۇ بىر ئورمانغا بەنىت بولۇپ قالغانلىقىمنى تۇيدۇم. شۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەسۋەسىلىرىم ۋە تەشۋىشلىك ئويلىرىم مېنى مىسلىسىز دەرىجىدىكى چۈشكۈنلۈك ۋە چەكسىز ئازابقا مۇپتىلا قىلىپلا قالماستىن، نۇرغۇن نەرسىلىرىمدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر قىلدى.

  • تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ تەرجىمھالى

    تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن (1944-2007) قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1958-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، 1972-يىلىغىچە كونىشەھەر ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1972-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە خوتەن ناھىيەلىك دارىلمۇئەللىمىندە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

  • ئابلەت نۇراخۇن زەپەرى كىم؟

     

    [ئاپتوردىن] 23 يېشىمنى ياشاپ بولغىنىمنى ئويلىسام ، بەزەن مېنى قاتتىق قىينايدىغان ئىچىمدىكى قۇرۇتلارنى يەنە ئويغىتىپ قويىمەن . قانداق قىلاي ، قاچان تۇغۇلۇپ قاچان ئۆلۈش ئىلكىمىزدىكى ئىش ئەمەسكەنغۇ ئاخىر . گاھى چاغلاردا تۇغۇلغان يىلىمنى تولدۇرۇش توغرا كەلگەندە 1987-يىل دەپ يازغۇچە قولۇم تىترەپ كېتىدۇ . راست، ئالدىنقى ئەسىردىن كەلگەن ئادەملەر قاتارىدا  يەنە تىرىك يۈرگىنىمگە ھەيرانمەن . تالاي كىشىلەرگە نېسىپ بولمىدىغۇ بۇنچە ئۇزاق ياشاش !؟ لۇتپۇللا مۇتەللىپتىن خېلىلا كېيىن تۇغۇلغان بىرەيلەن ماڭا شۇنداق دېگەنىدى .

  • تۈنۈگۈن مەن ئۈچۈن بىر گۈزەل ئەسلىمە، بەرىبىر گۈزەل ئەسلىمە، ئۇ ھامان ئارقامدا قالدى. مەن ئالدىمىغا قاراپ ماڭىمەن. بۈگۈندە مېنىڭ يېزىۋاتقانلىرىم بار، ئەتىدە بولسا مېنىڭ يازىدىغانلىرىم. بۈگۈن يېزىۋاتقانلىرىمنى ئەتە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرمايمەن. چۈنكى تۈنۈگۈن مەن ئۈچۈن بەرىبىر گۈزەل ئەسلىمە، ئەتە يازىدىغانلىرىم بۈگۈننى تۈنۈگۈن دەپ قارايدىغانلاردۇر. ئەمما، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، چۈنكى تۈنۈگۈن، بۈگۈنگە ئەگىشۋېلىشقا بەك ئامراق، ئەتە يەنىلا نامەلۇم. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ھامان تۈنۈگۈننى گۈزەل ئەسلىمىگە قالدۇرۇپ قۇيۇپ، بۈگۈن يازىدىغانلىرىمنى يېزىشىم كېرەك، شۇندىلا ئەتىگە يۈز كېلەلەيمەن!

  • ﻗﯘﺗﻠﯘﻕﮬﺎﺟﻰ شەۋقىنى تونۇمسىز؟!

    بىر قىلىچ بەرسە خۇدا، «كەس!» دەپ ئۇنىڭغا بۇيرۇسام،
    ئۈزسە خەلىقنىڭ بوينىدىن خارلىق كىشەن-زەنجىرىنى.

    گەر خارابكەن ئەل-ۋەتەن،كاللامنى ئۈزسۇن ئۇ قىلىچ،
    كۆرمىسۇن شەۋقى كۆزى قۇللۇقتا ئەل تەقدىرىنى.

     

  • شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، جامائەت ئەربابى مۇھەممەد چاۋار 1949-يىلى "يىپەك ئىلى" دەپ تۇنۇلغان خوتەندە دۇنياغا كەلگەن. 1967-يىلى قەشقەر يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن چارۋىچىلىق باشقارمىسى، مەدەنىيەت باشقارمىسى (ھازىر باشق...
  • سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىز رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ،ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ،شائېر،دىرامماتۇرگ. ئۇ 1915-يىلى 3-ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان ، 1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابىغا قاتناشقان ،ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئېگە ،مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋېن رەئېسى. ئۇ ئ...
  • ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﯫﻱ ﻫﯚﺳﯩﻴﯩﻦ (1944 - ) ئۇﻳﻐﯘﺭ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺷﯧﺌﺮﯨﻴﻪﺕ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﯘﻫﯩﻢ ئوﺭﯗﻧﻐﺎ ﯻﮕﻪ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻩﺩﯗﺭ.
    ئۇ ﺷﯧﺌﺮ ﯻﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ 1959- ﻳﯩﻠﻰ ﯸﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ <ﮔﯜﻝ ﺗﺎﻗﺎﻳﻤﻪﻥ ﻛﯚﻛﺴﯜﯕﮕﻪ >،<ﺷﯩﻴﺎﯓ ﺷﯘﻟﻰ> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ 500...
  • ھازىرقى زامان ئۇيغۇر پروزىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئىقتىدارلىق يازغۇچى قەييۇم تۇردى 1937-يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ شامچى كوچىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1954-يىلى شىنجاڭ ئىنىستېتوتىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرىپ، ئۇزاق مەزگىل "شىنجاڭ گې...
  •  

    تالانتلىق يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان

      

       يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان 1966-يىلى 3-ئايدا يەكەن ناھىيە بازىرىدا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئېگە. ئۇھازىر يەكەن دەريا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدۇ.جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ توختاملىق يازغۇچىسى، «قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى.

  • زۇنۇن قادىرىنىڭ ھاياتى:
    زۇنۇن قادىرى 1911-يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە غۇلجا شەھرىگە كۆچۈپ كەلگەن. دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە، ئاندىن پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان. 1935-يىلى غۇلجىدا ئېچىلغان ئ...
  •  

     



            ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى  ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەش...