-
2011-04-24
ئولتۇرۇپ مەن بىلەن يىغلايالامسەن؟ - [ئارامگاھ]
ئولتۇرۇپ مەن بىلەن يىغلايالامسەن؟
مۇزىكا بىلەن سۈرەت، شېئىر دىكلىماتسىيەسى تولىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۈچى پەيدا قىلغان. ھاياجاندىن شېئىرىي تۇيغۇدا ياندىم. «ئولتۇرۇپ مەن بىلەن يىغلايالامسەن؟» نەقەدەر شېئىرىي گەپ ھە؟!! قېنى تېڭشاپ بېقىڭ!
شېئىرنىڭ تەرجىمىسىنى خاقانىيە مۇنبىرىدىكى مەلەك ئىسىملىك قىز تورداش ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىپتىكەن. بۇ يەرگە بىلوگ زىيارەتچىلىرىنىڭ تەلىپى ۋە گۈلىستان قىزنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن تولۇقلاپ قويدۇم. (شېئىرنىڭ ئەسلى تەۋەلىك ھوقۇقى مەلەك قىزغا ۋە خاقانىيە مۇنبىرى گە مەنسۈپ) قېنى ئۇنىڭدىنمۇ ھوزۇرلانغايسىز.
مەن بىلەن تەڭ كۆز ياش تۆكەمسەن؟
نۇرى جانتۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مەلەك
ئايلانسام گەر نۇرسىز يۇلتۇزغا،
كۆككە قاراپ مېنى ئىزدەمسەن؟
تىزلىرىمنى قۇچاقلاپ بىر كۈن،
تۈگۈلۈپ قالسام كۆڭلىڭ بۇزامسەن.ئۈششۈك تىگىپ مۇزلىسام ئەگەر،
مىھرىڭ بىلەن باغرىڭ ياقامسەن؟
يارىلىرىمنى تېڭىپ قولۇڭدا،
ئولتۇرۇپ تەڭ كۆز ياش تۆكەمسەن؟
ئايرىلغاندا دادا بالسىدىن،
ماڭا ئوخشاش سەنمۇ كۆيەمسەن؟
شىۋىرلاپ مەن ئىيتسام ئەگەر،
ئازابىمنى ئاڭلاپ كېتەمسەن؟
يامغۇر كەبى تۆكۈلسە يېشىم،
سۈرتەلمەستىن يا ئۇھسىنامسەن؟
كىرپىكلىرىم ئۈستىدە شەبنەم،
قىيا بېقىپ ماڭا قارامسەن؟
ھەسرەت پۇراپ تۇرغان تىنىقتىن،
دەرىزەڭنى چەكسەم ئاچامسەن؟
غېرىپ باسقان ساھىل قوينىدىن،
قولۇڭ بېرىپ ئىلىپ كىتەمسەن؟
مەلھەم بولۇپ ئۈشبۇ يارامغا،
ياكى يالقۇن كەبى كۆيەمسەن؟
بىر يىتىمنىڭ ئاھۇ-زارىدىن،
ئولتۇرۇپ تەڭ كۆز ياش تۆكەمسەن؟
يامغۇر چۈشكەن خىنىگە ئوخشاش،
سەنمۇ يۈرەك قىتىغا چۈشەمسەن؟
كېچىلىرى ھۇشقىتسا بوران.
ئازابلىنىپ كۆڭلىن بۇزامسەن؟
ئەلەملەردىن مۇجۇلسا دىلىم ،
يۈرىكىڭنى ماڭا چاتامسەن؟
كىسەل بولۇپ چۈشسەم سەكراتقا،
ۋۇجۇدۇڭنى يا تىترەتمەمسەن؟
كەچ بولغاندا ئىزتىراپ ئىچرە،
يانلىرىڭدىن مېنى ئىزدەمسەن؟
ساڭا مۇھتاج بولۇپ چاقىرسام.
بىر يۇتۇم سۇ ماڭا سۇنامسەن؟
كەل يېنىمغا دېسەم ئامرىقىم،
قاپاق تۈرۈپ خاپا بولامسەن؟
يۈرىكىڭدىن ئەزىزلەپ ياكى،
مېنىڭ ئۈچۈن شېئىر يازامسەن؟
ئەجەل يىتىپ يۇمۇلسا كۆزۈم،
ئولتۇرۇپ تەڭ كۆز ياش تۆكەمسەن؟شېئىرنىڭ ئەسلى تەۋەلىك ھوقۇقى مەلەك قىزغا ۋە خاقانىيە مۇنبىرىگە مەنسۈپ
评论
مەزمۇنىنى چۈشۈنەلمىدىم . لېكىن يالغۇز ئولتۇرۇپ ئاڭلىغاندا يىغلاتقۇدەك مۇڭى باردەك قىلىدۇ .