ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • جاڭگال غەزەللىرى -4

     

     

    تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا

    13

    تۈن ئارا ئۇچقانكى بۇلبۇل نالەسىگە نە ئىلاج،

    دەردىگە ئاچقان ئېغىزدەك يارەسىگە نە ئىلاج.

     

    روھ دېمەك ئۆتكۈر قىلىچتۇر، پەرلىگەن جىسمىڭنى مىڭ،

    پەي كەبىي سۇنغان كۆڭۈلنىڭ پارەسىگە نە ئىلاج.

     

    كىم سېغىنماس چوغنى شول يانغان قاراڭغۇلار ئارا،

    بەك ئېغىر ئۆتكەن بىتابلىق سايەسىگە نە ئىلاج.

     

    بۇ ئەمەس ھەرگىز سولۇش، بىلگەنگە راستىن ئىمتىھان،

    يەلكىگە ئارتقان پەلەكنىڭ پايەسىگە نە ئىلاج.

     

    تەلمۈرەر ئۈنسىز تىلەكلەر كۆككە پىنھان ئۆرتىنىپ،

    ھەي ئەجەب بولدىكى كۈنلەر چارەسىگە نە ئىلاج.

     

  •  جاڭگال غەزەللىرى -3

    تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا

    9

    فۇرقىتىڭ سەزدۈردى بىر سەنسىزلىكىمىنى ئاقىۋەت،

    يوقلىقىڭ بەردى يەنە رەتسىزلىكىمىنى ئاقىۋەت.

     

    پەسلىمە كۆچتى قاياق يازمىشلىرىڭنىڭ جىلۋىسى،

    كۆرگىنىم بولدى لېكىن بەتسىزلىكىمنى ئاقىۋەت.

     

    چاقنىشىڭ بەكمۇ يىراق، ئورمانلىقىم باغرى تۇتۇق،

    قىينىشىڭ قىلدى جۇدا كەپسىزلىكىمنى ئاقىۋەت.

     

    نەدە پەرق ئۆلۈم بىلەن رەزگى ھاياتلىق تىنىقى،

    تاپمىسام  ئىشقىڭ ئارا چەكسىزلىكىمنى ئاقىۋەت.

     

    كەل! بۇ رەت غەمكىنلىكىم سۇنغان ساپالغا ئوخشىسا،

    چەيلىگىن، ئاتقىن يىراق غەمسىزلىكىمنى ئاقىۋەت.

     

  • جاڭگال غەزەللىرى -2

    تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا

    5

    لەختە - لەختە يۈرىكىم كۆيدۈرسە كاشكى يار سېنى،

    قانسىراپ كەتكەن لەبىم سۆيدۈرسە كاشكى يار سېنى.

     

    ئەھدۇ-پەيمان، پەزلى ئالەم قايداكەن دەپ يىغلىدىم،

    ياش يۇقى كىرپىكلىرىم مۆكتۈرسە كاشكى يار سېنى.

     

    تاشبورانلار ئەۋجىگە يۇلتۇزلىرىم نىشانلىنار،

    دەردلىرىم توپان بولۇپ چۆكتۈرسە كاشكى يار سېنى.

     

    سەزگىنىم جەڭگاھ ماڭا ئاتەش ئاتار تىنىقلىرىم،

    چۆلدە ياتقان جەسىتىم كۆمدۈرسە كاشكى يار سېنى.

     

    سانچىلىپ كۆڭلۈمنى بۈنچە بولدى بەس، كۆپ قىينىما،

    ماگمىدەك لەئنەتلىرىم ئۆلتۈرسە كاشكى يار سېنى.

  • جاڭگال غەزەللىرى -1

    تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا

     

    1

    ئول كۆڭۈلدىن باشىمە چۈشكەن زالالەتنى كۆرۈڭ.

    ۋادەئى باغرىم ئارا كۆيگەن جاراھەتنى كۆرۈڭ.

     

    كۈيلىسەم قۇمۇش نېيىمدىن چىققىنى ھىجران كۈيى،

    مايسىرەڭ ھەر غۇنچىدىن ئاچچىق شاپائەتنى كۆرۈڭ.

     

    چايقىلۇر ۋۇجۇد كۆلۈمدە سۈلكەتى قولۋاقسىمان،

    شەرمىساز بوپ لېيىغان ئەدلى-ئادالەتنى كۆرۈڭ.

     

    ناتونۇش بولسۇن بۈگۈندىن قۇرغۇيۇم جانان ئەمەس،

    قىزىغان ۋەيلۇن كەبىي كۈلرەڭ ئاھانەتنى كۆرۈڭ.

     

    چۆلدىكى ئازغان ساياقتەك قالدى مېھرىم سارغىيىپ،

    ئەمدى بۇ غەمكىن نىگاھ پۈتكەن بىشارەتنى كۆرۈڭ.

  •  سەن قەشقەرنى سېغىنمىدىڭمۇ

     

    ئابدۇراھمان ئابدۇكېرىم زۇلتاپ

     (ئابدۇللا ئارىپوف ئىزىنى بويلاپ)

  •  ئىككىمىز سۆيۈشكەنچە ئۆلۈپتۇق جانان

     

      ئابدۇراھمان ئابدۇكېرىم زۇلتاپ

     

  • ئۇيغۇر يېزىقىنى ترانسكىرىپسىيەلەش ئۇسۇلى

  • تەۋىسىيەم: «ئارۇز ئىلمى»

     

    كىتاب ھەققىدە : - يېقىندا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پېروفىسسور زەمىر سەئىدۇللازادەنىڭ ئەدەبىيات نەزىرىيە تەتقىقاتىمىزدىكى بوشلۇق بولغان كلاسسىك ئارۇز ئىلمىغا بېغىشلانغان مەخسۇس تەتقىقات ئەسىرى «ئارۇز ئىلمى» نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئۇشبۇ كىتاب مۇشۇ ساھەدىكى تۇنجى بىر قەدەر سىستېمىلىق ئىزدىنىش مېۋىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەتقىقاتچىلار ۋە ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىكتۇر.

    تۆۋەندە تەۋسىيە بىلەن بىرگە كىتابتىكى كىرىش سۆز قىستۇرۇپ بېرىلدى.

     

    كۆز ئالدىمىزدىكى «ئارۇز ئىلمى» ناملىق بۇ مەخسۇس تەتقىقات ئەسىرى دۆلەتلىك پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەنلەر فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەن مۇھىم بىر تەتقىقات تۈرىدۇر. مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى پىروفېسسۇر زەمىر سەئدۇللازادە جۇڭگودىكى تاجىكلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى دوكتور بولۇپ، تاجىك تىلى، پارس تىلى، خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى، رۇس تىلى قاتارلىق تىللارغا پىششىق، كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىمدۇر.
  • دوستلارغا سۆز

    ئابدۇقادىر جالالىدىن

  • پەرۋايى پەلەك

    ساداقەتجان ھاجى

  •  

    مېنى خۇرسەن قىلغان مۇشائىرە

     

    {ئىلاۋە} : بۈگۈن تور ئارىلاۋىتىپ مەزكۇر مۇشائىرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. مۇشائىرە ھەقىقەتەن ۋايىغا يەتكەن بولۇپ مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى. شۇڭا ئۇنى ساقلىۋىلىش مەقسىتىدە بىلوگىمغا يوللاپ قويدۇم. مۇشائىرىنىڭ مەنسۇبىيىتى ئەھەدى(ئابدۇلئەھەد قادىرى) بىلەن بارخان(مۇھەممەد قادىر) ئەپەندىگە تەۋە. ئەگەر ئاپتۇرلار نارازى بولسا دەرھال كەچۈرۈم سوراپ بىلوگىمدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن. – بىلوگ مەسئۇلى رەشىد

     

  • ئوخشىماي قالدى

    ئابدۇقادىر جالالىدىن

  • غەزەللەر

    ئابدۇلئەھەد قادىرى (ئەھەدى)

       (1)

    بىرسۇئال غەليان قىلۇر: سەن نېمە، ئەشئار نېمە ؟

    سەن ياراتتىڭمۇ ئۇنى، ياكى ئەزەلدىن بار نېمە ؟

  • {چاپلانما} ئەسسالام قېرىنداشلار:

    بىر نەچچە ئاي بۇرۇن ماشىنا تەرجىمانغا ئاپتوماتىك ماتېرىيال توپلاش جەريانىدا توپلانغان بىر يۈرۈش ئاۋازلىق ئەسەرلەر بار ئىكەن. كۆپچىلىكنىڭ ئۇ ئەسەرلەرنى تېپىشىغا ۋە بىرمۇ-بىر چۈشۈرۈشىگە نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭلاشقا كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنى تېجەش ئۈچۈن، شۇلار ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى چۈشۈرۈش ئادرېسىنى بەھىرلىنىشىڭلارغا سۇندۇم.

  • ئۈرۈمچىدىن بىر يۇلتۇز كۆچتى

     


     

    {ئىلاۋە} :- 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈچ يىرىم يىلدىن بېرى ياشاپ تۇرغان ئۈرۈمچىنى ئۆيدىكىلەرنىڭ تەلىپى بىلەن تاشلاپ يۇرتۇم قەشقەرگە قايىتتىم. بۇ قېتىمقى قايتىشىم ئىلگىرىكى ھەر قانداق قايتىشىمغا ئوخشىمايتى. چۈنكى بۇ قېتىم قايتىشىم مېنىڭ كېيىنكى ھاياتىمنىڭ، خىزمەت تاللىشىمنىڭ قەشقەردە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بىرەتتى. ئۈرۈمچىدە مېنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىۋاتقان ئورۇنلارنى قالدۇرۇپ يۇرتۇمغا قايتتىم. ئۈرۈمچىدىن قايىتماق بولغىنىمدا، بۇ يەردىكى پىكىرداش دوستلىرىمغا، ئىلمىي ھاياتقا، كەسپ جەھەتتىكى پۇرسەتلەرگە تازا قىيالمىدىم. ئەلۋەتتە، بۇ ئايرىلىش قەدىردان دوستلىرىمنىڭ كۆڭلىنىمۇ يېرىم قىلدى. تۆۋەندىكىسى ئەزىز دوستۇم، پىكىردىشىم ئابدۇمىجىت مۇھەممەتنىڭ مەن ئۈرۈمچىدىن قايتىپ ئىككى كۈندىن كېيىن «يازغۇچىلار مۇنبىرى»گە يوللىغان شېئىرى ئىكەن. شېئىردا دوستۇم بىلەن بولغان پاكىز دوستلۇقىمىز ۋە ئىزگۈ ئۈمىدلىرىمىز ئىپادە قىلىنغان ئىكەن. مۇنبەردە كۆرۈپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم. ئاللاھ ئىگەمگە مۇشۇنداق ئەزىز دوستلارنى ھەمدەم قىلغىنىغا كۆڭلۈمدە تەشەككۈر ئېيىتتىم. پات – پات ئوقۇپ تۇرۇپ، دوستلىرىمنىڭ ماڭا بولغان مېھىر – مۇھەببىتىنى ۋە ئۈمىدىنى ئەسلەپ تۇرۇشنى نىيەت قىلىپ ئۇ شېئىرنى بىلوگىمغا يۆتكەپ كەلدىم.  

                                : - بىلوگ مەسئۇلى رەشىد

     

  • مەمتېلى ئەپەندى تەۋەللۇتىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز!

  • مېنىڭ رېئاللىقىم

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

  • قەشقەردىكى قار

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن 

  •  

     

    «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ۋە «80-يىللىقلار» توغرىسىدا -4

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

  • «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ۋە «80-يىللىقلار» توغرىسىدا - 3

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن