ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • يازغۇچى جالالىدىن بەھرام بىلەن سۆھبەت

    سۆھبەت ئىلىپ بارغۇچى: ئىدىل ئەپەندى

     

    خۇش سۆھبەت ئادەم

    داڭلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرام ئەپەندى تېلېفوندا سۆزلىشىش ۋە يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ، قەلىمى ئۆتكۈر يازغۇچى بولۇپلا قالماستىن ، سۆزگىمۇ ئۇستا ، ناتىق ئادەم ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ ،  گېپى ئوچۇق ، خۇش مۇئامىلىلىكى بىلەن مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى . كۆڭلى  تۈز  بولغانلىقى  ئۈچۈنمىكىن ، دەسلەپ سۆزلەشكەندىلا  ئشلىرىنى مەخپىي تۇتۇپ ، سىر ساقلاپ كەتمىدى . 

  •  

    دىكتور قىزنىڭ ھېكايىسى

    زۆھرە كېرەم

    يىزا مەكتەپ پىدائىيلىرى خەۋىرى :

       كىشىلىك ھاياتتا بىزنىڭ ئەسلىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ، بولۇپمۇ ئاشۇ مەنىلىك ئىشىلارنى ئەسلەش تولىمۇ كۆڭۈللۈك ۋە ئەھمىيەتلىك. «يىزا مەكتەپ پىدائىي»لىقىغا قوشۇلۇشمۇ ھەم شۇنداق.

  • ناتونۇش ئاقكۆڭۈل يىگىت

    يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى تورى خەۋىرى :

    «يىزا مەكتەپ پىدائىيلىرى»نىڭ تەشكىللىگۈچىسى، پىدائىيلار سىپىدىكى بىر ئۇچقۇن بولۇپ يېقىنقى يىللاردا مەن ۋە سىپىمىزدىكى دوسىتلار بىرگە نۇرغۇن جايلارغا باردۇق. كۆپلىگەن ئىشلارنى كۆرۈپ، تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز ھاسىلاتلارغا ئېرىشتۇق.

  •  

    كاككۇك سايرىغان باھار

    لەمجىن يېزىسىدىكى يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى پائالىيىتىدىن تەسىرات

    ئاپتۇر: شۈخوڭ

       2011-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى(شەنبە) ئۈرۈمچى تاموژنا پىدائىيلىرى ۋە شىنجاڭ يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى بىرگە پىچان ناھىيىسىگە قاراشلىق  لەمجىن بازارلىق قۇم مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپىگە كەلدۇق. بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىزنى ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئالدى.

  •            

                   ھايات گۈلشەنىدىكى ئەھمىيەتلىك ئىزلار

                               ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

       قار – مۇزلار ئېرىپ، باھارنىڭ ھېدى دىماغلارغا ئۇرۇلۇپ، زېمىندىن ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان، ئىللىق قۇياش نۇرى كۆڭۈللەرنى ئىللىتىپ تۇرغان مۇشۇ كۆكلەم ئايلىرىدا، مېھىر – مۇھەببەتلىك بىر كوچىغا ئاياقلىرىمنى بۇراپ، ھاياتىمغا ئاجايىپ بىر مەنىلىك ئىزنى سالدىم.

  • زوردۇن سابىرنىڭ پىروزا ئىجادىيتى  قانداق باشلانغان

    ئەكبەر قادىر

    زوردۇن سابىرنىڭ پىروزا ئىجادىيتى ھەققىدە سۆز بولسا ، بەزىلەر زوردۇن سابىر ئەسلى شائىر بۇلۇشنى تاللىغان. لېكىن ئۇ تاساددىپى پۇرسەتتە  پىروزىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ قالغان دېسە، يەنە بەزىلەر زوردۇن سابىر پىروزا بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ  ئۇزاق مەزگىللىك تەييارلىق باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەن دەپ قارايدۇ. بۇنى بىلىش ئۈچۈن مۇنداق بىر جەرياننى ھېكايە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  • شائىر زوردۇن سابىر

    ئەكبەر قادىر

          زوردۇن سابىر بالىللىق ھەم ياشلىق مەزگىللىرىدەئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىنى ئالدى بىلەن شېئىرغا بولغان ھەۋەستىن باشلىغان.ئۇ بالىلىق دەۋرىدە تىيىپجان ئىليىفنىڭ ئالمۇتادا نەشىر قىلىنغان «شەرق ناخشىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئوقۇپ نۇرغۇن شېئىرلارنى يادقا ئالغان.شۇنداقلا شېئىرمۇ يازغان.

  • زوردۇن سابىرنى ئەسلەيمەن

     

    جاۋگۇاڭمىڭ

    مىنىڭ زوردۇن سابىر بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىرگە بولغان ۋاقتىم تاغ باغرى بولغان شۈيشىگۇدىكى شىنجاڭ ئىكككىنچى ئىشچىلار ساناتۇرىيىسىدە ئېچىلغان كەسپى يازغۇچىلارنىڭ يىللىق يىغىنى مەزگىلى بولدى. يازغۇچىلار جەمئىيىتىمىزنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان كەسپى يازغۇچىلار خىزمىتى يىغىنى پۇل بولمىغانلىقتىن ئېچىلمىغىلى ئىككى يىل بولاي دەپ قالغان ئىدى. بىز ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يىغىن زالىدا يېرىم كۈن ئېچىپلا بولدى قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ بۇ ئىشنى زوردۇن سابىرغا يەتكۈزۈپ ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماقچى بولدۇم،چۈنكى زوردۇن سابىر جەمئىيىتىمىزدە كەسپى يازغۇچىلار خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىس ئىدى.

  • داستاننىڭ تۆتىنچى بۆلىكى  شائىر تراگىدىيە ئېڭىنىڭ ئېچىلىشى بولۇپ، رىۋايەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويولغان شېئىرى تراگېدىيە شائىرنىڭ تەپەككۈرىدە قەدىم بىلەن كېيىنكى ئەسىرلەرنى، ئەجدات بىلەن ئەۋلاتنى ئۇلايدىغان ھەم ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ساددا ھايات ۋە تەبىئەت قاراشلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، رىئاللىققا يۈزلىنىپ، ئوبېكتىپ ئۆزلۈك قىممەتنى تونۇيدىغان بىر پەللە سۈپىتىدە نامايەن قىلىنغان.

  • داستاننىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە شائىرنىڭ توختىماي يۇقىرى كۆتىرىلىۋاتقان لىرىك ھىسسىياتى  قېنىغا چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن  پۈتۈن شېئىردا ئىزچىللىقا ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان شېئىرى كەيپىيات،  شېئىرى مۇھىت يەنىلا داۋاملىشىدۇ. ئىخچام، شېئىرى بوشلۇقلارغا ئىگە شېئىرىي جۈملىلەر شائىرنىڭ تېخى بىزگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولۇۋاتقان تەكلىماكان، تارىم ۋە مىللەتنىڭ كەچمىشلىرى ھەققىدىكى رىۋايەتلىرى تېخى ئاخىرلاشمىغاندەك تۇيغۇ بېغىشلايدۇ...

  • « سالغا تېشى » ــــــ روھلار كەچمىشى

    抒情长诗《飞石》的文化解读

    ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ

       (بۇ ماقالە شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى 2005– يىللىق 4 – سانىغا بېسىلغان نۇسخىسىغا ئاساسەن تولۇقلاندى)

    قىسقىچە مەزمۇنى: «سالغا تېشى » 20 – ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەسىر ئاخىرىدىكى مۇۋاپىقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان مۇنەۋۋەر لىرىك داستان. ماقالىدە، شائىرنىڭ تەسەۋۋۇر دۇنياسىغا ئىچكىرىلەش بىلەن بىللە داستاندا يارىتىلغان شېئىرىي تېما، شېئىرىي مۇھىت، شېئىرىي ئىماگ، ئوبراز، سىموۋۇللارنىڭ مەنە قاتلاملىرى مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن يېشىپ چۈشەندۈرۈلۈپ، داستاننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگىزىلىدۇ.

  • خوش، ئەدەبىيات دېگەن نېمە؟

    ئەگەر بىر تەرەپتىن، ئەدەبىياتنىڭ دەۋرى ئاخىرلىشىدىغان بولدى (خۇددى مەن باشتا ئېيتقاندەك)، بۇنىڭ بىشارەتلىرىمۇ مەيدانغا چىقتى دېيىلسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەدەبىيات ياكى «ئەدەبىياتچانلىق» ئومۇميۈزلۈك، مەڭگۈلۈكتۇر (خۇددى مەن باشتا ئېيتقاندەك). ئۇ تىل ياكى باشقا بەلگىلەرگە قارىتىلغان بىر خىل ئالاھىدە ئىشلىتىش ئۇسۇلى بولۇپ، ھەرقانداق بىر دەۋردىكى ھەرقانداق بىر خىل ئىنسانىيەت كۇلتۇرىدا تۈرلۈك شەكىللەردە مەۋجۇت بولىدۇ. بىرىنچى مەنىدىكى ئەدەبىيات (بىر خىل غەرب كۇلتۇرى مىخانىزمى سۈپىتىدە) ئىككىنچى مەنىدىكى ئەدەبىياتنىڭ بىر خىل تارىخى تەقەززالىقنى قوبۇل قىلىشتىكى كونكرېت شەكلىدۇر. ئىككىنچى مەنىدىكى ئەدەبىيات بىر خىل ئومۇميۈزلۈك بولغان، جانلىق ئەدەبىياتنىڭ تىل ياكى باشقا بەلگىلەرنى قوللىنىش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت.

  • مەتبەئە دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى

    ئەدەبىياتنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرىدىغان بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى بۈگۈنكى كۈندە تىز سۈرئەتلىك بۇرۇلۇشنى باشتىن كەچۈردى ياكى گۇمانلىنىشقا ئۇچرىدى. كىشىلەر ھازىر ئۆزلۈكنىڭ بىردەكلىكىلىكى ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلۇشچانلىقىنى ئانچە ئىنىق جەزملەشتۈرۈپ كەتمەيدىغان، يازغۇچىنىڭ نوپوزى ئارقىلىق ئەسەرلەرنى شەرھلىگىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ ئانچە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدى. فوكۇنىڭ «ئاپتور دېگەن نېمە؟» سى ھەم رولانىد بارتىسنىڭ «ئاپتور ئۆلدى» (25) سى ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن ئۇنىڭ ئاپتورى ئوتتۇرىسىدىكى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان رىشتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى (كونا كۆز قاراشلاردا ئاپتور بىرلىككە كەلگەن بىر ئۆزلۈك، يەنى ھەقىقى شېكىسپىر ۋە ۋولف (26) دەپ قارىلاتتى) ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىمۇ «ئۆزلۈك» نىڭ پارچىلىنشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  • ئەدەبىياتنى نېمە مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرىدۇ؟ 

    غەربنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئەدەبىيات چوقۇم ھەمراھ بولۇشى زۆرۈر بولغان كۇلتۇر ئالاھىدىلىكى نېمە؟ غەرب ئەدەبىياتى مەتبەئە كىتابلىرى ھەم باشقا مەتبەئە شەكىللىرى (مەسىلەن، گېزىت، ژۇرنال، تۈرلۈك مەتبۇئات) دەۋرىگە مەنسۇپ. غەرب پەيدىنپەي ھەممە ئادەم دېگۈدەك ساۋاتلىق بولغان ۋەزىيەتنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەدەبىياتمۇ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كەڭ كۆلەمدىكى ساۋاتلىقلار بولمىسا ئەدەبىيات بولمايدۇ. ئەدەبىيات يەنە 17- ئەسىردىن كېيىن غەرب دېموكراتىك تۈزۈمىنىڭ پەيدىنپەي مەيدانغا كېلىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

  • ئەدەبىيات دىندىن خالى سېھرىگەرلىك

    مەن «سېھرىگەرلىك» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتىم ھەم كىتابتىكى سۆزلەر ئوقۇلۇپ ئەدەبىياتقا ئايلاندۇرۇلغان چاغدىكى مەۋھۇم رىئاللىقنى ئېچىپ بېرىدىغان كۈچنى ئاتاش ئۈچۈن داۋاملىق ئىشلەتمەكچىمەن. دۇرىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «ھازىرقى زامان سېھرىگەرلىكى: دىندىن خالى سېھرىگەرلىكنىڭ كۇلتۇر كۈچى» دە سېھرىگەرلىك سەنئىتى ۋە كۆڭۈل ئېچىش تارىخى ئۈستىدە ماھىرلىق بىلەن ئىزدەندى. مەزكۇر تارىخنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئۇ رېنىسسانىستىن 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە بولغان سېھرىگەرلىك ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىيات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇھاكىمە قىلدى.

  • ئەدەبىيات دېگەن نېمە

    ھىللىس مىللىر (ئامېرىكا)
    ئىدرىس نۇرۇللا تەرجىمىسى

     

    ھىللىس مىللىر 1928- يىلى تۇغۇلغان، ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرى. ئامېرىكىلىق مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى، ياۋروپا ئامېرىكا ئەدەبىياتى ۋە سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقاتى بويىچە نوپوزلۇق شەخس، چۇۋۇلمىچىلىق تەنقىدچىلىكىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى.

  • مارىي كولېرىدىج (1861~1907)

     

    (مارىي ئەنگىلىيە يازغۇچىسى ۋە شائىرى بولۇپ، ئۇنىڭ «قىزىقارلىق بايانلار»، «ئىككى يۈزلۈك پادىشاھ»، «رەسىم سىزىش قەسىرىدىكى خانىم»، «مارىي شېئىرلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.)

  • جۇلىيانا خورىتا ئېۋىڭ (1841~1885)

     

    (جۇلىيانا ئەنگىلىيەنىڭ ئىنگىلىزتىلى بالىلار يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ «جاپا»، «شامال تۈگمىنىدىكى جىن(ئادەم ئىسمى)»، «قىسقىغىنە ھاياتتىكى ھېكايە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.)


  • ئىقبال مىرزا شېئىرلىرىدىن 

    ئۆزبىكىستان بۈگۈنكى دەۋىر شائىرى ئىقبال مىرزا 1967-يىلى فەرغانىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ «يۈرەكنىڭ شەكلى»، «سېنى سېغىنىمەن»، «كۆڭۈل»، «مېنى ئەسلەمسەن»، «تاللانغان شېئىرلار»، «قوشاقلىرىم»، «سېنى بۈگۈن كۆرمىسەم بولماس» قاتارلىق توپلاملىرى نەشىر قىلىغان. 1999-يىلى «شۆھرەت» مىدالى بىلەن مۇكاپاتلانغان.  2005-يىلى «ئۆزبىكىستان خەلق شائىرى» دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان. قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوف ئىقبال مىرزا ھەققىدە مېغىزلىق قىلىپ :«زامانىۋىي ئۆزبەك شېئىرىيىتى ئىقبالىنى كۆرۈۋاتىدۇ...» دەپ يۇقىرى باھا بەرگەنىكەن. تۆۋەندىكى شېئىرلار ئۇنىڭ 2007-يىلى نەشىر قىلىنغان «سىزنى كۈيلەيمەن» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.

  • ...غا

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    بەك يېراق سەھەردە ئېچىلغان گۈلسەن،

    ئېھ!، بۇندا ئەمدىلا ئويغاندى قۇياش.

    جىگدىنىڭ چېچىكىدەك سۇس ۋە يېقىملىق،

    سېنىڭدىن بەختىمنى قىلىمەن قىياس.