-
2011-03-07
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سوپىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە دەسلەپكى تەرەققىياتى (1) - [رەشىد ماقالىلىرى]
تەسەۋۋۇپنىڭ مەيدانغا كىلىشى ئىسلامنىڭ بارلىققا كىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ بۇددىزىم ۋە ياكى باشقا دىنلاردىكى «زاھىد»لىق قاراشلىرىغا ئوخشىمايتى. ئىسىلامىيەتتىن ئاۋۋال ئىسلام تەسەۋۋۇپىغا ئوخشىغان پانتىزىملىق قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن تەسەۋۋۇپ پەيدا بولىشىدىنلا ئىسلام تەۋھىد ئەقىدىلىرىنى ۋە ئىسلام كالامى «قۇرئان»نى مەنبە قىلغان ئىدى.[1] ئۇنىڭ ئىددىيىۋى ئاساسلىرى بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ سۈننەتلىرى ۋە «قۇرئان»دىكى بىر قىسىم ئايەتلەر ئىدى
-
2011-03-07
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سوپىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە دەسلەپكى تەرەققىياتى (1) - [رەشىد ماقالىلىرى]
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سوپىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە دەسلەپكى تەرەققىياتى
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
قىسقىچە مەزمۇنى : مەزكۇر ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتكە كىرىشى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىسلاملىشىشى، ئۇيغۇر ئىسلامىيەت ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى نامايەندىسى بولغان «قۇتادغۇبىلىك»تىكى ئودغۇرمىش ئوبرازىدا ئەكىس ئەتكەن سوپىستىك قاراشلار ۋە بۇ خىل قاراشلارنىڭ ئەھمەد يەسەۋىگە كەلگەندە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقى ۋە كۈچەيگەنلىكىنى مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئىسلاملىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزىلىدۇ.
-
2011-03-04
سوغۇق قىرغاق - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
سوغۇق قىرغاق
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
سوغۇق شامال ئۇرمىغىچە مەڭزىمگە،
تۇرۇپ قالدىم نەم قىرغاقتا مۇڭلۇنۇپ.
كۆل سۈيىمۇ مۇڭلاندىمۇ بىلمىدىم،
لىغىلدايدۇ كۆز ئالدىمدا تولغۇنۇپ.
-
2011-03-02
كىم - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
مىسرالارغا كىرىپ چىققان كىم؟
رەڭلەپ ئۇنى قېزىل قېنىدىن.
تەنھالىقنى سىزىپ چىققان كىم؟!
سويۇپ ئېلىپ ئۇنى تىنىدىن.
-
2011-03-02
ئىچىگە يېقىلىش - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
ئۇنىڭدىكى بۇ خىل ھالەتنى قانداق تەسۋىرلەش كېرەككىن؟ كېچىدەك قاپقارا ئۈمىدسىزلىك، كېچىدەك قاپقارا غەم، يەنە شۇ كېچىدەك قاپقارا خىياللار...
ھەئە، بۇ ئىلگىرىكى قاپقارا كۆز، قاپقارا قاش، قاپقارا قاشلارنىڭ ئورنىغا ئالماشقان يېڭى خىيالىي بوشلۇق.
-
2011-03-02
كېچەمگە كەلمەيسەن - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
مەن بىلىمەن سەن ئەمدى كېچەمگە كەلمەيسەن ئاي !!!
مېنى بۇ قارا كېچىلەر باغرىدا قارىغا ئايلانسۇن دېگەنسەنمۇ ھە ؟... ئايسىز قارا كېچىلەرنى ياقتۇرمايتىمغۇ مەن ؟؟؟
-
ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى قەبرە ياساش ئادەتلىرى توغرىسىدا
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 2008-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى
ئىنسانىيەت ئۇزۇن دەۋىرلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، ھەر قايسى رايون، مىللەت، ياكى ئىجتىمائىي توپلار ئۆز ئالدىغا ئوخشىمىغان تۈرلۈك تۇرمۇش-ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ خىل تۇغۇلغاندىن تاكى ئۆلگىچە بولغان تۇرمۇش ئادەتلىرى بارا-بارا ئىنچىكىلىشىپ، قىلىپلىشىپ بىر ئومۇمىي توپنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ئايلانغان.
-
2011-02-27
ھەر تۈن كېچە ئۇھسىنىش مېنىڭ - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
ھەر تۈن كېچە ئۇھسىنىش مېنىڭ،
ھەر تۈن كېچە تەنھالىق ماڭا.
شۇنچە گۈزەل ئاي، كېچە بېراق،
بارچە مىسرا يېزىلار ساڭا.
-
2011-02-27
خىيال كېچىسى - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
ئاي نۇرىدا رەڭلەنگەن ياتاق،
ئاق ئىستەككە تويۇنغاندۇر لىق.
يار غېمىدە سوقار بىر يۈرەك،
خىياللارغا ئەسرار بوپ تاتلىق.
-
2011-02-27
روزى سايىت شېئىرلىردىكى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم (3) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
ئۈچىنچىدىن، روزى سايىت داستانلىرىدا تارىخىي چىنلىق، بەدىئىي چىنلىق ۋە خاسلىق زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن.ئېمىل زولا ئېيتقاندەك:«ئەدەبىي ئىجادىيەتتە چىنلىق تۇيغۇسى ۋە خاسلىقنى ئىپادىلەشنىڭ ئورنىغا دەسسىيەلەيدىغان ھېچنىمە يوق. ئەگەر يازغۇچىدا بۇ ئىككى ئالاھىدىلىك بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئەسەر يازغىنىدىن كۆرە شام ساتىقىنى تۈزۈك».روزى سايىت 《تاڭ شەجەرىسى》داستانىدا تارىخي چىنلىق بىلەن بەدىئىي چىنلىقنى زىچ بىرلەشتۇرۇپ تەسۋىرلىگەن. مەسىلەن: داستاننىڭ 1–بابىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
-
2011-02-27
روزى سايىت شېئىرلىردىكى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم (2) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
ئىككىنچىدىن، روزى سايىت شېئىرلىرىدا تىپىك مۇھىتتىكى تىپىك پىرسۇناژلار ئوبرازى چىنلىق بىلەن يارىتىپ چىقىلغان. مەسىلەن: بىز يەنە«بەختى دىھقان ـــ بەخىتلىك دىھقان» داستاننىڭ 1-بابىغا قارايلى:
-
2011-02-27
روزى سايىت شېئىرلىردىكى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم (1) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
روزى سايىت شېئىرلىردىكى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
ئابلىمىت ئابدۇراخمان
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى ئەدىبىيات ئىنىستىتوتى 2007- يىللىق ماگېستىر ئاسپىرانتى
مېنىڭچە، روزى سايىت رىئالىزىمچى شائىر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا رىئال ئىجتىمائى تۇرمۇش بەدىئىي چىنلىق بىلەن شېئىرىي تىل ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە قايتۇرۇلغان.بۇ ھەقتە پىروفىسسۇر ئازاد سۇلتان مۇنداق دەيدۇ:«روزى سايىتنىڭ ئىجادىيتىدە لىرىكىدىن كۆرە ئېپىكا ئاسالىق ئورۇندا تۇرىدۇ.ئۇ ھېسياتىنى ئەمەس بەلكى، تۇرمۇشنى.خىيالىي جەننەتنى ئەمەس بەلكى، كۆز ئالدىدىكى رىئاللىقنى يازىدۇ.
-
2011-02-27
قايغۇلۇق خەۋەر: ئالىم، تىلشۇناس، جامائەت ئەربابى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ۋاپات بولدى - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
قايغۇلۇق خەۋەر: ئالىم، تىلشۇناس، جامائەت ئەربابى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ۋاپات بولدى
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى، ئاتاقلىق تىلشۇناس ئالىم، تونۇلغان شائىر ھەم ئەدىب، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلچىلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت – تارىخى تەتقىقاتچىسى، ئەل سۆيگەن جامائەت ئەربابى ئىمىن تۇرسۇن ( ھاجى ( ئەپەندى2011 –يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى87 يىشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى .
-
2011-02-25
چىمەنلەردە مېنى ئۇنۇتماڭ - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
مەن يوق بەلكىم خۇش يانىڭىزدا،
ۋە يا يالغۇز ئۆي، خانىڭىزدا،
بىراق سىز سىز مېنىڭ ۋەتەنىم،
چىمەنلەردە مېنى ئۇنۇتماڭ.
-
2011-02-25
يوشۇرۇن سۆيگۈ - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
شاماللارغا ئېيتقان سۆزۈمنى،
ساڭا ئەسلا ئېيتمىدىم پەقەت.
يۈرۈگۈمدىن ياشلار ئاقسىمۇ،
ئۈمىد بەردى يەنە مۇھەببەت.
-
2011-02-23
نىگاھلاردا بىر مۇز يالتىرار - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
چۈشلىرىمدىن ئۇزىدىڭ سەھەر،
ھايات يەنە قالدىغۇ بەتتام.
ۋىسال يەنە نېسىپ بولمىدى،
بەخت بۇندا چۇل-چۇل بولغان جام.
-
2011-02-23
ئۇھسىنىش - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
ھىجران ھۇۋلار ئىمكانلىرىمدا،
مەن بىتەلەي دەيمەن ئۆزۈمگە.
يىگىتلىگىم سۇ بولغان دەمدە،
ئىچىنىمەن بۇلاق كۆزۈمگە.
-
2011-02-23
گۈزەل بىر رەسىم (ئۇيغۇر قىزىغا) - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
گۈزەل بىر رەسىم (ئۇيغۇر قىزىغا)
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
راسىت، ئۇ شۇنداق گۈزەل بىر رەسىم،
بار ھۆرلەرگە بولىدۇ ئەنداز.
كۆزلىرىدىن ھايا تۆكۈلەر،
ئۇندا ئۇيۇپ قالغان سىرلىق ناز.
-
2011-02-19
ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئەخلاق تەنقىدچىلىكى - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]
ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئەخلاق تەنقىدچىلىكى
ئاپتور: كېرىمجان ئابدۇرېھىم
ئەخلاق تەنقىدچىلىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت تەنقىدچىلىكىدىكى قوللىنىشچانلىققا ۋە ئومۇمىي ئېتىراپقا ئىگە تەنقىد تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ، ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەھلىل – تەتقىق قىلىش ۋە باھالاشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىدىغان، ئىجادىيەتتىكى ئەخلاق ھالقىلىرى، ئەخلاق نۇقتىسى، ئەخلاق ئۆلچىمى ئاساسىدا ئەسەرنى تەھلىل – تەتقىق قىلىدىغان ۋە باھالايدىغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنى كۆرسىتىدۇ.
-
2011-02-19
ھېيتىگاھ جامەسىنىڭ تارىخى - [ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە فولىكلور]
ھېيتىگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
ئىبراھىم نىياز
ھېيتگاھ جامەسى قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ جامە، ھېيتگاھ مەيدانى قەشقەردىكى ئاۋات سودا، مەدەنيەت مەركىزىدۇر، ئۇ قەشقەرگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزەرىنى ئۆزىگە تارتماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ كۈن چىقىش تەرەپكە ئېچىلغان چوڭ دەرۋازىسى، پەشتىقى، ئاق گۈمبىزى، ئىككى تەرەپتىكى نەقىشلىك مۇنارلىرى شەھەرگە ئالاھىدە كۆركەملىك بېغىشلاپ تۇرىدۇ.جامەنىڭ قۇرۇلۇش سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكى، بۇنىڭغا ئىشلىگەن تامچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ نەقەدەر ماھارەتلىك ئىكەنلىكىنى