-
2012-02-06
تەۋسىيەم: «تارىم قەدىمىيەتلىرى» - [تەۋسىيە كىتابلار]
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد:
بۇغدا ئابدۇللانىڭ يېڭى كىتابى:-«تارىم قەدىمىيەتلىرى»
-
2012-01-31
2011-يىلى مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇغان كىتابلار - [تەۋسىيە كىتابلار]
2011-يىلى مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇغان كىتابلار
-
2012-01-26
تەۋىسىيەم: «ئارۇز ئىلمى» - [تەۋسىيە كىتابلار]
تەۋىسىيەم: «ئارۇز ئىلمى»
كىتاب ھەققىدە : - يېقىندا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پېروفىسسور زەمىر سەئىدۇللازادەنىڭ ئەدەبىيات نەزىرىيە تەتقىقاتىمىزدىكى بوشلۇق بولغان كلاسسىك ئارۇز ئىلمىغا بېغىشلانغان مەخسۇس تەتقىقات ئەسىرى «ئارۇز ئىلمى» نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئۇشبۇ كىتاب مۇشۇ ساھەدىكى تۇنجى بىر قەدەر سىستېمىلىق ئىزدىنىش مېۋىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەتقىقاتچىلار ۋە ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىكتۇر.
تۆۋەندە تەۋسىيە بىلەن بىرگە كىتابتىكى كىرىش سۆز قىستۇرۇپ بېرىلدى.
كۆز ئالدىمىزدىكى «ئارۇز ئىلمى» ناملىق بۇ مەخسۇس تەتقىقات ئەسىرى دۆلەتلىك پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەنلەر فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەن مۇھىم بىر تەتقىقات تۈرىدۇر. مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى پىروفېسسۇر زەمىر سەئدۇللازادە جۇڭگودىكى تاجىكلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى دوكتور بولۇپ، تاجىك تىلى، پارس تىلى، خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى، رۇس تىلى قاتارلىق تىللارغا پىششىق، كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىمدۇر. -
2011-11-13
«يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار » - [تەۋسىيە كىتابلار]
«يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار »
«يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار» نەقەدەر گۈزەل ۋە سەمىمىي تەلپۈنۈش ھە! شۇنداق، كىتابخانىلارغا كىرگىنىڭىزدە ئىسمىمۇ، ئۆزىمۇ گۈزەل بۇ كىتابنى سېتىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. يېقىندا ئۈمىدلىك قەلەمكەش گۈلباھار ئەزىزنىڭ «يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار» ناملىق نەسىرلەر توپلىمى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىندى .
-
2011-05-08
1-تەۋسىيەم : باھادىرنامە رومانى - [تەۋسىيە كىتابلار]
1-تەۋسىيەم : باھادىرنامە رومانى
«باھادىرنامە» رومانى ئۇيغۇر يېڭى دەۋىر ئەدەبىياتىدىكى ياش ئىستىداتلىق قەلەم ساھىبى ياسىنجان سادىق چوغلان ئەپەندىنىڭ ئىجتىھاتىنىڭ سەمەرىسى بولۇپ، جەمئىي ئالتە توملۇق تارىخىي روماندۇر.