ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2014-04-24

    ئەردەم بەيازىت: ئۆلۈم رىسالىسى - [تۈركىيلەر ئەدەبىياتى]

    ئۆلۈم رىسالىسى

     

    ئەردەم بەيازىت (تۈركىيە)

     

    تۈركچىدىن  ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان.

     

     

     تامچە - تامچە قۇرۇلار ھايات

    ئۆلۈم بولسا قىمىر-قىمىر

    ئاڭلىماق قولاي

    ئاڭلاتماق مۈشكۈل

     

    ھەر دەقىق

    بىلىپ تۇرىمەن

    ئاز-ئازدىن ئۆلۈۋاتقىنىمنى

     

    خەۋىرىم بار تۇغقان ئايدىن

    ئېرىگەن قاردىن، ئاققان سۇدىن

    ۋە ئاستا-ئاستا تۈگەۋاتقان ۋاقىتتىن

     

    تەكرارلاپ تۇرماقتا سائەت

    ۋاقىتمۇ مەخلۇقتۇر

    ۋاقىتمۇ مەخلۇقتۇر

     

    ئىشلىمەكتە يۈرىكىم

    چاچلىرىم ۋە كۆزلىرىمنىڭ

    ئەڭ كىچىك ھۇجرىلىرى كونىرىماقتا

     

    ئوقۇۋاتىمەن ھاياتنى

    تۇپراقنىڭ ئۈستىدىن جىقراق

    ئاستىدىكىلەر بىلەن بار بولغانلىقىنى

     

    تۇپراق

    ئۆلۈمگە ئاچ

    ئۆلۈمگە موھتاج

    ھايات

     

    ئۆلۈم جەزمەن

    ۋە ئۆلۈم مۇتلەق

    يالغۇز ئىشىكىدۇر ئۆلۈمسىزلىكنىڭ

     

    ئۆلۈم بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن چۈشەندىم

    پەقەت ياشاشنىڭ بىر كىملىك بەلگىسى ئىكەنلىكىنى

     

    مەخلۇقتا ئاققان

    شىلدىر-شىلدىر بىر ئېرىقتۇر ئۆلۈم

     

    ئاتىلار ئۆلەر

    كېزەر قوللىرى ئۆلۈمنىڭ

    چاچلىرىدا ئانىلارنىڭ، ئوغۇللارنىڭ

     

    ئانىلار ئۆلەر

    يىلتىز تارتار ھەسرەت يۈرەكلەرگە

    «بىر بالا پىر بوپ كەتسىمۇ»

    شۇ چاغ چۈشىنەر نېمىمىش يېتىملىك

     

    ئوغۇللار ئۆلەر

    بىر قەپەس بولار ئۆلۈم

    ئانا قەلبى بىر قۇشتۇر

    ئازادلىقنى قوبۇل قىلماس

     

    سۆيگۈنى ئۆلەر

    بىر ھىجرەت بولار ئۆلۈم

    بىر ئانا يۇرت

     

    مەسىلەن، ساۋاقداشلار

    ساۋاقداشلىقلار بار مەكتەپلەردە

    قارىساڭ بىرى كەلمەس بىر كۈنى

    ۋە شۇندىن تارتىپ ھەرگىز كېلەلمەس

    قاپقارا بىر كۆلەڭگە چۈشۈپ تۇرار

    باغچىغا، كارىدورلارغا، سىنىپلارغا

    ئېغىزلاردا كۇسۇرلاشلار

    كىملەرنىڭدۇر كىرپىكلىرى ھۆل

    باغچىنىڭ خالى بىر  يېرىدە ئولتۇرۇپ

    قولىدا بىر  تال ياغاچ سىزار رەسىمىنى

    ئەسلىمىلەرنىڭ

    بەزىلىرى بىر يەرگە يىغىلىشىپ

    مەنىسىز سۆزلەر بىلەن چارىسىزلىقنى بايان قىلماقتا

    نېمە بوپ كەتتى،

    تېخى تۆنۈگۈن بىرگە ئىدۇق،

    سەگۈنچەكتە ئىككى ئادەمنى كۈزەتكەن ئىدۇق،

    تېخى ئۆتكەن يەكشەنبە قىرلاردا ئايلانغانىدۇق،

    «كۆچمەن قۇشلار يەرلىك قۇشلاردىن تېخىمۇ بەخىتلىك، ھاياتنى تولۇق، تولۇق ياشىماقتا» دېگەن ئىدى، ئۇنتۇيالمايۋاتىمەن...

    ئاندىن بىر مازاردا، بىر ئورەكنىڭ بېشىدا

    بىر ئىشىكنىڭ ئاغزىدا

    ھەممە سۈكۈت قىلار

    ئۆلۈم سۆز قىلار

     

    ۋە داۋام قىلار ھايات

    بەزىدە بىر چاقنىڭ ئاستىدا

    تەرەپباللا كېلەر ئۆلۈم

    ئۇشتۇمتۇتلا تۈگەر سىناق

    توك كېتىپ قالغاندەكلا

     

    - ھەۋەسلەر يوق بولار

    - بەزى ئۆلۈملەر بار

    ئۆلۈمدىن بۇرۇن كېلەر

    مەسىلەن تۈرمىنىڭ بىر كامېرىدا

    سوئاللار ھەمىشە جاۋابسىز قالار ئۇ يەردە

    گەپ قىلغىنى پەقەت چۈشلەردۇر

    ياكى جىمغۇر تاملاردا خىياللار

    كۆزلەر قوبۇل قىلار، بارماقلار قوبۇل قىلار

    لېكىن مېڭە ھەمىشە ئۈمىد تەرەپدارىدۇر

     

    بەزىدە ئوقۇلۇۋاتقان كىنو لېنتىسىنىڭ

    بىر پارچىسىدىكى قېتىپ قالغان رەسىمگە ئوخشاشتۇر

    ئۆلۈم

    ئۇدۇلىدا بىر گۇرۇپپا ئەسكەر

    كۆزلەر ستۋوللارنىڭ قاپقارا ئېغىزلىرىنى كۆرمەس

    قاراپ قالار كۆپكۆك ئاسماندا

    ساڭگىلاپ تۇرغان ئاپئاق بۇلۇتقا

     

    ئۆلۈمدىن ئۇزاق ئۆلۈملەر باردۇر

    گېزىت ئېلانلىرىدا ئۇچرايدىغان

    دۇنياغا باغلىنىپ قېلىشنىڭ بىچارە

    ۋە جاھىل بىر بەلگىسىدۇر

    كۆپرەك قالغانلارغا ئائىت بولغان

     

    يەنە ئۆمۈچۈك تورىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپ قالغان

    بىر پاشىنىڭ تىترىگەن پۇتلىرىدا كۆرگەنىدىم ئۆلۈمنى

     

    ئۆلۈملەر باردۇر؛

    بىر دەرەخنىڭ يىلتىزلىرىنىڭ پاراس-پۇرۇس ئۈزۈلۈشىگە ئوخشاش

    جان پاراس-پۇرۇس قىلىپ چىقار تومۇرلاردىن

    ئۆلۈملەر باردۇر؛

    جان قۇشتەك ئۇچۇپ كېتەر

    بىر چايكىنىڭ لەرزان ئۇچۇپ

    كۆپكۆك ئاسماندا غايىب بولغىنىدەك

     

    分享到: