-
2011-02-07
يولدىكى زەپەرى - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
يولدىكى زەپەرى
قاسىمجان ئوسمان غازى
زەپەرىنىڭ شىئېر ئىجادىيتىدە لېرىك شېئىر ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەپ كەلدى. گەرچە ئۇنى شائىر خەلق تونۇپ يەتكۈدەك دەرىجىدە يېڭى پەللە ياراتتى دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى تور ئەدەبىياتىدىكى تېنىمسىز ئىزدىنىشلىرى، ئوقۇرمەن دوستلارغا مىننەتسىز ھالدا نادىر يازمىلىرىنى سۇنۇپ تۇرىشىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭدا يۇشۇرۇنۇپ ياتقان كۈچلۈك شىئېرىي ھارارەتنىڭ بىزگە ئۈزلىكىسىز ئۈمىد ئاتا قىلىۋاتقانلىقىدىن شەكلىنەلمەيمىز.
-
2011-02-05
ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا تېراگىدىيە ئېڭى - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا تېراگىدىيە ئېڭى
ئابلىمىت ئابدىراخمان
تراگېدىيدىن ئىبارەت ئىستىتىك كاتېگۇرىيە تارىخنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدە جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئىنسان ئېڭىنىڭ مۇكەممەللىشىشگە ئەگىشىپ شەكىللەنگەن ۋە تاكاممۇللاشقان. ئارىستۇتېل قەدىمقى گرېك تېراگىدىيلىرىدىن نەزىرىيەۋى خۇلاسە چىقىرىپ، قۇللار تېراگىدىينىڭ قەھرىمانلىرى بولالمايدىغانلىقى، پەقەت كومىدىيلىك قەھرىمانلار بولالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى.
-
2011-02-05
ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىدا يارتىلغان تەكرار ئىجادىيەت بوشلۇقى - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىدا يارتىلغان تەكرار ئىجادىيەت بوشلۇقى
ئابلىمىت ئابدىراخمان
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى ئەدىبىيات ئىنىستىتوتى 2007- يىللىق ئۇيغۇر بۈگۈنكى ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىيات كەسپىنىڭ ماگېستىر ئاسپىرانتى.
ئەدەبىي ئەسەر خىلمۇ-خىل ئىستىلىستىكلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق تۇرمۇش مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ.تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىدىن يۇشۇرۇن ئىشارەت بىرىدۇ.جانلىق بەدىئىي ئوبرازلار ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ ھەرقايىسى تەرەپلىرىنى ئەكىس–ئەتتۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى جەمىئيەتنى، تۇرمۇشنى تۇنۇتۇش خاراكتىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. دۇچىڭبىڭ «ئىجادىيەت نەزىرىيىسى ئۇقۇشلۇقى»دىگەن كىتابىدا شەرىھىلەپ
-
2011-02-05
ئې.ئې. بېرتېلس : ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن›› داستانى (4) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
نىزامىنىڭ ئەسەردىكى ئاساسىي مەقسىتى ئىككى قەھرىماننىڭ روھىي كۈرىشىنى كۆرسىتىشتۇر. ئەڭ مۇھىم مەركىزى نوقتا مۇشۇ يەردە. شۇ ۋەجىدىن نىزامى ئەسىرىدە دىئالوگقا كۆپ ئورۇن ئاجرىتىپ، قەھرىمانلارنىڭ سۆھبەتلىرىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ نازۇك ھېسلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە تىرىشتى.
-
2011-02-05
ئې.ئې. بېرتېلس : ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن›› داستانى (3) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
كېيىنچە پارسچە شېئىرلارنىڭ شەكلىنى تۈركچىدە تەدبىقلاشقا باشلىدى. نەۋائىينىڭ تۇنجى دىۋانى 24 ياش ۋاقتىدا، يەنى 1465-1466- يىللاردا ئاخىرىقى شەكلىنى ئالدى. لېكىن، ئۇ لېرىك شېئىرلارنى يېزىشنى قېرىغىچە داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ تۆت لېرىك دىۋانى ھاياتىنىڭ پۈتۈن دەۋرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
-
2011-02-05
ئې.ئې. بېرتېلس : ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن›› داستانى (2) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
نەۋائىي دۆلەت ئىشلىرىدىن قولىنى تارتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەركەزدە تۇرۇشى سارايدىكىلەرنى ھەر ۋاقىت راھەتسىزلەندۇردى. نەۋائىي شېئىرلىرىدە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىقبالدىن سۆز ئاچقان بولسىمۇ، ئېسىلزادىلەر ئاشۇ قۇرلارنىڭ بىر مۇنچىسىدا غەم-ئەندىشىسىز ھالدا ئۆزىنى ئىچىملىككە ئۇرغان سۇلتاننىڭ ئەتراپىدا ئەۋجى ئالغان قانۇنسىزلىقلارنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنەتتى.
-
2011-02-05
ئې.ئې. بېرتېلس :ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن›› داستانى (1) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن›› داستانى
ئې.ئې. بېرتېلس
تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان
بۇ ماقالىنى بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىغا بېغىشلايمەن
ھەربىي يۈرۈشلىرىدە ھىندىقۇشتىن ئاق دېڭىزغىچە بولغان كەڭ زىمىننى ئىشغال قىلغان ھارماس فاتىھ تىمۇر 1405-يىلى ھايات بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.
-
2011-02-04
ئابلەت نۇراخۇن زەپەرى كىم؟ - [سەرخىللار ئارخىپى]
ئابلەت نۇراخۇن زەپەرى كىم؟
[ئاپتوردىن] 23 يېشىمنى ياشاپ بولغىنىمنى ئويلىسام ، بەزەن مېنى قاتتىق قىينايدىغان ئىچىمدىكى قۇرۇتلارنى يەنە ئويغىتىپ قويىمەن . قانداق قىلاي ، قاچان تۇغۇلۇپ قاچان ئۆلۈش ئىلكىمىزدىكى ئىش ئەمەسكەنغۇ ئاخىر . گاھى چاغلاردا تۇغۇلغان يىلىمنى تولدۇرۇش توغرا كەلگەندە 1987-يىل دەپ يازغۇچە قولۇم تىترەپ كېتىدۇ . راست، ئالدىنقى ئەسىردىن كەلگەن ئادەملەر قاتارىدا يەنە تىرىك يۈرگىنىمگە ھەيرانمەن . تالاي كىشىلەرگە نېسىپ بولمىدىغۇ بۇنچە ئۇزاق ياشاش !؟ لۇتپۇللا مۇتەللىپتىن خېلىلا كېيىن تۇغۇلغان بىرەيلەن ماڭا شۇنداق دېگەنىدى .
-
2011-02-03
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» 2011-يىللىق 1-سانىدا - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» 2011-يىللىق 1-سانىدا
خۇشاللىققا خۇشناۋا جاھان
«مەشرەپ» ب د ت نىڭ «جىددىي قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى
ئۆزۈڭنى تونۇ!
مىنىڭ ۋەتىنىم ............... چىڭغىز ئايتماتوف
-
2011-01-31
مەشرەب شېئىرلىرىدىن پارچىلار - [تۈركىيلەر ئەدەبىياتى]
مەشرەب شېئىرلىرىدىن پارچىلار
سويلاپ ، سويلاپ ناز قىل، مەن ئۆرگۈلەيىن،
نازىڭ ئالدى كۆڭلۈمنى ، نازۇك نىھالىم،
تۈرلۈك،تۈرلۈك جىلۋەڭگە جانىم بېرەيىن،
ئالتۇن، كۆمۈش يولۇڭغا چېچىش خىيالىم.
خەمچە -خەمچە قاشلارىڭ، بادام قاپاغىڭ، ... -
2011-01-31
شېئىرىيەت سېپىدىكى ئۈمىدلىك ياش ئۆمەر مەھمۇد - [سەرخىللار ئارخىپى]
تۈنۈگۈن مەن ئۈچۈن بىر گۈزەل ئەسلىمە، بەرىبىر گۈزەل ئەسلىمە، ئۇ ھامان ئارقامدا قالدى. مەن ئالدىمىغا قاراپ ماڭىمەن. بۈگۈندە مېنىڭ يېزىۋاتقانلىرىم بار، ئەتىدە بولسا مېنىڭ يازىدىغانلىرىم. بۈگۈن يېزىۋاتقانلىرىمنى ئەتە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرمايمەن. چۈنكى تۈنۈگۈن مەن ئۈچۈن بەرىبىر گۈزەل ئەسلىمە، ئەتە يازىدىغانلىرىم بۈگۈننى تۈنۈگۈن دەپ قارايدىغانلاردۇر. ئەمما، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، چۈنكى تۈنۈگۈن، بۈگۈنگە ئەگىشۋېلىشقا بەك ئامراق، ئەتە يەنىلا نامەلۇم. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ھامان تۈنۈگۈننى گۈزەل ئەسلىمىگە قالدۇرۇپ قۇيۇپ، بۈگۈن يازىدىغانلىرىمنى يېزىشىم كېرەك، شۇندىلا ئەتىگە يۈز كېلەلەيمەن!
-
2011-01-25
"گإل ؤة بذلبذل" داستانئدئن پارچة - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
مۇھەممەد ئەبۇ سەلاھى(ئەخمەت ھىمىت تەييارلىغان):«گۇل ۋە بۇلبۇل»، «بۇلاق» 1997-يىللىق 1-سان(ئومۇمىي 58-سان).
گۇل ۋە بۇلبۇل
بۇ ئايەت مەزمۇنى ئولدۇر مۇنى بىلگىل،
خۇداغا بەندەسەن ھەق يولغە كىرگىل.
نەزەر قىل ئۆز ۋۇجۇد... -
2011-01-19
ئەلىشىر نەۋائىي ۋە ئۇنىڭ تەسىرى (3) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
نەۋائىينىڭ ئۆزىنىڭ دەۋردىشى بولغان بۈيۈك ئوسمانلى شائىرى بۇرسالىق ئەھمەت پاشاغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق ئانادولۇ تۈركلىرىگە نەۋائىي تەسىرىنىڭ ئۆتكەنلىكى ھەققىدە نامىق كەمالدىن باشلاپ <<ئوسمانلى شېئىرى تارىخى>...
-
2011-01-19
ئەلىشىر نەۋائىي ۋە ئۇنىڭ تەسىرى (2) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
تۈرك كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بېرى يىتۈشتۈرگەن مىڭلىغان سەنئەتكارلىرى ئارىسىدا ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ناھايىتى خاس بىر ئورنى بار. نەۋائىي يالغۇز ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ، يەنى چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ شائىرى بولۇش بىلەن چەكلىنىپ&nb... -
2011-01-19
(1)ئەلىشىر نەۋائىي ۋە ئۇنىڭ تەسىرى - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
ئەلىشىر نەۋائىي ۋە ئۇنىڭ تەسىرى
م. فۇئاد كۆپرۈلۈ
تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىغا ئۆرىگەن.
فۇئاد كۆپرۈلۈ 20- ئەسىردە تۈركىيەنىڭ سوسيال پەنلەر ساھەسىدە يىتىشكەن ئەڭ بۈيۈك ئالىمى. 1890- يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان ... -
2011-01-14
«شىكار» ناملىق ھېكايە ئۈستىدە تەھلىل (ئوبزۇر) - [رەشىد ماقالىلىرى]
«شىكار» ناملىق ھېكايە ئۈستىدە تەھلىل (ئوبزۇر)
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
ئەدەبىيات – سەنئەت ئىنساننىڭ ئىنسانىي ھېس – تۇيغۇسىنىڭ بەدئىي ئىنكاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بەزىدە شەخىس خاراكتېرى بىلەن خاراكتېرلەن... -
مۇھەببەت ئۈچۈن ياشايمىز، مۇھەببەت ئۈچۈن سۆزلەيمىز
رۇقىيە ئابدۇللانىڭ «مۇھەببەت»[①] ناملىق داستانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
(شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 2008-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى)
ئەدەبىيات تارىخىمىزغا نەزەر سالساق، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان، بىزدە مۇھەببەت توغرىسىدا تالاي قىسسەلەر، تالاي غەزەل، داستانلار يېزىلىپ، بىر – بىرىدىن بەسلەشكۈدەك ئېسىل دىۋانلار تۈزۈلدى.
-
2011-01-14
تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمانوف بىلەن سۆھبەت - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمانوف بىلەن سۆھبەت
غىلاجىدىن ئوسمان
بۈركۈت بوۋاي
ئاتاقلىق تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى تۇنجى ئۇچراشقان كىشىگە سىپايە كۆرۈنسىمۇ ، سىرلىق تەسىر بېرەتتى. نەزىرى ئۈستۈن، چۇس مۇجەز بۇ ئالىمنىڭ تەتقىقاتقا بېرىلىپ كەتكەن... -
2011-01-11
جان ئىچىدە - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
جان ئىچىدە
ئابدۇقادىر جالالىدىن
مېھمىنىم بار مېھمان ئىچىدە،
ساھىبخان مەن گۈلخان ئىچىدە.
بولسۇن دېدىم ھالىمنى ئايان،
چاينىڭ ئىچىدە، نان ئىچىدە.
مېھمىنىم بار مېھمان ئىچىدە،
ساھىبخان مەن گۈلخان ئىچىدە.
بىر تۈپ رەيھان ئۆستۈرۈپ قويدۇم،&... -
2011-01-11
چېقىلغان ئەينەكمەن (ئىككى تىلدا) - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
چېقىلغان ئەينەكمەن (ئىككى تىلدا)
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
ئىنگىلىزچىسى :
I am a broken mirror
I am a broken mirror,
Which was broken when you look.
...