ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-03-25

    « سالغا تېشى » ــــــ روھلار كەچمىشى -2 - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    داستاننىڭ تۆتىنچى بۆلىكى  شائىر تراگىدىيە ئېڭىنىڭ ئېچىلىشى بولۇپ، رىۋايەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويولغان شېئىرى تراگېدىيە شائىرنىڭ تەپەككۈرىدە قەدىم بىلەن كېيىنكى ئەسىرلەرنى، ئەجدات بىلەن ئەۋلاتنى ئۇلايدىغان ھەم ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ساددا ھايات ۋە تەبىئەت قاراشلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، رىئاللىققا يۈزلىنىپ، ئوبېكتىپ ئۆزلۈك قىممەتنى تونۇيدىغان بىر پەللە سۈپىتىدە نامايەن قىلىنغان. ئوبېكتىپ ئۆزلۈك قىممەتنى تونۇش باشقىلارنىڭ پاجىئەسىنى كۆرگەندە كۈچىيىدۇ. دىمەك، پاجىئە ۋاستە بولىدۇ. « كېتىك شەھىرىنىڭ قۇمغا غەرق بولىشى » تەكلىماكان تراگىدىيەسىنىڭ  بىر قىسمىلا خالاس. شائىر سەنئەتكار سۈپۈتىدە بۇ خىل تراگىدىيەنى ئېستېتىك قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىش بىلەن پەلسەپىۋىي تەپەككۈرگە تايىنىپ تراگېدىيەنىڭ مەھەللىۋىي – مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىدۇ.

                   سۇ ئىلاھى قۇدرەت كۈچىنى

     كۆرسىتىدۇ فىروزەسىمان .

       داستاننىڭ ئالدىنقى بۆلەكلىرىدە تەكلىماكان ۋە چۆل روھىنى تەسۋىرلىگەندە ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ قۇرغاق مۇھىتى بىلەن ئىچكى جىپسىلىققا ئىگە بولۇپ، شائىرنىڭ شائىرانە تەسەۋۋۇرىغا زادىلا بېقىنمىغان سۇ ئوبرازى بۇ بۆلەكتە رەسمى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۆللۈكتە قەدىمدىن بۇيان سۇ مەسىلىسى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شائىر داستاندا بۇ مەسىلىنى ئاقما ھىساۋات شەكلىدە ياكى لىرىكىدىن ئايرىلغان ئىپىكىلىق بايان شەكلىدە ئوتتۇرۇغا قويماي بەلكى شېئىردا ھىسسىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغان. شېئىردىن كۆرىمىزكى شائىر داستاندا مۇھىتنىمۇ يازغان، لىرىكىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. بەزىلەرنىڭ قارىشىدا پەلسەپىۋى شېئىرلاردا شېئىرى شەكىل ئارقىلىق پەلسەپىۋىي قاراشلار سۆزلىنىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ خاتا. پەلسەپىۋىي شېئىرلارنىڭ ماھىيىتى--- كۈچلۈك لىرىكا ئىچىگە چوڭقۇر پەلسەپىۋىي ھىكمەتلەر سىڭدۈرۈلگەن بولىدۇ.  « سالغا تېشى» دەل مانا مۇشۇنداق ئىجادىيەت مۇددىئاسى ئورۇندالغان مۇنەۋۋەر داستان.

    قۇم چېچىپ يۈرگەن ياۋايى تۆگە،

    تۆگە يەنە بىر سالغا تېشى،

    بۇ يەر ئۈچۈن چۈشىشى،

    بۇ يەر ئۈچۈن كۆيۈپ – پىشىشى،

    ئۇتتۇرۇش ئەمەس زۇۋانسىزلىقى،

    چۆلدە يۈرگىنى ئەمەس غاپىللىقى.

       داستاننىڭ بېشىدا چۆل ۋە ئىنسان تەقدىرى سالغا تېشىغا  سىموۋۇل قىلىنغان بولسا، داستاننىڭ 5 – بۆلىكىدە تۆگە سالغا تېشىغا سىموۋۇل قىلىنىپ، شائىرنىڭ تەقدىر قارىشىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتىرىدۇ. شائىرنىڭ تەپەككۈرىدىكى تەقدىر قارىشى تاللاشتا ئەمەس، —— ياشاشتا؛ تىز پۈكۈشتە ئەمەس، —— باتۇرلۇقتا؛ غاپىللىقتا ئەمەس —— ئاڭلىق قوبۇل قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل ھايات پەلسەپەسىنى پەقەت چۆل خەلقىنىڭ تەبىئەت بىلەن بىرلەشكەن ئوبراز ئىدىئالى ——  دەشتتىن تۆرەلگەن تۆگە ئوبرازى ئارقىلىق ئەڭ ياخشى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

       رىۋايەتلەر ئارقىلىق يىراق تارىخ ۋە ئۇنى ياراتقۇچىلارنىڭ روھى كەچمىشلىرىنى سەكرەتمە شەكلىدىكى شېئىرى بوشلۇقلۇقلارغا، تاشقى شەكىل ئالاھىدىلىكىگە قارىغاندا ئىچكى رېتىمدارلىققا ئىگە قىلىنىشى داستاننىڭ ناھايىتى چوڭ مۇۋاپىقىيىتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شائىرنىڭ تۆگە ھەققىدىكى رىۋايىتى يەنىلا ئىنسان ۋە ئىنسان روھىغا ئىچكىرىلەش ئۈچۈن. ئۆتمۈشنىڭ شانۇ – شەۋكىتى، تارىخنىڭ سەلتەنىتى ئۆز نۆۋىتىدە يەنىلا روھلار كەچمىشى، روھلار نامايىشى، روھلار تاللىشى. شائىر  ئەجداتلارنىڭ ھاياتلىق  سەپىرىدىكى يارىتىش ۋە يوقۇتۇش، ئىلگىرىلەش ۋە چېكىنىشلەرنى لىرىكىلىق مۇھاكىمىگە تاپشۇرۇپ، روھنى بارلىق ماددى ۋە ئىجتىمائى جەريانلارنىڭ نېگىزىنى ئېنىقلاشنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە:  

       بىز ئىنسان، بىز كىبىر ئىچىدە،

    روھى بىلەن كەلدۇق ئېتىشىپ.

        دەپ تەسۋىرلىسە، ئارقىدىنلا ئەجداتلارنىڭ ھەر بىر روھى پارلاقلىقىنى  پەخىرلىنىش بىلەن ئەسكە ئالىدۇ:

                          ئۇ بۈگۈنگە ئايلانغان قەدىم،

    يىراق دېڭىزغىچە بارغان، راست.

    يېرىم ئۇخلاق ياۋروپاغا،

    يىپەك يېپىندۇرغان، راست.

    بۇشېئىرىي جۈملىلەر بىزنى زوقلاندۇرىدۇ،تەسىرلەندۈرىدۇ. بۇ خۇددى داراپېر ئېيتقان« ئەگەر ياۋروپا ئىدىيىلىرى باكتىرىيە ئارقىلىق يىراق شەرققە تارقالغان دەيدىكەنمىز، ئوخشاشلا ئاسىيا چۈشەنچىلىرى ئاشۇ قانال ئارقىلىق ياۋروپاغا تارقالغان »③  دىگەن سۆزنىڭ  شائىرنىڭ شېئىرىي ھىسسىياتى بىلەن تويۇنۇپ، لىرىكىلىق شەكىلدە شېئىرىي تۈستە ئىپادىلىنىشىدەك كۆرىنىدۇ. لېكىن شېئىرنىڭ بىزنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرىشى يىپەك يولىنىڭ ئىللىنىزىملىق④مەدەنىيەت ھادىسىسىدىكى  ئاكتىپ پائالىيەتچانلىق ئورنىىغا بولغان قايىللىق ۋە ھۆرمەتنىڭ شائىرنىڭ ھىسسىيات بۇلىقىدىن ئوخچۇپ چىقىۋاتقانلىقى، شېئىردىكى ئىماگ، سىموۋۇل، مەنئىۋى مۇھىتلار  بىلەن بىرلىشىپ بىزنى بۇ خىل ھىسسىياتنى ھىس قىلىشقا يېتەكلەۋاتقانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.

     كۆپ خىل ۋە قاتلاملىق ئىماگلارنىڭ يارىتىلغانلىقى «سالغا تېشى » نىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى. ھەرقانداق شېئىردا ئىماگ بولىدۇ، گەپ ئىماگنىڭ چوڭقۇر يارىتىلغان ياكى يارىتىلماسلىقىدا. داستاننىڭ 6 – بۆلىكىدە بىزنى شېئىرنىڭ مەنە قاتلىمىغا باشلاپ مېڭىۋاتقان شېئىرى كۈچنىڭ شائىرنىڭ سوبېكتىپ دۇنياسىدا  مەلۇم خىل يۈكسەكلىكلەرگە، زاماننىڭ قىسمىتى،  ماكان (  ۋەتەن ) نىڭ قىممىتىگە تەڭداش بولۇپ كېلىۋاتقان ئىماگلار قاتارى ئىكەنلىكىنى  كۆرىمىز.

    ئابىھايات تامغان توغراقلارغا

    مىڭ يىل ياشايدۇ تىك تۇرۇپ،

    مىڭ يىل ياشايدۇ يانچە يېتىپ،

    مىڭ يىل ياشايدۇ قىغى، تۆرىلىپ ....

    توغراق، توغراق يېشىل روھمىكىن،

                          لەيلەشلىرى كۆركەم ۋە نازۇك.

      شېئىردىكى توغراق ۋە باشقا ئىماگلار ئاساسەن تەبىئەت دۇنياسىدىن ئېلىنغان ئىماگلار بولۇپ، ئۇلار مۇستەقىل  ئوبېكتىپ مەۋجۇتلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسان مەۋجۇتلىقىغا تايىنىپ مەۋجۇتلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ ياكى ئادەملەرنىڭ خوشاللىق – قايغۇلىرى ئۇلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدۇ. بىراق بۇ ئىماگلار بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئېستېتېك تەجرىبىسى  ۋە مەنئىۋىي پەزىلەت سۈپىتىنىڭ تەسىرىدە چۆللۈك ۋە چۆل ئادەملىرىنىڭ  ئەڭ يۈكسەك ھاياتىي قۇۋۋىتى ۋە مەنئىۋى قۇدرىتىنىڭ سىموۋۇلىغا ئايلىنىدۇ.                                                                                    

       داستاننىڭ بۇ بۆلىكىنى شېئىرنىڭ ئەۋجى قىسمى دىيىش مۈمكىن. چۈنكى شائىر بۇ بۆلەكتە چۆللۈك ھەققىدە، مىللەتنىڭ ئۆتمۈشى، قىسمىتى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت روھى، قەھرىمانلىق قاراشلىرى ۋە باشقىلار توغرىسىدا باشقا بۆلەكلەردىكىدەك ئۈزۈك زامان ھالىتىدە  ئوتتۇرىغا قويماستىن، بىر پۈتۈنلۈكتە ئىپادىلەيدۇ. شېئىردىكى پەلسەپىۋىي تۈس بارغانچە قېنىقلىشىپ، شائىرنىڭ ھىسسىياتىغا مەنبە بولۇۋاتقان مىللى مەدەنىيەتنىڭ  ماددى ۋە روھى تارىخى قىياپەتلىرى گۈزەل لىرىكىلىق ئوبرازلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us