ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-01-24

    مېنى خۇرسەن قىلغان مۇشائىرە - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    مېنى خۇرسەن قىلغان مۇشائىرە

     

    {ئىلاۋە} : بۈگۈن تور ئارىلاۋىتىپ مەزكۇر مۇشائىرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. مۇشائىرە ھەقىقەتەن ۋايىغا يەتكەن بولۇپ مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى. شۇڭا ئۇنى ساقلىۋىلىش مەقسىتىدە بىلوگىمغا يوللاپ قويدۇم. مۇشائىرىنىڭ مەنسۇبىيىتى ئەھەدى(ئابدۇلئەھەد قادىرى) بىلەن بارخان(مۇھەممەد قادىر) ئەپەندىگە تەۋە. ئەگەر ئاپتۇرلار نارازى بولسا دەرھال كەچۈرۈم سوراپ بىلوگىمدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن. – بىلوگ مەسئۇلى رەشىد

     

    ئەھەدى:

    ئەي سابا ، شاھى  سەنەمدەك  بىر گۈزەل كەلتۈر   ماڭا ،

    نە گۈزەل ، قان- ياش بىلەن  پۈتكەن غەزەل كەلتۈرماڭا .

     

    بارخان:

    يەتتە يىل ياتقانكى مەشرەپ ئول ئۈمۈت بوسۇغىدا،

    ئىشقى ئاھ! گۈلنارى لەبدىن بىر مەھەل كەلتۈر ماڭا.

     

    ئەھەدى:

    مەيلى كەلتۈر بىر قەدەھ شارابى ئەنتۇر ، مەست بولاي

    ۋەسلى ئەييامدەك شىرىن بالۇ- ھەسەل كەلتۈر ماڭا .

     

    بارخان:

    ئەركىدە خۇلقى پوزۇركى، قەنتىدە شەۋقىم تولۇر،

    بەنتىدە بىھۇش –كوزۇر، مىڭ بىر بەدەل كەلتۈر ماڭا.

     

    ئەھەدى:

    ئاھ ، كۆڭۈل دەشتىم قاقاس تەشنائى زار تامچە سۇغا ،

    بىر پىيالە ئۇسسۇلۇق سىنچاي ئەۋەل  كەلتۈر   ماڭا .

     

    بارخان:

    شەرتى-ئارىڭ كۈتمىكىمگە سالسا بىر جۇلۋۇر، يۈگەن،

    سەۋرى-تاقەت ئىمتىھانىي بىر قەرەل كەلتۈر ماڭا.

     

    ئەھەدى:

    كەتسە مەيلى جانۇ- جىسىمىم ئوت بولۇپ ھىكمەتتە  گاھ ،

    پاني ئالەم سىرى - ئەسرارىن تۈگەل   كەلتۈر ماڭا .

     

    بارخان:

    قالدى ھېكمەت سىرلىرى سوقراتى، ئەلفارابىدىن،

    ئەل ئۈچۈن ئەفراسىياپتەك كۆپ ئەمەل كەلتۈرماڭا.

     

    ئەھەدى:

    مەن بۈگۈن  ئەشئارغا چىن ئىشقىم بىلەن  بولدۇم خۇمار ،

    ۋەزنى بارماق بىرلە  ئارۇزدىن  زۈھەل كەلتۈر ماڭا .

     

    بارخان:

    قۇدرىتىڭدە ئاي، قوياشمۇ ئايلىنار ئالەم ئارا،

    بەختى-ئىقبال يۇلتۇزۇمنى دەلمۇ-دەل كەلتۈرماڭا.

     

    ئەھەدى:

    بىر قۇچاق ھەشقى پىچەكتىن  بەرگى رەيھان ياخشىراق ،

    زەر - گۆھەردەك چاقنىغان  بەھرى رەمەل كەلتۈر ماڭا .

     

    بارخان:

    شەكلىدە ئايۇ-قەمەركىم، رەشكىدە جادۇ-زەھەر،

    «نوھ»كى تويغان قەۋمىدىن تۇپانى-سەل كەلتۇر ماڭا،

     

    ئەھەدى:

    ھىجرى ئەشئار تاشلىدى  نىمجاننى سەكراتقا ، نېتەي

    يا شىئېر كەلتۈر ماڭا ، ياكى  ئەجەل كەلتۈر  ماڭا !

     

    بارخان:

    تىل بىرى، دىلدىن بىرى، بەھرى رەمەلنىڭ جەۋھىرى؛

    ئول «ئوغۇز»نىڭ بىرلىكى؛ غەمخورى ئەل كەلتۈر ماڭا.

     

     

    مەنبە: يازغۇچىلار مۇنبىرى

     

    分享到: