-
2011-09-10
يازغۇچى سەمەت دۇگايلى بىلەن سۆھبەت -2 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
يازغۇچى سەمەت دۇگايلى بىلەن سۆھبەت -2
ئىجادىيەت ھەققىدە پاراڭلار
ـ يازغۇچى ئەپەندى ، ھازىر ئويغۇر ئەدەبىياتى پروزىچىلىقىدا ئېقىم شەكىللەندىمۇ؟ شەكىللەنگەن بولسا ، سىز قايسى ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىسىز ؟
ـ مەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پروزىچىلىقىدا شەكىللەنگەن ، ئومۇم ئېتىراپ قىلغان بىرەر «ئېقىم » بار ، دەپ قارىمايمەن . توغرى ، « ئىزلەنمە ھېكايىلەر » ، « مۇدىرنىزم ھېكايىلىرى » دېگەندەك ناملار ئاستىىدا يېزىلىۋاتقان پروزائىك ئەسەرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى . ئەمما ، نېمىنىڭ «ئىزلەنگەن » لىكىنى بىلەلمىدىم . « مۇدىرنىزم ھېكايىلىرى» گە كەلسەك ، بەزىلىرى چەت ئەل ھېكايىچىلىقىنىڭ دورالمىسى ، بەزىلىرى ناچار تەقلىد بولۇپ ، ئۇيغۇ ر مىللىي ئېڭى ئەكس ئەتتۈرۈلمىگەنلىكتىن ، پېرسوناژلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمۇ شۈبھە پەيدا قىلىدۇ . ئىھتىمال ، بۇ يېڭىياچىلىقتىكى دوراشنىڭ مەھسۇلىدۇر . بارا ـ بارا مۇكەممەللىشىپ قالسا ، بىرەر «ئېقىم» تۈسىنى ئالسا ئەجەپ ئەمەس . مەن ئۆزۈم بۇ مەسىلىگە ئاشۇنداق قارىغانلىقىمدىن بولسا كېرەك ، بىرەر ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىش تۈگۈل ، شۇ ئېقىم ئىچىدىمۇ ئەمەس .
ـ ئىجادىيەت ئۇسۇللىرىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ باقامسىز ؟
ـ مەن تۇرمۇشتا ئۇچراتقانلىرىمنى ، كۆرۈپ ـ ئاڭلاپ تەسىرلەنگەنلىرىمنى ئاۋۋال تەپەككۇرۇمدا كومپوزىتسىيىلەپ چىقىمەن . باشتىن ـ ئاخىرى ئاساسەن جايىغا چۈشتى ، دەپ قارىسام يېزىشنى باشلايمەن . يېزىش جەريانىدا بەزىدە ئۆزگىرىدۇ، بولۇپمۇ تەپسىلاتلاردا خېلى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ . بۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكىتى ياكى مەنىۋىي پائالىيىتى بەلگىلەيدۇ .
ـ ئەسەرنىڭ ئىيدىيىۋىلىكىگە قانداق قارايسىز ؟
ـ ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىيدىيىۋىلىكى ـ ئەسەرنىڭ جېنى ، يازغۇچىنىڭ ئالغا سۈرمەكچى بولغان ، ئارزۇلىغان ئىيدىيىسىنىڭ پېرسوناژلار پائالىيىتى ئارقىلىق ئېستېتىكلاشتۇرۇلغان بەدىئى ئىنكاسى . ئىيدىيىۋىلىكى كۈچلۈك ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكى يۇقىرى بولىدۇ . ئىيدىيىۋىلىك يازغۇچىنىڭ خاھىشىغا بېقىنىدۇ . يازغۇچىنىڭ خاھىشى بويىچە يارىتىلغان پېرسوناژلار يازغۇچىنىڭ ئىيدىيىسىنى تەرغىپ قىلىد.relpost{clear:both}
收藏到:Del.icio.us