ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-28

    «سەككىزىنچى دوزاخ»تا نېمىلەرنى كۆردۈم - [رەشىد ماقالىلىرى]

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 2008-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى)

    «سەككىزىنچى دوزاخ» ئاڭلىماققا كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان شۇنداقلا تىنىنى شۈركۈندۈرىدىغان بىر ئىسىم. ئۆزۈم سۆيۈپ ئوقۇيدىغان «تارىم» ژورنىلىنىڭ 2010-يىل 8-ئايلىق يېڭى سانىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈپ يۈرۈپ ئاخىرى 5-ئاۋغۇست قولۇمغا ئالدىم. ئالدىميۇ ئادىتىم بويىچە ئۇنىڭ مۇندەرىجىسىگە كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن، شېئىرىيەت بەتلىرىنى ئىشتىياق بىلەن كۆرۈپ چىقتىم. تالانتلىق شائىرىمىز ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ «ئەجەل بىلەن سۆزلىشىش» نامى ئاستىدىكى بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى كۆرۈپ، بىر مەھەل تاڭلار بىلەن، گۈللەر بىلەن پىچىرلىشىپ ئۆتكەن شائىرىمىزنىڭ ياشانغان دەملىرىدىكى ئىچكى دۇنياسىنى تىڭشىغاندەك بولدۇم. ئۇنىڭ «كېتىمىز» دېگەن غەزىلىنى كۆرگىنىمدە ئىچىمدىن بىر خىل ئاچچىق يىغا كەپلشكەندەك بولدى. دەرھەقىقەت كەتمەيدىغان كىشى يوق. نى - نى ئېسىل ئوغلانلار، مىسلى رىزۋانلار كەتتىيۇ، كىملەرنى كەتمەيدۇ دېيەلەيمىز. بۇ ئىنسان بالىسىغا مىراس بىر ئىش. شۇڭا ئىنسان ئۆلۈمدىن ھېچقاچان قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، بەلكى ھاياتنىڭ قىسقا ۋە قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۇنى قەدىرلەش بىلەنلا ئۇنى ھەقىقىي مەناسىغا ۋە ۋايىغا يەتكۈزىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شۇنداق بىر مىسرالار يادىمدىن كەچتى :

    تەبىئەتنىڭ قانۇنىدا ئۆلمەي ئامال يوق،

    بۇرۇنقىلار شۇڭا ئېيىتقان:«ئۆمۈر ئاتقان ئوق!»

    بۇ خىل ھايات ۋە ماماتلىق، ھاياتنىڭ قىممىتى، مەناسى ھەققىدىكى ئويلىنىشلىرىم شائىر ھىيتەم ھۈسەيىن ئاكىنىڭ «بۇغدا ئاتا» ناملىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ راۋابى بىلەن خەلقىمىزنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىپ ئۆتكەن، زامانىمىزدىكى «تاشۋاي» - تالانتلىق سەنئەتكار داۋۇت ئاۋۇت ئاكىغا ۋە سەيدۇللام توختىغا بېغىشلاپ يازغان شېئىرلىرىدىن كىشى ھاياتىنىڭ بىر مەرتە، لېكىن مېھنەتلىك، ئەل خىزمىتىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ ئۆچمەس بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە شائىرىمىزنىڭ ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ، مىھنەت ئىگىلىرىنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان، ئۇلارنى ئەسلەپ ياد ئېتىدىغان ئېسىل پەزىلىتىدىن سۆيۈندۈم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىبراھىم ئىزاقى، ۋاھىتجان غوپۇر، ئەكبەر نىياز پەتتارى، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران قاتارلىق شائىرلىرىمىزنىڭ چەشمىلىرىدىنمۇ زوقلىنىپ ئۆتتۈم.

       شۇنىڭدىن كېيىنلا مۇندەرىجىدە ماڭا تولىمۇ ئالاھىدە تۇيۇلغان «سەككىزىنچى دوزاخ» دېگەن ماۋزۇدىكى پوۋېستنى ئوقۇشنى باشلىدىم. بۇ يازغۇچى مەمتىمىن باقىنىڭ «ئەجەل توشقاندا»(‹تارىم›، 2007-يىللىق 4-سان)، «يېڭى توغراقلار»(‹تارىم›، 2008-يىللىق 8-سان)، «جىلغىدىكى سىرلىق بۇلاق»(‹تارىم›، 2008-يىللىق 10-سان) ناملىق پوۋېستلىرىدىن كېيىن ئېلان قىلغان يەنە بىر پوۋېستى بولۇپ، ئەسەردە يازغۇچى تەبىئىتى يامانلىق، رەزىللىك، خۇنۈكلۈك بىلەن تولۇپ كەتكەن بىر ئوبرازنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى ۋە ئۇنىڭ ھايات پاجىئەسىنى بىزگە ھېكايە قىلىپ سۇنغان. ئاپتۇرنىڭ تېما تاللاش ۋە ئىجادىيەت مۇددىئاسىدىن ئېيىتقاندا، ئەسەرنىڭ تېما تاللىنىشى تولىمۇ مۇۋاپپەقىيەتلىك بولغان بولۇپ، يامانلىقنىڭ ھامان ھەممىگە زىيان ئىلىپ كېلىدىغان، جەمئىيەتنىڭ تىنچ – ئامانلىقى، خاتىرجەملىكى، گۈللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان قارا ياۋۇز كۈچ بولىشى بىلەن بىرگە، ياخشى پەزىلەتنىڭ، ياخشىلىقنىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ئىزگۈلۈك ئېلىپ كىلىدىغان خىسلىتى مەدھىيلىنىپ، يامانلىقنىڭ ھامان خەلق تەرىپىدىن، جەمئىيەت، قانۇن تەرىپىدىن چەكلىنىدىغانلىقى ۋە بەربات بولىدىغانلىقى، يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ كۈنىنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقى، ئادالەتنىڭ ئاخىرىقى غەلبىگە ئېرىشىدىغانلىقىدەك ھەقىقەت ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە شۇنداقلا ئەسەردە باشتىن – ئاخىر مەركىزىي ئىددىيە سۈپىتىدە يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئاپتۇر ئەسەرنىڭ باش پېرسوناژى ئاباق تۇغۇلغان پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدىن تارتىپ تا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»، «ئىسلاھات ئىشىكىنى ئېچىۋىتىش»كىچە بولغان ئۇزاق بىر جەرياندىكى ئاباقنىڭ ئاجايىپ چىرماش، مۇرەككەپ سەلىبىي ھاياتىنى يورۇتۇشتا، دەل يۇقارىقى مەركىزىي ئىددىيەنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۇنى ئۈنۈملۈك يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان.

       ئەلۋەتتە، تېما تاللاش ئاپتۇرنىڭ قولىغا قەلەم ئېلىپلا دۇچ كېلىدىغان بىرىنچى مۇھىم مەسىلىسى. جەمئىيەتنىڭ ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان، زىددىيەتلەرنى ۋە ئۇنىڭ يىشىمىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ياخشى ئۈنۈملۈك تېمىلارنى تاللىيالاش، شۇنداقلا ئۇنى مۇۋاپپەقىيەتلىك يورۇتۇپ بېرىش ھەممىلا يازغۇچىغا نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ. ئەسەردە تاللانغان تېما ئاپتۇرنىڭ مۇئەييەن ئىجادىيەت مۇددىئاسىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇ يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشى، كىشىلىك قارىشى، سەنئەت قارىشى دېگەندەك سۇبېيكىتپ ئىچكى ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدە بولىدۇ. ئىلغار دۇنيا قاراشقا، توغرا بولغان كىشىلىك ۋە سەنئەت قارىشىغا ئىگە بولماي تۇرۇپ، يازغۇچىنىڭ ئۇنداق ئاكتىۇئال تېمىلارنى تاللىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. يازغۇچى مەمتىمىن باقىنىڭ بۇ پوۋېستى تېما تاللاش جەھەتتە مۇۋاپپىقىيەتلىك چىققان بولۇپ، يازغۇچىنىڭ ئەسەردە جەمئىيەتتىكى مۇھىم زىددىيەتلىك تەرەپلەرنى يورۇتۇپ بېرىش مۇددىئاسىدىن ئۇنىڭ ئىلغار ھەم توغرا دۇنيا قارىشى، كىشىلىك ۋە سەنئەت قارىشى بىلەن ئۆزىنى قۇراللاندۇرغانلىقىنى كۆرىۋېلىشىمىز تەس ئەمەس. ئەمدى بىز ئەسەرنىڭ باشقا تەرەپلىرى ئۈستىدىمۇ پىكىر يۈرگۈزۈپ باقايلى :

    پىروزا ئەسەرلىرىدە ئاپتۇر كۆپرەك ئۆزىنىڭ «ھېكايە توقۇش» ماھارىتىنى ئىشقا سالىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە ماھارىتى ئۇنىڭ ئەسىرىدىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ چىن، جانلىق، قىزىقارلىق بولۇشى، سىيۇژىتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى مۇۋاپىق، ئىشىنەرلىك، راۋان بولۇشى، ئوبرازلارنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك، جانلىق، چىن چىقىشى، پېرسوناژلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئېنىقلىقى، باياننىڭ راۋان، كەيپىياتقا تويۇنغانلىقى، ئەسەر تىلىنىڭ نەپىس ۋە چۈشىنىشلىك بولۇشى، تەسۋىرنىڭ چىن، يارقىن، جانلىق بولۇشى بىلەن نامايەن بولىدۇ.

    يازغۇچى مەمتىمىن باقى ئۆزىنىڭ بۇ پوۋېستىدا، ئاباق توختىنىڭ ھاياتىغا باغلانغان بىر قاتار ۋەقەلىكلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا تەرتىپلىك بايان ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، ئاباق توختىنىڭ كىچىكىدىنلا ياخشى تەربىيە كۆرمەي ئۇرۇشقاق، جىدەلخور، ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان لۈكچەكلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىققانلىقىدىن تارتىپ، تاكى ئاتا – ئانىسىدىنمۇ يۈز ئۆرۈپ ھېچكىمنى پوش دېمەيدىغان، مەھەللىدىكى ھەممىنى بوزەك ئېتىپ پارازىتلارچە ياشايدىغان كىچىك مۇشتۇمزورلۇقى، ئۇنىڭدىن تەرەققىي قىلىپ شەھەردىكى ئوغرى – يانچۇقچىلارنى ئۇرۇپ – قورقۇتۇپ، ئۇلاردىن ئاتالمىش «باج» ئېلىپ ياشايدىغان زومىگەرگە ئايلىنىشى، سەمەر چوڭنىڭ قول چوماقچىسىغا ئايلىنىپ ئۇنىڭ بىلەت ھايانكەشلىكىدىكى ئۈنۈملۈك يارىدەمچىسىگە ئايلىنىشى، سەمەر چوڭدىن مۇشتلاش ماھارىتى ئۆگۈنۈپلا قالماي يەنە ھىيلىگەرلىك، ھايانكەشلىك، جاھانسازلىقنى ئۆگۈنۈپ، مالىمان يىللاردا «سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇپ»، «توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاپ» ھېلى ئاباق لاۋبەن، ھېلى ئاباق نوچى، ۋە يەنە ئاباق تۈەنجاڭ، ئاباق جىڭلى  بولىۋېلىپ پۇل، مال – دۇنيا توپلىغانلىقى، سەمەر چوڭنىڭ قىزى تۇرنىساخانغا ئۆيلىنىپ تېخىمۇ جانلىنىپ، ئايالى بىلەن بىرگە باشقىلاردىن سودا، بازار تالىشىپ قىلغان كاللا سوقاشتۇرۇشلىرى، «ئىسلاھات» دەۋرىدە يەنە كۆز بوياپ «قېرىنداشلار شىركىتى»دەك بىر زوراۋانلىق ئۇۋىسىنى قۇرۇپ، خەلقنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ، قانۇننىڭ كۆزىنى بوياپ، شەھەردىكى قۇشخانا، سەي – كۆكتات بازىرىدەك ئاممىنىڭ ھاياتىغا بىۋاستا چېتىلىدىغان سودا بازارلىرىنى مونۇپۇل قىلىۋېلىشى، قانۇننى كۆزگە ئىلماي ئەتراپىغا گورۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاددى ھالال مىھنەتلىك سودىگەرلەرگە كۈن بەرمەي زورلۇق بىلەن قاقتى – سوقتى قىلىشى، ھەتتا چىكىدىن ئېشىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى ئۈستىدىن تەكشۈرۈپ يۈرگەن ھۆكۈمەتنىڭ ساقچى ئەمەلدارىنى ئۆلتۈرمەكنى قەسلىشى، ئاخىرىدا قانۇننىڭ تورىغا چۈشۈپ، بارلىق جىنايەتلىرىگە بىراقلا جاۋاپكار بولۇپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىدەك ۋەقەلىكلەر تەرتىپ بويىچە بايان قىلىپ بېرىلگەن.

    ۋەقەلىكلەر ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيىتقاندا، بىر قەدەر چىن، جانلىق بولۇپ، تەسۋىرلەر شۇنداق بەك ئېنىق. شۇڭا بەزىدە ئەسەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان ۋەقەلىكلەر خۇددى كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ ئەسەر چىنلىقىنىڭ خېلى ۋايىغا يەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، شۇ ۋەجىدىن ئەسەردىكى بەزى ھالقىلىق تەپسىلاتلارغا كەلگەندە ھاياجاندىن ئۇنىڭ كېيىنكى نەتىجىسى قانداقراق بولىدىغانلىقىغا قىزىقىپ ئەسەرگە باشچىلاپ كىرىپلا كېتىمىز. بەزى تەپسىلاتلارنى ئوقۇغىنىمىزدا غەزەپتىن چىشلىرىمىز غۇچۇرلىسا، بەزى تەپسىلاتلاردا كۆڭلىمىزنى مەمنۇنلۇق قاپلايدۇ. ئەسەرنىڭ ۋەقەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلىشى بىر قەدەر ئىنىق، قەدەممۇ – قەدەم ئىچكىرلەپ كىرىش ئۇسۇلىدا بولۇپ، ئوقۇرمەننى ئۆزىگە قىزىقتۇرۇش، ئوقۇرمەنگە چۈشۈنۈشلۈك بولۇش جەھەتتىنمۇ ئۆزگىچە ئۈنۈم ياراتقان.

    ئەلۋەتتە، «ئاينىڭ يۈزىدىمۇ داغ بار» دېگەندەك پوۋېستنىڭ ۋەقەلىكلىرىدە تازا چىن بولمىغان تەپسىلاتلارمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن : ئەسەردە كىچىككىنە ئاباق مەھەللىدە مۇشتۇمزور بولۇپ يىتىلگۈچە بىرەر قېتىممۇ باشقىلاردىن تاياق يىمەيدۇ، مەيلى ئۆزىدىن چوڭ بولسۇن، ياكى بىر قانچە ئادەم بولسۇن ھەممىنى ئۇرۇپ قورقىتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتكە تازا ئۇيغۇن ئەمەستەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئاباقتەك بىر مەھەللە لۈكچىكى رېئاللىقتا چوڭ بولغۇچە نەچچە قېتىم بۇرنى قاناپ، نەچچە قېتىم باش – كۆزى يېرىلىپ چوڭ بولىدۇ ۋە شۇنىڭدىلا تاياقتىن، قاماقتىن قورقماس چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىز ئەسەردە يەنە ئۇستازى سەمەر چوڭدىن تاغ ئارىسىدىكى پولات تاۋلاش زاۋۇتىدا ئىككى يىل گۇمپا ئۆگىنىپ مەشىقلەنگەن گۇمپا ئىگىسى ئاباقنىڭ «ئىنقىلاب» مەزگىلىدە قولچوماقچىسى ئىسكەندەرنى ياسىلىڭنىڭ ئىسىيانچلىرىدىن قۇتقۇزغىلى بېرىپ ئۆزى تۇتۇلۇپ ئېسپ قويۇلغان چاغدا، يېرىم كۈن ئۆتەر – ئۆتمەيلا ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى ۋە ئايالى تۇرنىسا قۇتقۇزۇپ چىققاندىن كېيىنمۇ 15 كۇۈن يېتىپ قالغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ تەپسىلاتلارغا كەلگەندە بىز مۇنتىزىم مەشىق كۆرگەن، ئاز – تولا گۇمپا بېلىدىغان ئاباقنىڭ مۇنچە تىزلا يېقىلىپ قىلىشىنى ئانچە ئەقىلگە سىغدۇرالمايمىز. بۇنداق تەپسىلاتلاردىن يەنە، ئاباق بىلەن ئايالى سەمەر چوڭنىڭ قىساسىنى ئالغىلى بېرىپ لەنجۇغا قايتىپ كەلگەندە، لەنجۇ ساقچىلىرىنىڭ سەمەر چوڭنىڭ قاتىلى تۇردى پاكار چۇڭچىڭدا ئۆلتۈرۈلىشى بىلەنلا جىددىيچىلىككە چۈشۈپ قىلىشى، بىر ئايالنىڭ شۇ جىددىيچىلىكتە تۇردى پاكارنىڭ بېشىنى چۇڭچىڭدىن بوخچا قىلىپ ئىلىپ كېلىشى دېگەندەك ئىشلار كىشىگە تازا چىن تۇيۇلمايدۇ. «ئىنقىلاب» داۋاملىشىۋاتقان ئاشۇنداق بىر قالايمىقان ۋەزىيەتتە شىنجاڭلىق بىر قىمارۋازنىڭ ئۆلۈمىنىڭ تەسىرى چۇڭچىڭدىن ئېشىپ لەنجۇغا كېلىشى، يەنە شۇنداق بىر قالايمىقان ۋەزىيەتتە بىر ئايالنىڭ كېسىلگەن باشنى چۇڭچىڭدىن لەنجۇغا بىخەتەر ئېلىپ كىلەلىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ بىر ئايال قورقماي بىر كېسىلگەن باشنى كۆتۈرۈپ يۈرسە ھە ؟! ئۇنىڭدىن باشقا، ئەسەردە بىز ئاباق بىلەن تۇرنىسانىڭ تونۇشقان چاغدىكى جىدىلىدىكى بايانلاردىن تۇرنىسانىڭ سەمەر چوڭنىڭ ئوتتۇرانچى قىزى ئىكەنلىكىنى ئۇقىمىز. بېراق ئەسەردە باشتىن – ئاخىرى (ھەتتا سەمەر چوڭ ئۆلگەندىمۇ) سەمەر چوڭنىڭ باشقا باللىرىنى ئۇچرىتالمايمىز. بۇمۇ ئادەمگە بۇ يەرنى ئاپتۇر ئۇنتۇلۇپ قالدىمۇ نېمە دېگەن تۇيغۇ بېرىدۇ. بىز يەنە ئەسەر ئاخىرىغا كەلگەندە، ئاپتۇرنىڭ ئەسەرگە قويغان ماۋزۇسىنى ئەسكە ئالىمىز. ئەسەر ئاخىرلاشقۇچە ئاپتۇر تىلغا ئالغان بۇ «سەككىزىنچى دوزاخ»نى ۋە ئۇ يەردىكى «دوزاخ ئازابى»نى بىزگە ئېنىقراق قىلىپ سۈرەتلەپ بېرىشنىمۇ «ئۇنۇتقان». ئەسەردە ئەگەر بىز ئاباقنىڭ رېئاللىقتىكى دوزاخ بولغان تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى، كىشىنىڭ ئىچىنى سىيرىغۇدەك بىچارىلىكى، ئاچچىق كۆز ياشلىق پۇشايمىنىنى تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ جانلىق كۆرەلىگەن بولساق، ئاپتۇرنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۆزگىچە ماۋزۇنى قويغانلىقىنى قايىللىق بىلەن ھېس قىلىپ يەتكەن بولاتتۇق.

    ئەسەر ۋەقەلىكىدە گەرچە مۇشۇنداق قىسمەن سەۋەنلىكلەر ساقلانغان بولسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن چىن، جانلىق، قىزىقارلىق بولۇپ، ئەسەردىكى ئوبرازلارنى ۋە مەركىزىي ئىددىيەنى يورۇتۇپ بېرىشى خېلى ئۇتۇقلۇق بولغان.

    ئەسەرنىڭ تىلىغا كەلسەك، ئاپتۇر ئەسەرنىڭ تىلىغا خېلى كۈچ سەرپ قىلغان. بىز ئەسەرنى ئوقۇۋاتقىنىمىزدا ئۇنىڭ دەل، ئېنىق، جانلىق تەسۋىرلىرىدىن، مېغىزلىق ئىبارىلىرىدىن سۆيۈنىمىز. ئەسەردىكى بىر پۈتۈن باياننىڭ كەيپىياتىمۇ شۇنداق چىن بولۇپ، بىزگە باشتىن – ئاخىر ھەممە تەپسىلاتلارنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەسەردىكى «‹گوداڭ كۈچۈكى›، ‹بىر نېمىسىنى مۈشۈك يەپ كېتىۋاتسىمۇ پەش دەپ قوغلىمايدىغان›، ‹جۇمھۇرىيەت نوچىلارنى مۇكاپاتلىمايدۇ›، ‹سوغۇق تونۇردىن گىردە قومۇرۇش›، ‹توخۇ ئەخلەتخانىغا ئۆگۈنۈپ قالغاندەك›، ‹مىس – مىس زەرگەردىن ئىلدام قەلەندەر ياخشى›، ...» دېگەندەك ئۆزگىچە ئىبارىلەر ئەسەر تىلىنىڭ قىزىقارلىق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغان. بىر پۈتۈن ئەسەرنى ئوقۇش جەريانىدا مەن يازغۇچىمىزنىڭ پىشقان، تاۋلانغان، مېغىزلىق تىلىدىن، راۋان بايانىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.

    ئەسەردىكى ئوبرازلارغا كەلسەك، پوۋېستتا ئاپتۇر ئاباقنى مەركەز قىلغان ھالدا ھەزەر توڭ، سايىم كۆككۈز، ئالىم قامچا، باسىت تەرسا، سەمەر چوڭ، ئىسكەندەر، تۇرنىسا، ئازات ساقچى، سىمازا، شۈي تەتەي، يا سىلىڭ، مەي سىلىڭ، تۇرغۇن تاز، ئابدۇرېھىم تەرسا، ئايتۇرسۇن، پەرىزات، ئالمىرە، بەختى ساۋۇت، ئازنىباقى، مەتقاسىم، مەمەت كېرەم، سوتچى ئابلىمىت تۇرسۇن، ئالىيە خانىم، قادىر قازان ۋە باشقا ئىسمى ئاتالمىغان نامەلۇم باشلىقلار، ئۇنىڭ كاتىپى دېگەندەك يانداش پېرسۇناژلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. ئەسەردە ئاباق ئوبرازى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، باشقا پىرسوناژلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ خاراكتېرىنى ئېچىپ بېرىش ۋە تولۇقلاشتا ئۆزىگە تېگىشلىك رەۋىشتە رول ئوينىغان. ئاباق ئەسەردە بارلىق يامان سۈپەتلەرنى ئۆزىگە جۇغلىغان، مەيلى ئاتا – ئانا، مەيلى دوسىت – بۇرادەر، خولۇم خوشنا دېمەيدىغان، ئۆزىدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان، يامان نىيەتلىرى ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان، ئالاھىدە كۈچەپ تىپىكلىككە ئىگە قىلىنغان سەلىبىي ئوبرازدۇر. ئەسەردە ئاباق ئوبرازىدىن باشقا تىپىكرەك پىرسوناژلاردىن يەنە ھەزەر توڭ، سەمەر چوڭ، تۇرنىسالارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئەمما بۇ پىرسوناژلارمۇ يەنىلا ئاباق ئوبرازىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈنلا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، بىز ئەسەردىكى ئاباق باشلىق بىر تۈركۈم كىشىلەردىن يازغۇچىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاشۇنداق بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ سەلىبىي ئوبرازىنى بىر گەۋدە قىلىپ تىپىكلىشتۈرۈپ يارىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئاباق ئوبرازىنى يارىتىشتا، ئاپتۇر يۇقارىقى يانداش پىرسوناژلاردىن باشقا يەنە ئۇنىڭ سۆز – ھەرىكەت تەسۋىرى، پىسخىكا تەسۋىرى، ئۇنى ئىچىگە قويغان مۇھىت تەسۋىرى قاتارلىقلاردىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.

    گەرچە ئەسەردىكى ئاباق ئوبرازى خىلى مۇكەممەل يارىتىلغان بولسىمۇ، بېراق ئەسەردىكى ئوبراز يارىتىشتىكى ئەجەللىك ئاجىزلىق ئاپتۇرنىڭ ئاباق ئوبرازىنى يارىتىشتا ئالاھىدە كۈچەپ، ئۇنىڭغا يانداش سەلىبىي پىرسوناژلارنى كۆپلەپ ياراتقان بىلەن، ئاباقتەك بىر سەلىبىي كۈچكە قارشى قويۇلغان ئادالەت ھامىيلىرىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشقا سەل قارىغانلىقىدا. بىر پۈتۈن ئەسەردە بىز ئاباقنى يامانلىقتىن تىزگىنلەپ تۇرىدىغان، ئۇنى قورقۇتالايدىغان بىر ئالاھىدە كۈچنى ھېس قىلالمايمىز. ھەتتا ئەسەردە يارىتىلغان ئازات ساقچى ئوبرازىمۇ بىزگە ئىشەنچىسز، ئاباققا تەڭ كېلەلمەيدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەسەردە ئاۋامنىڭ قاقشاشلىرىمۇ ئۆزى بىلەن قالغاندەك، ئۇلارنىڭ ئاباققا كۈچى يەتمەيدىغاندەك ھالەتتە بېرىلگەن بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا بارغان چاغدىمۇ ئوقۇرمەندە ئاباقتەك بۇ رەزىل كۈچنىڭ بەربات بولىشىغا ئىشەنچ تىكلەنمەيدۇ. بۇ ئاساسلىقى ئاپتۇرنىڭ ئاباق ئوبرازىنى يارىتىشتا ئۇنىڭغا قارشى قويۇلغان ئوبرازلارغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدىن بولغان. بۇنىڭلىق بىلەن ئەسەرنىڭ مەركىزىي ئىددىيەسى بولغان رەزىللىكنىڭ ھامان ئادالەت تەرىپىدىن بەربات بولىدىغانلىقىدەك ھەقىقەت تازا ئىنىق، جانلىق گەۋدىلەنمەي قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە ئەسەردە ئاباقنىڭ پەقەت بىر يۈزلۈك ئادەم ئىكەنلىكىدىن ئەجەبلىنىمىز. يەنى ئاپتۇر ئۇنىڭ ئاشۇ سەلىبىي بىر تەرىپىگىلا قاراپ قالغان. بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، نە ئاتا – ئانىغا، نە قېرىنداش، نە دوسىت – بۇرادەرگە، ۋە ياكى خوتۇنىغا مېھىر باغلىماسلىقى رېئاللىققا تازا ئۇيغۇن ئەمەس. دېمەك ئەسەردىكى ئوبرازلارنىڭ يارىتىلىشىدا بىر ئاز چىن بولمىغان، ئاجىز تەرەپلەرمۇ ساقلانغان.

    ئومۇمەن ئېيىتقاندا، ئاپتۇرنىڭ بۇ پوۋېسىتى ئۇنىڭ ئۆزگىچە تاۋلانغان تىلىنى، «ھېكايە سۆزلەش» ماھارىتىنى نامايەن قىلغان بىر قېتىملىق سەھنىسى بولۇپ، گەرچە بىز ئۇنىڭ قىسمەن سەۋەنلىكلىرىنى بايقىساقمۇ، ئۇنىڭ بەدئىي تالانتىنى ۋە مۇۋاپپەقىيىتىنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز. ئاخىرىدا مەن ئاپتۇرغا يەنىمۇ زور ئۇتۇق ۋە سالامەتلىك تىلەپ بۇ تېز ۋە تىيىز مۇھاكىمەمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.

     

     

    分享到:

    历史上的今天: