ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-14

    ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم يىل ئاي كۇنلەر - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

    ئۆزمىللىتىنى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى چۈشىنىش ناھايىتى مۇھىم . بىز ئۆز تارىخىمىزنى سۇدەك يادقا بىلەلمىسەكمۇ ، يۈزەكى بولسىمۇ بىر تونۇشقا كېلىپ قالغىنىمىز ياخشى .
     مىلادىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن 

    ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئەجدادلىرى كاۋكاز ئەتراپىدىن سۈرۈلۈپ كېلىپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردە ھازىرقى ئۆزبېكىستان ئەتراپىدا كاڭكىيو خانلىقىنى قۇردى.

    مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە ھۇنلار كۈچىيىپ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە موڭغۇل دالاسىنى ئىستىلا قىلدى.
        ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاتا-بوۋىسى بولغان تۇغلۇقلار شەرقىي ۋە غەربى قىسمغا بۆلۈنگەن بولۇپ ، ئۇلار ئالتۇن تاغ ( ئالتاي تېغى ) نىڭ ئىككى تەرىپىدىكى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئىدى . بۇزېمىننىڭ شەرقى قىسمى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدە ، غەربى قىسمى بولسا بايقال كۆلى بىلەن ئېرتىش دەرياسى ئارلىقىدىكى جايلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .
     مىلادى 4 -ئەسىرلەردە تۇغلۇقلار جەنۇپقا پىيادە يۈرۈش قىلدى . شەرقى تۇغلۇقلار ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدا ، غەربى تۇغلۇقلار تىيانشاننىڭ شىمالىي ۋە غەربى قىسمىدىكى يايلاقلاردا كۆچمەنلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈردى . بۇچاغقا كەلگەندە تۇغلۇقلار دىگەن نامنىڭ ئورنىنى تۇرالار دىگەن نام ئىگەللىدى . شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھارۋىسىنىڭ چاقى ئىگىز بولغانلىقتىن ، ئىگىز قاڭقىللار( ئېگىز ھارۋىلىقلار ) دەپمۇئاتالدى . ئون ئوغۇز دېگەن نام بارلىققا كەلدى . بىرقىسىم قاڭقىللارنىڭ سىلىنگادالاسىدا ياشىدى .
    مىلادىنىڭ 429-يىلى 
    بايقال كۆلى ئەتراپىدىكى ئېگىز قاڭقىللارنىڭ شەرقىي قىسمىدىكىلەردىن نەچچە ئونمىڭ كىشى ۋېي سۇلالىسىگە ئەل بولدى .
     مىلادىنىڭ487-يىلى                                                                              
    ئىگىز قاڭقىلار بوركلى قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاۋۇزلۇ چوڭچىلار ، ئۆزقەۋمىدىن 100مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ ئېگىز قاڭقىلارنىڭ غەربىي شىمالىغا كۆچۈپ بېرىپ ، ئۆز ئالدىغا خانلىق تىكلىدى
    . مىلادىنىڭ 490-508-يىللىرى
    مىلادى 490- يىلى ئاۋۇزلۇ سودىگەر خۇيۇ جېنى شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ پايتەختىگە ئەۋەتىپ ئىككى دانە ئوقيا تەغدىم قىلدى ...

    مىلادى 6-ئەسىردە ئۇيغۇرلار قۇدرەتلىك كۆك تۈرك ئىمپىراتۇرلىقىنى قۇرۇپ شەرقى چېگرىسىنى ھىنگان تاغلىرىغا، جەنۇبى چېگرىسىنى ھىندىقۇش تاغلىرىغا، غەربى چېگرىسىنى كاسپى دېڭىزىغا، شىمالى چېگرىسىنى مۇز ئوكيانغا تۇتاشتۇردى.

    مىلادى 7-ئەسىردە كۆك تۈرك ئىمپىرىيسىى ھازىرقى قۇمۇلدىكى ئاراتۈركنى پاسىل قىلىپ  شەرق ۋە غەرپ ئىككىگە پارچىلاندى. شەرقى تۈرك ئىمپىرىيىسى تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. غەربى تۈرك ئىمپىرىيىسى يۇلتۇز كۆلى(ھازىرقى باغراش كۆلى)نى يازلىق پايتەخت، مىڭبۇلاق(ھازىرقى ئۆزبېكىستاندىكى ئەنجان ئەتراپىدا)نى قىشلىق پايتەخت قىلىپ گۈللىنىش دەۋرىگە كىردى. ئىسلام دىنى سودىگەرلەر ۋە يەككە جاھاد قىلغۇچىلار ئەترىتى سەۋەبىدىن ئاتۇش، ئۈچتۇرپان، ئونسۇ قاتارلىق جايلارغا كىرىشكە باشلىدى.

    840-يىلى قىرغىزلار ئۇرخۇن ۋادسىدىغا ھۇجۇم قىلدى، ئۇيغۇرلار تېرە-پېرەن بولۇپ جەنۇپقا سۈرۈلۈپ بىر بۆلۈكى كۆككۆل(چىڭخەي) ئەتراپىغا چېكىندى. بىر بۆلۈكى ئىدىقۇت ئەتراپىغا چېكىنىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى، يەنە بىر قىسمى تەڭرىتاغ ۋادىسىدا قارا خانىلار سۇلالسىنى قۇردى.


    مىلادىنىڭ 951-يىلى
      ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى كېيىنكى جۇ سۇلالىسى پادىشاھىغا تۇتۇق ئەۋەتىپ ، ئىچكىرى بىلەن بولغان  ئىقتىسادى ، مەدەنىي مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن . كېيىنكى جۇ سۇلالىسى ھۆكىمىتى تەدبىر قوللىنىپ ، ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان خەلق ئوتتۇرسىدىكى سودىنى كەڭ قۇيۇۋەتكەن . ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئاساسلىقى قاش تېشى ، يۇڭ ، تېرە ، دورا - دەرمەكلەرنى ئالتۇن كۆمۈشكە ئالماشتۇرغان .


     مىلادىنىڭ 956-يىلى
      سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۆتتى . ئۇنىڭ جەسىتى ئاتۇشقا دەپنە قىلىندى . ئوغلى بايتاش ( مۇسا بىننى ئابدۇكېرىم ) خانلىققا ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۆزىنى « ئارىسلانخان » دەپ ئاتىدى ۋە قەشقەردە تۇردى . سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 2 - ئوغلى سۇلايمان بالا ساغۇنغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى .
    مىلادىنىڭ 960-يىلى
    200 مىڭ ئۆيلۈك تۈرك خەلقى ئىسلام دىنىغا كىردى . مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم ئارىسلانخان ئسلام دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ جاكارلىدى . 
        مىلادىنىڭ 981-يىلى
    ئىدىقۇت ئۇيغۇر پادىشاھى ئۆزىنى شىجۇدىكى جىيەن شىر ئارسلانخان دەپ ئاتاپ ، موسوۋىنى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتتى . سۇڭ سۇلالىسىمۇ ، جاۋابەن ۋاڭيەندى قاتارلىقلارنى سۇجۇغا ئەۋەتتى . 
     مىلادىنىڭ 982-يىلى
    ۋاڭ يەندى بەشباللىقتا ئۇيغۇر خانى بىلەن كۆرۇشتى . ئىدصقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا تارتۇق تەقدىم قىلدى . 983 - يىلى ۋاڭ يەندى قايتىدىغان چاغدا ، ئىدىقۇت پادىشاھى 100 كىشلىك ئەلچىلەر ئۆمىكىنى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتتى .
     مىلادىنىڭ 990-يىلى
      قارخانىلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بۇغراخان ھەسەن لەشكەر تارتىپ ئىسىپىجان شەھرىنى ئالدى.
     . مىلادىنىڭ 992-يىلى  
    بۇغراخان ھەسەن ماۋرا ئۈنھەرىگە ھۇجۇم قىلىپ سەمەرقەند بىلەن بۇخارانى ئشغال قىلدى . شۇنىڭدىن تارتىپ سامانلار خانلىقى زەئىپلىشىشكە يۈزلەندى .
    مىلادىنىڭ 999-يىلى 
    قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بۇخارانى ئىشغال قىلىپ ئصلىك ناسىرى سامانلار خانىلىقىنى ئۇزۇل -كېسىل يوقاتتى .
     مىلادىنىڭ 1069-1070-يىللىرى
    بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپ « قۇتادقۇ بىلىك » داستانىنى يېزىپ چىقتى .
    مىلادىنىڭ 1072-1074يىللىرى
    قەشقەرلىك مەھمۇت قەشقىرى « تۈركى تىللار دىۋانى » نى يېزىپ چىقتى .
     مىلادىنىڭ 1141-يىلى 
    غەربىي لياۋ لەشكەرلىرى سەمەرقەندنىڭ شىمالىدىكى كاتۋان يايلىقىدا سالجۇقلارنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشتى ، سالجۇقلارنىڭ لەشكەرلىرى يىڭىلىپ قالدى . ماۋرا ئۈنەھرى رايونى لياۋنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن غەربىي قاراخانىيلار سۇلالىسى غەربىي لياۋغا قارام بۇلدى .
      مىلادىنىڭ 1211-يىلى
      نايمانلار خانى كۈچلۈك گورخان غەربىي لياۋ پادىشاھى چورۇقنىڭ خانلىق ئورنىنى تارتىۋالدى. غەربىي لياۋ سۇلالىسى مۇنقەرىز بولدى .
     مىلادىنىڭ 1212-يىلى
    خارەنزىم شاھى مۇھەممەت بىننى مەسئۇد سەمەرقەندنى ئىشغال قىلىپ ، غەربىي قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى ئوسمان بىننى ئىبراھىمنى ئۆلتۈردى . غەربىي قاراخانىلارسۇلالىسى مۇنقەرىز بولدى .
     مىلادىنىڭ 1219-يىلى
    چىڭگىزخان لەشكەر تارتىپ چىقىپ غەرىبكە يۈرۈش قىلدى . قوجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىدىقۇتى تۈمەنمىڭ لەشكەربىلەن چىڭگىزخانغا قوشۇلدى . 
        مىلادىنىڭ 1225-يىلى
      چىڭگىزخان ئۆزى بويسۇندۇرغان جايلارنى ئوغۇللىرىغا تەقسىم قىلىپ بەردى . 2- ئوغلى چاغاتايغا ۋە 3- ئوغلى ئوگدايغا غەربتىكى كەڭ زېمىننى بەردى . 
    قوجۇ ئىدىقۇت مۇڭغۇللارغا ھەممىدىن بۇرۇن قارام بولدى . شۇڭا قۇجۇ رايونى يەنىلا ئۆزىنىڭ قارمىقىدا بولىۋەردى . 
       مىلادىنىڭ 1251-يىلى     
    مۇڭغۇللار بەشباللىق قاتارلىق جايلاردا ئۆلكە دىۋان ۋازارىتى تەسسىس قىلىپ ، غەربىي رايوننىڭ ھەربىي ، مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلارنى تەيىنلىدى . بۇ تارىختا غەربىي رايون بويىچە ھەممىدىن ئەۋزەل تەسسىس قىلىنغان ئۆلكە ۋازارىتى ئىدى .
     مىلادىنىڭ 1274-يىلى   
    يۇەن سۇلالىسى ئودۇن ، يەركەنلەردە 13 سۇلۇق ئۆتەڭ قۇردى ۋە خوتەن قاش تېشى ئىشچىلىرىنى ھاشغا تۇتۇشنى كەچۈرۈم قىلدى .
    مىلادىنىڭ 1275-يىلى 
    چاغاتاينىڭ نەۋرصسى دۇۋا قاتارلىقلار 12 تۈمەن لەشكەر تارتىپ چىقىپ ، قۇجۇنى ئالتە ئايغىچە مۇھاسىرە قىلۋالدى . ماھاسىرە تۈگىگەندىن كېيىن ئىدىقۇت قۇجۇنىڭ جەنۇبىدىكى قۇمۇلدا بوز يەر ئاچتى .
     مىلادىنىڭ 1324-1328-يىللىرى
    ئۇيغۇرلار زىمىنىغا كېيىنكى چاغاتاي خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلدى .
     مىلادىنىڭ 1346-يىلى
     مۇڭغۇل قەبىلىلىرىدىن دوغلات قەبىلىسىنىڭ باشلىقى پىداجى چاغاتاي جەمەتىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈرنى خانلىققا كۆتۈردى ( ئاقسۇدا ).
    مىلادىنىڭ 1370-يىلى 
     چاغاتاي خانلىقى مۇنقەرىز بولدى .
      مىلادىنىڭ 1383-يىلى 
       تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئوغلى قىدىر خوجا بەشباللىقنىڭ چاغاتاي خانىلىقىغا كۆتۈرۈلدى .
     مىلادىنىڭ 1391-يىلى
     قىدىرخان خوجا ئەلچى تەيىنلەپ مىڭ سۇلالىسىگە تارتۇق ئەۋەتتى . مىڭ سۇلالىسى پادىشاھىمۇ ئەلچى تەيىنلەپ قىدىرخان خوجىغا نامە يوللاپ مىڭ سۇلالىسىنىڭ سىياسىتىنى ئىزھالىدى . شۇنىڭدىن كېيىن تاكى مىڭ سۇلالىسىنىڭ يوڭلار يىلىغا قەدەر قىدىر خوجا ھەريىلى دېگۈدەك مىڭ سۇلالىسىغا تارتۇق ئەۋەتتى .
     مىلادىنىڭ1403-يىلى
       قۇمۇل ۋاڭى ئوڭغۇ تۆمۈر مىڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ 4700 ئات تارتۇق قىلدى . مىڭ سۇلالىسىمۇ پۇل قايتۇردى . تارتۇق قىلىنغان ئاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى چىگرا قوغدۇغۇچى ئاتلىق ئاتلىق ئەسكەرلەرگە تارقىتىپ بەردى .
     مىلادىنىڭ 1404-يىلى
       مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قۇمۇل ۋاڭنى ئوڭغۇ تۆمۈرنى ساداقەتلىك ، ئىتائەتمەن دەپ ئاتىدى ھەم ئالتۇن مۆھۈر ئىنھام قىلدى .
    مىلادىنىڭ 1680-يىلى
    17- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جەنۇبى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان خوجىلار « ئاق تاغلىق » « قارا تاغلىق » « ئاق تاقىيە » « قارا تاقىيە » دەپ ئىككگە بۆلۈندى ، ۋە ئۆزئارا ھوقۇق تالاشتى .17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە بۇلار ئوتتۇر سىدىكى زىدىيەرت كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلەشتى . يەركەن خانلىقىنىڭ سۇلتانى ئىسمايىل خان قارا قاغلىقلارنى قوللاپ ، ئاق تاغلىقلار نىڭ غوجىىسىنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقاردى . ئاپئاق دالايلاما ۋە جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان بىلەن كۆرۈشۈپ ، جەنۇبى شىنجاڭ دىكى سەئىدىيە دۆلىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەربىي ياردەم سورىدى . شۇيىلى غالدان قوشۇپ بەرگەن ئەسكەرلەرنى باشلاپ كېلىپ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى . ئاپئاق خوجا جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قورچاق خانى بولدى . بۇ قورچاق خانلىق ھەريىلى جۇڭغارلارغا  100مىڭ سەر كۈمۈش خىراجەت ، 100 مىڭ ئۇلاغ ماتاچەكمەن تۆلىدى.
    مىلادىنىڭ 1696-يىلى
       جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان ئۆلدى . ئۇنىڭ ئورنىغا چىۋان ئاراپتان ۋارىسلىق قىلدى . جەنۇبىي شىنجاڭدىكلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ جۇڭغارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدى .
       مىلادىنىڭ 1700-يىلى
     چىۋان ئاراپتان لەشكەر تارتىپ كېلىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭنى قايتا بويسۇندۇردى ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھۆكىمرانلىق ھوقۇقى ئاق تاغلىقلار قولىدىن قارا تاغلىقلار قولىغا ئۆتتى . جۇڭغار خانى چىۋان ئاراپتان قارا تاغلىقلارنىڭ ئاقساقىلى دانىيال خوجىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خانى قىلىپ تەيىنلەپ ، ھەر يىلى جۇڭغارلارغا ئون تۈمەن كۈمۈش پۇل ئولپان تاپشۇرۇشنى بەلگىلەپ ئىلىغا قايتىپ كەتتى .
     مىلادىنىڭ 1755-يىلى
     چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى جۇڭغار خانلىقىنى يوقىتىپ ، ئۇنىڭ 70 نەچچە يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى .
     مىلادىنىڭ 1759-يىلى
     چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى لەشكەر تارتىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ- چوڭ خوجا ( بۇرھاندىن خوجا ۋە خوجا جاھان ) لارنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتىپ شىنجاڭ رايونىنى يىڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈردى.

    1765- يىلى ئۈچتۇرپان ئۇيغۇرلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈردى، بۇ مەشھۇر جىگدە يېغىلىغى بۇلۇپ چىڭ سۇلالىسى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن بارلىق ئاھالىنى قىرغىن قىلىپ تۈگەتتى.
    1803- يىلى يۈسۈپ خوجىدىن پايدىلىنىپ قوقەنلىكلەر پاراكەندىچىلىك سالدى.
    1820- يىلىدىن 1828 - يىلىغىچە جاھانگىر خوجىنىڭ كۆپ قېتىملىق توپىلاڭى بولدى.
    1845 - يىلى قەشقەردە ئۇيغۇر ۋە قىرغىز دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.
    1847- يىلى يەتتە خوجا توپىلىڭى بولدى.
    1852- يىلى ۋەلىخان تۆرە تۆت قېتىم بېسىپ كىرىپ نۇرغۇن قىرغىنچىلىق قىلغان ۋە جاللاتلىق قىلىپ نەچچە كاللا مۇنارى ياسىغان.
    1854- يىلى قەشقەردە دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.
    1857- يىلى ئاتۇش مىس كان ئىشچىلىرى، مەمتىلى باشچىلىغىدا كۇچار دېھقانلىرى، خوتەننىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلاڭ قىلغان، ۋەلىخان تۆرىمۇ توپىلاڭ كۆتۈرگەن.
    1858- يىلى قەشقەردە بىر قىسىم دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.
    1860 – يىلى يەكەندە، 1862- يىلى خوتەن، كۇچار، بايلاردا قوزغىلاڭ بولغان.
    1864-يىلى راشىدىنخان غوجا كۇچار خەلقنى باشلاپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ كۇچار-ئاقسۇ-كورلا رايونلىرىنى بويسۇندۇردى.
    1864-يىلى ئابدۇراخمان خان غوجا خوتەن خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ خوتەن ۋىلايىتىنى چىڭ سۇلالىسىدىن ئازا دقىلدى، ئۆزى ئۇرۇشتا قۇربان بولۇپ ئاتىسى ھەبىبۇللا ھاجى خوتەن پادىشاھى بولدى.
     
    1865-يىلى غۇلجىدىكى دېھقانلار سادىر پالۋان، ئەلاخان پالۋانلارنى يېتەكچىلىكىدە غۇلجىدىكى چىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ ئىلى ئۇيغۇر سۇلتانلىقىنى تىكلىدى.
    1864- يىلى سىدىق بەگ  قەشقەرنى ئىشغال قىلغان.

    1865-يىلى سىدىقبەگ قىپچاقلارنى باشلاپ قەشقەرنى ئازاد قىلدى ۋە قوقاندىن بۇزرۇكخان غوجىنى قەشقەرگە تەكلىپ قىلدى، بۇزرۇكخان ياقۇپبەگ قاتارلىق ياردەمچىلىرىنى ئېىلپ قەشقەرگە ئورۇنلاشتى. ھەم ئاق تاغلىق خوجىلار بۇزرۇگ خوجا ئۈچۈن ئۇلارنى قوللىدى.


    1866-يىلى ياقۇپبەگ سىدقبەگنى تاغقا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىپ ھاكىمىيەتنى قولىغا كىرگۈزدى ۋە بۈزرۈكخان غوجىنى مەجبۇرى ھەرەمگە ھەج قىلىشقا يولغا سېلىۋېتىپ قەشقەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ قالدى.
    186-يىلى ئۈرۈمچى ئەتراپىغا ئولتۇراقلاشقان شىئەنلىك خۇيزۇلار داۋۇت خەلىپە(تومىڭشۇ)نىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈرۈمچى ئەتراپىنى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىدىن ئازاد قىلدى.

    1867-يىلى ياقۇپبەگ خوتەنگە تاۋاپ باھانىسىدا بېرىپ ھاجى پادىشا ھەبىبۇللاخاننى قەستلەپ ئۆلتۈردى ، يىل ئاخىرىدا راشىدىنخاننى ئۆلتۈرۈپ تەكلىماكان ۋادىسىنى ئاساسەن قولىغا كىرگۈزدى.

    1868-يىلى ياقۇپبەگ ئۈرۈمچى ۋە تۇرپان-قۇمۇلغا يۈرۈش قىلىپ غەلىبە قازاندى، ياقۇپبەگ قوشۇنى بىلەن ئىلى ئۇيغۇر سۇلتانلىقى ماناستا ئۇچرىشىپ سۈلھى تۈزۈپ قايتىشتى.

    1870-يىلى قازاقىستاندىكى تازىبەك قوشۇنى نەچچە مىڭ قازاقنى باشلاپ تۇققۇزاق ئەتراپىغا ماكانلاشتى. ئەلاخان سۇلتان چاررۇسىيەنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ قازاقلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قوشۇلمىدى.

    1870- يىلى چارروسىيە چىڭ سۇلالىسى بىلەن تۈزۈلگەن توختام بويىچە ئىلىغا ھۇجۇم قىلىپ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكتىن ئەلاخان سۇلتان قىرغىنچىلىقنى توختىتىش شەرتى بىلەن تەسلىم بولدى. چاررۇسىيە ئىلى رايونىنى ئىشغال قىلدى.

    1875- يىلى چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنلىرى شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدى. 

    ياقۇپبەگ ئەسلىدىكى يەكەن ياردەمچى ئامبىلى ، ئۆزى خوتەنگە ھاكىم قىلغان مۇناپىق نياز ھېكىمبەگ تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى،  ياقۇپبەگ قوشۇنلىرى تارمار بولدى، ياقۇپبەگنىڭ ئوغلى بەگقۇلى بەگ قەشقەرىيە ئۆلكىسىنىڭ خەزىنىسىنى ئېلىپ قوقانغا قېچىپ كەتتى.  چىڭ سۇلالىسى پۈتۈن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ جەنۇبى شىنجاڭ ۋە ئۈرۈمچى، تۇرپان رايۇنلىرىنى ئىشغال قىلدى.
    1878-يىلى  زوزۇڭتاڭ مەكتۇپ سۇنۇپ شىنجاڭ ئۆلكىسىنى قۇردى.

    1881- يىلى چىڭ سۇلالىسى(قاراخان) چارروسىيە (ئاقخان) غا 70 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر زېمىن ۋە  بەش مىليون 9000 سەر كۆمۈش ئۇرۇش چىقىمى تۆلەپ ئىلىنى قايتۇرىۋالدى.

    1912-يىلى تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى يۈز بەردى، ئەمما ياڭزېڭشىننىڭ ھىلىسىگە ئالدىنىپ ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى.

    1932-يىلى خوجا نىياز قوزغىلىڭى بولدى، تۇرپاندا مەخسۇت مۇھىتى، كۇچاردا ھادى ئەلەم، قەشقەردە ئوسمان قىرغىز، خوتەندە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرالار تەڭلا كۆتىرىلىپ شىنجاڭ ئاساسى جەھەتتىن خوجا نىيازنىڭ قولىغا ئۆتتى.

    1933-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى خوجا نىياز  پىرىزدېنت، ئابدۇسابىت داموللا باش مىنىستىر، ھادى ئەلەم دۆلەت كاتىپى بولغان جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى.

    1934-يىلى 2-ئايدا خوجا نىياز شېڭشىسەي بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ شىنجاڭنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولدى. سوۋېت ئىتىپاقى قوشۇنلىرى ۋە ماخۇسەن قوشۇنلىرى قەشقەرگە كىردى، ئابدۇسابىت داموللام قولغا ئېلىنىپ «جۇمھۇرىيەت» پاچاقلىنىپ كەتتى.

    1944-يىلى غۇلجىدا غەنى باتۇر باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتىرىلدى، 11-ئايدا ئەلىخان تۆرە پىرىزدېنت بولغان جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى ، ئىلى-ئالتاي-چۆچەكتە دۆلەت فوكىسىيىسى يولغا قويۇلدى.

    1945-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى، 11 بېتىم ئىمزالىنىپ ئۇرۇش توختىتىلدى. ئەخمەتجان قاسىمى مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولدى.

    1949-يىلى ئەخمەتجان قاسىمى بېيجىڭغا يىغىنغا ماڭغاندا ئايرۇپىلان ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلدى. گېنىرال تاۋسىيۆ ۋە رەئىس بۇرھان شەھىدى تېنچلىق بىلەن ھەقىقەتكە قايتتى. ئازادلىق ئارمىيە شىنجاڭغا كىرىپ ئورۇنلاشتى . شىنجاڭ   ئازاد بولدى.

    1956-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلۇپ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئۇرۇش كۈنلىرىگە خاتىمە بېرىلدى.

     

    مەنبە: ئوكيان تورى

    分享到: