ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-17

    يېڭى كىتابلار ئۇچۇرى (2010-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى) - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]

     

        ئەدەبىيات – سەنئەت، تارىخ، مەدەنىيەت تەتقىقاتى توغرىسىدىكى كىتابلار

     

    1) ئەنىۋەر سەمەد قورغان : «ئۇيغۇرلاردا نەسەبنامە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2010-6، 20.00

    2) ۋ.ۋ بارتولى : «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر توغرىسىدا -  12 لىكسىيە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2010-6، 28.00

    3) مۇزەپپەر ئابدۇللايىۋ : «ئازادلىق جەڭچىسى رىزۋانگۈل»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2010-6، 18.00

    4) سوپاخۇن سۈۋۈرۈف : «مەن كەچكەن كېچىكلەر»(ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى توغرىسىدا تارىخىي ئەسلىمە)، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2010-8، 38.00

    5) نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۈچقۇن : «روھىيەتنىڭ قاتلىرىنى ۋاراقلاپ»، ئىككى نەشرىيات، 2009-12، 25.00

    6) ئابدۇبەسىر شۈكۈرى : «ئەدەبىياتىمىز نېمە دەيدۇ»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2010-6، 15.00

    7) يىپەك يولىىدىكى سەيياھلار خاتىرىسى يۈرۈشلۈك كىتابلىرى:

    مارىك ئاۋرىل سىتەيىن : «خوتەن بوستانلىقىغا قايتىش»(30.00 يۈەن)، «لوپنۇر قۇملىقىدىن دۈنخۇاڭغىچە» (40.00 يۈەن)، «نىيە خارابىسىنى تەكشۈرۈش» (35.00 يۈەن)، «كرورانغا سەپەر»(38.00 يۈەن)، «تەكلىماكاندىن ئۆتۈش»(37.00 يۈەن)، بۇ بىر يۈرۈش كىتابلار شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2009-يىلى 12-ئايدىن 2010-يىلى 7-ئايغىچە نەشىر قىلىنغان.

    8) ئار بورت خۇببارد(ئامېرىكا) : «گارسىياغا يېزىلغان خەت»، شىنجاڭ سەھىيە نەشرىياتى ، 2010-5، 22.00

     

    رومان، ھېكايە، پوۋېسىتلار توپلاملىرى

     

    1. تۇرسۇن مەھمۇت : «گۇگۇم» (رومان)،           مىللەتلەر نەشرىياتى،        2010-7 ،                25.00

    2. تۇرسۇنجان مۇھەممەت : «كۈز يامغۇرى» (رومان)،     شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى،        2010-6 ،      42.00

    3. تۇرسۇنجان مۇھەممەت : «جەزىرە» (رومان)،     شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،        2009-7 ،           36.00

    4. تۇرسۇنجان مۇھەممەت : «ۋىجدان كۆزى» (پوۋېستلار)، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى،     2009-12 ،       22.00

    5. ياقۇپ ئىسمائىل پىدا : «گۈلدۇرماما» (رومان)،     شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،        2009-12 ،           30.00

    6. تۇردى مۇھەممەد سەئىدى : «بالدۇر توزىغان غۇنچە» (رومان)، ئىككى نەشرىيات،        2009-12               

    7. زۇلپىيە كۆلتېگىن : «جانان كوچىسىدىكى ئىشلار» (ھېكايىلەر توپلىمى)، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى  2010-6،        41.00

    8. گۈلباھار ناسىر : «سۆيۈلمىگەن قارا كۆزلەر»(رومان)،  شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى، 2009-12،                   23.00

    9. «ئەرەب پىروزىسى» (ئەرەب ئەدەبىياتىدىن تاللانما)، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2010.6، 15.00

     

     

    1)    مامۇت زايىت : «دىدار غەنىمەت»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2009-12، 12.00 يۈەن

    2)    مۇھەممەتجان راشىدىن : «جاھان دېگەن يارالغان شۇنداق»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2009-1،     15.00 يۈەن

    3)     مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائى : «مەشرەپ»، مىللەتلەر نەشرىياتى،    2009-12،    15.00 يۈەن

     

    10-ئايلىق كىتاب ئۇچۇرلىرىم تامام.

    كېلەركى نۆۋەت يۇقارقىدىن سىرىت يېڭى تارقىتىلغان كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى يوللايمەن. ھە راسىت، بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى، دەرسلىك كىتابلار ماسلاشتۇرما كىتابلىرى، روھى ساغلاملىق، ساغلاملىققا ئائىت نەشىر قىلىنىۋاتقان كىتابلار بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا ئۇلارنى يوللىماسلىقنى ئويلاشتىم.

    شېئىرلار توپلاملىرى :

    ئەدەبىيات – سەنئەت، تارىخ، مەدەنىيەت تەتقىقاتى توغرىسىدىكى كىتابلار ۋە ئەسكەرتىش : ئالدىنقى ھەپتە كىتابخانا ئارىلاپ قايتىپ كىلىپ، تورغا ئۆزۈم دىققەت قىلغان بىر قىسىم يېڭى كىتابلار ھەققىدىكى ئۇچۇرنى بىلوگىمغا ۋە چوغلان، كۆيۈكتاغ مۇنبەرلىرىگە قويغاندىن كېيىن كۆپچىلىك تورداشلارنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسى ياخشى بولدى. ئۇلارنىڭ ئارىىسىدا بەزىلىرى باشقا بەزى يېڭى كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنىمۇ سوراشتى. ئۈرۈمچىدەك رايۇنىمىزنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئۇچۇر مەركىزىدە يۈرۈپ، باشقا يۇرتلاردىكى ياكى خىزمەت بىلەن ئالدراش كىتابخانىغا بارغۇسى بولسىمۇ بېرىشقا ۋاقتى يەتمەيۋاتقان تورداش قىرىنداشلىرىمىزغا نىسبەتەن بۇ خىل يېڭى كىتابلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرنىڭ تولىمۇ قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم. بۇ خىل تېمىنى قارارلىق قىلىپ ئايدا بىرەر مەرتەم يوللاپ تۇرۇشنى ئويلىدىم. شۇڭلاشقا قايتا كىتابخانىغا بارغان پۇرسەتلىرىمدە بەزى يېڭى كىتابلارنى تۈرى، ئاپتۇرى، باھاسى، نەشىر قىلىنغان ۋاقتى، نەشرىيات دېگەندەك ئۇچۇرلىرى بىلەن خاتىرلىۋالدىم. تۆۋەندە يېقىنقى بىر مەزگىلدە نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان بەزى يېڭى كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. بۇلار ئەلۋەتتە ھەممە يېڭى كىتابلارنىڭ تىزىملىكى ئەمەس بەزى يېڭى كىتابلار دىققىتىمدىن سىرىتتا قالغان بولىشى، بەزىلىرى مەن بارغان كىتابخانىدا يوق بولىشى، يەنە بەزىلىرىنى بولسا خاتىرلىۋېلىشقا ئېرىنگەنلىكىمدىن چۈشۈپ قالغان بولىشى مۇمكىن. قېنى بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ. بۇلارنى بىر قانچە تۈرگە ئايرىپ قويدۇم ۋە شۇ تۈرلەر بويىچە تورغا يوللىدىم.

    رومان، ھېكايە، پوۋېسىتلار توپلاملىرى، شېئىرلار توپلاملىرى

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • بۇ ئىشىڭلار تولىمۇ ياخشى بوپتۇ ئاداش، كىتاپخانىغا بارالماي قالساقمۇ بۇ يەردىن نېمە يېڭىلىقلار بارلىقىنى كۆرۈپ تۇرغۇدەكمىز.
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复تۆت تادۇ说:
    ھا ھا، ھېلىمۇ بوسۇغاڭلىدىلا كىتابخانا بار ئاداش. ئالدراشلىقتا تېمىغا ئۈسسۈپ تاشلىماي ماڭارسىلە ئەمسە... ھا ھاھا...
    2010-10-18 00:17:21