ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-20

    ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىلىرى (8) - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

     نۇرغۇن سىياسىيون ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇستاتلىققا ئامراق ئادەملەر ئۆزلىرىنى جەمئيەت مۇتەخەسىسلىرىدەك ھېس قىلىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا قالتىس تۇيۇلۇپ كېتىۋاتقان قاراشلىرى ئادەتلەنگەن تونۇشىنىڭ مەھسۇلى . جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى ، فرانسىيىلىك مۇتەپەككۇر ئېمىل دۇركىم بۇنى «تەييار بىلىم» (Immediate Knowledge) دەپ ئاتايدۇ . ئېمىل دۇركىم تەييار بىلىمنىڭ ئىشەنچىسىز ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ : «بۇنداق تونۇشلار شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە بىزگە ھېچنېمە دەپ بېرەلمەيدۇ . چۈنكى ئۇلار ئادەتتىكى كەچۈرمىش جەريانىدا ئېرىشىلگەن تونۇش بولۇپ ، بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى بىز ياشاۋاتقان دۇنياغا ماسلاشتۇرۇش رولىنىلا ئوينايدۇ . بىزنى ئاخىرقى ھېسابتا بىر تەرەپلىمە قاراشقا ، ھېسسىي ھۆكۈملەرگە ، ئۆتكۈنچى تەسىراتلارغا ، ئەڭ ئاخىرىدا تېڭىرقاشقا ئاپىرىدۇ»(ئېمىل دۇركىم ، 62 - 60 : 1982) . مىسالەن ئېيىتساق ، ئۇيغۇرلاردا ھازىر ئادەتلەنگەن تونۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ، تامامەن ئىككى قۇتۇپقا چىقىپ كەتكەن ئىككى خىل قاراش بار . بىرى ، «ئۇيغۇرلار تارىختىن بېرى شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ، بۈيۈك نەتىجىلەرنى ياراتقان خەلق» دېگەن تونۇش . يەنە بىرى ، «ئۇيغۇرلار تۈگەشتى» دېگەن تونۇش . بىرىنچى خىل تونۇش تالاي ئۈمىدۋار ئۇيغۇرلارغا خوشياقىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار قاراخانلار خانلىقى ، سەئىدىيە خانلىقى قاتارلىق دەۋرلەردە ھەقىقەتەن پارلاق نەتىجىلەرنى ، شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان بولسىمۇ ، سەئىدىيە خانلىقى مۇنقەرز بولغان 300 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئىزچىل كەينىگە چېكىنگەن . 20 - ئەسىرنىڭ مۇئەييەن باسقۇچلىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن يەنە ئۇيغۇرلاردا ئويغىنىش ، ئۆزىنى تونۇش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن . شۇڭا «ئۇيغۇرلار تارىختىن بېرى شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ، بۈيۈك نەتىجىلەرنى ياراتقان» دېگەن تونۇش مەدەنىيەت چەمبىرىكى ۋە تەييار بىلىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ ، ئىلمىي مېتودلار بىلەن تەكشۈرسەك نۇرغۇن شۈبھە ۋە سوئالغا سەۋەبچى بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خېلى بىر تۈركۈم چۈشكۈن ئۇيغۇر ئارىسىدا مودا بولۇۋاتقان «ئۇيغۇرلار تۈگەشتى» دېگەن تونۇشقا كەلسەك ، بۇمۇ ئادەتلەنگەن تونۇشنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ، ئىلمىيلىكى يوق . ئۇيغۇرلار نى - نى سىياسىي بوران - چاپقۇن ، نى - نى كرىزىسنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ، مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن . بىز مىللەت جەمئىيەتشۇناسلىقى مېتودلىرى بىلەن تەكشۈرسەك ، بۇ خىل تونۇشنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز . ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتىدا بۇ خىلدىكى ھېسسىي ھۆكۈم ۋە ئادەتلەنگەن تونۇشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم ؛ ئىلمىي بىلىش ئادەتلەنگەن تونۇشنىڭ ئورنىنى ئېلىشى كېرەك .

         ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختالغاندا نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان يەنە بىر پاكىت شۇكى ، ئىجتىمائىي پەننىڭ تەرەققىياتى ھەر ۋاقىت بىر جەمئىيەتتىكى ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ . ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشى مۇئەييەن غايە - نىشانلار ئۈچۈن قىممەت قارىشى پەيدا قىلىشقا تىرىشىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئىلمىي تونۇشتا لازىم بولىدىغان سۈزۈك ئەقىل ، تەسەۋۋۇرغا پەردە تارتىلىدۇ . ئۇيغۇرلاردا ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ تەرەققىي قىلالماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىمۇ شۇ . ئىدېئولوگىيە ، ئىجتىمائىي كونترول ئىلمىي ئاكادېمىيە ئىشلىرىغا ئارىلاشقاندا ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ مۆلچەرلىگۈسىز بولىدۇ . ئىدېئولوگلار مۇئەييەن بىر مەقسەتكە يېتىش ، مەۋجۇد شارائىتنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن شەيئىلەرنىڭ سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەن بىر مەسلەك ياكى بىرلا نۇقتىغا باغلاپ قويىدۇ . جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا بۇنداق ئىدېئولوگىيىلىك پىكىر قىلىش جەريانى (Ideological Thinking) «خۇشياقىدىغان پىكىر» (Wishful Thinking) نى ئىزدەش جەريانى بولۇپ ، ئۇنى بىلىشنىڭ كۈشەندىسى دېيىشكە بولىدۇ .

    5 . خۇلاسە ئورنىدا : نېمە قىلالىشىمىز مۇمكىن ؟

         ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىدىكى مەسىلىلەر ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلدى . بۈگۈن بىزنىڭ شاھىت بولۇۋاتقىنىمىز زىيالىيلىرىدىن تارتىپ ئوقۇغۇچىلىرىغىچە ئاساسەن دېگۈدەك چوڭقۇر يېزىلغان ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئوقۇمايدىغان ، ئىلىم ساختىپەزلىكى نومۇسلۇق ئىش ھېسابلانمايدىغان ، ئىلىم تەتقىقاتىنىڭ كۇرسى چۈشكەن ، ئوقۇرمەن كرىزىسى ئەۋج ئالغان ئېچىنىشلىق بىر رېئاللىقتۇر . بۇ خىل بىنورمال رېئاللىقنىڭ باش كۆتۈرۈشىدە ئىلىم ژۇرناللىرىنىڭ باش مۇھەررىرلىرىدىن تارتىپ نەشرىياتلارغىچە ، پروفېسسورلاردىن ماگىستىرلارغىچە ، ئۇنۋان باھالىغۇچىلاردىن تارتىپ ئۇنۋان كويىدا ئىلىم ئەخلاقىنى تامام ئۇنتۇغان ساختا تەتقىقاتچىلارغىچە . . . ھەممىلا ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار . بىز كۆرۈۋاتقان بۇ رېئاللىقتا ھېسسىي يازما ، ماغزاپ يازما ، ساختا يازما يامراپ كەتكەن بىر يازما خارابىلىكى كۆزگە تاشلىنىدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇ دېگەنلىك ئىنتايىن ئاز ساندىكى سۈپەتلىك ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى چەتكە قاققانلىق ئەمەس . سۈپەتلىك ئىلمىي ئەسەرلەر تېخىمۇ جىق بولۇشى كېرەك ئىدى . مېنىڭ نەزەرىمدە ، ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرناللىرىدا ئىلىم چىرىكلىكى ۋە چاكىنىلىقىغا يول قويۇۋاتقانلار ، ئىلىم تەتقىقاتىنى ئويۇن ئورنىدا كۆرۈۋاتقانلار مىللەتنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتىنىڭ دات بېسىشىغا يول قويۇۋاتقانلاردۇر ؛ توغرىراقى ، ئەۋلادلىرىمىزغا سېسىق ، پور ئالما بېسىپ كەتكەن سىۋەت كەبىي خارابىلىشىۋاتقان «ئىلىم سۇپىسى» نى تەييارلاۋاتقانلاردۇر . بۇنداقلارنى ئىلىمنىڭ قاتىللىرى ، مىللەت ئەقلىنىڭ گۆركارلىرى دېمەي ئامال يوق .

        تۈزۈلمىدىكى ، ئىجتىمائىي سىستېمىلاردىكى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويغانغا ھەل بولمايدۇ . سەۋەبى ، مەسىلىنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر يەردە . ئۇنداقتا بىز ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرىدە ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالىشىمىز مۇمكىن ؟ مەن ماكرولۇق كونترول ، تۈزۈلمىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ناھايىتى ئۈمىدسىز بولساممۇ ، نۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىزدا شەخسنىڭ كۈچى ، ھەمكارلىقنىڭ قۇدرىتىنى ئاددىي چاغلىمايمەن ؛ خەلقىمىزدە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ؛ تالانتلىق ۋە مەسئۇلىيەتچان زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئاز بولسىمۇ مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى ئويلاپ روھلىنىمەن . دېمەك ، ئۈمىد بار دېگەن گەپ . ئەڭ مۇھىمى ، ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدە دۆۋىلىنىپ كەتكەن مەسىلىلەرنى ھېس قىلىۋاتقان ئادەم يالغۇز مەنلا ئەمەس . ئاز ساندىكى مەسئۇلىيەتچان مۇھەررىر ، نەشرىياتچى زىيالىيلىرىمىز ، ھوشيار ئوقۇرمەنلىرىمىز مەسىلىنى ھېس قىلىپ تۇرۇشقان ، ئۇلار بىز بىلەن بىر سەپتە . 1980 - يىللارنىڭ بېشىدا ئۈزۈلمەس سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ تەسىرىدە شوئارۋازلىق ۋابادەك يامرىغان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ 30 يىل ئۆتكەندە بۈگۈنكىدەك يۈكسىلىشىنى كىم ئويلىغان؟ باتۇر روزى ، ئابدۇقادىر جالالىددىن ، ئەزىزىي ، ئەركىن ئىبراھىم قاتارلىق يېڭى شېئىرىيەت باشلامچىلىرى قوزغىغان يېڭى پىكىر ھەرىكىتىنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار شېئىرىيىتىدە تۇتقان رولى زور بولۇپ كەلدى . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئابلىمىت سادىق باش مۇھەررىرلىكىنى قىلغان ۋاقىتتىكى «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ ، ئەكبەر ھۈسەيىن باش مۇھەررىرلىكىنى قىلغان چاغدىكى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ ، 25 يىلدىن بۇيان قۇربان مامۇتنىڭ باش مۇھەررىرلىكى ۋە كېيىن ئىجرائىيە مۇئاۋىن باش مۇھەررىرلىكىدە چىقىۋاتقان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ ۋە 2005 - يىلىغىچە ئارىلىقتا چىققان «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا ، پىكرىي قۇۋۋىتىنى ئۆستۈرۈشىدە ۋە بىلىش تارىخىدا كۆرسەتكەن تۆھپىسى زور بولدى . دېمەك ، كۆيىدىغان يۈرەك ، دەۋر ئالدىدىكى بۇرچكارلىق بولسىلا ، قەلبلەرنى ماددىيلىقنىڭ كۈيىلىرى يەپ تۈگەتمىگەن بولسىلا ، ئىلىم ساھەيىمىزدە قىلغىلى بولىدىغان ئىش جىق ؛ ئىمكانىيەتلەر پۈتۈنلەي ئېتىلىپ كەتكىنى يوق .

         مەن ماقالىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە پەن ئوبيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ، پەن سۇبيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە پەن كونتېكستىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ئىپادىلىرىنى تەھلىل قىلدىم . بۇنىڭ ئىچىدە پەن كونتېكستىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ھازىرچە بىزنىڭ قۇربىتىمىز يەتمەيدۇ . تىرىشساق ، ئىمكانىيەتلەرنى سەپەرۋەر قىلساق ، پەن سۇبيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مەسىلە يېقىنقى 10 - 20 يىل ئىچىدە ھەل بولۇشى مۇمكىن . پەن سۇبيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەل بولسا ، تەبىئىي يوسۇندا پەن ئوبيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەرمۇ ھەل بولىدۇ دەپ ئويلايمەن . بۇ دېگەنلىك ئىلىم ئەھلى ئۆزىگە ، نەشرىياتچى ۋە مۇھەررىر ئىلمىي ئۆتكەلگە تەلەپنى قاتتىق قويسا ، پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان تالانتلىق ياشلىرىمىز بولسا ، ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت ساھەسىدىكى مەسىلىلەر ئاستا بولسىمۇ ، قىسمەن دائىرىدە بولسىمۇ ھەل بولىدۇ دېگەنلىكتۇر . تۆۋەندە تىرىشساق پۈتۈنلەي قىلغىلى بولىدىغان ، ئىمكانىيەتلىرىمىز يار بېرىدىغان ئىشلارنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن .

    1 . ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ نەزەرىيە ، مېتودولوگىيە قۇرۇلۇشىنى لايىھىلەش .

         تۇنجى قەدەمدە قىلىدىغان مۇھىم ئىش سۈپىتىدە يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئەدەبىياتشۇناسلىق ، جەمئىيەتشۇناسلىق ، ئىنسانشۇناسلىق ، پسىخولوگىيە ، سىياسىيشۇناسلىق ، ئېتىكا ، ئېستېتىكا ، ئىقتىسادشۇناسلىق ساھەلىرىدە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئالىملار يازغان نەزەرىيەگە ، مېتودولوگىيىگە ئائىت كلاسسىك كىتابلارنى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇش ۋە بۇ پەنلەرنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك يېزىلغان كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش لازىم . سەۋەبى ، نەزەرىيە ۋە مېتودولوگىيە ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ جېنى . ئەڭ قىزىقارلىق يېرى ، بىزدە ئەدەبىيات ، مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ساھەلىرىدە ئاسپىرانت تەربىيىلەش ئورۇنلىرى ۋە خېلى كۆپ زىيالىينىڭ بولۇشىغا قارىماي ، ھەتتا نوپۇزلۇق ئاپتورلار تەرىپىدىن يېزىلغان ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ، ئىنسانشۇناسلىق نەزەرىيىسى كىتابلىرى ۋە مېتودولوگىيىگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارمۇ تېخى تەرجىمە قىلىپ نەشرگە ئورۇنلاشتۇرۇلمىدى .

    2 . كىتاب سودىگەرلىرى ئىلمىي ئەسەرنىڭ قىممىتىنى تونۇش .

         ھازىر «مورتوم» ، «غالىبىيەت» ، «ئىزچىلار» ، قاتارلىق شىركەتلەر ۋە شەخسىي كىتابچىلاردىن ئەركىن ئىبراھىم ، ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ، ئىمىنجان سەيدىن ، ئېلى توختى ، ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان قاتارلىق تىجارەتچىلەر كىتاب سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ . بۇ ، ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىغان ئەھۋال . بىز بۇ كىتابچىلارنى قوللىشىمىز ، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تارىخ ئالدىدىكى بۇرچىنى تونۇشى لازىم . بۇنداق دېيىشىمدە سەۋەب شۇكى ، ھازىر نەشرىياتلار تراژنىڭ كەملىكىدىن سۈپەتلىك ئىلمىي ئەسەرلەر بولسىمۇ نەشر قىلماس بولۇۋالدى . مەن شەخسىي كىتابچىلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت ساھەلىرىدىكى سۈپەتلىك ئىلمىي ئەسەرلەرگە ئايانماي مەبلەغ سېلىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن . ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق قىلالىسا، بۇ ، ئۇيغۇرنىڭ 21 - ئەسىر ئىدىيە تارىخىغا ئورنايدىغان كاتتا بىر تۆھپە بولىدۇ . ئالايلۇق ، يالقۇن روزى ئەينى ۋاقىتتا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋە ئەسەد سۇلايماننىڭ ئەسەرلىرىنى دادىللىق بىلەن نەشرگە تەييارلىمىغان بولسا ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋە ئەسەد سۇلايمان ئەسەرلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئىلىمگە ھېرىسمەن ئۇيغۇر ياشلىرىغا بۇ دەرىجىدە تەسىر قىلالارمىدى؟ ئەلۋەتتە ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىتابچىلىرىمىزمۇ ھازىرغىچە نۇرغۇن ياخشى كىتابنى چىقاردى ھەم بىر قىسىم قىممىتى يوق كىتابلارنىمۇ نەشر قىلدۇردى . بىر كىتابچى نوقۇل پايدىنىلا كۆزلىسە ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىڭ بىر مىللەتنىڭ بىلىش تارىخىدىكى رولىغا سەل قارىسا ، كەلگۈسىدە خۇددى پۇل تېپىپ خەلققە پايدىسى تەگمىگەن خەسس بايلاردەك ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ . بىز مۇسابايېفلار جەمەتىنى نېمىشقا ھازىرغىچە ئەسلەيمىز؟

    -داۋامى بار

    分享到: