ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-31

    بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىدا ۋەكىل خاراكتېرلىك ئاز سانلىق مىللەت ئايال يازغۇچىلار (4) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

        يۇقىرىدا ئاساسەن شىنجاڭدا ياشىغۇچى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئايال يازغۇچىلار ھەم ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت نەتىجىلىرى ، بىر قىسىم ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرىنى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتۇق. بۈگۈنكى دەۋر ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتىدىكى بىر پۈتۈن ئايال يازغۇچىلار ئىجادىيەت قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 70-80-يىللاردىكى ئايال يازغۇچىلار ئاساسەن بىر خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن جەمئىيەتكە ۋە كىشىلىك ھاياتقا يۈزلەندى. ئۇلار كەسكىن ۋە ئەستايىدىل پوزىتسىيە، ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەش روھى بىلەن رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دەۋر، مىللەت ۋە كىشىلىك ھاياتقا بولغان مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، كەڭ جامائەتچىلىك ئىچىدە خېلى زور ئابرويغا ئېرىشتى . گەرچە ئۇنداق ياكى بۇنداق كامچىلىقلاردىن خالىي بولالمىغان بولسىمۇ ، نەتىجە ئاساسلىق ئورۇندا تۇردى .

        80-يىللارنىڭ كېيىنكى يىللىرىدىن باشلاپ ، ئايال يازغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسى، قىممەت قارىشى، تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرگە بولغان قارىشىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى. ئۇلار كىشىلىك ھاياتنى چىن ۋە تەسىرلىك بايان قىلىش ئۈچۈن، ئىنسان تەبىئىتىگە ئەھمىيەت بەردى. ئادەمنىڭ پسىخىك تەلىپى ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلدى. ئۇلار پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن قېزىشقا يۈزلەندى. ئۇلار ھازىرقى ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى يېڭىچە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوللاندى. ئەمما پۈتۈن ئىجادىيەت ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يازغۇچىلارنىڭ ئىدىيە پەرقى، سەۋىيە پەرقى يانىلا مەۋجۇت. بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىدا ۋەكىل خاراكتېرلىك، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئايال يازغۇچىلاركۆپلەپ مەيدانغا كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇلار يەنىلا ناھايىتى ئاز سانلىق بولۇپ، كۆپ سانلىق يازغۇچىلار يەنىلا كونا ئىدىيە، كونا مۇقاملارنىڭ بوغۇپ تۇرۇشىدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ. شۇڭا، ياخشى ئەسەرلەر يەنىلا ناھايىتى ئاز. بىزنىڭچە، ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئايال يازغۇچىلار تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك:

        1. بىلىم قۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىش كېرەك

        ئايال يازغۇچىلار كەڭ كىتابخانلارنىڭ تەلىپىگە لايىق ، بەدىئىيلىكى يۇقىرى ، تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك بولغان ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇشقا ،يۇقىرى كۆتىرىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۇلار يېڭى بىلىم، يېڭى ئىدىيىلەر بىلەن ئۆزىنى بېيىتىش كېرەك. تەجرىبىلەر ئىسپاتلىدىكى، پەقەت تۇرمۇشقا تايىنىپ ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش كۇپايە قىلمايدۇ. چوڭقۇر بىلىم، يېڭى ئىدىيە، بەلگىلىك بەدىئىي دىت بولمىسا، ياخشى ئەسەر ياراتقىلى بولمايدۇ. بىلىم ئادەمنىڭ ئىدىيىسىنى بېيىتىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاددىيلىق ئىچىگە چۆكۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بىزنىڭ بىر قىسىم، مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتتۈرگەن مەسىلىلەر، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى، تۇرمۇشقا ۋە ھاياتقا، ئادەملەرگە بولغان تونۇشى، چۈشىنىشى بەلگىلىك چوڭقۇرلۇققا ئىگە بولغاچقا، تەپەككۇرىمىزنى ئويغىتىدۇ ۋە قوزغايدۇ.

        2. تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىشى، كونا رامكىلارنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك

        قاتماللىشىپ قالغان تەپەككۇر يازغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشنى، كىشىلىك ھاياتنى ۋە ئادەملەرنى كۆپ نۇقتىدىن كۈزىتىشىنى، مۇلاھىزە قىلىشنى چەكلەپ قويىدۇ ۋە توسالغۇ بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يازغۇچىلار ئۆزىدىكى چەكلىمىلەرنى ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ. ھەمىشە كونا ئەندىزىلەردىن قۇتۇلالماي، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا كونا سەنەمگە دەسسەيدۇ. ئىنسان خاراكتېرىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى ئېچىپ بېرەلمەيدۇ. مانا بۇ يازغۇچىلاردىكى ئادەتلىنىپ قالغان كونا تەپەككۇر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يازغۇچىنىڭ ئىدىيىسى ئەكس ئەتتۈرمەكچى بولغان ۋەقەلىك ۋە پېرسۇناژنى كونترول قىلىۋالماسلىق كېرەك. بەلكى ۋەقەلىك ۋە پېرسۇناژ يازغۇچىنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىدىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك.

        گەرچە پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن قۇرۇلما ئىككى خىل چۈشەنچە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇقەررەرلىك مۇناسىۋىتى مەۋجۇت. پىكىر يۈرگۈزۈشتە يېڭىلىق بولسا، قۇرۇلمىدىمۇ يېڭى بۆسۈش بولىدۇ. بەزى ئايال يازغۇچىلارنىڭ ئەكس ئەتتۈرمەكچى بولغان تېمىسى يېڭى، ئەھمىيىتىمۇ خېلى چوڭقۇر. ئەمما، ئۇلار يەنىلا كونا پىكىر قىلىش ئۇسۇلىدىن قۇتۇلالمىغاچقا، ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچى يەنىلا تۆۋەن. ، يەنىلا كونا رامكىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۆز ئەسىرىدىكى پېرسۇناژلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە ئاجىزلىقلىرىنى ئۆز ئەينى ئىپادىلەپ بەرمەي ياساپ، تۈزەپ، پەردازلاپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق زورۇقۇش بىھۇدە ئاۋارىچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. كىتابخاننىڭ ھەقىقىي قىزىقىدىغىنى ئىنسان تەبىئىتى.

        3. تىلدىكى خاسلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

        تىلدىكى خاسلىق يازغۇچىغا، يازغۇچى ئىجادىيىتىگە باغلىق بولىدۇ. تىلدىكى خاسلىق ئارقىلىق، بىر پۈتۈن ئىجادىيەت ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، يەنە يازغۇچى روھىنى كۆرگىلى، كىتابخانلارغا ئىستېتىك زوق بېغىشلايدىغان ئىستېتىك ۋاسىتىلەرنى ئۇچراتقىلى، قىزىقارلىق، يېڭى ۋەقەلەر ئارىسىغا كىرگىلى ۋە ھەر بىر يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىنى، تىرىشچانلىقىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. يەنى تىلدىكى خاسلىق ئارقىلىق يازغۇچىنىڭ مەقسىتى، يازغۇچىنىڭ روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەسەر مەزمۇنىنى، ئىدىيىسىنى چۈشىنىپ يەتكىلى ھەم يازغۇچى بىلەن يازغۇچى، ئەسەر بىلەن ئەسەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىندىۋىدۇئاللىقنى ، پەرقنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. مەلۇم ئەسەر تىلىنىڭ جانلىق، يېڭى ئوبرازلىق، قىزىقارلىق، كۆپ مەنىلىك، چوڭقۇر بولۇشى، شۇ ئەسەر تىلىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە گۈزەللىككە، تەسىر قىلىش قۇۋۋىتىگە تويۇنۇپ، كىتابخانلار كۆڭلىگە ياققىدەك خاسلىق شەكىللەندۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۆۋەتتە، ئىجادىيىتىمىزدە تىلدىكى خاسلىققا ئەھمىيەت بېرىشتە بوشلۇقلار خېلىلا كۆپ. شۇڭا، يازغۇچىلار تەسەۋۋۇرغا باي بولۇشى، تىلدىن ئىجادىي، ئۆزگىچە پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك.

        پايدىلانغان ماتېرىياللار:

        1. ئازات سۇلتان:«بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىل نەشرى.

        2. «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرى.

        3. «تەڭرىتاغ»،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»،«قەشقەر ئەدەبىياتى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرى.

        4. ئېركەش قۇرمانبېك永生羊» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 1-ئاي 1-نەشرى.

        5. «قەشقەردىكى يەر شارى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 12-ئاي 1-نەشرى

       تامام 

    گۈلشەن بەسىر

    مەنبە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 2003يىل 4 -سان


    收藏到:Del.icio.us