مايلاپ داۋالاش(تەدىھىن قىلىپ داۋالاش)

2012-يىل 13-ماي2,8630

تەدىھىن - مايلار بىلەن بەدەننى مايلاپ داۋالاش ئۇسۇلىنى كۆرسىىتدۇ.

1. داۋالاش ئۇسۇلى

بىمار بارلىق كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ تېمپېراتورىسى ℃60-℃70 ئەتىراپىدىكى ئىسسىق ئۆيگە كىرىپ، تەر چىقىشقا باشلىغان چاغدا مۇۋاپىق مايلارنى بوغۇملارغا ۋە كېسەللەنگەن ئورۇنغا سۇرتۈپ، يەرلىك ئورۇن ئۇۋىلاپ ماي بەدەنگە سىڭدۈرىلىدۇ ياكى TDPبىلەن داۋالاش ئورنىغا ماي سۈرتۈلۈپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ ماي سىڭدۈرىلىدۇ، 20 مىنۇت ئەتراپىدا داۋالىنىدۇ.

2. تەدىھىن قىلىپ داۋالاشنىڭ رولى

1) قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ ماددا ئالمىىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئىسسىق ئۆيدە ئومۇمىي بەدەنگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئېلىپ بارغاندا قان تومۇرلار كېڭىيىپ، قان ئايلىنىش راۋانلىشىدۇ، بەدەننىڭ قىزىشى بىلەن بىرگە قان قىزىپ جانلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ماددا ئالمىشىش تېزلىشىدۇ.

2) ئىششىق ياندۇرىدۇ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ، ئاغرىق تۇختىتىدۇ.

ئۆينىڭ ئىسسىقلىقى بىلەن بەدەن قىزىتىلىپ قان ئايلىنىشنى راۋانلاش- تۇرغاچقا ئەزا ۋە توقۇلمىلاردىكى غەيرىي تەبىئىي خىلىتلار (بۇزۇق ماددىلار) قان ئايلىنىش يوللىرى ئارقىلىق تېرە، بۆرەك ۋە باشقا چىقىرىش ئەزالىرى ئارقىلىق چىقىرىلىشى تېزلىشىپ، ئىششىق ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ھەم ئاغرىق توختۇتۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئىشلەتكەن مايلارنىڭ ئىششىق ياندۇرۇش، يۇمشۇتۇش ياللۇغ قايتۇرۇش قاتارلىق تەسىر خۇسۇسىيىتى بولغاچقا داۋالاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

3) مىجەزنى تەڭشەيدۇ. قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە تەرلىتىش ئارقىلىق بەدەندىكى غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى تازلىنىپ، خىلىتلار نورماللاشتۇرۇلۇپ، مىجەز تەڭشىلىدۇ.

4) ئىمۇنىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىجەزنى تەڭشەش ئارقىلىق بەدەندىكى ئەزالارنىڭ خىزمىتى ياخشىلىنىدۇ. ئىمونىت سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ.

5) تېرىنى ياخشىلاپ ھۆسنىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ، چاچنى قارايتىدۇ. ئومۇمىي بەدەنگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئېلىپ بارغاندا تېرە ئاستى قان تومۇرلار كېڭىيىپ، تېرە قان ئايلىنىش راۋانلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشى تېزلىشىپ، تېرىدىكى غەيرىي ماددىلار تازلىنىدۇ. نەتىجىدە تېرە خىزمىتى ياخشىلىنىدۇ. تېرىگە سۈرتۈلگەن مايلارنىڭ تېرىنى يۇمشۇتۇش، تېرىگە، ئەزالارغا ھەم چاچلارغا ئوزۇق بولۇش، تېرىنى ئاسىراش خۇسۇسىيىتى بولغاچقا تېرىنى ياخشىلايدۇ ھەم چاچنى ئۆستۈرىدۇ ۋە قارايتىدۇ ھەم ئەزالارنى قۇۋەتلەيدۇ.

3. تەدىھىن قىلىپ داۋالاشقا ماس كېلىدىغان كېسەللىكلەر

1)ماددىسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر

ماددىسىز سوغۇقتىن باش ئاغرىش،ماددىسىز سوغۇقتىن بولغان پۇت قول بوشۇشۇش،ئاغرىش قاتارلىقلار.....

2)ماددىلق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر

ئىچكى بۆلۈم كېسەللىكلىرى:ئىستىرخا ،لەقۋا،ئاشقازان تۆۋەنلەش قاتارلىقلار....

ئاياللار كېسەللكلىرىدىن:بالياتقۇ بوۋاسىرى، بالياتقۇ ئورنىدىن قوزغۇلۇپ كېتىش، ئەمچەك ياللۇغى قاتارلىقلار....

تاشقى بۆلۈم كېسەللىكلىرى:بۇۋاسىر،پۇت ۋىنا تومۇرلىرى ئەگرى- بۈگرىلىشىش قاتارلىقلار....

تېرە كېسەللىكلىرى: ئاق كېسەل،تەڭگىسىمان تەمرەتكە، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش قاتارلىقلار....

ئەرلەر كېسەللىكلىرى:مەزى بېزى ياللۇغى،بۆرەك ئاجىزلىق،سۈيدۈك يولى ياللۇغى قاتارلىقلار....

سۆڭەك كېسەللىكلىرى: مۇفاسىل، نۇقرەس، بويۇن، بەل ئومۇرتقا كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار....

4. تەدىھىن قىلىپ داۋالاشقا ماس كەلمەيدىغان كېسەللىكلەر

يىرىڭلىق ئاقما،يوقىرى قىزىتما، راك كېسەللىكى، روھى كېسەل، تېرە ياللۇغلىنىش، سىرتقى زەخمە، يىرىڭ، قاناشچان كېسەللىكلەر، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، تۇتقاقلىق، ئاياللارنىڭ ھامىلدار مەزگىلى ۋە ئادەت مەزگىلى، جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، ئېغىر ھالاتتىكى يۈرەك قان- تومۇر كېسەللىكلىرى، بەدەن ئاجىزلىق، ئوپراتسىيىدىن يېڭى چىققانلار قاتارلىقلار....

تېرە ياللۇغلىنىش، سىرتقى زەخمە، كۆيۈك، يىرىڭ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، تۇتقاقلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە قارىتا TDPغا قاقلاپ مايلاپ داۋالاشقا ماس كېلىدىغانلىرىنى قائىدە بويىچە داۋالاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

5. تەدىھىن قىلىپ دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

1) تازلىققا ۋە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

2) تاماقتىن بۇرۇن ۋە تاماقتىن كېيىنكى يېرىم سائەت ئىچىدە داۋالىنىشقا بولمايدۇ.

3) داۋالىنىش ۋاقتىغا ۋە داۋالاش كۇرسىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

4) بالىلارنى، ياشانغانلارنى ۋە تېنى ئاجىزلارنى داۋالىغاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

5) داۋالاش ئۆيى ۋە TDP تېمپېراتورىسى مۇۋاپىق بولۇش، ئارلىقى مۇۋاپىق بولۇش، تېرىنى كۆيدۈرۈپ قويۇشتىن ۋە بىمارنىڭ بىئارام بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

6) داۋالاشتىن ئىلگىرى ۋە داۋالاش مەزگىللىرىدە سۈرگۈ دورىلىرىنى ئىچىشتىن ساقلىنىش ۋە چوڭ-كىچىك تەرەتنى چىقىرىۋېتىش كېرەك.

7) داۋالاش جەريانىدا بىماردا باش قېيىش، بىئارام بولۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش، نەپەس سىقىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە دەرھال داۋالاشنى توختۇتۇپ ئارام ئالدۇرۇش ۋە ئەھۋالىغا قارىتا چارە قوللۇنۇش كېرەك.

8) داۋالىنىپ بولۇپ، تەر قۇرىغىچە سىرتقى مۇھىت بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشقا بولمايدۇ، شامالداپ، زۇكام بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

9) قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك، قۇۋۋەتلىك،غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە،مايلىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

10) سوغۇق ئىچىملىكلەر ۋە ئىسپىرت تەركىبلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

11) بەدەنگە سۇيۇقلۇق تولۇقلاش ئۈچۈن تامىقىغا سۇيۇق-سەلەڭ يىمەكلىكلەر ۋە قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىش كېرەك.

12) تۇغۇتتىن كېيىن قىرقى توشمىغانلار داۋلانغاندا چوقۇم سوغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ۋە شامالداپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4 0

ulinix tori ئازساز