ئۇۋۇلاپ داۋالاش

2012-يىل 13-ماي1,1730

 

ئۇۋۇلاپ داۋالاش- دوختۇر بىمارنىڭ بەدىنىدىكى مەلۇم بىرئورۇن ياكى مەلۇم بىرنەچچە ئۇرۇننى كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ قول مەشغۇلاتى بىلەن ئۇۋۇلاش ئارقىلىق ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كېسەل داۋالاشنى كورسىتىدۇ.

ئۇۋلاپ داۋالاشنىڭ مىخاينىزىمى

قان-تومۇرنى كەڭەيتىش،قاننى قىزىتىش ۋەجانلاندۇرۇش،توسالغۇلانى ئېچىش، ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاش،مىزاجنى ۋە خىلىت تەڭشەش،رۇھ ۋە قۇۋۋەتلەرنى جانلاندۇرۇش،ماددا ئالمىشىشنى كۈچەيتىش،غەيرى تەبىئي خىلىتلانى تارقىتىش، تەبىئەت كۇچىنى كۇچەيتىش ئارقىلىق مۇسكۈل ۋە نېرىپلارنىڭ جىددىلىگىنى يوقۇتىدۇ. موسكۇللارنى بوشۇتۇش،موسكۇللارنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگەكەلتۈرۈش،ئاناتومىـيىلىك غەيرىلىكنى يۇقۇتۇش نورمال ئاناتومىيىلىك ھالەتنى ئەسلگە كەلتۈرۇش ئارقىلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاش مەخسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئۇۋىلاپ داۋالاشقا ماس كىلىدىغان كېسەللىكلەر

سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈم:

بۇيۇندا يەل تۇرۇپ قېلىشى،بويۇن قىڭغىر بولۇپ قېلىش،بويۇن ئومۇرقا كېسىلى،بەل-پۇت ئاغرىش،مۆرە ئەتىراپى ئاغرىش،يەلكە سۆڭەك سىرتقى دۆڭچە ياللۇغى(چويلا توپ كېسىلى)،بۇغۇملارقايـ رىلىپ زەخمىلىنىش،سۇنۇق چىقىق ئاسارىتى،موپاسىل،نېقرىس،ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋا ئاغرىقى،بەل ئومۇرتقا سۇڭەك تەخسىسى پولتۇيۇپ چىقىش كېسىلى،تارتىشىش خارەكتېرلىك ئومۇرتقا تۆۋرۈكى ياللۇغى قاتارلىقلار.

ئىچكى كېسەللىكلەر

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى،يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى،يۇرەك رېتىم سىسلىقى،يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلى،يۇز نېرۋا پارالىچى،يارتە پالەچ،ئۇيقىسىزلىق،زۇكام،يۆتەل،زىققا،سوزۇلما خارەكتېرلىك كانايچە ياللۇغى،ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى،ئاشقازان ئاغرىش،سوزۇلما خارەكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى،ئاشقازان-12بارماق ئۇچەي يارىسى،ئىچى سۈرۈش،قەۋزىيەت دىئابىت كېسىلى قاتارلىقلار.

ئەرلەر كېسەللىكلىرى:

ئەرلەر جىنسى ئاجىزلىقى،ئېھتىلام بولۇش،مەزى بېزى ياللۇغىقاتارلىقلار.

ئاياللار كېسەللكلىرى:

ھەيىز قالايمىقانلىشىش،ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش،تۇغماسلىق، سوزۇلما خارەكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغى قاتارلىقلار.

تاشقى كېسەللىكلەر:

تۆۋەنكى مۇچە كۆك قانتومۇر ئەگرى-بۇگرىلىشىش.

بالىلار كېسەللىكلىرى:

ئورنىغاسىيىپ قويۇش،قىزىش،ئىچى سۈرۈش،يۆتەل،قۇسۇش،ئشتىھاسىزلىق قاتارلىقلار.

ئۇۋىلاپ داۋالاشقا ماس كەلمەيدىغان كېسەللىكلەر:

1. دىئانۇزى ئېنىق بولمىغان جىددى خارەكتېرلىك يۇلۇن زەخمىلىنىش ياكى ئۇنىڭغا كېسەللىك ئالامىتى قۇشۇلۇپ كەلگەن بىمارلار ئۇمۇرتقا سۇنۇقى ساقىت قىلىنمىغان ئەھۋالدا ئۇۋۇلىغىلى بولمايدۇ،مېڭە-يۇلۇن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن ۋاقىتتا ئۇۋىلاشقا بولمايدۇ.

2. ھەر خىل سۇنۇقلار،سۆڭەك بوغۇم تۇبېركۈليۇزى، يىلىك ياللۇغى،سۆڭەك ئۆسمىسى،ياشانغانلاردىكى،ئېغىر سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى بارلارنى ئۇۋىلاشقا بولمايدۇ.

3. يۈرەك،ئۆپكە،جىگەر،بۆرەك قاتارلىقلار ئەزالىرى ئېغىر دەرىجىدە زەئىپلەشكەن بىمارلارنى ۋە تېنى بەك ئاجىز كىشىلەرنى كۈچلۈك غىدىقلاشقا بولمايدۇ.

4. تۈرلۈك جىددىي خارەكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر،جىددىي خارەكتېرلىك قورساق پەردە ياللۇغى،جۈملىدىن ئاشقازان -12 بارماق ئۇچەي يارىسى تېشىلىپ كەتكەنلەرنى ئۇۋىلاپ داۋالاشقا بولمايدۇ.

5. ئاسان قانايدىغان ياكى قان كېسىلى بار بىمارلارنى ئۇۋىلاشقا بولمايدۇ.

6. تېرە زەخمىلەنگەن ئورۇنلارنى .ۇۋۇلىماسلىق لازىم.

7. ھامىلدار بولغىنىغا 3 ئايدىن ئاشقان ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجىراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،قۇرساق،ساغرا،بەل،توققۇز كۆز ئەتىراپىنى ئۇۋلاشقا بولمايدۇ.

ئۇۋىلاپ داۋالاشقا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

1. بىمار ھەدىدىن زىيادەئاچ قالغان،تاماقنى كۆپ يېۋىلىپ قۇرسىقى كۆپۈپ كەتكەن،ھېرىپ-چارچىغان،روھىي جەھەتتىن جىددىلەشكەن چاغلاردا ئۇۋىلاپ داۋالاشقا بولمايدۇ.

كېسەل غەم-ئەندىشە ياكى قورقۇش ھالىتىدەتۇرغاندا،ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا داۋالاشنى ئوبدان چۈسەندۈرۈش لازىم.

2. ئوۋىلاپ داۋالاشتىن ئاۋۋال كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ،بەدەندىكى ئۇۋىلاپ داۋالاشقا ئاڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئورۇننى تاللاش كېرەك.چۈنكى بۇنداق قىلغاندا بىمار ئارام-بەخىش ھېس قىلىدۇ ھەم موسكۇللارنى ئازادە قويىۋېتىدۇ،شۇنداقلا دوختۇرنىڭ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىغا قۇلايلىق بولىدۇ.

3. قول مەشغۇلاتى يەڭگىل بولۇش،داۋالاش سەۋەبىدىن زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.بولۇپمۇ بوغۇملارنى ھەركەتلەندۈرۈپ ئۇۋىلىغاندا،ئەگەر بويۇن ئومۇرتقىسى تولغىنىپ كەتسە ئاسانلا داۋالاش ھادىسسى كېلىپ چىقىدۇ.

4. ئاياللار ھەيىز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە بەل،ساغرا،قۇرساق قىسمىلىرىنى ئۇۋىلىماسلىق كېرەك.

5. دوختۇر ئۇۋىلاشتىن ئاۋال ئۆزىنىڭ قول تازلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

6. تېرە زەخمىلىنىشتىن ساقلىنىش ۋە داۋالاش ئۇنىمىنى يۇقۇرىكۆتۈرۈش ئۈچۈن،تالىك پاراشوگى،پىياز،زەنجۋىل سۇيى،زەنتۇن يېغى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق تاللاپ ئىشلىتىش لازىم.

 

2 0