سوغاقتىن بولغان زۇكام ۋە نەزلە

2012-يىل 28-دېكابىر4,6150

سوغاقتىن بولغان زۇكام ۋە نەزلنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋاللاش

ئاز ساز تورىدا ئىلان قىلنغان بارىلىق يازمىلارنىڭ يازما ھوقۇقىغا دەخلە تەرۈز قىلماسلىقىڭلارنى، ئىشلىتىلىش قىمىتىگە ئىگە يازمىلارنى توربەت قۇرغۇچىسى ۋە يازغۇچىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ ئاندىن باشقا توربەتلەر دە ئېلان قىلىشىڭلارنى سورايمەن.

زۇكام ۋە نەزلىنىڭ باشلنىش ئورنى مېڭىدۇر. ئۇيغۇر تىبابېتى كىلاسىك ئەسەرلىرىدە كېسەللىك تەرەقىياتىنىڭ ئېغىر يىنىكلىكى ۋە مېڭىدىن كەلگەن سۇيۇقلۇقلارنىڭ چۈشكەن ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن 》:مېڭىدىن كەلگەن ئوفىنەتلىك سۇيۇقلۇقلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىلىرنى ياللۇغلاندۇرۇپ ئاۋازنى پۈتتۈرۈپ بۇرۇن ئارقىلىق چىقىرلغان شۇنداقلا كىسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ يىنىكرەك بولغىنى زۇكام .مېڭىدىن كەلگەن ئۇفىنەتلىك سۇيۇقلۇقلارنىڭ بۇرۇن ئارقىلىق چىقرلماستىن كاناي تەرەپكە چۈشكەن، كېسەللىك ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان شۇنداقلا كېسەللىك ئالامەتلىرنىڭ نىسبەتەن ئېغىر بولغان ھالىتى نەزلە دېيىلىدۇ《.

ماددا قۇيۇلغان ئورۇن باشقا بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككىلىسىنىڭ نەتىجىسى بىر. شۇڭا، ئىككىسىنىڭ مەلۇم ئوتاقلىقى، شېرىكچىلىكى بار.

سوغاقتىن بولغان زۇكام ۋە نەزلىنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىدەك:

1. باش ساھەسىگە تاشقى تەرەپتىن سوغوق يېتىدۇ. شۇكى مېڭە مىزاجى سوغوقتىن تىگىش سەۋەبىدىن بۇزۇلغانلىقتىن مېڭىگە كەلگەن ھەرقانداق سۇيۇقلۇق تارقىلىپ كېتەلمەي مېڭىدە قۇيۇلۇپ توختاپ قالدۇ. قۇۋىتى دافىيە ئۇنى ھەيدەپ زۇكام ۋە نەزلە پەيدا قىلىدۇ. قۇۋىتى دافىيە ئاجىز بولسا زۇكام كۈچلۈك بولسا سەكتە(ھەرىكەت سىزىمنى يۇقۇتۇش)، تۇتقاقلىق، بىخۇد ئۇيقۇ پەيدا بولىدۇ.

مەسىلەن: ئۇزۇن ۋاقىتقىچە سوغوق جايدا ياكى سوغۇق سۇدا يالاڭۋاش تۇرىدۇ. ئېغىر ئەمگەكتىن كېيىن، مۇنچىغا كىرگەندىن كېيىن ياكى بەدەن قىزىپ بەدەندىكى ئۇششاق تۆشۈكلەر ئېچىلغاندا بىر ئىشنى قىلغاندىن كېيىن بېشىنى ئاچىدۇ ياكى مۇنچىدىن بېشىنى ئورىماستىن، سوغۇق ھاۋاغا چىقىدۇ. مانا بۇ سەۋەبلەر ئارقىلىق باش تېرىسىدىكى ئۇششاق تۆشۈكلەر ئېتىلىدۇ. باشنىڭ تېرىسى قېتىپ ، تۆشۈكلىرى ئېتىلسە تارقاشقا تېگىشلىك بۇخاراتلار يول تاپالمىغانلىق ۋە تارقىيالمىغانلىقتىن، ئۈستى-ئۈستىگە يىقىلىپ قويۇقلىشىپ، ھۆللۈككە ئايلىنىپ، بۇرۇن تەرەپىگە ياكى گال تەرەپكە قۇيۇلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مېڭىنىڭ مىزاجى سوغۇققا ئۆزگەرگەنلىكتىن مېڭە سوۋۇپ ئاجىزلىشىدۇ. ئۆزىگە تېگىشلىك ماددىلارنى ھەزىم قىلالمايدۇ. ئاندىن كېيىن ھەيدىگۈچى قۇۋۋەت ئارتۇق نەرسىنى ھەيدىگەندە مەزكۇر ماددىلارنىمۇ ھەيدەيدۇ.

2. تاشقى سەۋەبلەر ئارىلاشماستىن، مېڭە مىزاجىنىڭ سوغۇقلۇقى زۇكامغا سەۋەب بولىدۇ.

مەسىلەن :

تۇيغۇلىرى تۇتۇق، روھسىز، بېشى ئېغىر، بەدىنى سۇس بولىدۇ. ئىسىسىق نەرسىلەر بىلەن راھەتلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سوغۇقلۇققا مەخسۇس بولغان ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ.

كۆپ ۋاقىتلاردا تاشقى ۋە ئىچكى سەۋەبلەردىن ئىككى سەۋەب بىرلىشىپ، زۇكام ۋە نەزلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇخىلدىكى زۇكام كۈچلۈك بولدىدۇ.

مىڭە مىزاجى ھۆل بولغان كىشىلەرنىڭ كۆپ زۇكام بولۇشى ئۇلارنىڭ مېڭىسىنىڭ ھۆلۈكلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولىدۇ. قىش كۈنلىرى كۈندۈزى ئۇخلاش زۇكام پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى ئۇخلىغاندا مېڭىگە بۇخارات( كىرەكسىز گازلار )ئۆرلەيدۇ ، بولۇپمۇ كۈندۈزى ئۇخلىغاندا بۇخارات گازلار كۆپ ئۆرلەيدۇ. قىش كۈنلىرى كۈندۈزى ئۇخلىسا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن مېڭىدىكى ھۆللۈكلەر نورمال ھالىتىدىن چىقىپ كېتىدۇ.

خىلىتسىز ھۆل سوغوق ۋە قۇرۇق سوغوق كەيپىياتىن بولغان زۇكام ۋە نەزلىگە دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى:

باش ئىسىلىپ ئاغرىش، بۇرۇندىن كۆپ مىقتاردا سۇيۇقلۇق ئېقىش، تەم پۇراش سىزىمى تۆۋەنلەش، ماغدۇرسىزلىنىش پۇت قوللار سىقىراپ ئاغرىش توڭۇپ تىتىرەش، ئۇيقۇسى كۆپ بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى سوغوق مۇھىتا تۇرغانلىق،سوغوق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىق تارىخى بولىدۇ.

يۇقۇملۇق تارقىلىشچان زۇكامدىن پەرىقلەندۈرىمىز، يۇقۇملۇق تارقىلىشچان زۇكامدا ئۇمۇممي بەدەنلىك ئالامەت ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. يۇقىرى قىزىتما بولىدۇ.

خىلىتسىز ھول سوغوق ۋە قۇرۇق سوغۇقتىن بولغان زۇكام ۋە نەزلە كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى :

1) بەلغەم مەنبەلىك زۇكام (خىلىتسىز ھۆل سوغاقتىن)

بۇخىلدىكى زۇكام يىنىكرەك بولىدۇ

ئالامەتلىرىل: باش ئېغىر، تۇيغۇلىرى تۇتۇق، ئېغىزى ھۆل بولىدۇ، نېمە يېسە، نېمە ئېچسە تەمىنى تېتالمايدۇ. ئۇخلىغان ۋاقتىدا، تاماق يېگەندە تىلىنى چىشلىۋالىدۇ. بۇ خىلدىكى زۇكام بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ سۆزىدە ئۆزگىرىش، ئاۋازىدا غاراڭ غۇرۇڭلۇق بولدۇ

2) سەۋدا مەنبەلىك زۇكام (خىلىتسىز قۇرۇق سوغاقتىن)

بۇخىل زۇكام ئازراق ئۇچىرايدۇ، ئەگەر پەيدا بولسا، باشقا خىلدىكى زۇكاملاردىن يامانراق بولدۇ.

ئالامەتلرى : ئىككى كۆزىدە قۇرۇقلۇق ھېس قىلىدۇ، بېشى ئېغىر بولدۇ ۋە ئاغرىيدۇ، ئېغىزىدا كۆيدۈرۈلگەن بىر نەرسىنىڭ تەمى سېزىلىدۇ، نەرسىلارنى پۇرايدىغان ۋاقىتىدا تۈتۈنىڭ ھىدى، سېسىق پۇراق كېلدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :

1.) يۇقۇملۇق تارقىلىشچان زۇكامدىن پەرىقلەندۈرىمىز، يۇقۇملۇق تارقىلىشچان زۇكامدا ئۇمۇممي بەدەنلىك ئالامەت ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. يۇقىرى قىزىتما بولىدۇ.

2.) بۇ كېسەللىك توغرۇرلۇق بىپەرۋالىق قىلىشقا ئارقىغا سوزۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ كېسەللىك تېز پىشمىسا ۋە ساقايمىسا، كۆپلىگەن كېسەللىكلەېگە سەۋەب بولىدۇ. مەسىلەن: قۇلاق، كۆز، بۇرۇن كېسەللىكلىرى، گال بوغۇلۇش، ئاشقازان ئاغرىقى، يەپ تويماسلىق، ئاشقازان مەنبەلىك ئىچى سۈرۈش، ئۇچەيلەردىكى جاراھەت، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى بۇ نەزلە ۋە زۇكام ماددىسى قايسىبىر ئەزاغا چۈشسە، شۇ چۈشكەن جايدا شۇ ئەزاغا مەخسۇس كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.

داۋاللاش:

خىلىتسىز ھۆل سوغاق ۋە قۇرۇق سوغاق كەيپىياتىن كېلىپ چىقان زۇكام ۋە نەزلىگە قىزىتما پەسەيتىش،ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىشىق ياندۇرۇش، يۈتەل پەسەيتىش چارىلىرى قوللۇنىلىدۇ. ھەم سوغوقتىن ، شامالدىن ساقلىنىش باش قىسىمنى ئىسسىق ساقلاش بۇيرىلىدۇ.

ئاق قوناقنى قورۇپ، لاتىغا ئوراپ باشقا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، بەدەننىڭ ئۇششاق تۆشۈكلىرىنى ئېچىش، ئارتۇق ماددىلارنى پىشۇرۇش ئۈچۈن مۇنچىغا بېرىش؛ ئۇ تۆشۈكلەرنى ئاچقۇچى دورىلار بىلەن باشنى يۇيۇش لازىم. ئاقىدىغان ھۆللۈكنى توختىتىش ئۈچۈن مېڭىنى قىزىتقۇچى، توسالغۇنى ئاچقۇچى لادەن، ئۇد، قۇستە، سىيادانغا ئوخشاش دورىلارنى سىركىدە ھۆللەپ ئوتتا كۆيدۈرۈپ، ھورىنى بۇرۇنغا تارتىش لازىم.

مۇناسىپ كامادلار، نۇتۇللار، مۇناسىپ شۇمۇللار(پۇرايدىغان دورىلار)ئارقىلىق باشنى قىزىتىش لازىم.

زۇكام ئىسسىق ياكى سوغۇق بولسۇن، ماددا كۆكرەككە قۇيۇلمىسۇن ئۈچۈن ئوڭدا- ئاسمانغا قاراپ ياتماسلىق، ياستۇقنى پەس قويۇپ، يۈزنى ياستۇق تەرەپكە قارتىپ (ياستۇققا قويۇپ ) يېتىش لازىم .شۇنداق قىلغاندا ماددا كۆكرەككە قۇيۇلماستىن بۇرۇن تەرەپكە قۇيۇلىدۇ. زۇكام باشلانغاندىن تارتىپ تاكى ساقايغۇچە چۈشكۈرۈك زىيان قىلىدۇ، ئەگەر چۈشكۈرۈك كەلسە، مۇمكىنقەدەر توسۇش، سوغوق ھاۋادىن شامالدىن ساقلىنىش لازىم.ھەر قانچە ئۇسساپ كەتكەندىمۇ سوغۇق سۇ ئىچمەسلىك، ئاز ئۇخلاش، كۈندۈزى ئۇخلىماسلىق لازىم.

بىنەپشە ، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، نېلۇپەر، زۇپا 10 گرام، پىرسىياۋشان 12 گرام، ناۋات60 گرام، ئېلىپ قائىدە بويىچە كاشكاپ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن 100 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئېگىر ، سەندەل، تاتلىق قۇستە قاتارلىقلارنى كۆيدۈرۈپ ئىسى بۇرۇنغا يەتكۈزىلىدۇ.

زەنجىۋىل،سامساق، سۇڭپىياز، سەۋزە، چامغۇر مۇۋاپىق مىقداردا قارمۇچ، ئاقمۇچ (مۇۋاپىق مىقتاردا) بىلەن سۈڭەكلىك گوشلەر بىلەن شۆۋگۈرۈچ تەييارلىنىپ ، باش قىسىمغا ئىسىق ئۆتكۈزۈش يەنى (دوپا كېيىۋىلىش) ئارقىلىق تەرلىنىپ غىزالىنىپ ئارام ئېلىش ئائىلىدىكى ئەڭ ئاددى قۇۋەتلىنىپ ساقىيىش ئۇسۇلىدۇر .

زۇكام جەۋھىرى كۈندە 3 قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەرقىتىم بىر بولاقتىن، كاشكاپ جەۋھىرى كۈندە 3 قېتىم ، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىم 1 بولاقتىن، خەشخەش شەربىتى كۈندە 3 قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەرقىتىم 30 مىللىلىتىر دىن، زۇپا شەربىتى كۈندە 3 قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەرقىتىم 30 مىللىلىتىردىن ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

پەرھىز قائىدىسى:

1) ئاسان ھەزىم بولىدىغان، يۇمشاق ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قۇۋىتى يۇقىرى تائاملاردىن يەڭگىل يېمەك ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىلىتىلغان تۇخۇم، پاقلان گۈشى، توخۇ كاۋاپ، دەرا دەرمان سېلىپ تەييارلانغان قۇۋەتلىك شۆۋگۈرۈچ قاتارلىقلاردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2) ئاچچىق ۋە يەللىك ، تۇزلۇق، كۆيدۈرۈپ پىشۇرۇلغان، سېڭىشى تەس سوغاق يېمەك- ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

3) سوغۇق ئۆتكۈزۋىلىشتىن ساقلىنىش، باشنى ئىسىق ساقلاش كېرەك .

4) ئېغىر ئەمگەك قېلىشتىن، كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، زىيادە سوغوق ياكى زىيادە ئىسسىق مۇھىتا تۇرۇشتىن، سوغوق سۇ ئىچىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، غەم ئەندىشە قىلىش، قېنىق دەملەنگەن چاي، قەھۋە، ھاراق ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

كېسەلنىڭ مىزاجىغا ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ يۇقۇردا كۆرسىتىلگەن رىتسىپ داۋاللاش ئۇسۇللىرىنى شىپاگەرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىشلىتىڭ. كېسەل ئېغىر بولسا دوختۇر خانىغا بىرىشىنى ئالدىن شەرت بويىچە ئويلىشىڭ.

ئېھسان. پولات

2012-12-28

            ئاز ساز شىپاگەر بىلوگى                                          www.Azsaz.com

پايدىلانغان ماتىرياللار :

ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى

دەستۇرۇل ئىلاج

تىبى ئەكبەر

ئۇيغۇر تېبابەت قولانمىسى

پىشىق دورىلار خەزىنىسى

شىنجاڭ تىبى ئۇنۋىرىستىتى كىلاسىك ئەسەرلەر ئىلىمى دەرىسلىكى

شىنجاڭ تىبى ئۇنۋىرىستىتى ئىچكى كېسەللىكلەرئىلىمى دەرىسلىكى

ئاز ساز تورىدا ئىلان قىلنغان بارىلىق يازمىلارنىڭ يازما ھوقۇقىغا دەخلە تەرۈز قىلماسلىقىڭلارنى، ئىشلىتىلىش قىمىتىگە ئىگە يازمىلارنى توربەت قۇرغۇچىسى ۋە يازغۇچىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ ئاندىن باشقا توربەتلەر دە ئېلان قىلىشىڭلارنى سورايمەن.

  ئازساز شىپاگەر بىلوگى                                     www.Azsaz.com

12 1

ulinix tori ئازساز