ئىسىقتىن بولغان زۇكام ۋە نەزلە

2012-يىل 28-دېكابىر4,2680

ئىسىقتىن بولغان زۇكام ۋە نەزلنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋاللاش

ئاز ساز تورىدا ئىلان قىلنغان بارىلىق يازمىلارنىڭ يازما ھوقۇقىغا دەخلە تەرۈز قىلماسلىقىڭلارنى، ئىشلىتىلىش قىمىتىگە ئىگە يازمىلارنى توربەت قۇرغۇچىسى ۋە يازغۇچىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ ئاندىن باشقا توربەتلەر دە ئېلان قىلىشىڭلارنى سورايمەن.

زۇكام ۋە نەزلىنىڭ باشلنىش ئورنى مېڭىدۇر. ئۇيغۇر تىبابېتى كىلاسىك ئەسەرلىرىدە كېسەللىك تەرەقىياتىنىڭ ئېغىر يىنىكلىكى ۋە مېڭىدىن كەلگەن سۇيۇقلۇقلارنىڭ چۈشكەن ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن 》:مېڭىدىن كەلگەن ئوفىنەتلىك سۇيۇقلۇقلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىلىرنى ياللۇغلاندۇرۇپ ئاۋازنى پۈتتۈرۈپ بۇرۇن ئارقىلىق چىقىرلغان شۇنداقلا كىسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ يىنىكرەك بولغىنى زۇكام .مېڭىدىن كەلگەن ئۇفىنەتلىك سۇيۇقلۇقلارنىڭ بۇرۇن ئارقىلىق چىقرلماستىن كاناي تەرەپكە چۈشكەن، كېسەللىك ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان شۇنداقلا كېسەللىك ئالامەتلىرنىڭ نىسبەتەن ئېغىر بولغان ھالىتى نەزلە دېيىلىدۇ《.

ماددا قۇيۇلغان ئورۇن باشقا بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككىلىسىنىڭ نەتىجىسى بىر. شۇڭا، ئىككىسىنىڭ مەلۇم ئوتاقلىقى، شېرىكچىلىكى بار.

ئىسىقتىن بولغان زۇكام ۋە نەزلىنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىدەك:

1. تاشقى تەرەپتىن ئارتۇق ھارارەت(ئىسىقللىق) مېڭىگە يېتىپ، مېڭىدىكى ھۆللۈكلەرنى سۇيۇلدۇرۇپ ھەرىكەتلەندۈرۈپ قويىدۇ.يەنى بىرى مىڭە مىزاجىنىڭ ئىسىقتىن بوزۇلغانلىقى سەۋەبىدىن ھۆللۈكلەرنى كۆپ شۈمىرىيدۇ،ئەمما بۇ ھۆللۈكلەرنى پىشۇرۇشقا قادىر بولالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھۆللۈكلەر بۇرۇن ۋە گال تەرەپكە قۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن زىيانلىق بۇخاراتلار پەيدا بولىدۇ. قۇۋىتى دافىيە (ھەيداپ چىقارغۇچى قۇۋەت) ئۇنى ھەيدىگەنلىكتىن زۇكام نەزلە پەيدا بولىدۇ.

مەسىلەن: بىر ئادەم ئاپتاپتا ياكى ھورداقتا ياكى ئوتنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ ياكى ياز پەسلىدە تاشقىردىن ھاۋا كىرمەيدىغان بىر ئىسىق ئويدە تۇرىدۇ ياكى ئىپار،قۇندۇز قەھرى، زەپەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى پۇرايدۇ. ئىسىق ياغلار بىلەن بىشىنى ياغلايدۇ، مۇشۇ سەۋەبلەر ئارقىلىق ھۆللۈكلەر ھەركەتلىنىپ بۇرۇن ياكى گال تەرەپكە چۈشىدۇ. چۈنكى ھەر قانداق ۋاقىتتا باش قىزىپ ، باشنىڭ ئىچىدىكى ھۆلۈكلەر (قان تەركىبىكى ھۆلۈك ھەم ئۇزۇقلۇقلار )تارقاپ چىقىپ كەتسە ھەم فىزىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش مەقسىتىدە ، بۇ جايدا بوشلۇقنىڭ پەيدا بولۇشى چوقۇم، شۇ سەۋەب ئىشلىتىلگەن ھۆللۈكلەرنى تولۇقلاش ئۈچۈن مەزكۇر ئورۇنغا بەدەن تەرەپتىن ئارتۇق ھۆلۈك ھەم ئۇزۇقلۇقلار شۇتەرەپكە تارتىپ چىقىرلىدۇ.

2. مېڭىنىڭ مىزاجىدىكى ھارارەت سىرىتقى تەسىراتسىزلا مۇنداق ئىككى سەۋەب ئارقىلىق نەزلە ۋە زۇكام پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىرى مىڭە مىزاجىنىڭ ئىسىقتىن(ھەرقاچان مېڭە قىزىسا) بوزۇلغانلىقى سەۋەبىدىن ھەزىم قىلالايدىغان مىقداردىن ئارتۇق ھۆللۈكلەرنى كۆپ شۈمىرىيدۇ،ئەمما بۇ ھۆللۈكلەرنى پىشۇرۇشقا قادىر بولالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھۆللۈكلەر بۇرۇن ۋە گال تەرەپكە قۇيۇلىدۇ. ؛ يەنە بىرى، ھەربىر ئەزانىڭ مىزاجىدا بىر خىل ئۆزگىرىش پەيدا بولسا، ئۇ ئاجىزلىشىدۇ. شۇ سەۋەب بىلەن شۇ ئەزا ئادەتتىكى ھەزىم قىلىشقا ۋە ئېنېرگىيە تارقىتىشقا ئاجىز كېلىدۇ. ھالبۇكى، مېڭىگە يىغىلسا ھەيدىگۈچى قۇۋۋەت ئۇنى ھەيدەشكە تىرشىدۇ. بەزىدە بەدەننىڭ ھەممىسىدە يۇقىرى ھارارەت بولغاندا بۇخاراتلار يۇقىرى ئۆرلەيدۇ-دە ، مېڭىنىڭ مىزاجىدىكى ھارارەتكە ياردەملىشىدۇ.

تەبى ھارارەت بەدەندىكى ھۆللۈكلەرنى ھەر ۋاقىت پىشىرىپ تۇرىدۇ،پىشمىسا ئۇنىڭدا بۇخارات پەيدا بولىدۇ. نەزلە ماددسىنىڭ بەزىسى ئىسىق، سۇيۇق ۋە بەزىسى سوغوق قويۇق بولىدۇ. سوغوققلىرىنىڭ بەزىسى ئاچچىق ئۆتكۈر بولىدۇ، بەزىسى چۈچىمەل قويۇق بەزىسى تۇزلۇق بولىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :

1.)يۇقۇملۇق تارقىلىشچان زۇكامدىن پەرىقلەندۈرىمىز، يۇقۇملۇق تارقىلىشچان زۇكامدا ئۇمۇممي بەدەنلىك ئالامەت ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. يۇقىرى قىزىتما بولىدۇ.

2.) بۇ كېسەللىك توغرۇرلۇق بىپەرۋالىق قىلىشقا ئارقىغا سوزۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ كېسەللىك تېز پىشمىسا ۋە ساقايمىسا، كۆپلىگەن كېسەللىكلەېگە سەۋەب بولىدۇ. مەسىلەن: قۇلاق، كۆز، بۇرۇن كېسەللىكلىرى، گال بوغۇلۇش، ئاشقازان ئاغرىقى، يەپ تويماسلىق، ئاشقازان مەنبەلىك ئىچى سۈرۈش، ئۇچەيلەردىكى جاراھەت، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى بۇ نەزلە ۋە زۇكام ماددىسى قايسىبىر ئەزاغا چۈشسە، شۇ چۈشكەن جايدا شۇ ئەزاغا مەخسۇس كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.

ئالامىتى :

تومۇر چوڭ، تېز، ئارقىمۇ ئارقا سالىدۇ. سۈيدۈك سېرىق رەڭدە بولىدۇ .

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسىق ۋە ھۆل ئىسىق كەيپىياتىنىڭ تەسىردىن بولىدۇ :

1) سەپرا مەنبەلىك زۇكام(خىلىتسىز قۇرۇق ئىسىق)

ئالامىتى: باش ئاغرىش، كۆز ۋە باش كۆيگەندەك قىزىش، كۆزدىن ياش ئېقىش، ئېغىز ئاچچىق بولۇش، ئۇسساش، بۇرنىدىن كېلىدىغان ھۆللۈك سۇيۇق، رەڭگى سېرىق بولۇپ، بۇرۇننىڭ تۆشۈكىنى خۇددى ئوت كۆيدۈرگەندەك سېزىلىشلەردىن ئېبارەت.

2) قان مەنبەلىك زۇكام (ھۆل ئىسىق)

ئالامىتى: كۆزى قىزىل، بېشى ئېغىر، تۇيغۇلىرى تۇتۇق بولىدۇ. ئۇيقۇ كەلمەيدۇ. گال ۋە چىش تۈۋىگە ، قۇلاق، يۈزلىرىگە قىچىشىش پەيدا بوىدۇ. ئېغىزنىڭ تەمى تاتلىق بولۇپ ،پۇرىقى سېسىققا مايىل كېلىدۇ. بۇرنىدىن ئاققان نەرسە، قىزلگۈلنىڭ رەڭگىدە كۆرىنىدۇ.

يۇقىردا ئېيتىلىغان سەۋەبلەردىن بىرى ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بولىدۇ. يەنە ئىككى كۆزگە قىزىللىق پەيدا بولۇپ، بۇرنى قىچىشىدۇ ۋە ئېچىشىدۇ.گال ، يۇتقۇنچاق قۇرۇق بولىدۇ، كۆپ چۈش كۈرىدۇ، دىماغ پۈتۈپ بۇرنىدىن سۇ ئاقىدۇ، بۇرۇن چاناقلىرى قىزىرىدۇ، ئاۋاز پۈتىدۇ، يەڭگىل ئۇيقۇسى ئاز بولۇش، ئۇسۇزلۇق كۆپ بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش تەبىئىتى ئىسىق يېمەك-ئىچمەكنى ئىستېمال قىلىش تارىخى بولىدۇ.

ھەرقانداق زۇكام ئىسىقتىن بولغان بولۇپ، قىزىتما بولسا ، بۇنداق زۇكام ئېغىراق بولىدۇ.

داۋاللاش ئۇسۇلى:

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسىق ۋە ھۆل ئىسىق كەيپىياتىن كېلىپ چىقان زۇكام ۋە نەزلىگە سۇۋۇتۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىشىق ياندۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، يۈتەل پەسەيتىش چارىلىرى قوللۇنىلىدۇ.

بەدەندە ماددا كۆپ بولسا سۈرگە بېرىش لازىم، شۇنداق قىلغاندا بەدەندىكى ماددا باش تەرەپكە چىقىشتىن توسۇلىدۇ، ئاندىن بۇرۇننىڭ قىچىشىشى ۋە ئېچىشىشىىنى پەسەيتىش ئۈچۈن تېرىنى زىچلاشتۇرۇپ، بەدەندىكى تۆشۈكلەرنى بېكىتىپ، زۇكامنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولىدىغان ھۆللۈكلەرنى تارقىتىش ئۈچۈن مۇنچىغا كىرىپ ئىلىمان سۇ بىلەن يۇيۇنۇش لازىم ۋە يەنە قىچىشىشنى پەسەيتىش، مېڭىنى سوۋۇتۇش ئۈچۈن بىنەپشە يېغى،نىلۇپەر يېغى، قاپاق ئۇرۇقى ياغلىرىغا ئوخشاش سوغۇق ياغلارنى بۇرۇنغا تېمىتىش كېرەك.

ماددا ئىسسىق ۋە سۇيۇق زۇكامدا، پوستى ئېلىنغان ئارپىنىڭ سۈيىدە چىلان، سەرپىستان، بىنەپشە، كۆكنار ئۇرۇقلىرىنى قاينىتىپ بېرىش لازىم، خەشخاش شەربىتىمۇ بەك مەنپەتلىك. چۈنكى ئۇ ماددىنى قويالتىدۇ. كۆكرەك يىرىكلىكىنى تۈزەيدۇ، ماددا چۈشۈشنى توسايدۇ. بىرىنچى كۈندىن باشلاپ يۇقىردا ئېيتىلغان كاشكاپتىن باشقايېمەك- ئىچمەكلەرنى بەرمەسلىك كېرەك، تاكى زۇكام ساقايمىغۇچە گۆشتىن ساقلىنىش لازىم، پوستى ئاقلانغان كۆك ماش ۋە پالەكلەر بىلەن تەييارلانان يۇمشاق ئاشقا تەييارلانغان ھەرىرە(بوتقا) بىلەن قانائەتلىنىش كېرەك.

زۇكام ئىسسىق ياكى سوغۇق بولسۇن، ماددا كۆكرەككە قۇيۇلمىسۇن ئۈچۈن ئوڭدا- ئاسمانغا قاراپ ياتماسلىق، ياستۇقنى پەس قويۇپ، يۈزنى ياستۇق تەرەپكە قارتىپ (ياستۇققا قويۇپ ) يېتىش لازىم .شۇنداق قىلغاندا ماددا كۆكرەككە قۇيۇلماستىن بۇرۇن تەرەپكە قۇيۇلىدۇ. زۇكام باشلانغاندىن تارتىپ تاكى ساقايغۇچە چۈشكۈرۈك زىيان قىلىدۇ، ئەگەر چۈشكۈرۈك كەلسە، مۇمكىنقەدەر توسۇش، سوغوق ھاۋادىن شامالدىن ساقلىنىش لازىم.ھەر قانچە ئۇسساپ كەتكەندىمۇ سوغۇق سۇ ئىچمەسلىك، ئاز ئۇخلاش، كۈندۈزى ئۇخلىماسلىق لازىم.

بىنەپشە، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، پوستى خەشخاش، نېلۇپەر، پىرسىياۋشان ، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، زۇپا 10 گىرامدىن، چىلان ، سەرپىستان 20 گىرامدىن، تەمرى ھىندى 50 گرام ، قەنت مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ ، كۈندە 3 قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەرقىتىمدا 100 مىللىلتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

بىنەپشە يېغى ، قاپاق يېغى ، نېلۇپەر يېغى قاتارلىقلارنىڭ قايسى بىرىسى بولسا مۇۋاپىق مىقداردا بۇرۇنغا تېمىتىلىدۇ.

زەنجىۋىل،سامساق، سۇڭپىياز، سەۋزە، چامغۇر مۇۋاپىق مىقداردا قارمۇچ، ئاقمۇچ (مۇۋاپىق مىقتاردا) بىلەن سۈڭەكلىك گوشلەر بىلەن شۆۋگۈرۈچ تەييارلىنىپ ، باش قىسىمغا ئىسىق ئۆتكۈزۈش يەنى (دوپا كېيىۋىلىش) ئارقىلىق تەرلىنىپ غىزالىنىپ ئارام ئېلىش ئائىلىدىكى ئەڭ ئاددى قۇۋەتلىنىپ ساقىيىش ئۇسۇلىدۇر .

دەسلەپكى چاغلىرىدا تاماقتىن كېيىن مۇنچىغا كىرىش زىيانلىق. ئەگەر ماددا سۇيۇق ۋە ئاز بولسا، ئۇ ھالدا مۇنچا مەنپەئەت قىلىدۇ. چۈنكى ماددا سۇيۇق بولسا، مۇنچىغا بىرىش بىلەن مەنپەئەت قىلىدۇ. قويۇق بولغاندا زۇكام تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.زۇكامنىڭ ئاخىرىدا مۇنچا بەك مەنپەئەتلىك ،چۈنكى مۇنچا پىشقان ماددىنى تېزرەك سۇيۇلدۇرۇپ ھەيدەپ چىقىرىدۇ. كۆپ زۇكام بولىدىغان كىشىلەر ساق ۋاقتىدا (زۇكام بولماستىن) مۇنچىغا بېرىش ۋە تەرلىنىش مەنپەتلىك، چۈنكى زۇكام ۋە نەزلىگە سەۋەب بولغان ھۆللۈكلەر ۋە بۇخارلار تەر ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ.لېكىن مۇنچىغا بېرىشتا تاماق يېمەستىن بېرىش، قايتىپ چىقىدىغان چاغدا ئاستا- ئاستا بىر نەرسىگە يۈگىنىپ چىقىش لازىم.

ئەھۋالغا قاراپ كېسەل مىزاجىغا دىققەت قىلىپ -ئاق قوناقنى قورۇپ، لاتىغا ئوراپ باشقا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، بەدەننىڭ ئۇششاق تۆشۈكلىرىنى ئېچىش، ئارتۇق ماددىلارنى پىشۇرۇش ئۈچۈن مۇنچىغا بېرىش؛ ئۇ تۆشۈكلەرنى ئاچقۇچى دورىلار بىلەن باشنى يۇيۇش لازىم.

چاچنى پات-پات چۈشۈرۈپ تۇرۇش، چاچ تاراش ۋە قاشلاش، ئۇششاق تۆشۈكلەرنى ئاچىدۇ؛ نەزلىنىڭ ماددىسىنى توسىدۇ. ئىسسىق زۇكامدا سۈرگە بېرىشكە توغرا كەلگەندە بىنەپشە، چىلان سەرپىستان، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، خىيار شەنبەر، ئاق لەيلى يىلتىزى، شىرخستلار بىلەن جۇلاپ قىلىپ بېرىش لازىم.

كاشكاپ جەۋھىرى كۈندە 3 قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەرقىتىم بىر بولاقتىن،زۇپا شەربىتى كۈندە 3 قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەرقىتىم 30 مىللىلىتىردىن، لوئوقى بادەم كۈندە 3 قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەرقىتىم15 گىرامدىن، لوئوقى سەرپىستان كۈندە 3 قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەرقىتىم 15 گىرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستىېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

پەرھىز قائىدىسى:

1) ئاسان ھەزىم بولىدىغان، يۇمشاق ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قۇۋىتى يۇقىرى تائاملاردىن يەڭگىل يېمەك ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىلىتىلغان تۇخۇم، پاقلان گۈشى، توخۇ كاۋاپ، دەرا دەرمان سېلىپ تەييارلانغان قۇۋەتلىك شۆۋگۈرۈچ قاتارلىقلاردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2) ئاچچىق ۋە يەللىك ، تۇزلۇق، كۆيدۈرۈپ پىشۇرۇلغان، سېڭىشى تەس سوغاق يېمەك- ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

3) سوغۇق ئۆتكۈزۋىلىشتىن ساقلىنىش، باشنى ئىسىق ساقلاش كېرەك .

4) ئېغىر ئەمگەك قېلىشتىن، كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، زىيادە سوغوق ياكى زىيادە ئىسسىق مۇھىتا تۇرۇشتىن، سوغوق سۇ ئىچىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، غەم ئەندىشە قىلىش، قېنىق دەملەنگەن چاي، قەھۋە، ھاراق ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

كېسەلنىڭ مىزاجىغا ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ يۇقۇردا كۆرسىتىلگەن رىتسىپ داۋاللاش ئۇسۇللىرىنى شىپاگەرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىشلىتىڭ. كېسەل ئېغىر بولسا دوختۇر خانىغا بىرىشىنى ئالدىن شەرت بويىچە ئويلىشىڭ.

ئېھسان .پولات

2012-12-28

                             ئاز ساز شىپاگەر بىلوگىم                                          www.Azsaz.com

پايدىلانغان ماتىرياللار :

ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى

دەستۇرۇل ئىلاج

تىبى ئەكبەر

ئۇيغۇر تېبابەت قولانمىسى

پىشىق دورىلار خەزىنىسى

شىنجاڭ تىبى ئۇنۋىرىستىتى كىلاسىك ئەسەرلەر ئىلىمى دەرىسلىكى

شىنجاڭ تىبى ئۇنۋىرىستىتى ئىچكى كېسەللىكلەرئىلىمى دەرىسلىكى

ئاز ساز تورىدا ئىلان قىلنغان بارىلىق يازمىلارنىڭ يازما ھوقۇقىغا دەخلە تەرۈز قىلماسلىقىڭلارنى، ئىشلىتىلىش قىمىتىگە ئىگە يازمىلارنى توربەت قۇرغۇچىسى ۋە يازغۇچىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ ئاندىن باشقا توربەتلەر دە ئېلان قىلىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاز ساز شىپاگەر بىلوگىم                                         www.Azsaz.com

4 0

ulinix tori ئازساز