جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كېلىمات ۋە رايونلار كەيپىياتى بىلەن كىشىلەر مىزاجىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇناسىۋىتى

2013-يىل 12-مارت4,3991

 

(1)جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كېلىمات ۋە رايون كەيپىياتى بىلەن كىشىلەر مىزاجىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ

مۇناسىۋىتى

ئاز ساز تورىدا ئىلان قىلنغان بارىلىق يازمىلارنىڭ يازما ھوقۇقىغا دەخلە تەرۈز قىلماسلىقىڭلارنى، ئىشلىتىلىش قىمىتىگە ئىگە يازمىلارنى توربەت قۇرغۇچىسى ۋە يازغۇچىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ ئاندىن باشقا توربەتلەر دە ئېلان قىلىشىڭلارنى سورايمەن.

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى قۇرۇقلۇق خاراكتېرلىك تىپىك سوغۇقلۇق بىلەن ئىسسىقلىقنىڭ ئالمىشىشى بىر قەدەر روشەن بولغان كەيپىيات تىپىغا ئىگە. ھاۋا كىلىماتىغا ماس ھالدا بۇ رايون خەلقلىرى ئارىسىدا قۇرۇق سوغۇق مىزاج ۋە قۇرۇق ئىسسىق مىزاج ئايرىمىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، بەدەندە قۇرۇقلۇق كەيپىياتى ئورتاق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يەر شەكلىنىڭ يېپىق بولۇشى ۋە دېڭىز – ئوكيانلاردىن يىراق بولۇشى ئۇنىڭ ئىقلىمىنىڭ قۇرغاق بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەبتۇر. جەنۇبىي شىنجاڭدا ياز پەسلىنى ھېسابقا ئالمىغاندا شەرقىي شىمال شامىلى كۆپ چىقىدۇ. بۇ شامال ئىنتايىن قۇرغاق بولغاچقا شامال مەزگىلى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قۇرغاقچىلىق مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. شىمالىي مۇز ئوكيان ھاۋا ئېقىمىمۇ تيانشاننىڭ توسۇشىغا ئۇچرايدۇ. شۇنداقتىمۇ قالدۇق نەم ھاۋالار ئېگىز تاغلاردىن ھالقىپ ئۆتكەنلىكتىن، ئۇ نەملىكنى يوقىتىپ قۇرغاق قۇيۇن شامىلىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە توپا – بورانلىق قۇرغاق شامال پەيدا بولىدۇ. ياز پەسلىدە پەقەت تىنچ ئوكيان ھاۋا ئېقىمىنىڭ قالدۇق قىسمىلا جەنۇبىي شىنجاڭغا يېتىپ كېلەلەيدۇ.لېكىن ئۇنىڭ شامىلى ئاجىز، نەملىكى تۆۋەن بولىدۇ. يېغىۋاتقان يامغۇرنىڭ كۆپ قىسمى يەر يۈزىگە يېتىپ كېلەلمەي، بوشلۇقتا پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا جەنۇبىي شىنجاڭ ھاۋا كېلىماتىدا كونتروللىغۇچ رول ئوينايدىغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ قۇرغاق چۆللۈك ئىقلىمى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ قۇرۇق ئىسسىق كېلىماتلىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ۋە رايوننىڭ ئىقلىمىنىڭ بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەركىزى دېڭىز – ئوكيانلاردىن 2000 – 3000 كىلومېتىرغىچە يىراقتا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى تىنچ ئوكياندىن تەخمىنەن 3000 كىلومېتىر، جەنۇبىي تەرىپى ھىندى ئوكياندىن 2100 كىلومېتىر، غەربىي تەرىپى كاسپى دېڭىزىدىن 2500 كىلومتىر، شىمالىي تەرىپى شىمالىي مۇز ئوكياندىن 3400 كىلومېتىر يىراقلىقتا. ئۇنىڭ ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان. بۇ خىل تۈزۈلۈش تارىم ئويمانلىقىغا ئەڭ يېقىندىن تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ھىندى ئوكياندىن كەلگەن نەم ھاۋانىڭ نەملىكىنى يوقىتىپ، قۇرغاق ھاۋا ئېقىمىغا ئايلىنپ تەسىر قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يۇقىرىقى ئىقلىم شارائىتى بۇ رايونلارنىڭ رايون كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. جەنۇبىي ۋە شىمالىدا قۇياشنىڭ يورۇتۇش ئىسسىتىش ۋاقتى ئومۇميۈزلۈك ئۇزاق بولسىمۇ، لېكىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇ زور قۇملۇقلار قۇياشتىن رادىئاكسىيە شەكلى ئارقىلىق كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىپ، كېچىسى بۇ خىل ئىسسىقلىقنى قايتا ھاۋاغا ئۆتكۈزۈپ، كېچە – كۈندۈزلۈك ھاۋا پەرقىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. شۇڭا جەنۇبىي شىنجاڭدا ھاۋا رايى يازدا ئىسسىق، قىشتا ئىللىق بولىدۇ. قار – يامغۇر مىقدارى ئاز، پارغا ئايلىنىشى كۆپ، قىشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى قىسقا، ھەتتا بەزى رايونلاردا قىش بويى قار ياغمايدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن. بۇ رايونلاردا ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرى ئاساسىدا توپا – بورانلىق ھاۋا كېلىماتى بىرلىشىپ، كۆپىنچە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر بولۇپ، بۇ خىل ھاۋا كېلىماتى شۇ رايون كىشىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، قۇرۇقلۇق، سوغۇقلۇق، ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىدىن بولغان سەۋدا، سەپرا خىلىتلىرىنىڭ نورمالسىز ئۆزەىرىشى تۈرىدىكى جاھىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. يېمەك – ئىچمەك جەھەتتە جەنۇب كىشىلىرى ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى تائاملاردىن سامسا، ياڭاق سامىسىسى، كاكچا، كاۋا ماتىسى، گۆشلۈك پولو، يارما پولو، تونۇر كاۋاپ، زاغرا نان، بۆرەك كاۋىپى، قۇچقاچ گۆشى، ياڭاق چاي، مۇسەللەس قاتارلىق تائاملارنى ياخشى كۆرۈپ يېيىشكە ئادەتلەنگەن. رايونلار كەيپىياتى بىلەن ماس ھالدا بىرلىشىپ كەتكەن يېمەك – ئىچمەك ئامىلىنىڭ مىزاج ئۆزگىرىشىگە كۆرسەتكەن تەسىر نۇقتىسىدىن جەنۇبىي شىنجاڭ كىشىلىرىنىڭ مىزاج، خىلىت تۈزۈلۈشى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەھلىل قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا مەلۇم بىر كىشىلەر توپىنىڭ كىيىنىشى، ھەرىكەت ۋە ھاياتلىق پائالىيەتلىرىدە ئۆزگىرىش بولۇپلا قالماي، بەلكى ھاۋا كېلىمات، زامان ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىياجى ۋە مەجبۇرلىنىشى بىلەن يېمەك – ئىچمەك جەھەتتە ئوخشىمىغان دەرىجىدە پەرقلەر كۆرلىدىغانلىقى مەلۇم. مەسىلەن: ئەجدادلىرىمىز ياشاپ كەلگەن تارىم ۋادىسى مىلادىدىن ئىلەىرىكى زامانلاردىنمىلادى 5 – ئەسىرگىچە بىرقەدەر ئىللىق ۋە نەم كېلىماتقا ئىگە بولغاچقا سەمەرقەنتتىن تارتىپ، چەرچەن، چاقلىققىچە بولغان كەڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقتا مول ئېقىن، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى سۇ بايلىقلىرى، تۇتۇشۇپ كەتكەن ۋاھالەر بولغانلىقى ئېلىمىز ۋە چەت ئەل تارىم كىتابلىرى ۋە گىئولوگىيە ماتېرىياللىرىدا كۆپ قەيت قىلىنغان، ھەقىقەتەنمۇ ئەينى زامانلاردا بۇ رايون يەل – يېمىش ئىنتايىن مول، دەريا ئۆستەڭلەر گىرەلىشىپ كەتكەن، ھاۋاسى نەمخۇش كېلىماتقا ئىگە بولغاچقا، كىشىلىرى چىرايلىق، بەستلىك بولۇشى بىلەن بىرگ يەنە ھۆللۈكتىن بولغان كېسەللىكلەرگە مايىل بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچلۈك، ئىسسىق تاماق ۋە ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد سىڭىپ داۋاملاشقان قىممەت قارىشىغا ئايلانغان. بۇ ھەقتە مەھمۇد قەشقىرى «تۈركى تىللار دىۋانى» دا مىلادى 5 – ئەسىردىن ئىلەىرىكى دەۋرلەرگە خاس ئۇيغۇر تاماقلاردىن 50 نەچچە خىلنى مىسال قىلىپ ئالغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىنسانلارنىڭ تېزدىن كۆپىيىشى، ھاۋا كېلىماتىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك جىددىي ئۆزگىرىشى ھەمدە ھىمالايا تېغىنىڭ ئېگىزلىشىشىگە (يېقىنقى دۇنيا پەن – تېخنىكىسىدىن تەرمىلەر گېزىتىدە خەۋەر قىلىشىچە بۇ تاغ ھەر يىلى پۈتۈن تىزما بويىچە 16 سانتىمېتىردىن ئۆرلەپ بېرىۋېتىپتۇ) ئەگىشىپ ھىندى ئوكياندىن كېلىدىغان نەم شاماللار قەشقەر، خوتەن ۋە چاقلىق رايونلىرىغا بارغانسېرى ئاز كېلىدىغان بولغان. نەتىجىدە ھۋا تەركىبىدىكى نەملىك جىددىي ئازايغان، يەر ئاستى سۇ يۈزى تۆۋەنلىگەن. ئىلەىرىكى مۇنبەت يەرلەر يېقىنقى بىر نەچچە ئەسىردىن بۇيان چۆلدەرەپ كەتكەن، يازلىقى قۇرۇق ئىسسىق، قىشلىقى قاتتىق سوغۇق بولىدىغان بولۇپ قالغان. مانا بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ رايون كىشىلىرىدە كۆز قاراش، روھىي ھالەت، تەن ھالەت، مىزاج ۋە ئاخىرىدا خىلىتلاردا ئۆزگىرىش بولۇپلا قالماي، بەلكى خىلىت ئۆزگىىشىگە ئىچكى سەۋەب بولغۇچى، يېمەك – ئىچمەك جەھەتلەردىمۇ روشەن ئۆزگىرىشلەر بولۇپ ئۆتكەن. كىشىلەر ئىلەىرىكىدەك ئىسسىقلىقى يۇقىرى تاماقلارنى يېگەندە ھەر خىل ھەزىم يولى كېسەللىكلىرى، تېرە كېسەللىكلىرى يۈز بەرگەن. يېمەك – ئىچمەك، سىرتقى مۇھىتنى بىر گەۋدە قىلىپ تەھلىل قىلغاندا سىرتقى تەرەپتىن تەىسر قىلغان قۇرۇق ئىسسىق، قۇرۇق سوغۇق ھاۋا كېلىماتى كىشىلەر بەدىنىدىكى مادد ئالمىشىشنى كۈچەيتىدۇ. تېرىلەرنىڭ ئاجرىتىپ چىقىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ بەدەندە قۇرۇقلۇقنى مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇنغا چىقىرىدۇ. بۇنىڭغا قۇرۇقلۇق،ئىسسىقلىقى يۇقىرى بولغان تائاملار قوشۇلۇپ تەسىر قىلىپ خىلىتلارنىڭ قىزىشىنى، قويۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قان تومۇر قېتىش، تېرە كېسەللىكى، ئۆت تاشكېسەللىكى،ئاياللار كېسەللىكى، بالىياتقۇ راكى، جىگەر راكى مۇھىت بۇزۇلۇشتىن چىققان نەپەس يولى، ھەزىم يولى كېسەللىكى، سۇ مەنبەسى بۇلغىنىشىدىن بولغان ھەر خىل يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى، تال ياللۇغى جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بەز ياللۇغىغا ئوخشاش كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. مىزاج، روھىي ھالەت پسىخىكا ئۆزگىرىشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇھىت كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە، يەنى بەدەندە، قۇرۇقلۇق كەيپىياتىنىڭ غالىپ ئورۇننى ئىگىلىشىگە ماس ھالدا بەدەن ئورۇقلاپ، ۋىجىكلىشىشكە باشلىغان. كىشىلەردە ئىشلارنى تېز، ئەمما چالا قىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالغاندەك، ئالدىرىماي، ئەستايىدىل ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدىغان يېزىقچىىق، پۈتۈكچىلىك ۋە تەبىئىي پەن مەشغۇلاتلىرى ئازىيىپ، ناخشا – مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە ئىجتىمائىي پەنگە ئالاقىدار ئىشلار ئەۋج ئالغان.

جەنۇبىي شىنجاڭدىن خوتەننى مىسالغا ئالىدىغان بولساق،خوتەن قەدىمكى مەدەنىيەتلىك يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ،ئومۇمىي يەر كۆلىمى 427 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر، يىللىق ھۆل – يىغىن مىقدارى 30 ـ 25 مىللىلتىر، قىروسىز مەزگىلى 210كۈن ئەتراپىدا بولۇپ، ئومۇمەن خوتەننىڭ كېلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى قۇرغاق چوڭ ئىقلىمغا كىرىدۇ. تۇپرىقى سازلىق، يەر ئاستى سۈيى مول، يەر ئۈستى كىلىماتى قۇرغاق ۋە بورانلىق كېلىدۇ. ھاۋانىڭ تەركىبى نىسبەتەن قۇرۇق، قاتتىق سوغۇق بولىدىغان كۈنلىرى نىسبەتەن ئاز بولىدۇ. كوئىنلۇن تاغ تىزمىسى خوتەن رايونىغا ھىندى ئوكياندىن كېلىدىغان نەم ھاۋانى توسۇپ قالىدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ قۇم بورانلىق قۇرغان ھاۋا كېلىماتى بۇ رايونغا ئاسان تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى زامانلاردا ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى ئانا دەريا تارىمنىڭ قۇرۇپ مېڭىشى نەتىجىسىدە خوتەن تۇپرىقى ۋە ھاۋاسىنىڭ نەملىك دەرىجىسى تۆۋەنلىدى. شۇڭا ھازىر خوتەن كىشىلىرىنىڭ بەدەن سۈپىتىنى ۋە مىزاجى ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭكىگە قارىغاندا قۇرغاقراق دەيمىز. گەرچە خوتەننىڭ مول سۇ بايلىقى مەنبەسىگە ئىگە قاراقاش، يۇرۇڭقاش دەريالىرىدىن تەركىب تاپقان ( ئېقىم مىقدارى جەھەتتە ئىلى دەرياسى بىلەن تەڭ كېلىدىغان) خوتەن دەرياسى بولسىمۇ، لېكىن يىل بويىچە ئاران ئۈچ ئايلا سۇ ئاقىدۇ. سۇنىڭ سىڭىش نىسبىتى %50 كە يېتىدۇ. پارغا ئايلىنىش نىسبىتى ئېغىر. بۇ رايونلاردىكى كىشىلەر بۇ خىل تەبىئىي مۇھىت شارائىتى بىلەن كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە ئۆزىگە خاس مىزاج ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان. بۇ دىياردىكى خەلقلەر ئىچىدە سەۋدا، سەپرا مىزاجلىقلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ. خوتەن ئۇيغۇرلىرى ھال تەنلىك، يۇمىلاق باش، ئوتتۇرا بوي، بۇرنى ئىنچىكە يۈزى سوقىچاقراق، چاچلىرى قارا ياكى قارامتۇل، دولقۇنسىمان، ساقال – بۇرۇتلىرى قويۇق، قوي كۆز، قاش – كىرپىكلىرى تولۇق، تەبەسسۇم چىراي كېلىدۇ. يېمەك – ئىچمەك جەھەتتە خوتەن ئۇيغۇرلىرى تەبىئىي يېمەك – ئىچمەكلەرگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. تاماقنىڭ تەمى ھەم كەيپىياتىنى ھەر كىم مىزاج ئەھۋالىغا قاراپ، رېئال قاراش ئاساسىدا تەييارلايدۇ. مانا بۇ سەۋدا خىلىتلىق كىشىلەرنىڭ يېمەك – ئىچمەككە بولغان تىپىك قارىشى خوتەنلىكلەردە چاي دورا دەملەپ ئىچىش ئادىتى ئومۇملاشقان بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا دەريا دەپ ئاتالغان يۇرۇڭقاش دەريا سۈيىنى كومزەكلەرگە ئېلىپ قاچىلاپ ساقلاپ ئەتىۋارلاپ ئىچىش ئادىتى ھازىرمۇ داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئاساسلىق يېمەك – ئىچمەكلەردىن غورا ئاش، لەغمەن، دۇڭلە، گۆشگىردە، سامسا، پولو، تاۋا كاۋاپ، تونۇر كاۋىپى، چامغۇر ئومىچى، زاغرا نان، ھەر خىل گۈلقەنت، مۇسەللەس قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا خوتەن خەلقىنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىككە بولغان ھۆرمىتى كۈچلۈك ھەم بۇ رايونلاردا تېبابەتنىڭ يىلىتىزى چوڭقۇر بولغچقا، باشقا رايونلارغا قارىغاندا، بۇ يەردىكىلەرنىڭ يېمەك ئىچمەكتە ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ پەرھىز ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر نىسبەتەن كۆپ.

مۇھىتقا ماسلىشىش نۇقتىئىينەزەرى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۆز مىزاجىغا، ھاۋا كېلىماتىغا قاراپ ئوزۇقلۇقنى تەڭشەش، يېمەك – ئىچمەك، تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش بۇ رايوندىكى ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ ھالقىسى. خوتەن كىشىلىرى ئارىسىدا سەۋدا، بەلغەمنىڭ كۆپىيىشىدىن بولغان ئېغىر كېسەللىكلەردىن ئۆپكە سىلى، ئۆسمە، ئاياللار كېسەللىكلىرى، تاش كېسەللىكىرى، نېرۋا كېسەللىكلىرى، مېڭە، قان تومۇر كېسەللىكىرى كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

نېرۋا، ئۆپكە ۋە ئىممۇنىتېتقا دائىر كېسەللەر، سۇنىڭ نىسبەتەنناچارلىقى سەۋەبىدىنكېلىپ چىقىدىغان جىگەر كېسەللىكىرىگە ئوخشاش كېسەللىكلەر خوتەنلىكلەرنىڭ جارى بولۇشىغا تېگىشلىك قابىلىيىتىنى توسۇپ تۇرىدىغان ئاساسلىق توسالغۇ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ رايون كىشىلىرىنىڭ كېسەللىكلەرگە قارشى ئىممونىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، يۇقۇملۇق سوزۇلما كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا خوتەندە كىشىلەرنىڭ گۆش ئىستېمال مىقدارىنى ئاشۇرۇش، سۈت ئىچىش ئادىتىنى قايتىدىن يېتىلدۈرۈش، ھايۋانىي يېمەكلىكلەر بىلەن ئۆسۈملۈك يېمەكلىكىنىڭ نىسبىتىنى تەڭشەش كېرەك.

(2) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كېلىمات ۋە رايون كەيپىياتى بىلەن

كىشىلەر مىزاجىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ

مۇناسىۋىتى

شىمالىي شىنجاڭ ئىقلىمىنىڭ شەكىللىنىش ئاساسى شىمالىي مۇز ئوكيان ھاۋا ئېقىمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو – سوۋىت چېگرىسىدىكى تاغلارنىڭ يوچۇقلىرىدىن شىمالىي مۇز ئوكيان ھاۋا ئېقىمى يېتىپ كېرەلەيدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدا بولسا بۇ خىل شارائىت يوق. شىمالىي شىنجاڭ قىش پەسلىدە سىبىرىيىنىڭ سوغۇق ئېقىمىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ. باھار پەسلىدە سىبىيىرىنىڭ بۇ خىل ھاۋا ئېقىمى ئاستا – ئاستا ئاجىزلىشىپ شىمالىي مۇ زئوكيان سوغۇق ئېقىمىنىڭ پائالىيىتى ئەۋج ئالىدۇ. غەرب شامىلىنىڭ تەسىرىدە بۇ خىل سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىمالغا سوزۇلۇپ شىمالىي شىنجاڭدا باھار يامغۇرىنىڭ كۆپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرنىڭ پەسىللىك تەقسىملىنىشى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ باھار پەسلىدە نىسبەتەن كۆپرەك بولىدۇ. مەسىلەن: ئۈرۈمچىنىڭ پۈتۈن يىللىق ھۆل – يىغىن مىقدارىنىڭ %34 تىنى باھار پەسلى، %28 تىنى ياز پەسلى، %21 نى كۈز پەسلى، %17 نى قىش پەسلى تەشكىل قىلىدۇ. تيانشاننىڭ شىمالىي يان باغرى بىلەن ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربىي جەنۇب تاغلىرىدىكى كۆپلىگەن جايلاردا يىللىق ھۆل – يىغىن مىقدارى 1000 مىللىلىتىردىن ئاشىدۇ. تاغ ئېتەكلىرىدە ئازراق بولۇپ ئوتتۇرىچە 500 مىللىلېتىردىن تۆۋەنرەك بولىدۇ. قىش پەسلىدە قار كۆپ ياغىدۇ. ياز پەسلىدە يامغۇر ياغىدىغان كۈنلەر كۆپ. شىمالىي شىنجاڭنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى شىمالىي شىنجاڭ قۇملۇقىدا قىش پەسلىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى 5 ئايدىن ئاشىدۇ. ياز پەسلىدە ھۆل – يىغىن مىقدارى 96.3 – 200 مىللىلېتىرغىچە بولۇپ، پارغا ئايلىنىش مىقدارىمۇ تۆۋەن. ھۆل – يىغىن مىقدارى تارىم ئويمانلىقىدىكى تەكشىلىكلەردە 30 – 40 مىللىلېتىر بولسا، جۇڭغار تەكشىلىكىدە 200 – 300 مىللىلىتىرغىچە كېلىدۇ. قۇملۇقلىرىدا بەلگىلىك يەر ئاستى سۇ مەنبەسى بار. قۇملۇقلار نىسبەتەن تۇراقلىق خاراكتېرگە ئىگە. شىمالىي شىنجاڭدا بۇغدا، ماناس، ئىبنۇر، سايرام كۆللىرى، ئىلى دەرياسى،بورتالا دەرياسى، ئېرتىش دەرياسى، ئۈرۈمچى دەرياسى، كۈنەس بۇ رايونلار ھاۋا كېلىماتىدا ھۆل – يىغىنلىق نەم كېلىماتنىڭ شەكىللىنىشىنى پايدىلىق شەرت – شائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھاۋا كېلىمات كەيپىياتىدا ھۆل سوغۇق كەيپىيات تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك، كىشىلەرنىڭ مىزاج ئايرىمىسى جەھەتتە قان، بەلغەم مىزاجدىكىلەر كۆپرەك، سەپرا، سەۋدا مىزاجىدىكىلەر تۆۋەن سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

شىمالدا ياشىغان ئەجداتلىرىمىز ئۇزاق زامانلاردىن بېرى دېقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. يەتتە سۇدىن تاكى گوبى چۆللۈكلىرىگىچە بولغان جايلاردا قىشلىقى قاتتىق سوغۇق، يازلىقى سالقىن ۋە بورانلىق كۈنلەر كۆپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن تاشقى بەدەننى ئىسسىق تۇتۇش، كۈچلۈك، ئىسسىق يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش ئادىتى شەكىللەنگەن ھەمدە مۇشۇ ئادەتكە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنىغان تۇرمۇشتا كۆچۈپ يۈرۈشكە ئىستېمال قىلىشقا ئاسان يېمەك – ئىچمەكلەر ئىجاد قىلىنغان. شىمالنىڭ ۋە تاغلىق رايونلارنىڭ ھاۋاسى سوغۇق بولغاچقا، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك – ئىچمەكلەر كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. بۇ يەردىكى كىشىلەر تۇرمۇش ئېھتىياجى ۋە يېمەكلىكنىڭ تەسىرى بىلەن چاققان ھەرىكەتچان كېلىدۇ. قان بېسىمى ئويمان ياكى ئىسسىق يەر كىشىلىرىنىڭكىدىن ئۈستۈنرەك، تەپەككۇرى تېز بولىدۇ. بۇ رايونلاردا سىرتقى نەم ھاۋا بىلەن سوغۇقلۇق تىپىدىكى ئىچكى يېمەكلىكلەر تەسىرى ئاستىدا رېماتىزىم، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى، لىمفا كېسەللىكى، ئاق كېسەل، سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى، ئەرلەر كېسەللىكى، يۈرەك كېسەللىكلىرىگە ئوخشاش بەلغەم، قان خىلىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بولغان كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىر قەدەر يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىدىن بولغان خىزمەتلەردىكى ئەمگەك سىجىللىقى، تۇرمۇش جىددىيلىكى ئاساسىدا شەكىللەنگەن روھى بېسىم، ياشلاردىكى زامانىۋىلىشىش، قارىغۇلارچە مودا ئېقىمى بەدىلىگە كەلگەن ھەر خىل زامانىۋى مودا كېسەللىكلەر، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ تېز يامرىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئەيدىز كېسىلى، زەھەرگە خۇمار بولۇش، بوشاڭلىق، روھىي تەشۋىشلىك قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى كېسەللىكلەر پەيدا بولماقتا. ياشانغانلاردا بولسا قاندا ماي ئۆرلەپ كېتىش، يۈرەك قان تومۇرلىرى قېتىش، دىئابىت كېسەللىكى، سېمىزلىك كېسەللىكى، ئۆت تاش كېسەللىكى بىلەن ئاغرىش نىسبىتى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.

شىمالىي شىنجاڭدىن ئىلىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئىلى جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن شەرقى مېردىئان ″550′6°94-″42′9°80، شىمالىي پاراللېل  ″30′56°44-″16′14°42 قا توغرا كېىدۇ. مۆتىدىل بالۋاغ چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى ئوتتۇرا مۆتىدىل كېلىماتىغا كىرىدۇ. جەنۇب ۋە شىمالنى تەڭرى تاغلىرى ئوراپ تۇرىدۇ. ۋادىنىڭ غەرب تەرىپى غەربكە قاراپ ئېچىلغان بولغاچ نەم ھاۋا بىمالالل كىرەلەيدۇ. سۈيى مول، ئۈچ تەرەپنى ئوراپ تۇرغان تاغلار سوغۇق ھەم قۇرغاق ھاۋانى توسۇپ تۇرىدۇ. قازاقىستان بىلەن تۇتاشقان قىسمى تۈزلەڭلىك بولغان نەم ھاۋا قاتلىمى غۇلجىغا تەسىر قىىدۇ. ھۆل – يېغىن مىقدارى 200 مىللىلېتىر ئەتراپىدا، كۈننىڭ يورۇتۇش كۈچى j/m3580، قىش پەسلىدە سىمىرىيىنىڭ سوغۇق ئېقىمى ئاسانلا بۇ رايونلارغا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىلى ۋادىسىدا مول يەر ئۈستى، يەر ئاستى سۇ بايلىقى بولۇپ، دەريا – ئېقىنلار بۇ رايوننىڭ كېلىماتىغا كۆپ مىقداردا نەملىك ئېلىپ كېلەلەيدۇ. تەڭرى تاغ قار مۇزىنىڭ ئېرىشىدىن شەكىللەنىگەن كۈنەس، قاش، تىكەس دەريالىرىنى بىر گەۋدە قىلىپ ئاققان ئىلى دەرياسى بۇ ۋادىنىڭ ئانا ئېقىمى سۈپىتىدە مول سۇ بايلىقى بىلەن تەمىنئەتكەن، ئۇنىڭ ئېقىم مىقدارى 5 مىليارد 90 مىليون كۇپ مېتىر بولۇپ ئۇمۇمىي سۇ مىقدارى خۇاڭخې دەرياسى سۇ مىقدارىدىنمۇ كۆپ.

ئىلى رايونىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ئەنە شۇنداق نەملىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان كەيپىيات ئىقلىمىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان. ئىلىنىڭ يەر – زېمىنى مۇنبەت، تۇپرىقىنىڭ ئورگانىك تەركىبى يۇقىرى، مېۋە – چېۋە، سەي – كۆكتاتلار ياخشى ئۆسىدۇ. ئىلى ئالمىسى بۇنىڭ مىسالىدۇر. يېمەك – ئىچمەك جەھەتتە ئىلى خەلقلىرى ھۆل مېۋىلەرگە ئامراق، ئالما، شاپتۇل، تاۋۇز، قوغۇن، ئالقات، مالىنا، قولۇبنەك، بۆلجۈرگەنگە ئوخشاش مېۋىلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. پولو، لەغمەن، قولداما، چۆچۈرە، ئۈگرە قاتارلىق تائاملارنى ئىستېمال قىلىدۇ. ئىلى كىشىلىرىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلاردا سۈت ئىستېمال قىلىش كەڭ ئومۇملشقان بولۇپ، ھەر ئەتىگىنى ناشتىلىقىغا سۈت ئىچىدۇ. چاي دورائىستېمال قىلىش ئادىتى خوتەن رايونىدىكىدەك كۆرۈنەرلىك ئەمەس. قىش پەسلىدە ئات گۆشى ھەم ئات گۆشىدىن تەييارلانغان قىزا بېسىلغان پولولارنى كۆپرەك يېيىشكە ئادەتلەنگەن. ئىجتىمائىي تۇرمۇش مۇناسىۋىتىدە ئىللىق، چىقىشقاق، خۇشچاقچاق، يۇمۇرىستىك كېلىدۇ. ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشقا ئامراق، يۇقىرىقى سىرتقى مۇھىت ئامىلى ھەم يېمەك – ئىچمەك تەسىرىدىن سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلغاندا ئىلىنىڭ ھاۋا كېلىماتىدىكى نەملىك، خەلقلەرنىڭ كۈندىلىك ئىستېمالىدىكى يېشىل يېمەكلىك،  قوي گۆشى، مېۋە – چېۋىلەر تەسىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىللىقلارنىڭ مىزاج ئايرىمىسى جەھەتتە ھۆللۈك كەيپىيات ئورتاق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ھۆل ئىسسىق مىزاجلىقلار، ھۆل سوغۇق مىزاجلىقلار نىسبىتى بىرقەدەر كۆپرەك،  قۇرۇق سوغۇق مىزاجلىقلار ۋە قۇرۇق ئىسسىق مىزاجلىقلار نىسبىتى نىسبەتەن ئاز سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

مىزاج ئايرىمىسى، خىلىت تزۈلۈشى، ھاۋا كېلىماتى، ئىجتىمائىي مۇھىت ئامىلىنىڭ مىزاج – خىلىت ئۆزگىرىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، بۇ رايوندا قان، بەلغەمدىن بولغان كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىدىن ئاق كېسەل، تېرە تەمرەتكىسى، رېماتىزىم، يۈرەك كېسەللىكلىرى، ئەرلەر كېسەللىكى، ئۆپكە كېسەللىكى، دىئابىت كېسەللىكى، قان تومۇر قېتىش، سېمىزلىك كېسەللىكلىرى بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇھىت كېلىمات تەسىرى بىلەن ئىجتىمائىي ئامىللار تەسىرىدىن كېلىپ چىققان ئۆت تاش كېسەللىكى، نېرۋا كېسەللىكى، ئەيدىز كېسەللىكى، يامان سۈپەتلىك تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى خىلىت ئۆزگىرىشىگە يالغۇز تەبىئىي مۇھىت ئامىلىلا ئەمەس، يەنە ئىجتىمائىي مۇھىت ئامىلىنىڭمۇ زور تەسىر قىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلى بولالايدۇ.

ئاز ساز تورىدا ئىلان قىلنغان بارىلىق يازمىلارنىڭ يازما ھوقۇقىغا دەخلە تەرۈز قىلماسلىقىڭلارنى، ئىشلىتىلىش قىمىتىگە ئىگە يازمىلارنى توربەت قۇرغۇچىسى ۋە يازغۇچىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ ئاندىن باشقا توربەتلەر دە ئېلان قىلىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاز ساز شىپاگەر بىلوگىم                                         www.Azsaz.com

14 1
  • گۇلۇم2013-يىل 13-مارت سائەت 1:14 چۈشتىن كېيىن جاۋاب

    بۇ ئۆزگىچىلىكلەرممۇ باركەندە ئەسلى چۈشۈنۈشلۈك ، مۇھىتمۇ كىشىلەرگە بەك تەسىر قىلىدۇ

    #1  

ulinix tori ئازساز