ساغلام تەندە ساپ ئەقىل بولىدۇ! 《ساقلىقنى ساقلاش ئىلىمى》

2012-يىل 26-ئۆكتەبىر2,0840

ئەقىل − ئىدراكنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن، بەدەننىڭ ساغلام بولۇشى ئالدىنقى شەرت ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكىلەر<<ساغلام ئەقىل ساق تەندە بولىدۇ>> دېگەن. ساغلام بەدەن بولماسلىق كېسەلچان بولۇش ياكى كېسەل بولۇش ۋە جىسمانىي جەھەتتىن مەئيۇپ )ھېيىپناك( بولۇش، بەخت − سائادەتلىك تۇرمۇش كۆچۈرۈشنىڭ دۈشمىنىدۇر. تېنى ساغلام بولمىغان، كېسەل بولغانلار بۇ دۇنيادىن تولۇق ھوزۇر ئالالمايدۇ، ھەرقانچە باي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشى تولۇق − تاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھوزۇرى بولمايدۇ. تېنى ساغلام بولغان ئادەملەر ھەرقانچە قىيىنچىلىق ئىچىدە بولسىمۇ، ھەرقانداق تۇرمۇش شارائىتىدە يەنە ھوزۇرلۇق ياشىيالايدۇ. ئادەم كېسەل بولغاندا كىرىمى ئاز، چىقىمى كۆپ بولۇپ قالىدۇ. بالا − چاقا، ئۇرۇق − تۇغقانلىرىغا يۈك بولۇپ قالىدۇ. كېسەل بولغان ئادەم ھەمىشە غەمكىن ۋە پەرىشان ياشايدۇ. ئىلىم − پەن ۋە ھۈنەر سانائەتنىمۇ ئۆگىنەلمەيدۇ. دېمەك، تەن سالامەتلىك بىباھا نېمەت ۋە ئىنساننىڭ بەخت سائادىتىنىڭ ئاساسىدۇر. كېسەللىك ئىنساننىڭ بەختسىزلىكى، ھەربىرقىيىنچىلىقنىڭ مەنبىئىدۇر. شەيخۇل رەئىس ئىبىنسىنا شۇنداق دېگەن: »تەن سالامەتلىك ساق ئادەملەرنىڭ بېشىدىكى شەرەپلىك ئالتۇن تاج، بۇ تاجنى كېسەل ئادەملەر كۆرەلمەيدۇ«. خۇلاسە شۇكى، ئىنسانغا ھەممىدىن مۇھىم نەرسە تەن سالامەتلىكنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئۇسۇل قائىدىلىرىنى ئۆگىنىشتۇر. بۇ ئىش يالغۇز تېببىي خادىملارنىڭ ۋەزىپىسىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى دۇنيادا ساق − سالامەت ياشاشنى خالايدىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.

ساقلىقنى ساقلاش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلغان ئادەم قېرىسىمۇ روھلۇق، ساغلام بەدەن، كۈچلۈك بولىدۇ. ئاسانلىقچە كېسەل بولمايدۇ. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ. ھەتتا بەدىنى كۈچلۈك بولىدۇ. ئاسانلىقچە كېسەل بولمايدۇ. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ. ھەتتا بىر ئەسىردىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرۈشىمۇ مۇمكىن. ساقلىقنى ساقلاش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمىغان، ئۆزىنىڭ شەھۋانىي، نەپسانىي ھېسسىياتىدىن كەلگەن ھەرخىل كەيپىياتقا بېرىلىپ كەتكەن، ھەمىشە ئويۇن، تاماشا شەھۋەتپەرەسلىك ۋە شاراپخورلۇققا بېرىلىپ كەتكەن ۋە بۇنداق ئىشلارنى كۆرگەندە، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەن سالامەتلىكىگە ئەھمىيەتسىز قارايدىغان، ئۆز جىسمانىيىتى، مىزاجى ۋە تەبىئىي خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزى چۈشەنمىگەن ئادەم، ھەرخىل كېسەللەرگە ئاسان مۇپتىلا بولۇش ۋە ۋاقىتسىز ناھەق ئۆلۈپ كېتىش شارائىتىنى ئۆزى ھازىرلىغان بولىدۇ.

شەيخۇل رەئىس ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا شۇنداق دېگەن:<<ھەرقانداق ئادەم بالىسىنىڭ تەبىئىي ئۆمۈرى 120 ياشقىچە بولۇشقا تېگىشلىك، چۈنكى ئادەمنىڭ جىسمانىي تۈزۈلۈشتىكى ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ خۇسۇسىيىتى، تەبىئىي كۈچ ئىقتىدارى ۋە تەبىئىي خىزمىتى(فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى)120 ياشقىچە داۋام قىلىشقا لايىق كېلىدۇ. 120 ياشتىن تۆۋەن ئۆلۈپ كەتكەنلەر (كېسەل سەۋەبى بىلەن ئ−ۆلگ−ەنل−ەر) پۈتۈنلەي ناھەق ئ−ۆلۈپ كەتكەن ھېسابلىنىدۇ>>. ئەمەلىيەتتىمۇ 120 ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەن ئادەملەر خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئانىسىدىن ساغلام تۇغۇلغان ۋە ساقلىق ساقلاش قائىدىلىرىگە مۇۋاپىق تەربىيىلەنەن بالىلارنىڭ ئۆمۈرى ئادەتتىكى بالىلاردىن 10، 20ياش ئۇزۇن بولغانلىقى بايقالغان.

دۇنيا مىقياسىدا ھەركۈنى چوڭ − كىچىك، ئەر − ئايال بولۇپ، مىليونلارچە ئادەم كېسەل بولۇۋاتىدۇ. ئەجىبا كۆپچىلىك بۇنىڭغا دىققەت قىلمايدۇ. بۇنى ئادەتتىكى ئىشلار دەپ قاراپ، تەسىرلەنمەيدۇ ياكى »ئۆلۈم دېگەن تەبىئەت قانۇنى، خۇدادىن كەلگەن ئەجەل. ياش بولسۇن، قېرى بولسۇن بەرىبىر ئۆلىدۇ« دەپ قارايدۇ. توغرا، ئۆلۈم دېگەن بار نەرسە، ئۇنىڭغا ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تەبىئىي ۋاقتى بولىدۇ. يۇقىرىقىدەك كۆز قاراشلار، نادانلىق زامانىسىدىن كەلگەن جاھىلانە كۆز قاراشلاردىن باشقا نەرسە ئەمەس. تەبىئەتنىڭ قانۇنىمۇ ئادىل قانۇن. بۇ قانۇن بويىچە بولسا ئادەم ئىبىنسىنا ئېيتقاندەك 120 ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرۈشى كېرەك ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆلگەنلەر − تەبىئەت قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ۋاقىتىسىز ئۆلگەنلەردۇر.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، دۇنيا ھەرقايسى مەملىكەتلىرىدە ئېچىلغان خەلقئارا سەھىيە يىغىنلىرىدا دۇنيادا كۆپىيىۋاتقان ئۆلۈم − يېتىم ھادىسلىرى، ۋابا، چۇمالار ۋە دەھشەتلىك كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەب ۋە شارائىتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاخىرىدا »بۇ ئىشلارنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ئادەملەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمىغانلىقى، ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بۇزۇلغانلىقى، ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ تەكىتلەپ ئېيتقاندا، ياشلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش تەربىيىسىدىن مەھرۇم قالغانلىقى، نادانلىق ۋە جەمئىيەت تۈزۈمىنىڭ ناچارلىقى، مەملىكەت بويلاپ يامراپ كەتكەن مەنىۋىي بۇلغىنىش ۋە تازىلىق قائىدىلىرىنىڭ ناچارلىقىدىن كېلىپ چىققان دېگەن خۇلاسىگە كېلىنگەن.

قەدىمكى تېۋىپلارمۇ، ئادەملەرنىڭ تەن سالامەتلىكى ئۈچۈن سىتتە زۆرۈرىييە (سالامەتلىك ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئالتە زۆرۈر شەرتلەر) نى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ سىتتە زۆرۈرىييە كۆز قارىشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىمۇ نەچچە ئون ئەسىر بولدى، بۇنىڭدىن ئىنسانلارمۇ پايدىلاندى. لېكىن جاھان تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئادەملەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى، ئۆرپ − ئادەتلىرى ۋە مىزاجىمۇ ئۆزگەرمەكتە. سىتتە زۆرۈرىييىدىن باشقا، قىلمىسا بولمايدىغان بىر نەچچە زۆرۈرىيەتلەر مەيدانغا چىقتى. دېمەك سىتتە زۆرۈرىييىنىڭ دائىرىسى خېلى كېڭەيدى. بىز تۆۋەندە قەدىمكىلەر ئوتتۇرىغا قويغان سىتتە زۆرۈرىييەنى ھەم جەمىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ شەكىللەنگەن ساقلىقنى ساقلاش ئامىللىرىنى بىرلەشتۇرۇپ تەپسىلىي بايان قىلىمىز:

1.ھاۋا 2.سۇ 3.يىمەك-ئىچمەك 4.كىيىم-كىچەك 5.تازلىق 6.تۇرار-جاي 7.ئۇيقۇ-ئويغاقلىق 8.ھەركەت-جىملىق 9. ئىستىفىراغ-ئىھتىباس 10.روھى كەيپىيات 12. ئەزالارنى ئاسىراش دىن ئىبارەتتۇر.ساقلىقنى ساقلاشنىڭ نىمە زۆرۈرىيىتى بار

1).نەسىلنى ساپلاشتۇرۇش: يەنى ئأزىمىز سالامەت بولساق ھەر خىل ئارزۇ-ئارمانلارغا يىتىپلا قالماستىن ياخشى ئەۋلات قالدۇرغىلى بۇلىدۇ.2).ساغلام تەندە ساغلام ئەقىل پەيدا قىلىش.3).ئىلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنى نۇقسانسىز ئىلگىرى سۈرۈپ،جەمىيەت ئۈچۈن تپخىمۇ كۆپ بايلىق يارىتىش4).ماددى-مەنىۋى جەھەتتىكى ئىھتىياجغا بولغان غەم-ئەندىشىنى تۈگۈتۈشتىن ئىبارەت.

 

5 1

ulinix tori ئازساز