يۇقىرى قان بىسىم بىمارلىرىنىڭ ئائىلە رېتسىپلىرى

2012-يىل 3-ئۆكتەبىر2,9290

يۇقرى قان بېسىم كىسەللىكى ۋە كىسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا  :1 1. روھى كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشەش ،غەم-ئەندىشىلەردىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇش.    2 . قەۋزىيەت بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش.   3 . قان بېسىمى بەك ئۆرلەپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا جىسمانىي ئەمگەك ،يىنىك تەنتەربىيە مەشغۇلاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش،كۆپرەك پىيادە يول يۈرۈش،بەدەننى چېنىقتۇرۇش لازىم. 4 . ئىشلەش ،دەم ئېلىش ،تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇش. يىتەرلىك دەرجىدە ئۇخلاش ۋە مۇۋاپىق كۆڭۈل ئېچىش لازىم    .5 . بەك ياغلىق ،مايدا قورۇلغان تاماقلاردىن مۇۋاپىق دەرجىدە پەرھىز تۇتۇش. بەدەندە يىغىلىپ قالمايدىغان، ئاسان ھەزىم بۇلىدىغان ،قاننى قۇيۇقلاشتۇرمايدىغان غىزالارنى ئىستىمال قىلىش لازىم.   6 . ھاراق ئىچمەسلىك ، تاماكا چەكمەسلىك، تۇزنى ئازراق ئىستىمال قىلىش لازىم.

7 .مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش ،قىش كۈنلىرى بولسا قۇرۇتۇلغان مېۋىلىرى بولسىمۇ بۇلىدۇ    .8 . دورىلاردىن ۋە يىمەكلىكلەردىن قاننى سۇۋۇتىدىغان ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدىغان ، روھنى كۈچلەندۈرىدىغان دورا ۋە يىمەكلىكلەرنى يىيىش.يۇقىرى قان بىسىم بىمارلىرى ئائىلىدە تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قىلىپ بەرسە بولىدۇ.

(1)تاۋۇز ياكى تاۋۇز سۈيىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ .(2)ئوبدان پىشقان قۇغۇننى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.

(3)ھەر كۈنى تاۋۇز ئۇرۇقىنىڭ مېغىزىنى بەش گىرام ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.(4)زىرىقنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.(5)يۇمغاقسۇتنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.(6)كۆممىقۇناقنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.(7)مۇۋاپىق مىقداردا كالا سۈتى ئىستىمال قىلىپ بەرسە ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.(9)ئاچچىق ئانار سۇيى بىلەن شىكەردە شەربەت تەييارلاپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.(10)ئاق تۇرۇپنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ دائىم ئىچىپ بەرسە ،، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.(11)مۇۋاپىق مىقداردا پىدىگەن ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.(12)مۇۋاپىق مىقداردا قىزىلچا ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.(13)شوخلىنى كۈندە 1-2 دانە يەپ بەرسە ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.(14)ئۆرۈك غۇرىسىدا مۇراببا تەييارلاپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.(15)ئامۇتنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.(16)شاتۇتنى سىقىپ ،شىكەر بىلەن قىيام قىلىپ ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.(17)كونا سۈگەت پۇرىنى قاينىتىپ كۈندە بىر پىيالىدىن ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.(18)كۆممۇ قۇناق ساقىلىنى دەملەپ كۈندە بىر پىيالىدىن ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.(19)ئاپتاپپەرەس يۇپۇرمىقىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.(20)ھەسەلنى ئالتە ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ كۇندە ئەتتىگەندە ئىچىپ بەرسە ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.

8 6

ulinix tori ئازساز