ئەپلاتۇننىڭ سۇلتان ئىسكەندەر ئۈچۈن تەييارلىغان دورىسىنىڭ تەركىبى
سېرىق ھېلىلە پوستىدىنg125 ،ئامىلە پوستى g125،زەنجىۋىل g300،پىلپىل g150،سىيادان g300،كاۋاۋىچىن g125،قاقىلە g125،سامساق g325،شېكەردىن يۇقىرىقى دورىلارغا نىسبەتەن ئۈچ ھەسسە ئېلىنىدۇ.ئاندىن دورىلارنى سوقۇپ،تاسقاپ ئارلاشتۇرۇلىدۇ.ئاندىن شېكەر سۇس ئوتتا قاينىتىپ قىيام قىلىنىدۇ.سوقۇپ تەييارلانغان دورىلار قىيام بىلەن ئارلاشتۇرۇپ،360 پارچىغا بۆلىنىدۇ.ئۇنىڭدىن ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر پارچىدىن يەيدۇ.
بۇ دورىنى يېيش جەريانىدا ھەرگىز سوغۇق سۇ ئىچمەيدۇ.
بۇ دورىنىڭ خاسىيىتىنى تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرۈلىدۇ: بىرىنچى ئايدا،ئاق چاچلار قارىيىدۇ،قارا تۇرغان چاچ ئاقارمايدۇ؛ ئىككىنچى ئايدا،كۆزنىڭ قۇۋۋىتى ئاشىدۇ،ھەتتا كۈندۈزى يۇلتۇز كۆرۈش مۇمكىن؛ ئۈچىنچى ئايدا،ئۇنىڭ سۆزلىرى پاساھەتلىك(راۋان ۋە چىرايلىق)ۋە تولۇق،مۇكەممەل بولىدۇ؛ تۆتىنچى ئايدا،ئۇنىڭ تومۇرلىرى ئېچىلىپ قانلىرى راۋانلىشىدۇ؛ بەشىنچى ئايدا غەم-قايغۇلىرى كۆتۈرۈلۈپ،كۆڭۈل خۇشاللىقى يۈز بېرىدۇ؛ ئالتىنچى ئايدا،بەدەنگە چىققان ھەرقانداق چاققا-جاراھەتلەر ساقىيىدۇ؛ يەتتىنچى ئايدا،خاتىرسى كۈچىيىدۇ ۋە ئەقىل-پاراسىتى ئاشىدۇ؛سەككىزىنچى ئايدا،بوۋاسىر كېسىلى سەللىمازا ساقىيىدۇ؛ توققىزىنچى ئايدا، نېمىنى ئاڭلىسا شۇ پېتى ئېسىدە قالىدۇ،ئېسىدىن چىقىپ كەتكەنلىرى قايتا ئېسىگە كېلىدۇ؛ئونىنچى ئايدا،بەدەندىكى ھەر قانداق كېسەل-دەرد تۈگەيدۇ؛ ئون بىرىنچى ئايدا،جىنسىي قۇۋۋىتى ئىنتايىن كۈچىيىدۇ؛ ئون ئىككىنچى ئايدا،ئۇنىڭ يۈزلىرى پاقىراپ،نۇرلىنىدۇ.بۇ ھال ئۇنىڭ ياشلىقىدىمۇ كۆرۈلمىگەن بولۇشى مۇمكىن.
بەك ئېشىپ كىتىپتۇ . بەك مۇبالىغە لەشتۇرۇپتۇ ..قەتتى ئىشەنمىدىم ..
ئىشەنگەندە ئاندىن ئۈنىمىنى كۈرەلەيسىز بىر تىۋىپنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ياساش قائىدىسىگە رايە قىلغان ئاساستا ياساڭ!
كۆپ تەشەككۈر ! ياخشى رىتسىپلاركەن!
راسمىكەن بۇ رىتسىپ مەن ئىچىپ باقاي دىگەن
ياخشىى رىتسىپ بىراق بىر تىۋىپنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ياساش قائىدىسىگە رايە قىلغان ئاساستا ياساڭ ! بولمىسا سىز ئويلىغاندەك ياخشى تەسىر بەرمەسلىكى مۇمكىن !
سىز تىۋىپ ئەمەسما ؟؟؟ دىمەكچى … … نەتىجىسى كۆرۈلگەنمۇ ؟؟؟!!!
مەن تىۋىپ ئەلۋەتتە بۇ رىتسىپ نۇرغۇن قېتىم ياسالغان ھەم سىناقتىن ئۆتكەن ، بۇ ناھايىتى بۇرۇنقى بىر رىتسىپ تۈرى