سېرىق ھېلىلە پوستىدىنg125 ،ئامىلە پوستى g125،زەنجىۋىل g300،پىلپىل g150،سىيادان g300،كاۋاۋىچىن g125،قاقىلە g125،سامساق g325،شېكەردىن يۇقىرىقى دورىلارغا نىسبەتەن ئۈچ ھەسسە ئېلىنىدۇ.ئاندىن دورىلارنى سوقۇپ،تاسقاپ ئارلاشتۇرۇلىدۇ.ئاندىن شېكەر سۇس ئوتتا قاينىتىپ قىيام قىلىنىدۇ.سوقۇپ تەييارلانغان دورىلار قىيام بىلەن ئارلاشتۇرۇپ،360 پارچىغا بۆلىنىدۇ.ئۇنىڭدىن ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر پارچىدىن يەيدۇ.
بۇ دورىنى يېيش جەريانىدا ھەرگىز سوغۇق سۇ ئىچمەيدۇ.
بۇ دورىنىڭ خاسىيىتىنى تۆۋەندىكىدەك …
گۈلقەنتلەر – ئۆسۈملۈك دورىلارنىڭ گۈل – چېچەكلىرىنى، ھۆل يوپۇرماقلىرىنى پاكىز تازىلاپ ئېلىپ شېكەر ياكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئاپتاپقا قويۇپ پىشۇرۇپ تەييارلىنىدىغان دورا ياسالمىسىدۇر.
گۈلقەنتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى
1. گۈلقەنتلەر ئەڭ ياخشى بولغان تەبىئىي ساغلاملىقنى كۈچەيتكۈچى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
2. گۈلقەنتلەر ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن كۆڭۈل ئېلىشتۇرىدىغان ياكى قۇستۇرىدىغان ئەكس تەسىرى يوق.
3. گۈلقەنتلەرنىڭ تەمى تاتلىق بولۇپ، ئىستېمال قىلىش …
مۇراببلار – ھەر خىل مېۋە ۋە دورىلارنى پۈتۈن بويىچە شېكەر قىيامىدا پىشۇرۇپ تەييارلىنىدىغان شىرنىلىك دورا ياسالمىسىدىن ئىبارەت.
مۇراببالارنىڭ ئالاھىدىلىكى
مۇراببالار سۇيۇق دورىلار قاتارىدىكى ياسالما بولۇپ، سۇيۇق دورىلاردىكى ئالاھىدىلىكلەردىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكىدەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە:
1. مۇراببالار قۇۋۋەتلىك، تاتلىق تەملىك بولۇپ، ھەرقانداق ياشتىكىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
2. مۇراببالار غىزائى داۋائى تۈرىدىكى دورا بولۇپ، بەدەن قۇۋۋىتىنى …
لوبۇب دورىلار – ئەرەپچە سۆز بولۇپ مېغىز ياسالمىسى دېگەن مەنىدە. لوبۇب تەركىبىگە مېغىز دورىلار كۆپرەك قوشۇپ ياسىلىدىغان يۇغۇرۇلما ياسالمىسىدىن ئىبارەت.
لوبۇب دورىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى
1. لوبۇب دورىلارنىڭ تەسىرى ھەب ۋە قۇرس دورىلارغا قارىغاندا تېز بولۇپ، بەدەنگە تېز ئۆزلىشەلەيدۇ.
لوبۇب دورىلار ئاساسلىقى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ تەييارلىنىدىغان بولغاچقا، ھەسەل لوبۇب دورا تەركىبىدىكى باشقا دورىلارنىڭ ئاشقازان، …
مەجۈن دورىلار – ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق خام دورىلارنى مۇئەييەن ئۇسۇل ۋە چارىلار ئارقىلىق تالقانلاپ، ئۇلارنى بىر – بىرىگە قوشۇپ چەككىلەنگەن ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدىغان خېمىر ھالەتتىكى دورا ياسالمىسىدىن ئىبارەت.
مەجۈن دورىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى
1. مەجۈن دورىلارنىڭ تەسىرى ھەب ۋە قۇرس دورىلارغا قارىغاندا تېز بولۇپ، بەدەنگە تېز ئۆزلىشەلەيدۇ.
مەجۈن دورىلار ئاساسلىقى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن …
ئەرەق دورىلار – خام دورىلارنى سۇغا چىلاپ مەخسۇس ئەرەق قازانلىرىدا قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ، سوغۇق تەسىر قىلدۇرۇش ئارقىلىق تامچىلىتىپ ئېلىنىدىغان سۇيۇق دورا ياسالمىسىدۇر.
ئەرەق دورىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى
1. ئەرەق دورىلار سۇيۇق ياسالما بولغاچقا، باشقا سۇيۇق دورا ياسالمىلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
2. باشقا پىششىق دورىلارنى ئەرەق دورىلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا دورىلارنىڭ بەدەنگە شۈمۈرۈلۈشىنى تېزلەشتۈرۈپ، دورا …
كاشكاپ دورىلار – بىر ياكى بىر قانچە خىل دورىلارنى چالا سوقۇپ ياكى پۈتۈن چۆپى بىلەن چەينەك ياكى ئېغىزلىق قاچىغا سېلىپ ئۈستىگە قايناق سۇ قۇيۇپ دەملەپ، دورىنىڭ تەمى چىققاندا ئىسسىق ياكى سوغۇق ھالەتتە ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇق دورا ياسالمىسىدۇر.
كاشكاپ (دەملىمە) دورىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى
1. دورىلارنى دەملەپ ئىشلەتكەندە بىر قىسىم دورىلارنىڭ تەبىئىتى ۋە خۇسۇسىيىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن …
شەربەت دورىلار- نۇسخا تەركىبىدىكى دورا ئەشيالارنى بەلگىلىك ۋاقىت قاينىتىپ تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ (مېۋىلەرنى سىقىپ سۈيىنى ئېلىپ)، دورا سۇيۇقلۇقىغا تەڭشىگۈچلەرنى قوشۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان سۇيۇق ھالەتتىكى دورا ياسالمىسى.
شەربەت دورىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى
شەربەت دورىلار سۇيۇق دورا ياسالما تۈرىگە تەۋە بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
1.شەربەت دورىلارنىڭ بەدەنگە ئۆزلىشىش ۋە تەسىر قىلىشى تېز بولۇپ، ئۈنۈمىنى تېز كۆرسىتەلەيدۇ.
2. شەربەت دورىلارنىڭ …