جىگەرنىڭ رولى

سەھپە: تىبىي يازمىلار باھا:0

جىگەرـــ خىلىت ئىشلەپچىقىرىدىغان،شۇنداقلا روھىي،تەبىئي ۋە قۇۋۋىتى تەبىئينىڭ مەركىزى بولغان رەئىس ئەزا بولۇپ،مىزاجى ھۆل ئىسىسىق. ئۇنىڭ 3\2قىسمى ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمىغا،3\1قىسمى سول تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمىغا جايلاشقان،دىئافراگمىنىڭ تۆۋەنكى يۈزى بىلەن مەھكەم تۇتىشىپ تۇرىدۇ.

سول تەرەپكە ئۇزۇنىسىغا كەتكەن ئېرىقچىنىڭ ئالدىنقى بۆلىكىگە ئۆت خالتىسى جايلاشقان،جىگەرنىڭ سىرتقى يۈزىنى بىر قەۋەت ئورىغۇچى پەردە قاپلاپ تۇرغان بولۇپ،ئۇنىڭ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلىرى جىگەر ئۇيۇل ماددىسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ،جىگەرنى نۇرغۇنلىغان كىچىك ياپراقچىلارغا بۆلىۋىتىدۇ.

كىشلەرنىڭ جىگىرىدە تەخمىنەن 500مىڭدىن بىر مىليونغىچە جىگەر كىچىك ياپراقچىلىرى بولىدۇ.

جىگەر ھۈجەيرىلىرى ئاجىرىتىپ چىقارغان ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆت ئىنچىكە نەيچىلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.نۇرغۇنلىغان ئۆت ئىنچىكە نەيچىلىرى قوشۇلۇپ ياپراقچە ئارىلىق ئۆت يولىنى شەكللەندۈرىدۇ.بۇلار جىگەر دەرۋازىسىغا كەلگەندە يەنە قۇشۇلۇپ ئوڭ ــ سول جىگەر نەيچىسىنى ھاسىل قىلىپ،جىگەردىن چىقىپ ئۆت خالتا نەيچىسى ئارقىلىق ئۆت خالتىسىغا تۇتىشىدۇ.ئۆت ئىنچىكە نەيچىلىرىدىكى ئۆت سۇيۇقلىقى ئۆت خالتىسىغا قۇيۇلۇپ،ئىھتىياجلىق بولغاندا ئاجىرىلىپ چىقىپ ئون ئىككى بارماق ئۈچەيگە قۇيۇلىدۇ.

جىگەر خىلىت ئىشلەپچىقىرىپ،قان،سەپرا،بەلغەم سەۋدا خىلىتلىرىنىڭ نورمالنى تەڭپۇڭلىقىنى،ماددا ئالمىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى ئىقتىدارغا ئىگە:

1.ھەزىم قىلىش جەھەتتىكى ئىقتىدارى: جىگەردىن ئاجىرىلىپ چىققان ئۆت سۇيۇقلىقى مايلارنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

2.ماددا ئالمىشىش جەريانىدىكى ئىقتىدارى:

قان قەنتىنىڭ مۇقۇملىقىنى ساقلايدۇ.

ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىشى ۋە بىرىكتۈرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مايلارنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بەدندىكى ئىنسولىن،بۆرەك ئۈستى بەز ھورمونى قاتارلىقلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدۇ.

ماددا ئالمىشىش جەريانىدا ھاسىل بولغان ھەرخىل زەھەرلىك ماددىلارنى زەھەرسىزلەندۈرۈپ،بەدەننىڭ زەھەرلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

2012.01.19 ئاپتور: ??????
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

You must be logged in to post a comment.

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup