تۆت ماددا تەلىماتىنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىدىكى ئىشلىتىلىشى

سەھپە: تىبابەتچىلىك باھا:0

قەدىمقى ئۇيغۇرلار تۆت ماددىنى «تۆت تادۇ» دەپ ئاتىغان. تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىق ھەم جانسىز نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تۆت ماددىدىن تۈزۈلگەن. تۆت ماددا بولسا، تەبىئەت دۇنياسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ نەرسىنى كۆرسىتىدۇ.

پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ سىرلىرى ئېچىلماقتا. ئۇيغۇر تېبىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تېبىتى جۈملىدىن، ئۇيغۇر تېبىتىنىڭ ئاسسىي بولغان تۆت ماددا تەلىماتى ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلىرى نەتىجىسىدە ھازىرغىچە تېپىلغان ئېېمېنتلار ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى تېپىلىش ئېھتىماللقى بولغان ئېلېمېنتلار مۇقەررەركى مۇشۇ تۆت چوڭ ماددىدىن چەتنەپ كېتەلمەيدىغانلىقى ھەمدە تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق مەۋۇداتلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئېلېمېنتلاردىن تۈزۈلگەنلىكى ئىسپاتلانماقتا. 13 – ئەسىرلەردە ئۇيغۇر ھۆكۈماسى جامالىدىن ئاقساراي تەرىپىدىن يېزىلغان «تېببىي ئاقساراي» ناملىق زور ھەجىملىك ئەسەردە :«تۆت ماددا چوڭ كائىناتتىكى جىسىملارنى تۈزۈگۈچى ئاساسىي ماددا .» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

 

قەدىمقى ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر خىل شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەر ئارقىلىق ئوت ، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن ئىبارەت كائىناتتىكى تۆت چوڭ ماددىنى كۈزەتكەن ھەم ئۇلارنى تونۇغان. بۇ ئارقىلىق تۆت چوڭ ماددا تەلىماتىنى ياراتقان. ئۇلار ئەينى چاغلاردا تۆت چوڭ ماددا تەلىماتىنى تۈرلۈك ئىشلارغا تەدبىقلاپلا قالماستىن بەلكى ئەڭ مۇھىمى تېبابەتچىلىك ئىشلىرىدىمۇ مۇھىم نەزەرىيىۋى تەلىمات قاتارىدا قوللىنىپ، تەدرىجىي ھالدا تۆت چوڭ ماددا تەلىماتىغا ئاساسەن مىزاج تەلىماتى، خىلىت تەلىماتى، ئەزا تەلىماتى… قاتارلىق تەلىماتلارنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنى تونۇش، دىئاگنوز قويۇش، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئىشلىرى ئۈچۈن ھەمدە دورىلارنى تېرىپ ئۆستۈرۈش، دورىلارنى تونۇش، دورىلارنىڭ تەبىئىتى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىقلاش ۋە بىمارلارغا دورا بېرىش قاتارلىق جەھەتلەرگە تەدبىقلاپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

تۆت چوڭ ماددا تەلىماتىنىڭ شەكىللەنگىنىگە تەخمىنەن 4 ~ 5 مىڭ يىلدىن ئارتۇق بولغان بولۇپ، بۇ ئۇزۇن تارىخى جەريان ئىچىدە تۆت چوڭ ماددا تەلىماتى شەرق ۋە غەربتىكى ھەر قايسى مەملىكەت خەلقلىرىنىڭ، ھەر مىللەت ئالىملىرى ۋە پەيلاسوپلىرىنىڭ ئورتاق ئېتىقاد قىلىدىغان پەلسەپىۋىيىلىك كۆز قارىشىغا ئايلانغان.

بولۇپمۇ قەدىمقى ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن تەبىئەتنى كۈزىتىش ئارقىلىق بايقالغان تۆت ماددا – تۇپراق، ھاۋا، ئوت، سۇ دەسلىپىدە بىر پۈتۈن ئىنسان ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدە تەرەپلىرى ئارقىلىق مۇھىم بىر ئېتىقاد ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ، ئۇلۇغلىنىپ، يازما ۋە ياكى تەسۋىرى سەنئەت ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەنگەن بولسا، كېيىنچە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەممە مەۋجۇداتلارغا، جۈملىدىن، ئىنسانلارنىڭ بارلىققا كېلىشى، ھاياتلىق پائالىيەتلىرى، ساقلىق ۋە كېسەللىك ئەھۋالىغا چەمبەرچەس باغلىنىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسىي نەزەرىيىسىنىڭ مۇھىم بولغان مەركىزىي مەزمۇنلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ھەمدە تۆت چوڭ ماددا پۈتكۈل دۇنيانىڭ تۈزۈلىشى، جانلىق ۋە جانسىزلارنىڭ مەۋۇتلۇقى ۋە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشىنى تەمىنلەپتۇرغۇچى ئاساسلىق تۈۋرۈك ئامىل ھېسابلانغان. بۇنىڭ بىلەن تۆت چوڭ ماددا تەلىماتىنى ئۇيغۇر تېبابىتى نەزەرىيىسىنىڭ مۇھىم پەلسەپىۋى ئاساسىي بولۇپ شەكىللەنگەن.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر تېبابەت ئىلىمىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرى تۆت چوڭ ماددىنى تونۇشتىكى ئومۇمىي كۆز قاراشلاردىن باشلانغان ھەم تەدرىجىي سىستېمىلاشقان بىر پۈتۈن ئىلمىي نەزەرىيە بولۇپ شەكىللەنگەن.

ئۇيغۇر تېبابەت ئاساسىي نەزەرىيىسىدە: «تۆت چوڭ ماددا بىر – بىرىگە قارمۇ – قارشى ھەمدە بىر – بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇلار گەرچە جىسمى، خۇسۇسىيىتى، كەيپىيات جەھەتتە بىر – بىرىگە ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن بىرى بولمىسا يەنە بىرى ئۆز رولى ۋە خىزمىتىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ» دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن: ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈنۈپ چىقىشى، ئۆسۈشى تۆت چوڭ ماددىنىڭ مۇۋاپىق تەسىر قىلىشى بىلەن بولىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئۆزئارا تەسىرلىشىشى ۋە بىرىكىشى ھەمدە ئۆزگەرتكۈچى قۇۋۋەتنىڭ تەسىرى بىلەن ئورگان(جىسىم) شەكىللىنىدۇ. تۆت چوڭ ماددىنىڭ داۋاملىق تەسىر قىلىشى ۋە ئۆسۈش قۇۋۋىتىنىڭ رولى بىلەن ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىپ يېتىلىدۇ. شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋۋەتنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئادەم سۈرىتى شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسىرى ئىنسان بەدىنىدە تۆت كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇلار: ئىسسىقلىق، ھۆللۈك، سوغۇقلۇق، قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ كەيپىياتلار ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللار ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: بەدەندە ئىسسىقلىق بولمىسا ئوزۇقلۇق ماددىلار پارچىلانمايدۇ. ھۆللۈك – سۇيۇقلۇق بولمىسا ئوزۇقلۇق شۈمۈرەلمەيدۇ ھەم ھاياتلىقمۇ بولمايدۇ. قۇرۇقلۇق بولمىسا مېڭىنىڭ قوماندانلىق قىلىش كۈچى ئاجىزلىشىپ ئەقلى جايىدا بولماسلىققا ئوخشاش ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. سوغۇقلۇق بولمىسا يۈرەكنىڭ خىزمىتى ياخشى بولمايدۇ. دېمەك، بۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەم بەدىنىدە تۆت كەيپىياتنىڭ ھەممىسى بولۇشى، بىرى – بىرىدىن كەم ياكى ئارتۇق بولماسلىقى كېرەك. بۇ خىل كەيپىياتلار يالغۇز ئىنسانلاردىلا مەۋجۇت بولۇپلا قالماي، بەلكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەردىمۇ مەۋجۇت. شۇڭا دورىلارمۇ ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇق كەيپىياتلارغا ئىگە بولىدۇ.

دېمەك، پۈتۈن كائىناتنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئىسسىقلىق، سوغۇقلۇق، ياكى ئۇنىڭ مەنبەلىرى بولغان كۈن نۇرى ۋە باشقا ئىسسىقلىق مەنبەلىرى، ھاۋا، سۇ، تۇپراق زۆرۈر بولغىنىدەك، ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشى، ساقلىقى ۋە ئۇنىڭ داۋام ئېتىشىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرىقى ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

يىغىنچاقلىغاندا، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى دورىگەرلىكىنىڭ تۆت چوڭ ماددا تەلىماتى بىر پۈتۈن ئىلمىي نەزەرىيە بولۇپ، كېسەللىكلەرنى تونۇش، داۋالاش، دورىلارنى تەتقىق قىلىش، ئىشلىتىش، دوراسازلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى تۆت چوڭ ماددا تەلىماتى ھەم مۇشۇ ئاساستا شەكىللەنگەن مىزاج تەلىماتى، خىلىت تەلىماتلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان. شۇڭا تۆت چوڭ ماددا تەلىماتىنى قانچە چوڭقۇر تەتقىق قىلغانسېرى ئۇنىڭ توغرىلىقى، ئىلمىيلىكى شۇنچە روشەنلىشىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دورىگەرلىكى تۆت چوڭ ماددا تەلىماتىدىن چەتنەپ كەتسە، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىنىڭ ئەمەلىي قىسمىدا زور قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ.

2012.02.11 ئاپتور: ??????
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

You must be logged in to post a comment.

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup