ئەپلاتۇننىڭ سۇلتان ئىسكەندەر ئۈچۈن تەييارلىغان دورىسىنىڭ تەركىبى

سەھپە: دورىگەرلىك رىسالىسى باھا:0

سېرىق ھېلىلە پوستىدىنg125 ،ئامىلە پوستى g125،زەنجىۋىل g300،پىلپىل g150،سىيادان g300،كاۋاۋىچىن g125،قاقىلە g125،سامساق g325،شېكەردىن يۇقىرىقى دورىلارغا نىسبەتەن ئۈچ ھەسسە ئېلىنىدۇ.ئاندىن دورىلارنى سوقۇپ،تاسقاپ ئارلاشتۇرۇلىدۇ.ئاندىن شېكەر سۇس ئوتتا قاينىتىپ قىيام قىلىنىدۇ.سوقۇپ تەييارلانغان دورىلار قىيام بىلەن ئارلاشتۇرۇپ،360 پارچىغا بۆلىنىدۇ.ئۇنىڭدىن ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر پارچىدىن يەيدۇ.

بۇ دورىنى يېيش جەريانىدا ھەرگىز سوغۇق سۇ ئىچمەيدۇ.

بۇ دورىنىڭ خاسىيىتىنى تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرۈلىدۇ: بىرىنچى ئايدا،ئاق چاچلار قارىيىدۇ،قارا تۇرغان چاچ ئاقارمايدۇ؛ ئىككىنچى ئايدا،كۆزنىڭ قۇۋۋىتى ئاشىدۇ،ھەتتا كۈندۈزى يۇلتۇز كۆرۈش مۇمكىن؛ ئۈچىنچى ئايدا،ئۇنىڭ سۆزلىرى پاساھەتلىك(راۋان ۋە چىرايلىق)ۋە تولۇق،مۇكەممەل بولىدۇ؛ تۆتىنچى ئايدا،ئۇنىڭ تومۇرلىرى ئېچىلىپ قانلىرى راۋانلىشىدۇ؛ بەشىنچى ئايدا غەم-قايغۇلىرى كۆتۈرۈلۈپ،كۆڭۈل خۇشاللىقى يۈز بېرىدۇ؛ ئالتىنچى ئايدا،بەدەنگە چىققان ھەرقانداق چاققا-جاراھەتلەر ساقىيىدۇ؛ يەتتىنچى ئايدا،خاتىرسى كۈچىيىدۇ ۋە ئەقىل-پاراسىتى ئاشىدۇ؛سەككىزىنچى ئايدا،بوۋاسىر كېسىلى سەللىمازا ساقىيىدۇ؛ توققىزىنچى ئايدا، نېمىنى ئاڭلىسا شۇ پېتى ئېسىدە قالىدۇ،ئېسىدىن چىقىپ كەتكەنلىرى قايتا ئېسىگە كېلىدۇ؛ئونىنچى ئايدا،بەدەندىكى ھەر قانداق كېسەل-دەرد تۈگەيدۇ؛ ئون بىرىنچى ئايدا،جىنسىي قۇۋۋىتى ئىنتايىن كۈچىيىدۇ؛ ئون ئىككىنچى ئايدا،ئۇنىڭ يۈزلىرى پاقىراپ،نۇرلىنىدۇ.بۇ ھال ئۇنىڭ ياشلىقىدىمۇ كۆرۈلمىگەن بولۇشى مۇمكىن.

2012.02.11 ئاپتور: ??????
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

You must be logged in to post a comment.

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup