مەجۈن دورىلار

سەھپە: دورىگەرلىك رىسالىسى باھا:0

مەجۈن دورىلار – ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق خام دورىلارنى مۇئەييەن ئۇسۇل ۋە چارىلار ئارقىلىق تالقانلاپ، ئۇلارنى بىر – بىرىگە قوشۇپ چەككىلەنگەن ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدىغان خېمىر ھالەتتىكى دورا ياسالمىسىدىن ئىبارەت.

مەجۈن دورىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى

1. مەجۈن دورىلارنىڭ تەسىرى ھەب ۋە قۇرس دورىلارغا قارىغاندا تېز بولۇپ، بەدەنگە تېز ئۆزلىشەلەيدۇ.

مەجۈن دورىلار ئاساسلىقى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ تەييارلىنىدىغان بولغاچقا، ھەسەل مەجۈن دورا تەركىبىدىكى باشقا دورىلارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەيلەردىكى ھەزىم قىلىنىشىنى تېزلەشتۈرۈپ، دورىلارنىڭ شىپالىق ئۈنۈمىنى ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن، مەجۈن دورىلار بەدەنگە تېز ئۆزلىشىپ توسالغۇلارنى ئېچىش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، نورمالسىز خىلىتلارنى بەدەندىن تازىلاش، رەڭگى – رويىنى چىرايلىق قىلىپ نۇرلاندۇرۇش، بەدەننى سەمرىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش قاتارلىق تەسىرلىرى تېز بولىدۇ.

2. مەجۈن دورىلارنىڭ تەمى تاتلىق بولۇپ، ياسالما تەركىبىدىكى بىر قىسىم دورىلارنىڭ ئاچچىق تەمى ۋە سېسىق پۇراقلىرىنى يوشۇرالايدۇ.

3. مەجۈن دورىلارنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ چوڭ ياسالمىلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا داۋالاش ئەمەلىيىتىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

4. مەجۈن دورىلارنى ياساش تەلىپى بەكمۇ ئاددىي بولۇپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنە تەلەپ قىلمايدۇ. شۇڭا ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئادەتتە ئائىلىلەردىمۇ تەييارلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

5. مەجۈن دورىلارنىڭ تۇراقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، ساقلاشقا ئەپلىك، مەجۈن دورىلارنى تەييارلاشتا خام ئەشيا قىلىنغان ھەسەلنىڭ چىرىشكە قارشى تۇرۇش، جاراسىم ئۆلتۈرۈش رولى بولغانلىقتىن، ئۇزۇن مۇددەت ساقلانسىمۇ بۇزۇلۇپ قالمايدۇ ۋە دورا ئۈنۈمىنى يوقاتمايدۇ. قانچە ئۇزۇن ساقلانسا دورىلارنىڭ قۇۋۋەتلىرى ئۆزئارا تەسىرلىشىپ دورىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، شۇڭا ئادەتتە مەجۈن دورىلارنى ئۈچ يىل ساقلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ

2012.02.2 ئاپتور: ??????
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

You must be logged in to post a comment.

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup