گۈلقەنتلەر

سەھپە: دورىگەرلىك رىسالىسى باھا:0

گۈلقەنتلەر – ئۆسۈملۈك دورىلارنىڭ گۈل – چېچەكلىرىنى، ھۆل يوپۇرماقلىرىنى پاكىز تازىلاپ ئېلىپ شېكەر ياكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئاپتاپقا قويۇپ پىشۇرۇپ تەييارلىنىدىغان دورا ياسالمىسىدۇر.

گۈلقەنتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى

1. گۈلقەنتلەر ئەڭ ياخشى بولغان تەبىئىي ساغلاملىقنى كۈچەيتكۈچى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

2. گۈلقەنتلەر ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن كۆڭۈل ئېلىشتۇرىدىغان ياكى قۇستۇرىدىغان ئەكس تەسىرى يوق.

3. گۈلقەنتلەرنىڭ تەمى تاتلىق بولۇپ، ئىستېمال قىلىش قۇلايلىق، بولۇپمۇ كىچىك بالىلار ۋە ياشانغان كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ناھايىتى باب كېلىدۇ.

4. گۈلقەنتلەر ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئورگانىزمدىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىنى كۈچەيتىپ، رەئىس ئەزالارنى ياشارتىدۇ. بەدەنگە قۇۋۋەت، ئوزۇق بولىدۇ.

5. گۈلقەنتلەر ئاپتاپتا پىشۇرۇپ تەييارلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. شېكەر بىلەن تەييارلانغانلارنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى ئىككى يىل، ھەسەل بىلەن تەييارلانغانلىرىنىڭ تۆت يىل بولىدۇ

2012.02.2 ئاپتور: ??????
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

You must be logged in to post a comment.

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup