لوبۇب دورىلار

سەھپە: دورىگەرلىك رىسالىسى باھا:0

لوبۇب دورىلار – ئەرەپچە سۆز بولۇپ مېغىز ياسالمىسى دېگەن مەنىدە. لوبۇب تەركىبىگە مېغىز دورىلار كۆپرەك قوشۇپ ياسىلىدىغان يۇغۇرۇلما ياسالمىسىدىن ئىبارەت.

لوبۇب دورىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى

1. لوبۇب دورىلارنىڭ تەسىرى ھەب ۋە قۇرس دورىلارغا قارىغاندا تېز بولۇپ، بەدەنگە تېز ئۆزلىشەلەيدۇ.

لوبۇب دورىلار ئاساسلىقى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ تەييارلىنىدىغان بولغاچقا، ھەسەل لوبۇب دورا تەركىبىدىكى باشقا دورىلارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەيلەردىكى ھەزىم قىلىنىشىنى تېزلەشتۈرۈپ، دورىلارنىڭ شىپالىق ئۈنۈمىنى ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن، لوبۇب دورىلار بەدەنگە تېز ئۆزلىشىپ توسالغۇلارنى ئېچىش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، نورمالسىز خىلىتلارنى بەدەندىن تازىلاش، رەڭگى – رويىنى چىرايلىق قىلىپ نۇرلاندۇرۇش، بەدەننى سەمرىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش قاتارلىق تەسىرلىرى تېز بولىدۇ.

2. لوبۇب دورىلارنىڭ تەمى تاتلىق بولۇپ، ياسالما تەركىبىدىكى بىر قىسىم دورىلارنىڭ ئاچچىق تەمى ۋە سېسىق پۇراقلىرىنى يوشۇرالايدۇ.

3. لوبۇب دورىلارنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا داۋالاش ئەمەلىيىتىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

4. لوبۇب دورىلارنى ياساش تەلىپى بەكمۇ ئاددىي بولۇپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنە تەلەپ قىلمايدۇ. شۇڭا ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئادەتتە ئائىلىلەردىمۇ تەييارلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

5. لوبۇب دورىلارنىڭ تۇراقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، ساقلاشقا ئەپلىك، لوبۇب دورىلارنى تەييارلاشتا خام ئەشيا قىلىنغان ھەسەلنىڭ چىرىشكە قارشى تۇرۇش، جاراسىم ئۆلتۈرۈش رولى بولغانلىقتىن، ئۇزۇن مۇددەت ساقلانسىمۇ بۇزۇلۇپ قالمايدۇ ۋە دورا ئۈنۈمىنى يوقاتمايدۇ. قانچە ئۇزۇن ساقلانسا دورىلارنىڭ قۇۋۋەتلىرى ئۆزئارا تەسىرلىشىپ دورىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، شۇڭا ئادەتتە لوبۇب دورىلارنى ئۈچ يىل ساقلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

2012.02.2 ئاپتور: ??????
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

You must be logged in to post a comment.

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup