مۇراببالار

2012-يىل 2-فېۋرال2,3580

مۇراببلار - ھەر خىل مېۋە ۋە دورىلارنى پۈتۈن بويىچە شېكەر قىيامىدا پىشۇرۇپ تەييارلىنىدىغان شىرنىلىك دورا ياسالمىسىدىن ئىبارەت.

مۇراببالارنىڭ ئالاھىدىلىكى

مۇراببالار سۇيۇق دورىلار قاتارىدىكى ياسالما بولۇپ، سۇيۇق دورىلاردىكى ئالاھىدىلىكلەردىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكىدەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە:

1. مۇراببالار قۇۋۋەتلىك، تاتلىق تەملىك بولۇپ، ھەرقانداق ياشتىكىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

2. مۇراببالار غىزائى داۋائى تۈرىدىكى دورا بولۇپ، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، ساغلاملىقنى كۈچەيتىش تەسىرى ياخشى. شۇڭا مۇراببالار يەنە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ھېسابلىنىدۇ.

3. مۇراببالارنىڭ تۇراقلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، مەلۇم مەزگىل ساقلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئادەتتە ياخشى قاچىلاپ ساقلىسا، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئۈنۈمىنى ساقلايدۇ.

مۇراببالارنى تەييارلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

1. مۇراببالارنى ئىمكانقەدەر مېۋە ھۆل ۋاقتىدا تەييارلاش كېرەك. ئەگەر قۇرۇق مېۋە بولسا، ئالدى بىلەن مېۋىنى سوغۇق سۇغا مەلۇم ۋاقىت چىلاپ، ئاندىن شېكەر قىيامىدا پىشۇرۇپ تەييارلاش كېرەك.

2. ئادەتتە بىر ھەسسە مېۋىگە ئىككى ياكى ئىككى يېرىم ھەسسە ئەتراپىدا سۇ قويۇپ، مېۋە ئېزىلىپ كەتمىگۈدەك ھالدا قاينىتىپ، ئاندىن مېۋىنى سۈزۈۋېلىپ، سۈيىگە شېكەرنى سېلىپ قىيام تەييار بولغاندا، پىشۇرۇلغان مېۋىنى قىيامغا سېلىپ قاينىتىپ، قىيام ئۆلچەمگە يەتكەندە ئوتنى توختىتىش لازىم.

3. مۇراببالارنىڭ قىيامىنى مۇۋاپىق تەڭشەش لازىم.

4. مۇراببالارنى ساقلاش جەريانىدا بۇزۇلۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا لىمونغا ئوخشاش چىرىشكە قارشى تۇرغۇچى قوشۇمچىلارنى قوشۇۋېتىش لازىم.

5. مۇراببالارنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، ئوتتىن چۈشۈرۈپ، ئاغزىنى ئوچۇق قويۇپ سوۋۇتۇپ، ئاندىن سىرلىق، قۇرۇق قاچىلارغا قاچىلاپ ساقلاش كېرەك

0 1

ulinix tori ئازساز