گۈلقەنتلەر
گۈلقەنتلەر - ئۆسۈملۈك دورىلارنىڭ گۈل - چېچەكلىرىنى، ھۆل يوپۇرماقلىرىنى پاكىز تازىلاپ ئېلىپ شېكەر ياكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئاپتاپقا قويۇپ پىشۇرۇپ تەييارلىنىدىغان دورا ياسالمىسىدۇر.
گۈلقەنتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى
1. گۈلقەنتلەر ئەڭ ياخشى بولغان تەبىئىي ساغلاملىقنى كۈچەيتكۈچى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
2. گۈلقەنتلەر ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن كۆڭۈل ئېلىشتۇرىدىغان ياكى قۇستۇرىدىغان ئەكس تەسىرى يوق.
3. گۈلقەنتلەرنىڭ تەمى تاتلىق بولۇپ، ئىستېمال قىلىش قۇلايلىق، بولۇپمۇ كىچىك بالىلار ۋە ياشانغان كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ناھايىتى باب كېلىدۇ.
4. گۈلقەنتلەر ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئورگانىزمدىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىنى كۈچەيتىپ، رەئىس ئەزالارنى ياشارتىدۇ. بەدەنگە قۇۋۋەت، ئوزۇق بولىدۇ.
5. گۈلقەنتلەر ئاپتاپتا پىشۇرۇپ تەييارلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. شېكەر بىلەن تەييارلانغانلارنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى ئىككى يىل، ھەسەل بىلەن تەييارلانغانلىرىنىڭ تۆت يىل بولىدۇ