ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
ھۆرمەتلىىك قەيسەر مىجىت ئاكا، ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئاللاھتىن سىزگە سالامەتلىك ۋە تىنىچ-ئامانلىق تىلەيمەن!
ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ پەخىرلەنگەن ھالدا سىزنىڭ ئامىرىكىغا ئوقۇشقا ماڭغىنىڭىزنى،بىزنىڭمۇ تىرىشىپ سىزدەك غايىلىك، ئىرادىلىك ئادەم بولىشىمىزنى ئۈمىد قىلىپ ئېيتقان سۆزلىرى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە تۇرۇپتۇ،شۇ چاغدا بىز ساۋاقداشلار سىزنىڭ نەتىجىللىرىڭىزدىن پەخىرلىنىپلا قالماستىن ،سىزنىڭ تۇرقىڭىزنى،روھى ھالىتىىڭىزنى،گەپ قىلىشىڭىزنى بالىلارچە قىياس قىلغانتۇق.
بۈگۈن سىزنىڭ دوستلۇق تىمىسىدىكى يازمىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق خوش بولدوم.ھازىرقى قىسمەن ياشلار قەلبىدە كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان مىھىر-مۇھەببەت، ھەقىقى دوستلۇق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغان مىغزلىق يازمىللىرىڭىزنى، كۆرگەن بىلگەنلىرىڭىزنى بىزدەك بىلىمى چولتا،كۆپنى كۆرمىگەن ياشلارغا(ۋاقتىڭىز يار بەرسە) كۆپرەك سۇنىشىڭىزنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن .بىز سىزدىن ھىلىھەممۇ پەخىرلىنىمىز!ئوقۇشىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن! سالامەت بولۇڭ!