شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى قانۇن پەنلىرى ئىنىستوتىنىڭ دوكتۇر ئوقۇتقۇچىسى رەيھان ئەسەت 2012-يىلى 2-ئايدا تۈركىيە مارمارا ئۇنۋېرستىتىنىڭ فىراپپىسورى مۇستاپا ئەركەننىڭ ئالاھىدە تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن تۈركىيە مارمارا ئۇنۋېرستىتىغا زىيارەتكە كەلدى.
رەيھان ئەسەت تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن مارمارا ئۇنۋېرستىتى قانۇن فاكولتىتى دۆلەت خۇسۇسى ھوقوق بۆلىمىدىكى پىراففىسور بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىقات ئېلىپ باردى . ھەمدە 3-ئاينىڭ باشلىرىدا پىراففىسور جانار يېنى دۇنيا ۋە پىرافىسور مۇستاپا ئەركەن بىلەن بىرلىكتە ( يىپەك يولى جانلانسۇن ،تۈركىيە - جۇڭگو خەلقئارا قانۇن سۆھبەت يىغىنى) ئېچىشنى پىلانلىدى ، ۋە تۈركىيە ۋە جۇڭگودىكى قانۇن مۇتەخەسىسلىرىگە ماقالە تاپشۇرۇش مەكتۇپى ئەۋەتتى .
رەيھان بۇ مەكتۈپكەمۇنداق يازىدۇ : 2012-يىلى تۈركىيە -جۇڭگو مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى ، ھەمدە ئالدىمىزدىكى 2013-يىلى جۇڭگو -تۈركىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى قىلىپ ئىككى دۆلەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى داڭلىق يىپەك يولىنىڭ قايتا ئېچىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ . بۇ خىل دوستلۇق يىلىنىڭ بەلگىلىنىشى ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ، ئىقتىساد ،سىياسى ، مەدەنىيەت ، دىپلىماتىيە جەھەتلەردە پارلاق كېلەچەك يارىتىشنىڭ نامايەندىسى ،بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىش چاقىرىقى ئىككى دۆلەتتىكى قانۇن ساھاسىدىكىلەرنىڭ ئۆز -ئارا بىلىم ئالماشتۇرۇپ ، ھەمكارلىشى ئېھتىياجىنى ئىلگىىرى سۈردى . شۇ سەۋەپتىن ھەرقايسىڭىزلارنىڭ تۆۋەنكى تېمىلار بويىچە بىزگە ماقالە ئەۋەتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلمىز .
نەتىجىدە ئىككى دۆلەتتىكى قانۇن مۇتەخەسسىلىرى 100 دىن ئارتۇق ماقالە ئەۋەتتى . بۇنىڭ ئىچىدىن 47 پارچە ماقالە تاللىنىلدى .
بۇ پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشىدا رەيھان ئوقۇغان مەكتىپى جۇڭنەن مالىيە - ئىقتىساد قانۇن ئۇنۋېرستىتى ۋە خىزمەت ئورنى بولغان شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى قانۇن فاكولتىتىنىڭ مارمارا ئۇنۋېرستىتى قانۇن فاكولتىتى بىلەن بىرلىكتە بۇ خەلقئارالىق يىغىننى ئېچىشغا تۈرتكە بولدى .
ئىككى ئايلىق زور تىرىشچانلىقتىن كېيىن 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14 -كۈنىگىچە تۈركىيە مارمارا ئۇنۋېرستىتىدا (يىپەك يولى جانلانسۇن ،تۈركىيە - جۇڭگو خەلقئارا قانۇن سۆھبەت يىغىنى ) رەسمىي ئۆتكۈزۈلدى .
بۇ قېتىمقى يىغىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ يېققىندىن قوللىدى .يىغىنغا جۇڭنەن مالىيە -ئىقتىساد قانۇن ئۇنۋېرستىتى ، شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى، بېيجىڭ پەن تېخنىكا ئۇنۋېرستىتى ،تەيۋەن ئۇنۋېرستىتى ، مارمارا ئۇنۋېرستىتىتى ، ئەنقەرە ئۇنۋېرستىتىتى ، ئىستامبول ئۇنۋېرستىتى ، بىلىگ ئۇنۋىرستتىتى قاتارلىق 30 دىن ئارتۇن ئۇنۋېرستىت قاتناشتى .يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيە مۇئاۋىن زۇڭلىسى بەكىر بوزداگ ، تۈركىيە -جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ئەمىن ئۆنەن ، جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گۇڭ شىياۋشىڭ ، مەرۋەرە ئۇنۋېرستىتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى .يىغىنغا يەنە رەيھان ئەسەت كانادا يورك ئۇنۋېرستىتىدىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى Janet Walker نىمۇ تەكلىپ قىلدى.
يىغىندا مەرۋەرە ئۇنۋېرستىتى قانۇن فاكولتىتىنىڭ مۇدىرى ئەمىن ئارتۇق سۆز قىلىپ بۇ قېتىمقى كاتتا يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان جانار يېنى دۇنيا ، مۇستاپا ئەركان ،رەيھان ئەسەتلەرگە تەشەككۈر بىلدۈردى .
ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئىككى يېرىم كۈنلۈك دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى .بۇ خەلقئارالىق يىغىندا دوكلات بەرگەن 47 نەپەر ئوقۇتقۇچىغا جانار يېنى دۇنيا ، مۇستاپا ئەركان ،رەيھان ئەسەت ئىمزاسىدىكى تەغدىرنامە بېرىلدى .يەنە بۇ قېتىمقا يىغىنغا قاتناشتۇرۇلغان ماقالىلەر كىتاپ قىلىپ تۈزۈلىدىكەن ، رەيھان ئەسەت باش تەھرىرلىك ۋەزىپسىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن ..
يىغىن ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى يىغىندىن كۆپ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى،ۋە كېيىنكى قېتىمدا بۇخىل يىغىننى بۇ يىل 11-ئاي ئەتراپىدا جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلدىغانلىقى توغۇرلۇق دەسلەپكى پىكىرلەردە بىرلىككە كەلدى.
بۈگۈن تارىختا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلدى . بىر ئۇيغۇر قىزى تۈركىيە بىلەن يىپەك يولى ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر يېڭى يول ئاچتى . رەيھان ئەسەتنىڭ بۇ قېتىمقى تۈركىيەگە بولغان زىيارىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى يەنە بىر قەدەم كۈچەيتتى .
تۈركىيە مۇئاۋىن زۇڭلىسى بەكىر بوزداگ يىغىندا سۆز قىلماقتا
رەيھان ئەسەت يىغىندا سۆز قىلماقتا
جۇڭنەن مالىيە -ئىقتىساد قانۇن ئۇنۋېرستىتى قانۇن ئىنىستوتىنىڭ مۇدىرى ، رەيھان ئەسەتنىڭ دوكتۇر يېتەكچىسى لىيۇۋ رېنشەن سۆز قىلماقتا.
تۈركىيە دۆلەت مالييە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى Bulent Gokrem رەيھان ئەسەتكە مۇكاپات تەغدىم قىلدى .
شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى قانۇن ئىنىستوتىدىن تەكلىپ قىلىغان ۋەكىلى سۆز قىلماقتا
مۇستاپا ئەركان . ئەمىن ئارتۇق ، رەيھان ئەسەتلەر بىللە
رەيھان ئەسەت كانادا يورك ئۇنۋېرستىتىدىكى ئوقۇتقۇچىسى Janet Walker بىلەن بىللە