saltanat lutun elan berig
«12345»Pages: 1/6     Go
بۇ تېما 24990 قېتىم كۆرۈلدى
bagdashi
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6223
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 246
شۆھرەت: 1513 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1515 سوم
تۆھپە: 856 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 876 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 248(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 «مۆجىزە قۇربانلىرى» دىققەت!

بىز ئېنتىرنىت تور دۇنياسى ئومۇملاشقان يېقىنقى  12 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان «مۆجىزە» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن تېمىلارنى، شۇ تېمىلاردىكى ئاجايىپ-غارايىپ رەسىملەرنى  ۋە كۆرۈلمە چاستوتىلارنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز، «مۆجىزە» ئاتالغۇسىنى تولا كۆرۈپ كەتكەچكىمىكىن مۇنبەرلەردىكى بۇنداق تېمىلارنىڭ ئىپادىلىگەن مەقسىتى، ئۇنىڭغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆپچىلىك تورداشلىرىمىز ئالدىنئالا پەرەز قىلىپ بولىدۇ، بۇنداق تېمىلاردا ئىپادىلىنىدىغىنى «ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكى»، تورداشلاردىن كۈتىدىغان ئىنكاس بولسا «ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى بۇ، بەزىلەر مۇشۇنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئاللاھقا ئىمان ئېيىتمايدۇ»، ئەگەر پەرەز قىلغىنىدەك چىقمىسا قارشى قىرغاقتىن چىقىپ ئىنكاس يېزىپ قالغان تورداشلىرىمىز «بىر كۆزلۈك قوزا» تېمىسىدەك مەنمەنچى، ھەقنى تونۇمايدىغان ئاتىلىپ كېتىدىغان گەپكەن، ئۇلارنىڭ ئويلىغىنى بويىچە بولغاندا ئاشۇنداق «مۆجىزە» لەر چىقىپ تۇرمىسا ئاللاھنىڭ بىرلىك بارلىقىنى، ئىسلام دىنىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بىردىنبىر قوبۇل قىلىنىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ، بۇلار ھەر قايسى مۇنبەرلەردە بازارغا سېلىپ كەلگەن «مۆجىزە» لەر زادى قانداق گەپ؟ ئۇلار راستىنلا مەۋجۇتمۇ؟ ئىسلام دىنىنى ئاشۇنداق «مۆجىزە»بولمىسا ھەق بولمامدۇ؟  


.مېنىڭ نەزىرىمدىكى مۆجىزە ئاتالغۇسى ۋە چۈشەنچىسى  

مېنىڭ نەزىرىمدە ئىنسانلار پۈتۈنلەي تەڭرىنىڭ مۆجىزسى ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ھەر بىر تەپەككۇرى، تەپەككۇر تىزلىكى، ئەستە تۇتۇش قابىليىتى دىگەندەكلەرنى ھازىرقى بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى ئەڭ ئىلغار دىگەن ئېلىكتىرون ئەسۋابلىرى بىلەن سېلىشتۇردىغان بولساق، بۇ ئەسۋابلارنىڭ تىزلىك كونتىروللىغۇچىسى ۋە ئەستە تۇتۇش دىسكىلىرىنىڭ ھەجىمى بىزنىڭ كاللىمىزدىن نەچچە ھەسسە چوڭ، ئەمما بىزنىڭ كىچىككىنە كاللىمىز، توختىماي ھەركەت قىلىپ ئارام ئېلىشنى بىلمەيدىغان كاللىمىز ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە تېز ھەم ساقلايدىغان نەرسىلىرى كۆپ، بۇ ھەقتە ئارتۇق توختىلىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.  

بىراق بىزنىڭ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە ئېقىپ يۈرگەن مۆجىزىلەر زادى قانداق گەپ؟  
.گىگانىت ئادەم سۆڭىكى تېپىلىش «مۆجىزىسى»  


يۇقارقى رەسىمنى كۆپلىگەن تورداشلار كۆرگەن، بۇ رەسىم ئەينى ۋاقىتتا كۆپلىگەن خەۋەر تور بەتلىرىدە تارقالغان، بۇ خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە ئامرىكىنىڭ بىر تەكشۈرۈش ئەترىتى سەئۇدى ئەرەبىستاندا نېفىت قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، بۇ گىگانىت ئادەم سۆڭىكى بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ خەۋەر ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە تارقىلىپ «قۇرئان كەرىمدە قەيىت قىلىنغان ئاد قەۋمىنىڭ سۆڭىكى تېپىلدى» دەپ خەۋەر قىلىنىپ، بىر مەزگىل مۆجىزىگە مەپتۇن بولۇپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزنى ھاياجانغا سالغان، بىراق بۇ خەۋەر چەتئەل خەۋەرلەردە ھەقىقي ئىش ئاشكارە بولدى،
بۇ رەسىمنى كانادالىق بىر يىگىت رەسىم لاھىيىلەش مۇسابىقىسىگە تەييارلاش ئۈچۈن، ئامرىكىدىكى گىگانىت پىلنىڭ سۆڭىكىنى كولاۋاتقان رەسىمنى ئۈچ سائەت سەرىپ قىلىپ ھازىرقىدەك ئۆزگەرتىپ چىققان ئىكەن،
    مانا بۇ ئەسلى رەسىم ،ئارخىلوگلار ئەسلى  سۆڭەكنى بۇرۇنقى پىلسىمان «مامۇق»دەپ پەرەز قىلىشقان.
مەن ئەينى ۋاقىتتا بۇ خەۋەرنى تەرجىمە قىلىپ توردا ئېلان قىلغان، بىراق بۇنىڭلىق بىلەن بۇ «مۆجىزە» رەسىمى يۈتمەكتە يوق يەنىلا مۇنبەرلىرىمىزدە خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە «مۆجىزە» دەپ ئېلان قىلىنىۋەردى.  

2.« مايمۇنغا ئۆزگىرىپ قالغان قىز»  
(ئاللاھ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن ساقلىغىن، ساڭا سېغىنىپ  شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن پاناھ تىلەيمەن)، بۇ ئەينى ۋاقىتتا تارقالغان «مۆجىزە» نىڭ تېمىسى  




ئۇ قىزنىڭ رەسىمىمۇ يۇقارقى رەسىم بىلەن ئوخشاش بولغاچ مۇشۇنى ئەۋەتتىم.  

بىر مەزگىل تور بەتلىرىمىزدە «مايمۇنغا ئۆزگىرىپ كەتكەن قىز مۆجىزە» ىسى تارقىلىپ كەتتى، ھەتتا كىشىلىرىمىز ئۇ رەسىمگە ئەرەپچە خەت ۋە ئاۋازلارنى كىرىشتۈرۈپ سىن ھۆججىتى ئىشلەپ، ئەرەپچە گەپنى ئاڭلىسىلا چۈشەنمىسىمۇ «قۇرئان سۈرىسى» دەپ چۈشىنىدىغان ساددا كىشىلىرىمىزنى شۇ دەرىجىدە ئالدىدىكى، ھەتتا سىنتەخسىلەرگە كۆچۈرۈپ سېتىپ ھارام پۇلنى راسا تاپتى.  

ئەمەلىيەتتە ئۇ رەسىمدىكىسى ئاۋىستىرالىيىلىك موم ھەيكەل ئۇستىسى (ئىسمىنى تاپالمىدىم) ياسىغان موم ھەيكەل ئىدى، بىراق بىزنىڭ ساددا كىشىلىرىمىز ئۇنىڭ موم ھەيكەل ئىكەنلىكىنى ئۇقماي «مۆجىزە» دەپ يۈرىۋەردى.  
كىشىلىرىمىزنىڭ ساددىلىقىدىن، پەن-تېخنىكىغا بولغان تونۇشىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بۇ مۆجىزىلەرمۇ تاپالمىغاندەك باشقا يەردىن چىقماي بىزنىڭ شىنجاڭدىن چىقىۋەردى، «خوتەنگە شىر چۈشتى، قاغىلىقتا يەر ئۈنۈپ چىقتى»، باشقا بىر يەردە شىر بىلەن خوراز «ئاللاھ» دەپ تەكبىر ئېيىتتى، بۇ سىنلار شۇنداق بازار تاپتىكى بەزى ئۈن-سىن سودىگەرلىرى بېسىپمۇ ئۈلگۈرتەلمىدى بولغاي.  

3.«مەككىگە چۈشكەن پەرىشتە»  
بۇ سىننى دىمىسەممۇ كۆپىنچىڭلار بىلىسىلەر، بۇ سىن يېقىندا تور دۇنياسىدا بەك داۋراڭ سېلىنىپ كەتكەنلىكتىن ئاتايىن چوڭ ئۆلىمالارنىڭ بۇ سىن توغۇرلۇق بايانات ئېلان قىلىشىغا سەۋەپ بولدى.  
مەن بۇ سىن داۋراڭ سېلىنغاندىلا كۆرۈپ ئىشەنمىگەن، چۈنكى بىز ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە ئىمان ئېيتىمىز، ھەم ھەر بىر ئىنساننىڭ ئوڭ-سول دۇلىسىدا بىردىن ئىككى پەرىشتىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىزيۇ، بەزى كىشىلىرىمىز مۇنداق بىر نەرسىنى ئويلاپمۇ قويۇشمىدى:  
ھەر بىرىمىزنىڭ دۇلىسىدا ئىككىدىن پەرىشتە بار تۇرۇپ، يەنە كېلىپ ئۇ پەرىشتىلەرمۇ كۈندە بامدات ۋە دىگەر نامىزى ۋاقتىدا ئالمىشىدىغان تۇرۇپ، ئەجەپ ئۇ پەرىشتىلەر بىز رەسىمگە چۈشكەندە ۋە سىنئالغۇغا ئالغاندا چىقىپ قالماي، مەككىدە پەستىكى ھەج قىلىۋاتقانلارنى سىنغا ئالماي مۇنارنى سىنغا ئېلىۋاتقاندا چىقىپ قاپتۇ؟ يەنە كېلىپ ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى ئاجىز ئىنسانلار ياسىغان سىنئالغۇلار سىنغا ئالالارمۇ؟ دىگەننى ئويلاشمايلا داۋراڭ پېتى كېتىۋەردى، شۇنىڭ بىلەن ئىسلام ئۆلمالىرى بۇ سىنغا ئىشەنمەسلىك توغۇرلۇق بايانات ئېلان قىلدى. ئەگەر شۇ بايانات ئېلان قىلىنمىغان بولسا بۇ سىننىڭ قاچىلىك داۋراڭ قىلىنىدىغانلىقى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئامانەت.  


4. يىلانغا ئايلانغان قىز فىلىمى
بۇ ھەققىدە يىقىندىن بۇيان دىيارىمىزدا ھەرخىل شەكىلدىكى گەپ سۆزلەر ئاۋۇپ كەتتى ،بەزىلەر ئۈرۈمچىدە بىر قىز شۇنداق يىلانغا ئۆزگىرىپ قاپتۇ دىسە يەنە بەزىلەر ھەرەمگە بارغان قىز كۇپۇر سۆزلەرنى قىلىپ،مۇشۇنداق بولۇپ قاپتۇ دىيىلگەن، يەنە بەزى ۋارىيانىتلىرىدا بىر باي چوكان ھەرەمگە بېرىپ كىلىپ ھاجىلارنىڭ ئەخمەقلىقلىرى توغرىسىدا سۆزلىگەنلىكتىن شۇنداق بولغان دىيىلىدۇ، بىراق بۇ ساختا سەپسەتىنىڭ  كىمنىڭ نىمە مەقسەتتە بۇنى تارقتىۋاتىقىنى بىزگەقاراڭغۇ .
لىكىن پاكىتنى كۆرسىڭىز ئۇنىڭ قارا نىيىتىنى بىلەلەيسىز .

ئىنگلىزچە مەتبۇئاتلاردا دىيىلىشچە :بۇ فىلىم ئەسلى 2010-يىلى 2-ئاينىڭ13-كۈنى مالايسىيەدە سۇرەتكە ئىلىنغان بولۇپ ، شۇ جايدىكى بىر دىھقاننىڭ ئىجادىيىتى  ئىكەن ،بۇ دىھقان پۇل تىپىش مەقسىتىدە بۇنى تىپىۋالدىم دەپ كۆرگەزمە قىلغان ، ئۇ مالايسىيالىق دىھقان ئەسلى بۇ بىر-جۇپ چىشى ئەركەك مەخلۇق ئىدى.پەقەت چىشىسىنى تۇتىۋالدىم  دەپ جامائەت پىكىرى توپلغان ،كىيىن بۇ جانسىز قۇرۇق مودىل خەلىق ئالەم ئالدىدا شەرمەندە بولغان بىر ۋەقە ئىكەن
.سىز «گۇگۇل »تورىغا «human headed snake
» (ئادەم باشلىق يىلان ) ،تۈرۈكچە «insan başlı yılan» دەپ يازسىڭىز بۇ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئاللا بۇرۇن پاخشەك بولغىلى 2 يىل بولغان  نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالاييسىز .تۈركىيە تاراتقۇلىرىمۇ بۇنى خەۋەر قىلغان ۋە ئۆز ۋاقتىدا جاجسىنى بەرگەن
مەنبەسى، توردا تارقالغان بۇ توغرىلىق ئۇچۇرلار.
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-07-06, 12:30
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-07-06 10:49 |
zoklan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4853
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 167
شۆھرەت: 1082 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1101 سوم
تۆھپە: 611 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 615 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 865(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
                          ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-06 12:43 |
alnazar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 16
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 161
شۆھرەت: 886 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 893 سوم
تۆھپە: 527 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 529 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 465(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەي  باغداشى يەنە ئۇۋالچىلىققا قالىدىغان بولدۇڭدە  بۇ تېماڭدا
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-06 12:51 |
pursat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8595
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 58
شۆھرەت: 303 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 304 سوم
تۆھپە: 180 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 181 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ مۆجىزىلەرنىڭ يالغانلىقىنى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ،باشقا توربەتتە كورگەن ئىدىم .
توۋا دەيمەن بۇ خەلقىمىز تىخىىچە ئىشنىپ يۇرۇيدۇ......
تىخى قايسى كۇنى  راس دەۋەلغان بىر كىشىكىگەمايمۇن  باشلىق ئادەمنىڭ يالغانلىقىنى ،توردا ئاشكارلىنىپ بولغانلىقىنى ئېتسام ئىشەنمىدى...تىخى نىمە دەيدۇ. يالغان بولسا نىمە زىينى دەيدۇ تىخى؟ توۋا دەپ قاپتىمەن....
ئىسلام دىنىمىزنى  ئۇنداق يالغان مۆجىزىلەربىلەن ،يالغان ياۋداق خەۋەر لەربىلەن بىزەمىسەكمۇ ،ئىزدەنسەك ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كورسىتىدىغان مۆجىزىلەر ساماندەكقۇ؟؟؟
نادانلىق ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئوخشايدۇ.....

      
istanbol
نۇر چېچىشنى بىلمىسەڭ، باشقىلارنىڭ سايىسىدە قالىسەن !
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-06 13:09 |
tewilgha
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2264
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 197
شۆھرەت: 1098 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1109 سوم
تۆھپە: 645 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 646 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 446(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

2 - ۋە 4 -  ئاتالمىش مۆجىزىگە پەقەت ئىمانى ئاجىز كىشىلەرلا ئىشىنىدۇ ، 1-بولسا PS ھۈنىرى ئىكەنلىكى ئېنىق ، لېكىن ئىلگىرى شۇنداق گىگانىت ئادەمنىڭ يارىتىلغانلىغى توغۇرسىدا قىسسلەردە بايانلار بار ، نوھ ئەلەيھىسسالامغا  چىنار دەرىخنى يۇلۇپ بەرگەن ئاس ئىبنى ئۇنۇخ دىگەندەك (ئىسمنى ئالماشتۇرىۋالمىغانلا بولسام )،،،،، ئەقىلگە سىغىدىغان بىرەر مۆجىزىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندە ئاللانىڭ قۇدىرتىگە بولغان ھەيرانلىقنى ئىپادىلەش بىر ھېساپتا ئەخمىقانىلىق ئەمەس ، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىتىقادىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشىنى ئۈمىد قىلغانلىق بولىدۇ . مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ھەم ئاللاھ بىلەن بىۋاستە سۆزلىشەلىگەن پەيغەمبەر تۇرۇپ ، ئۆز ۋاقتىدا ئاللادىن ئۆلگەن جانلىقنى كۆز ئالدىدا تىرىلدۇرۇپ بېقىشنى تەلەپ قىلغان ،،،،،،، زامان ئاخىرنىڭ  بەندىلىرى بولمىش بىزلەردە ئۇنچىلىك كەمچىلىكلەرنىڭ بولىشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ . لېكىن ھايۋانغا ئۆزگىرىپ قالغان ئىنسان دىگەندەك مۇنداق «مۆجىزىلەر» ئىشەنگۈچىلەر بەلكىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرىنى بۇ دۇنيادا مۇبەددىل قىلىنىشتىن تىلىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى ھەددسىلىرىدىن خەۋەرسىز قالغانلار بولىشى مۇمكىن  .
simfoniya
ئوۋچىنىڭ ملتىقى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن؟
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-06 13:23 |
ranaay
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7448
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 123
شۆھرەت: 633 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 634 سوم
تۆھپە: 379 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 380 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 167(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆتكەندە بۇ توغرىسىدا خېلى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان بىر تېما يوللانغان ، بۇ تېمىمۇ ئوبدان يوللىنىپتۇ ،بىلمىگەنلەر بىلىۋالار.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-06 14:06 |
فىدا
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 412
شۆھرەت: 2113 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2133 سوم
تۆھپە: 1263 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1269 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 295(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   دۇنيانىڭ يارلىشى بىر موجىزە بولعاچقا مەن موجىزىگە  ئىشىنىمەن . بۇگۇن ساق يىۇرۇپ كىچىسى ئولۇپ قالعان ئادەمنى ،رىسقى توگەپتۇ ،دەپ ئوتۇپ كىتىدىعانلار  موجىزىگە ئىشەنمەيدۇ .
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-06 15:26 |
boldila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8206
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 77
شۆھرەت: 385 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 385 سوم
تۆھپە: 231 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 231 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

< ئۇلارنىڭ ئويلىغىنى بويىچە بولغاندا ئاشۇنداق «مۆجىزە» لەر چىقىپ تۇرمىسا ئاللاھنىڭ بىرلىك بارلىقىنى، ئىسلام دىنىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بىردىنبىر قوبۇل قىلىنىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ، بۇلار ھەر قايسى مۇنبەرلەردە بازارغا سېلىپ كەلگەن «مۆجىزە» لەر زادى قانداق گەپ؟ ئۇلار راستىنلا مەۋجۇتمۇ؟ ئىسلام دىنىنى ئاشۇنداق «مۆجىزە»بولمىسا ھەق بولمامدۇ؟>

bagdashiئاللاھ رەخمەت قىلسۇن يېڭىلىققۇ بۇ،بىر كېچىدە ئۆزگۇرۇش كۆپقۇ،خاتا ئەيىپلەپ قويغان بولساق ئالدى بىلەن ئاللاھ گۇنايىمىزنى كەچۇرسۇن،ئاندىن كېيىن سىزمۇ خاپا بولماڭ،قېرىندىشىم دەپ ئاتاي .
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-06 16:41 |
bagdashi
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6223
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 246
شۆھرەت: 1513 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1515 سوم
تۆھپە: 856 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 876 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 248(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تەڭرى ھەممىمىزگە ساغلام ئەقىل ئاتا قىلسۇن، ساغلام ئەقىلنىڭ مەنبەسى ساپ ۋىجدانمىكىن دەپ ئويلايمەن، ۋىجدانغا سەل قارايدىغانلار ھەرقانچە كۈنىگە بەش رەت زەمزەمدە تاھارەت ئېلىپ كەبىدە يېتىۋالسىمۇ ئۇنىڭ قولىدىن كىلىدىغىنى مۇشۇنداق ساختا مۆجىزە پەيدا قىلىش ياكى ھىچبولمىغاندا مۇشۇنداق ئادەم ئالدايدىغان زەھەرلىك ئىددىيە جۆيلۈمىلىرىگە ئىشىنىشلا بولسا كېرەك.
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-06 17:48 |
kanji
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8382
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 99
شۆھرەت: 507 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 512 سوم
تۆھپە: 305 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 309 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 



ئەسلى مەنبە بويىچە يوللىسىڭىز بولمامدۇ؟ئەسلى تىما ئىگىسىنى ھۆرمەتلەڭ!يەنە كاللا ئوينىتىپسىزدە؟قىرىنداشلار قىنى ئەلكۈيىدىكى ئەسلى تىما بىلەن سىلىشتۇرۇپ كۆرۈڭلار!
بۇ ئەسلى تىما ئىگىسىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك،ھاقارەت،قىنى تورداشلار بىر نەرسە دەڭلار!
[ بۇ يازمىنىkanjiدە2012-07-06 18:13قايتا تەھرىرلىدى ]
ھەممەئىشلار ياخشىلىنىپ كىتىدۇ!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-06 17:55 |
kanji
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8382
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 99
شۆھرەت: 507 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 512 سوم
تۆھپە: 305 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 309 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى bagdashiدە2012-07-06 17:48يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تەڭرى ھەممىمىزگە ساغلام ئەقىل ئاتا قىلسۇن، ساغلام ئەقىلنىڭ مەنبەسى ساپ ۋىجدانمىكىن دەپ ئويلايمەن، ۋىجدانغا سەل قارايدىغانلار ھەرقانچە كۈنىگە بەش رەت زەمزەمدە تاھارەت ئېلىپ كەبىدە يېتىۋالسىمۇ ئۇنىڭ قولىدىن كىلىدىغىنى مۇشۇنداق ساختا مۆجىزە پەيدا قىلىش ياكى ھىچبولمىغاندا مۇشۇنداق ئادەم ئالدايدىغان زەھەرلىك ئىددىيە جۆيلۈمىلىرىگە ئىشىنىشلا بولسا كېرەك.

ئىختىدارىڭىز بولسا ئۆزىڭىز راۋۇرۇس ماقالە يىزىڭ!ئۇنداق باشقىلارنىڭ ماقالىسىگە ساقال بۇرۇت سىزماڭ!
ھەممەئىشلار ياخشىلىنىپ كىتىدۇ!
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-06 17:58 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/6     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە