saltanat lutun elan berig
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 15971 قېتىم كۆرۈلدى
quxiniwal
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8547
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 110
شۆھرەت: 605 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 600 سوم
تۆھپە: 354 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 354 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 215(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 «مەن بىر پارتىيە ئەزاسى»تويۇنغان ھىسلار 1-قىسىم

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-07-09)
مەن ناھيىمىزدىن 70كىلومېتىر يىراق بولغان بىر تاغلىق يىزا ئوقۇتقۇچىسى بىراق خىزمەت ئورنۇم يىزا مەركىزىدە ئەمەس. ھازىرقى مەكتەپكە يەنە 50كىلومېتىر مۇساپىنى موتوسىكىلىت ئارقىلىق خەتەرلىك تاغ يولىنى بويلاپ 2سائەت ماڭغاندىن كىيىن ناھايتى تەستە يىتىپ بارالايمەن.ئشلەيۋاتقان مەكتەپكە يۆتكەلگىنىمگىمۇ 3يىل بولۇپ قالدى،توغرىسىنى ئېيتقاندا مۇشۇ تاغلىق يىزىنىڭ 7كەنىتتىكى 5باشلانغۇچ مەكتىپىدە مائارپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا 18يىل بولدى، مەن مەيلى قايسى مەكتەپتە ئىشلىمەي، بۇ مەكتەپلەردە قانداقتۇر 2سىنىپ،2 ئوقۇتقۇچى ۋە ياكى 20سىنىپ، 40ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچى بولسۇن ھەممىسىدە ئوخشاشلا بىر قانچە پارتىيە ئەزاسى ھەم بىر پارتىيە ياچىيكىسى بار -ئەلۋەتتە.
خىزمەت تارىخىمنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ نەتىجەممۇ،تۆھپەممۇ يىل بويى ئىشىپ ماڭدى،قەيەردە ئىشلىسەم شۇ جايدىكى خەلق مىنى ياقتۇرۇپ قارشى ئالدى، رەھبەرلىكمۇ ھەر يىلى مەلۇم جەھەتتە مۇۋاپىقىيەتلىرىمنى مۇئاييەنلەشتۈرگەن بولۇشتى.لىكىن نىمە ئۈچۈندۇر ، خىزمەت ئىھتىياجى سەۋەبلىك بولسا كىرەك كۆپ يۆتكىلىپ ،ھەتتا بەزى مەكتەپلەرگە تەكرار 3ئالمىشىپ پەقەت مۇقۇم بولالمىدىم.
خىزمەت ئىپادەم،نەتىجىلىرىمگە نەزەر سالسام مەن خىلى بۇرۇنلا پارتىيىگە ئەزا بولۇشۇم كىرەك ئىكەن ،نىمىشقىدۇر بۇ جەھەتتە كۆپ ئويلاپ كەتمەپتىمەن،رەھبەرلىك ۋە ياكى كەسىپداش پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىنمۇ مىنى پارتىيىگە تەۋسىيە قىلىدىغان ،تونۇشتۇرىدىغان بىرەرىمۇ چىقمىدىمىكىن بۇنى بىلمىدىم.
گەرچە پارتىيە ئەزاسى بولمىساممۇ ئادەتتە مەكتەپلەردە كۆپۈنچە ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاچقىمىكىن ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن ياتىقىم مەكتەپتە بولغاچقا پارتىيە قۇرۇلۇش خىزمىتىنىڭ ئارخىپ ماتىرىياللىرىنى ئىشلەش بىلەن ئاۋارە بولغىنىم بولغان.
مىجەزىم جەھەتتىن ئىلىپ ئېيىتقاندا ھەق-ناھەق ئىشلاردا كۆزۈم كۆرگەن ھىچ قانداق بىر ئىشنى زادىلا ئۆتكۈزىۋەتكۈم كەلمەيدۇ شۇ سەۋەبلىك مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن دائىملا تاكاللىشىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆچلۈكىنى قوزغاپ قويۇش مەن ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش .
بەلكىم يۇقۇرقى يىتەرسىزلىكلىرىم مىنىڭ پارتىيىگە كىرىش يولۇمنى توسۇپ قويغان ،يىراق- چەت،جاپالىق ،شارائىتى تولىمۇ ناچار تاغلىق رايۇنلاردا ئۇزۇن ئىشلەپ قىلىشىمغا ،ئاي-ئايلاپ، ھەپتىلەپ ئائىلىگە قايتالماسلىقىمغا،ئائىلە تاۋاباتلىرىمغا تۈزۈكچە بىر تۇرالغۇنى ئوڭشاپ بىرەلمەيۋاتقانلىقىمغا سەۋەپ بولۇپ قالغان بولۇشىمۇ مۈمكىن.
بۇ يىل قىشلىق تەتىلگە قايتىشقا بىر كۈن قالغاندا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كەچ سائەت 10بىلەن شۆبە ئوقۇتۇش نۇختىسىغا بىرىشقا توغرا كىلىپ قىلىپ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن يولغا چىقتۇق ئارىلىقى 27كىلومىتىر بولۇشىغا قارىماي ھاۋا تولىمۇ سوغۇق،يول تىيىلغاق ھەم خەتەرلىك،كىم ئويلىغان موتۇسىكىلىتتىن يىقىلىپ پۇتۇم سۇندى شۇ جايدىكى ئاق كۆڭۈل دىھقاننىڭ ئۆيىدە«ۋايساپ» بىر كىچە ئاۋارە قىلغاندىن كىيىن ئەتىسى مەكتەپ مۇدىرى 14كىلومىتىر يىراقلىقتىكى بىر خوشنا كەنتتىن ماشىنا تىپىپ كەلگەن بولدى. ئادەتتە 100يۇئەن ئالىدىغان ماشىنىغا 150يۇئەن بىرىپ ناھيىلىك دوختۇرخانىغا كۆرۇندۈم لىكىن
تەكشۈرۈش سۇنۇق ئەمەس دەپ يەكۈن چىقاردى، ئۆيگە قايتىپ تىڭىقچىغا تاڭدۇرۇپتىمەن ئەمما پەقەت ياخشىلىنىش بولمىدى،قايتا تەكشۈرۈشتە پۇت لىپىكىم سۇنۇق چىقتى داۋالىنىشقا ئىقتىسات يوق ئۆيدە يىتىپ دورا ئوكۇل قىلدۇق،تەتىل توشقاندا ساقىيالمىدىم بىراق رەھبەرلىك قەتتى ئىشقا بىرىشىمنى تەكىتلەپ دوختۇر رەسمىيىتىنى سۈيلەپ تۇرىۋالدى،بۇ جاينىڭ قاتنىشى يوق ياكى موتۇسىكىلىت مىنەلمىسەم قانداقمۇ باراي، شۇ چاغدا ئويلاپ قالدىم ،نىمىشقىمۇ تەشكىلگە بىرەر پارچىمۇ پارتىيە ئىلتىماسى سۇنمىغاندىمەن،پارتىيە ئەزاسى ئەمەسلەر رەھبەرلىككە نىمانچە ئشەنچىسىزدۇر ئەگەر پارتىيىلىك بولسام مىنىڭمۇ ئۆسۈش پۇرسىتىم بولاتتى شۇنداق بولغاندا خىزمەت ئورنۇم سەرگەردانلىقتا ئەمەس مۇقۇم بولۇپلا قالماي ئىش ھەققىممۇ بۆلۈنۈپ كەتمىگەن، ئۆيۈمنىمۇ ياخشى سىلىۋالغان،پەرزەنتلىرىمگىمۇ كۆڭۈل بۆلىيەلىگەن بولاتتىم ئەمەسمۇ...؟
مەن ئەنە شۇ خىيال بىلەن بۇ بىر ماۋسۇملۇق خىزمەتلەرنى يەنە شۇ مەكتەپتە تاماملىدىم لىكىن بۇ تىمىنى يىزىشقا مىنىڭ كەچۈرمىشىم ئەمەس تۆۋەندىكى ۋەقە ھەم بايانلار سەۋەپ بولدى.
بۇلتۇر 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىكى مەلۇم بىر كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاختى بولۇپ دەرستىن چۈشۈپ(ياتاق)ئىشخانىغا كىرىپ ئارام ئالغاچ چاي ئىچەي دەپ تۇرغۇنۇمدا تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلىپ بەللىرى بىرئاز مۇكچەيگەن،ئورۇقلاپ كەتكىنىدىن بىر تىرە بىر سۆڭەك بولاي دەپ قالغان ،كىيىملىرى كونىراپ كىرلىشىپ كەتكەن،ئىگىز بويلۇق ،قارىماققا 80لەردىن ھالقىپ قالغان بىراق يىشىغا باققاندا پەقەت ساقال قويمىغان بىر كىشى دەلدەڭشىپراق كىرىپ كەلدى.مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ بۇكىشىنى ئاستا ئولتۇرغۇزۇپ قويماقچى بولۇپ ئىڭىشتىميۇ ،
«ھاجىتى يوق!»دىگەن جاراڭلىق ھەم غەزەپ بىلەن ئىيتىلغان گەپتىن تىڭىرقاپ تۇرۇپلا قالدىم
«سىلەر ئوقۇغۇچىلارنى قانداق تەربەيلەيۋاتىسىلەر،ئۇلاردا قىنى- ئۇ،سوتسىيالىستىك ئەخلاق،ئادىمىيلىك ئاڭ»
مەن ھاڭۋىقىپلا قالدىم، ئۇنىڭ ئوڭ قول بىگىز بارمىقى پىشانەمگە تىگەي دەپلا قالغان ئىدى. ئىچىمدە بۇ ئالجىغان قىرى نىمە دەيدۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈردۈم.
ئاكا............سۆزۈم ئاياغلاشماستىنلا خۇدى بىر يولۇچى كىرا ماشىنىسى توسىۋاتقاندەك، بۇ كىشىنىڭ ئوڭ قولىنىڭ5 بارمىقى تىك شەكىلدە، ئالقان تولۇق ئىچىلىپ ئىشارەت بىلەن مىنى يەنە بىر قىتىم توختاتتى.
«سىلەر پارتىيىگە يۈز كىلەلەمسىلەر،ئىلىۋاتقان پۇلغىچۇ؟!خەلقگە يۈزكىلەلەمسىلەر!»
مەن شۇ تاپتا بىر مائارپ مۇپەتتىشى ۋە ياكى تىرىكىپ ساراڭ بولۇپ قالغان مەتۇ بىلەن تۇرىۋاتقاندەك سىزىمغا كىلىپ قالغان ئىدىم.
ئاكا......ئۇ ھىلىراقتىكى ھەرىكەت ئىشارىتى بىلەن مىنىڭ ئاغزىمنى 3-قىتىم توختاتتى..
«بۆگۈن سىكىتارغا بىر ئىشنى مەسلىھەت قىلاي دەپ كەنىت كومىتىتىغا ماڭغان يولدا بىر توپ مەكتەپ باللىرى مىنى تىللپ<قاراڭلار ئۇنىڭ مىڭىشلىرىغا...>دەپ مىنى مازاق قىلدى ھەم ماڭا تۈكۈردى» ئۇ شۇ گەپلەرنى دەۋاتقان ۋاختىدا كۆزلىرىنىڭ قانچىلىك پارقىراپ كەتكەنلىكىنى دەپ بىرەلمەيمەن، يۈز تىرىلىرى تارتىشىپ بىگىز بارمىقى ھىلى ھەم ھاۋادا ماڭا تەڭلەڭلىك ئىدى ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ تۇرمىسام تىگىپ كىتىشىدە گەپ يوق ئىدى
«مەن بىر پارتىيە ئەزاسى،پارتىيە ئەزاسىنى تىللاش نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ ،ئۇكام سىز بىلەمسىز؟مەن سىزگە دەپ بىرەي بۇ پارتىيىگە ھاقارەت كەلتۈرگەنلىك ،بىلەمسىز ھاقارەت كەلتۈرگەنلىك»
80ياشلارغا كىرىپ قالغان بۇ كىشىنى بۇنچىلىك تەپەككۇر قىلىدۇ،بۇنچە جانلىق ۋە جۇشقۇندۇ دەپ پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن.
مەن ئەمدىلىكتە بۇ كىشىنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى گۇناكاردەك ھىس قىلماي ئامالىم قالمىغان ئىدى راستىنى دىسەم باياتتىنقى تەمتىرەش ،ئاچچىق ئورنىغا ۋۇجۇدۇمدا بۇ ئادەمنىڭ خاپا بولۇشىنىڭ ئورۇنسىز ئەمەسلىكىنى تونۇش بىلەن بىرگە ھىسداشلىق قىلىش،قىزىقىش ئىستىگى چىرمىشىپ ئالغان ئىدى..
ئاكا ھازىرچە مەن شۇ بالىلار نامىدىن ئۆزلىرىدىن سەمىمىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن مىنى ۋە شۇ بالىلارنى كەچۈرىۋەتسىلە بىز تەربىيە ئارقىلىق ئادەتلىنىش تەربىيىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتەيلى .......دىدىم مەن سەل ئوڭايسىزلىنىپ؛
«بولىدۇ ،ئۆزگەرتسەك ياخشى»-دىدى-ئۇ،
ئۇ ھىچ ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغىنىغا تەن بىرىدىغان ئادەمدەك قىلمايتتى قىسقىغىنە 10مىنۇتتەك ۋاقىت ئىچىدە ئۇ پەقەت بىشىنى ئىگىپ باقمىدى،ئولتۇرۇپمۇ قويمىدى ،تايىنىدىغان ھاسىمۇ يوق،ئوڭ قولى ھاۋادا ھەرىكەتتە سول قولى بەدەن قىسمىنىڭ كەينىدە مۇشتۇملىرى تۈگۈگلۈك.
توۋا ھەجەپ ئادەمكىنا...دىگەنلەرنى ئويلىغاچ ئۇنىڭغا قايىللىقىم ئاشماقتا ئىدى بىر تالي ۋەدىلەرنى بىرىپ يولغا سالغاندىن كىيىن ھاردۇقۇم بىسىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم ،لىكىن ھىلىقى كىشىنىڭ ئاچچىقى يانغانمىدۇ.... بۇ مەكتەپتە 2سىنىپ،2مۇئەللىم 73نەپەر ئوقۇغۇچى بولۇپ بۆگۈن ئۆزۈم يالغۇز ئىدىم چۈنكى يەنە بىر مۇئەللىم قولى سۇنۇپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان مەكتەپ مۇدىرى شۆبە مەكتەپكە كەتكەنمىدىكىن تاڭ مەكتەپتە يوق ئىدى.
تىخى ئۆتكەن ئايدىلا مەكتەپ ئالدىدىكى يولدىن بۇ كىشىنىڭ يىراقتىن كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ساقلاپ تۇردۇم
 1-قىسمى تۈگۈدى،ئىنكاسقا قاراپ داۋاملاشتۇرىمەن


تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-07-08, 14:32
ئادەم تاماق يىيىش ئۈچۈن ياشىمايدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-07-08 03:47 |
oghuzhan2
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5915
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 105
شۆھرەت: 545 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 545 سوم
تۆھپە: 323 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 323 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 232(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سەبىي بالىلار دىگەن ۋاختى كەلسە خۇدادىن قورقمايدۇ, جانابى ھەق ئاللامۇ شۇڭا سەبي بالىلارنىڭ گۇناھىنى بەك ئىغىر ئالمايدۇ، سەن ئالجىغان ساراڭنىڭ    پارتىيلىك بولۇش بولماسلىقىڭ  بىلەن بىر مو ئۈچ پۇڭلۇقمۇ مۇناسىتى يوق ، تىخى شۇلارغىمۇ قالپاق كىيگۈزۈپ باقاي دەپسەندە
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-08 14:55 |
ablikim

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3437
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 652
شۆھرەت: 3373 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3412 سوم
تۆھپە: 2010 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2020 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2064(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن تولۇق ئوقۇپ بولۇپ ئىنكاسنى بىراقلا يازاي . ئاخىرنى كۈتىمەن ، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-08 14:59 |
diwa

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 724
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 237
شۆھرەت: 1563 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1655 سوم
تۆھپە: 873 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 890 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 166(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماۋچىلارنىڭ ئىككى پۇتى بىر ئۆتۈككە تىقىلدى .لېكىن 50-60- يىللاردا ماۋزىدۇڭنىڭ مىللى رايونلارغا ياخشى سىياسەت قوللانغىنى راست،ھەتتا ئۇنىڭ تەسىر كۈچىنى 80-يىللارغىچە ساقلاپ كېلىنگەنلىكى ئۈچۈن 80-يىللارغىچە ئۇيغۇر خەنزۇ ئوتتۇرسىدا چوڭ سۈركىلىش بولغىنى يوق .
شۇڭا چوڭ ياشلىقلار ئارسىدا ماۋجۇشىنىڭ ياخشى تەسىرى بار .بەلكىم كاللىسىغا سىڭىپ كەتكەندىن بولغاندۇ .نىمىلا بولمىسۇن ماۋجۇشىنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا ئەكەلگەن ياخشىلىقى كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا يول قويغانلىقىنىنى ئىتىراپ قىلىمەن .
لېكىن ھازىرقى پارتىيە ئۇ چاغلاردىكى پارتىيە ئەمەس .ماۋجۇشىمۇ يوق ھازىر .ھازىرقى پارتىيە ئەمەلىيەتكە بەك ئەھمىيەت بىرىدىغان ،ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن بارلىقىنى تەغدىم قىلىدىغان ۋە قىلغۇزدىغان مانداق <باش بارماق>پارتىيە .
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-08 15:31 |
aslim536
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6440
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 95 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 95 سوم
تۆھپە: 57 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 57 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماۋۇ گەپنى پارتېلىك بولامدۇ بولمامدۇ نىمە كارېم . مۇئەللىم باللارنى ئۇيغۇر قىلىپ تەربېلەپ بەسېلا بېز مىڭ مەرتېۋە رازې.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-08 17:18 |
qimbulak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7426
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 196
شۆھرەت: 1015 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1044 سوم
تۆھپە: 604 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 604 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 490(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

       دىۋە ئەپەندىم، يۇقارقى ئېنكاسىڭىزنى ھېلىقى< قىزىل ناخشىڭىزغا> قوشۇپلا ئورۇندىۋەتمەمسىز!
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-08 19:59 |
budunya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1028
شۆھرەت: 5231 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5238 سوم
تۆھپە: 3131 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3137 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 959(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئالجىغان قېرى پارتىيەلىكىنى پاشقىلغىچە ............................بۇبالىلاردىكى چوڭلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگەتمىدىڭلەرمۇ ،،،،،،،،،،،،،،،،ئۇيغۇربالىلىرىنىڭ ئۇيغۇردەك چوڭلارنى كۆرسە سالام قىلىدىغان ئادەتلىرىنى ئۆگەتمىدىڭلارمۇ دېسە بولمامدۇ ،،،،،،،،،ھەييييييييييييييييييي
ھەراس قېرى بىلەن بولۇپ كېتىپ سىزنى ئۇنتۇپتىمەن ..........تېزىراق ئادەمنى تەقەززاقىلماي داۋامىنى يېزىڭ  ............قالغان گەپنى شۇچاغدا قىلىشامىز..............
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-09 01:05 |
lion17
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8653
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 84
شۆھرەت: 420 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 420 سوم
تۆھپە: 252 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 252 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھە -كىچىك باللار ئەمەسمۇ.يامانلىمىسىمۇ بولىدۇ.80ياشلىقلارنىئانچەمۇنچەبېلىمىز.50ياشتىن يۇقىرلارنىمۇ بېلىمىز.ئۇلار نىڭ ياش ۋاقتىدا قۇرئاننى كۇيدۇرۇپ مەسچىتنى چاققىنىنىمۇ بېلىمىز.بەلكىم شۇلارنىڭ قىساسىدۇ
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-09 01:29 |
diwa

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 724
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 237
شۆھرەت: 1563 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1655 سوم
تۆھپە: 873 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 890 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 166(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى qimbulakدە2012-07-08 19:59يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
       دىۋە ئەپەندىم، يۇقارقى ئېنكاسىڭىزنى ھېلىقى< قىزىل ناخشىڭىزغا> قوشۇپلا ئورۇندىۋەتمەمسىز!

يېقىندا ئالدىغا ئىككى چامدام كەينىگە بىر چامدام ئالىدىغان خەنلەرنىڭ لەڭگىرلاڭنى ئۆگىنىۋاتىمەن .بولىدىغان ئۇسسولكەن .36 پەمنىمۇ خېلى ئۆگىنىپ قويدۇم سىزمۇ ئۆگىنىپ قويۇڭ .ئىنكاس يازغانلاردا ئەسقاتىدۇ ../read.php?tid=8999&keyword=%D9%BE%DB%95%D9%85
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-09 10:34 |
akram343
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8025
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 86
شۆھرەت: 448 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 449 سوم
تۆھپە: 266 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 267 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يامان دېمە بالاڭنى كىم بىرىدۇ ياخشىنى,ھازىر يامان بولسىمۇ ياخشى بولار بىر كۈنى.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-09 12:00 |
kenji
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2127
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 188
شۆھرەت: 973 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 984 سوم
تۆھپە: 579 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 580 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 133(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پولشا ۋە ئالبانىيە قاتارلىق بىرنەچچە كوممۇنىستىك ئەللەر ،كوممۇنىستىك پارتىيىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ زوڭتوڭلۇق ھاكىمىيىتىنى تىكلەپ چىققان چاغدا،ئەينى چاغدىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنى كوچىمۇ-كوچا قوغلاپ ئۇرۇپ -دۇمبالاپ بەكلا ئېچىنىشلىق كۈنگە قويغانىكەن.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-09 12:29 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«123»Pages: 1/3     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە