چېڭ شۆۋۇ
ئابابەكرى 、ئابدۇررېشىت تەرجىمىسى
لۇشۈن جۇڭگو مەدەنىيىتىنى "ئادەمخور مەدەنىيەت" دەپ ، بوياڭ "ئىدىش مەدەنىيىتى" دەپ تەرىپلىگەنىدى . ھالبۇكى ، قاپ يۈرۈكلىك بولسىمۇ ، بۇنى "گەپدانلىق مەدەنىيىتى" دەپ تەرىپلىگۈم كېلىۋاتىدۇ .
ئۇنداقتا گەپدانلىق مەدەنىيىتى دېگەن زادى نېمە ؟ مېنىڭچە ، گەپدانلىق مەدەنىيىتى ئېغىزدا شەھەر ئالىدىغان ساختىپەزلىك ، ئاتنى ئايلىخانغا ، يولنى سارىخانغا سالىدىغان ئالا كۆڭۈللۇك ، تىلى شېكەر ، دىلى زەھەر ناكەسلىك بولسا كېرەك .
گەپدانلىق مەدەنىيىتى ساھىبلىرى قانداقتۇر مەدىكارلار ياكى سەھرادىكى دوڭغاق بوۋايلار ئەمەس ، بەلكى كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنى قالتىس
سانايدىغان نوپۇزلۇق ، مەرتىۋىلىك كىشىلەردۇر .
ئۇنداقلار مەنسەپ سەيناسىدىكى بىرنى چۈشكۈرۈپ قويسا ئالەم تەۋرەيدىغان مەرتىۋىسى يۈكسەك تاجىدارلاردىن بولۇشىمۇ مۇمكىن . ئىشقىلىپ گەپدانلىق مەدەنىيىتى ساھىبلىرى قۇرساق باقتى نانقېپىلاردىن ئەمەس . ئۇلار راستىنلا كۆزى ئۆتكۈر ، ئىش تەۋرىتەلەيدىغان "قۇدرەت" ئىگىلىرى . شۇغىنىسى ، ھە دېسىلا يوقىرىغا يامىشىش ئىستىكى ئۇلارنىڭ ئىنسانىي قەدىر _ قىممىتى ۋە پەزىلىتىنى چاكىنلاشتۇرىۋەتكەن .
گەپدانلىق مەدەنىيىتىنىڭ رولچىلىرى ئادەتتە مەنسەبدارلاردىن كۆپرەك چىقىدۇ . ئۇلار بىزنى غايىلىك ، ئەخلاقلىق ، مەدىنىي ، خالىس بۇلۇشقا ئۈندەيدۇ . بىزدىن قەلبى گۆزەل ، تىلى گۆزەل ، ئىش _ ھەرىكىتى گۆزەل ، مۇھىتى گۆزەللىكىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ . پاك _ دىيانەتلىك ، ئوچۇق _ ئاشكارە بولۇشنى ، جاپادا ئالدىدا ، ھالاۋەتتە كەينىدە تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ . ئاخىرىدا ئېغزىنىڭ ئۇچىدىكى ھېكمەتلىك مىسال _ ئىبارىلەر ۋە تەسىرلىك شەرھ _ بايانلىرى بىلەن ئاۋامنى قايىل قىلىپ ۋە سەجدە قىلدۇرۇپ ، ئۆزلىرىنىڭ "مەبۇد" ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرىدۇ . ئەمەلىيەتتە بولساگەپدانلىق مەدەنىيىتىنىڭ بۇ ئۇستا رولچىلىرى ئاشۇ ئۇستاتلىقلىرى بىلەن نەيرەڭ ئىشلىتىپ ، قەبىھ قىلمىش _ ئەتمىشلىرىدە قانۇننى بۇزىدۇ . ئۇلار جىنايى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك قانۇن تورىغا چۈشكەندىلا ، ئاندىن نېمىنىڭ تىلى تۈزۈكلۈك ، دىلى بۇزۇقلۇق ، نېمىنىڭ ئىككى يۈزلىمىلىك ، رەزىللىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيسىز .
ھالبۇكى ، ئۇلارنىڭ پەلپەتىش گەپ _ سۆزلىرى بەزىدە ئاۋامنى قايمۇقتۇرۇپ ، گاڭگىرىتىپلا قويىدۇ . " مەدەنىيەت سەركىسى" ، " پاي چېكى باشسى" ، "لاتارىيە ئۇستىسى" ، "قۇرئەنداز" دېگەندەك ناملار بىلەن تەرىپلىنىدىغان بۇ كاتتىلار نوپۇز "مەپە"سى بىلەن سورۇنمۇ سورۇن قاتىراپ يۈرۈپ ، ھېلى پاي چېكى باھاسىنىڭ ئۆرلەيدىغانلىقىدىن ، ھېلى قىيامەتتىن بېشارەتلەرنى بېرىشىدۇ . "چۆچۆرە ئىچمەكتىن مەقسەت گۆش يېمەك" دېگەندەك ، ئۇلارنىڭ ۋەزخانىلىق قىلىشىمۇ دەل يېنىنى توملاش ئۈچۈندۇر . گەپدانلىق مەدەنىيىتىنىڭ سەركىلىرىدىن شۇنداق دەپ سۇرىغۇم كېلىۋاتىدۇ : لاتارىيە ، پاي چېكى بازىرىنىڭ نەرخ - ناۋاسىنى يۈزدەيۈز توغرا پەرەز قىلالايدىغان تۇرۇقلۇق ، نېمىشقا ئاشۇ بازاردىن ئۈزەڭلارلا پۇل تېپىپ تىقىلىپ كەتمەي ، ھە دېسە تۆت تەڭگە ئۈچۈن ئېغزىڭلارنىڭ بىر قات تېرىسى چۈشۈپ كەتكىچە ۋەزخانىلىق قىلىسىلەر ؟ شۇڭا ، گەپدانلىق مەدەنىيىتىنڭ سەرخىللىرى سەمىڭلاردا بولغايكى ، ئەخلاق ۋە پەزىلەتنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ، بولمىسا ، سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتىمەن دەپ يۈرۈپ ، ئاخىرى "مۇتەخەسسىسلىك" تاجىنىڭ ئاستىدا بۇرۇقتۇما بولغىنىڭلارچە قاتتىق ۋە ئاچچىق كۈلكىگە قالىسىلەر .
گەپدانلىق مەدەنىيىتىنڭ يادروسى ئېغىز بىلەن گەپتە . شۇڭا ئېغىز بىلەن گەپ بىر _ بىرىگە دوست تارتىشىپ ئالەمنى مالەم قىلالايدۇ . دېمەك ، گەپدانلىقى بىلەن ۋەزخانلىق قىلىپ ئۆزىنى كۆككە كۆتىرىدىغانلار كۆپىنچە ھالدا مۇئەللەقتە تۇرۇۋېلىپ ئاز ئۇچىرايدىغان يېقىملىق تېرمىنلار ۋە جاھاندا بار دەبدەبىلىك گەپلەر بىلەن باشقىلارنى گاڭگىرىتىدۇ . ئېغىزلىرىدىن چىقىۋاتقان گەپلىرىنىڭ قانداق نېتىجە بېرىدىغانلىقىدىن پەرۋايى پەلەك ، ھېلى دېگىنىنى ھىلى ئۇنتۇيدۇ ؛ ئاشۇ ۋەزىلىرى بىلەن ئەل _ ئاۋامنى كولدۇرلىتپ ، ئۆزلىرى تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ تاماشا كۆرىدۇ . دېمەك بۇنداق گېپىدە تۇرمايدىغان ، ئاغزى بىلەن كۆتىنىڭ پەرقى يوق "گەپدان" لار ئالدامچىلىقى بىلەن زىيانكەشلەردۇر . ئۇلار خۇددى قول چىرىقى ئەتراپنى يورۇتۇپ ، ئۆزىنى يورۇتمىغاندەك ، كىشىلەر ھەققىدە قىل سىغماس زاكونلار بىلەن مۇتالىئە قىلىشىدۇ . گېزى كەلگەندە ھەتتا باشقىلارنى دەسسەپ _ چەيلەپ ، يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىدۇ . ئۆزلىرى بولسا ، بىر چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرىدۇ . مىسالەن : سىچۇەن ۋىنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن "فەن قاچقۇن ۋەقەسى" ھەققىدىكى تالاش _ تارتىشلار دەل ۋابادەك يامرىغان گەپدانلىق مەدەنىيىتىنڭ تىپىك مىسالىدۇر .
گەپدانلىق مەدەنىيىتى تەشەببۇسچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئادەتتە "دېگىنىم دېگەن" دەپلا تۇرىۋالىدۇ . بۇ قانداڭتۇر ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرسىنىڭ كەڭرى ، ئىلىم _ بىلىمگە كامىللىقىدىن ئەمەس ، بەلكى ئۆزلىرىدىكى سەۋەنلىكلەرنى بىلىپ تۇرۇپمۇ " مېنىڭ راست" دەپ تۇرۇۋالىدىغان جاھىللىقىدىندۇر . ئۇلار ھە دېسىلا ، "دەتتىكام" دەپ ئاتىدىغان قىمارۋازلارغا ئوخشايدۇ . قىسقىسى، يولسىزلىقىدىن تىلى تۇتۇلۇپ قالغاندا نوپۇزىنى شېپى كەلتۈرۈپ ئۇششۇقلۇق قىلىش _ ساختىلىق ۋە شەپقەتسىزلىكنىڭ ئالامىتىدۇر . بۇنىڭغا كۆرە شۇنداق سۇئال قويغۇلۇقكى : بىر ئالىم ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇشتەك مەردانىلىقىنى ئىپادىلىمىسە ، ئۇنى ئالىم دېگىلى بولسۇنمۇ ؟ ئەل _ ئاۋامنىڭ ھال _ كۈنىنى ئويلاشقا رەغدى بولمىغاچقا ، ھە دېسىلا ۋەزخانىلىق قىلىپ قۇرۇق گەپ ساتىدىغان مەنسەپدار پۇقرانىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلىسۇنمۇ ؟ !
(
داۋامى بار )
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-07-14 20:07قايتا تەھرىرلىدى ]