شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا
(1949-يىل9-ئاينىڭ10-كۈنى)
ماۋزىدۇڭ
يولداش پېڭ دېخۇەي:
8-سىنتەبىردىكى تېلگىراممىدىن ۋاقىپلاندىم ، تۆۋەندىكىدەك جاۋاپ بېرىمەن :
1.دىققەت ئېتىبارىڭلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ 11-ئاينىڭ باشلىرى ۋە ئوتتۇرلىرىدا يۈمېندىن شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىشقا تىرىشىڭلار ،
2.ئۆزەڭلەر قىلىشقا تەمشەلگەن ئىشلارنى چىڭ تۇتۇپ قىلىڭلار ، چېدىر ،سۇدان ،ئاشلىقتىن باشقا ،جۇۋا،قۇلاقچا،پىيما توغرىسىدا ئېغىز ئاچماپسىلەر ، بۇلار بەك مۇھىم ، يەنە كېلىپ دەرھال ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ ،سىلەرگە جۇۋا ھەل قىلىپ بېرىمىزمۇ ،قانچىلىك لازىم ،دەرھال مەلۇم قىلىڭ .
3.بىز تەييارلىق كۆرۈپ قويغان بېرىدىغان ئىشلارغا كەلسەك 300-400 ئاپتوموبىل ،500 مىڭ يۈەنلىك تەڭگە ۋە شىنجاڭدىلا ئىشلىتىلىدىغان خەلق پۇلىنى ھەل قىلىپ بېرەلەيمىز ،سىلەر 4-سىنتەبىر تېلگىراممىسىدا تەلەپ قىلغان 4000 ئاپتوموبىلنى ھەل قىلىپ بېرەلمەيمىز ،
4.تاۋ جىيۆ،جاۋ شىگۇاڭ قاتارلىقلار بىز بىلەن مەسىلىنى تېنىچ ھەل قىلىشقا تەمشەلدى ، شىنجاڭنىڭ رەئىسى(1) بۇرھان شەئىدى ئىلىغا يېقىن بىر جايغا تېنىچلىق سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتتى ، بىز دېڭ لىچۈننى رادىيو ئىستانىسسىنى ئېلىپ بۈگۈلا دىخۇا(2)(ئۈرۈمچى) غا بېرىشقا بۇيرىدۇق .دېمەك شىنجاڭ مەسىلىسى ئۇرۇش بىلەن ھەل قىلىدىغان مەسىلا بولماي ، تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى ، بۈگۈن جاڭ جىجۇڭنى رەسمىي سۆزلىشىشكە تەكلىپ قىلدۇق ، ئۇنىڭدىن شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشنى ئۆتۈندۇق ،ھەمدە ئۇنىڭغا شىنجاڭغا دائىر خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئارتتۇق (كونكىرت ۋەزىپىنى تېخى تىلغا ئالمىدۇق ) ئۇ ئورۇنلاشتۇرىشىمىزغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، نىمە ئىش قىلسام مەيلى دېدى ، ئۇ شىنجاڭدا تېخى گومىنداڭنىڭ 60مىڭ ئەسكىرى ،نەچچە ئون مىڭ پارتىيە ،ھۆكۈمەت ۋە ئارقا سەپ تەمىنات خفدىمنى بولۇپ جەمئىي 100 مىڭچە ئادىمى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ، بىزنىڭ قارىشىمىزچە ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىنىڭ ھەربىي ،سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمىتىنى بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان غەربىي شىمال ھەربىي -مەمۇرىي كومىتېتى تەسىس قىلىش كېرەك ، پېڭ دېخۇەي مۇدىر ، شىڭ جۇڭشۈن ،جاۋ شوۋشەن ،جاڭ جىجۇڭ ،دېڭ باۋشەن قاتارلىق تۆت كىشى مۇئاۋىن مۇدىر بولسۇن ،ئىشخانا لەنجۇدا ياكى شىئەندە بولسۇن ، جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭ ھەربىي -مەمۇرىي كومىتېتىنىڭ (3)مۇدىرى ،ۋاڭ جىن ۋە ئازسانلىق مىللەتتىن 2-3 كىشى مۇئاۋىن مۇدىر بولسۇن ،(ياكى تاۋ جىيۆ قوشۇپ قويۇلسۇن ) ،بۇ ئورگان شىنجاڭنىڭ ئۆتكۈنچى ئورگىنى بولسۇن ،سىز ۋاڭ جېن بىلەن بىللە دىخۇاغا بېرىپ ،خىزمەتكە بىر مەزگىل رىياسەتچىلىك قىلىڭ ، كېيىن شەنشى ،گەنسۇ ،شىنجاڭ ئوتتۇرىسىدا بېرىپ -كېلىپ ئىشلىسىڭىز بولار ، بۇ لاھىيە ئومۇمىي جەھەتتىن ئاقامدۇ -ئاقمامدۇ ،ئويلىنىپ كۆرۈپ تېلگىرامما ئارقىلىق جاۋاپ بېرىڭ ،
5.بىز بىلەن دوست تەرەپنىڭ (4)(دوست تەرەپ سوۋېت ئىتتىپاقىنى كۆرسىتىدۇ) ئاۋىئاتسىيە كېلىشىمى توغرىسىدا ئاساسىي جەھەتتىن كېڭىشىپ پۈتۈشتۇق ،ئۇلارنىڭ بىزگە شىنجاڭ ، گەنسۇ ، شەنشى قاتارلىق ئۈچ ئۆلكىنىڭ تىرانسىپورتىنى بەرپا قىلىپ بېرىشىدە قىلچە مەسىلە يوق ، مۆلچەرىمىزچە 30 تىرانسىپورت ئايرۇپىلانى بېرىشى مۇمكىن ، ئەممە ئىككى جۈننىڭ پىيادە ئەسكەرلىرى ۋە توپچى قىسىمنىڭ ئاساسىي قوشىنى پىيادە يۈرۈش قىلىشى ۋە ئاپتوموبىلدا توشۇلۇشى شەرت ، دىخۇانى ئىشغال قىلغان ۋە دىخۇا ئايرودورومىنى تىزگىنلىگەندىن كېيىن ،سوۋېت ئىتىپاقى ئايروپىلانلىرىنىڭ كادىرلىرىمىز ،ئاشلىقىمز ، كىيىم كېچەك ،يوتقان -كۆرپىلىرىمىزنى ۋە بىر قىسىم ئەسكەرلىرىمىزنىى توشۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلساق بولىدۇ ، دىخۇانى ئىشغال قىلىشتىن ئەلگىرى مۆلچەرىمىزچە ،ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت ۋەكىللىرى ۋە مۇھىم خادىملىرىنىى توشۇپ بەرسە بولىدۇ ،
6.تەرجىمە خادىملىرىنى دېڭ لىچۈن شىنجاڭدا تەييارلاپ بەرسە بولىدۇ .
ماۋزىدۇڭ
10-سىنتەبىر سائەت 21دىن 23كىچە
ئىزاھ :
1. شىنجاڭنىڭ رەئىسى گومىنداق شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسىنى كۆرسىتىدۇ
2. دىخۇا ھازىرقى ئۈرۈمچىنى كۆرسىتىدۇ
3. شىنجاڭ ھەربىي مەمۇرى كوممىتېتى كېيىن قۇرۇلمىغان
4. دوست تەرەپ سېۋىت ئىتىپاقىنى كۆرسىتىدۇ .
شىنجاڭ خىزمىتىگە دائىر ھۈچجەت -ماتىرىياللاردىن تاللانما (2010-1949) ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى ، باغداش تورىغا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ ، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ۋە ناچار ئىنكاسلارنى يېزىشتىن ساقلىنىڭ !