saltanat lutun elan berig
«12345»Pages: 1/9     Go
بۇ تېما 34078 قېتىم كۆرۈلدى
bozqir
پەرۋايىم پەلەك

دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 17
يازما سانى : 837
شۆھرەت: 4725 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 4749 سوم
تۆھپە: 2761 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2769 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2473(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 [بوزقىر] ساتقىنلارغا رامىزانلىق

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-08-09)

   ئىلاۋە :
بۈگۈن «ئىزدىنىش تورى» دىن zaghun يوللىغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا قانداق ئىشلار ئۆتكەن؟  » ناملىق تېمىنى ئوقۇۋېتىپ newstar نىڭ شۇ تېمىغا يوللىغان تۆۋەندىكى ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ بىر ھازا ئويلىنىپ قالدىم :

   ئەيسا پەيغەمبەرگە قايسى مىللەتتىن زىيانكەشلىك قىلغان؟ يەھۇدىلار...
گەندىگە ئوق چىقارغان قايسى مىللەتتىن؟ ھىندىستانلىقلاردىن...
ئابدۇقادىر داموللامغا پىچاق سالغان قايسى مىللەتتىن؟ ئۇيغۇرلاردىن...
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چاققان روزى موللىنىڭ مىللىتى نېمە ؟ ئۇيغۇر...
ئۇلار نېمىشقا شۇنداق قىلدى ؟ قارا قورساقلىقتىن،ئاچلىقتىن.ئاجىزلىقتىن.چىدىماسلىقتىن.

---------------------------

   ئويلاپ باقسام ئۇلۇغ رامىزان ئېيىمۇ كىرىپ قاپتۇ. روزا ھېيىتىمۇ يېقىنلىشىپ قاپتۇ. شۇڭا  « ساتقىنلارغا رامىزانلىق» ناملىق بۇ تـەرجىمە ئەسىرىمنى مىللەت ساتقۇچى بارلىق مۇناپىقلارغا رامىزانلىق ۋە ھېيىتلىق سوۋغا سۈپىتىدە سۇندۇم.
                                                                                                ----------تەرجىماندىن


    
               
ئاتا مىراس مەخپىي رېتسىپ
 
چېن خۇايى
 
 بوزقىر تەرجىمىسى
 
       شىر پادىشاھ بىر خىل غەلىتە كېسەلگە ----باش ئاغرىقىغا گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ.  بۇ ئىش پۈتكۈل ئورمان پادىشاھلىقىنى ساراسىمىگە ساپتۇ. چىل بۆرە، يولۋاس، يىلپىز، توخۇ، غاز، قۇشقاچ، ئوۆردەكلەر ئۇۋىلىرىدىن چىقىپ پايپىتەك بولۇشۇپ ، تەرەپ-تەرەپكە چېپىپ تىۋىپلاردىن شىپالىق دورىلارنى ئىزدىشىپتۇ،ئەمما شىر پادىشاھنىڭ كېسىلى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاپ كېتىپتۇ. ھېچقانداق دورا ئۇنىڭغا شىپاھ قىلماپتۇ. بىر كۈنى توساتتىن مايمۇن قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاسەن سۆرەن-شاۋقۇن سالغىنىچە ئوردىغا ئۈسۈپ كىرىپ ئاخىر چەنرىن تېغىدىن 100ياشلىق بىر قېرى بۇغىنى تېپىپ ئۇنىڭدىن مەخسۇس باش ئاغرىقىنى داۋالايدىغان ئاتا مىراس مەخپىي رېتسىپقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. تۈلكە ۋەزىر ناھايتى چەبدەسلىك بېلەن ئاسەننىڭ قولىدىن ئىنتايىن پۇختا ئورالغان زەر قۇتىنى ئېلىپ ، چوڭقۇر تەزىم بىجا كەلتۈرۈپ قوش قوللاپ شىر پادىشاھقا سۇنۇپتۇ.
 
        شىر پادىشاھ قۇتىنى ئېچىپ ئىچىدىن سارغىيىپ كەتكەن بىر ۋاراق قەغەزنى ئاپتۇ. خەتتە: << ھەر كۈنى سەھەر ناشتىدا ئاچ قورساققا بىردىن مايمۇن مېڭىسىنى يېسە ھەم ئۇنى ئۇدا ئۈچ ھەپتە يەنى 21كۈن ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرسا شىپا تېپىپ سەللىمازا ساقايغۇسى>> دەپ يېزىلغانكەن. 


       شىر شۇ ھامان تۈلكىگە مايمۇنلارنى تۇتۇش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپتۇ. تۈلكە يارلىقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئاسەن مايمۇننى چاقىرتپ :<< بايا مەن مەخپىي رېتسىپنى پادىشاھ ئالىيلىرىغا بەرگەنىدىم. پادىشاھ ئالىيلىرى قالتىس خوش بولۇپ كەتتى. ئۇ ماڭا ئارقا قەسىردە كاتتا زىياپەت راسلاپ تارتۇقلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى بۇيرۇدى. سەن دەرھال مايمۇنلار تېغىغا قايتىپ قاۋۇل مايمۇندىن 20نى تاللاپ ، ئۇلارغا باش بولۇپ دەل سائەت يەتتىدە زىياپەتكە كەل!>> دەپتۇ.

     كەچتە ئېسىل شاراپلاردىن قانغۇچە ئىچىپ ، نازۇ-نېمەتلەردىن تويغۇچە يەپ ، يۈزلىرىدىن تارتىپ قۇلاقلىرىغىچە شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن مايمۇنلار يەرگە ئۆزلىرىنى تاشلىغانچە قالايمىقان يېتىشىپتۇ. ھەتتا ئەس ھۇشىنىمۇ يوقىتىپتۇ. نەتىجىدە چىل بۆرىلەر ئۇلارنى بىر-بىرلەپ تۇتۇپ خۇددى قۇم خالتىسىنى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ ، تۆمۈر قەپەزگە سۇلاپتۇ.

        ئىككىنچى كۈنى ئاسەن خامۇش ھالەتتە ئويغۇنۇپ ئۆزى ۋە 20 قېرىندىشىنىڭ قىلتاققا چۈشكەنلىكىنى ئۇقۇپ نالە-پەريات چېكىپتۇ. باشقا مايمۇنلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ خەتەر ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى سېزىپ چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ دەرغەزەپكە كېلىپ پۈتۈن كۈچى بېلەن تۆمۈر قەپەزنى سىلكىشكە باشلاپتۇ. دەل شۇ چاغدا تۈلكە ۋەزىر ئالمان-تالمان يېتىپ كەپتۇ-دە دەرغەزەپكە كەلگەن مايمۇنلارغا ئىدىيىۋى سېياسىي خىزمەت ئىشلەپ مۇنداق دەپتۇ:<< كۆپچىلىك سوغۇققان بولۇڭلار، مايمۇنلار قەبىلىسىنىڭ يېقىنقى يىللار مابەينىدىكى خىزمەتلىرىنى شىر پادىشاھ ئالىيلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. بولۇپمۇ پادىشاھ ئالىيلىرى بىتاب بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندىن بۇيان ئاقساقال ئاسەن مايمۇنلارنى باشلاپ  ھېرىپ-ئېچىشتىن قورىقماي ، خېيىم-خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ، تاققا چىقىپ دورا دەرمەكلەرنى يىغىپ ، ھالقىلىق پەيىتتە ئۆزلىرىنىڭ سادقەتمەنلىكىنى كۆرسەتتى. سىلەرنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرىشىمىزدىكى سەۋەپ شۇكى، ئاممىنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسلانغاندا ، پادىشاھلىقىمىزنىڭ خەۋىپسىزلىك تارماقلىرى رازۋىتكا قىلىش ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلاپ چىقتىكى، ئاراڭلاردىكى بىر مايمۇنەك ئۇلۇغ شىر پادىشاھ ئالىيلىرى بىتاپ بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان مەزگىلدە ئاممىنى ئاسىيلىق قىلىشقا قۇتراتقان. ئورمان پادىشاھلىقىنىڭ بىخەتەرلىكى ، پۈتكۈل ئاۋامنىڭ ئامان-ئېسەنلىكى ئۈچۈن شىر پادىشاھ ئالىيلىرى كەسكىن ھەركەت قوللىنىشنى قارار قىلدى. سىلەر پەقەت ئاراڭلاردىكى ئاسىيلىق قىلىش نىيىتىدە بولغان جىنايەتچىنى پاش قىلىپ بەرسەڭلارلا ، پېقىر ۋەزىر سىلەرنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىڭلارغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاقساقال ئاسەننىڭ ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتۇپ ، پادىشاھلىقىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىپ ، كەڭ ئاممىغا يېقىندىن تايىنىپ ، ماڭا زىچ ھەمكارلىشىپ ، ئىسيانچىلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ ، تازىلاش خزمىتىنى ئوبدان ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! >>
     مايمۇنلار بۇنى ئاڭلاپلا ئىشنىڭ تېگىگە يېتىپ ، ئۆز قەبىلىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان ھېلىقى نامەلۇم ئاسىي مايمۇننى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي تىللاپ قارغىغىلى تۇرۇپتۇ. ئاسەننىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە شۇ ھامانلا پاش قىلىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتىنى باشلىۋېتىپتۇ.ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ھە دېسىلا ئاسەن بېلەن زاكونلىشىدىغان قىزىل قوڭ مايمۇن ئاسىيلىق قىلىشقا ئورۇنغان جىنايەتچى دەپ بېكىتىلىپتۇ. باشقا مايمۇنلار ئۇنىڭ پۇت-قولىنى مەھكەم باغلاپ قەپەزدىن سىرىتقا ئىتتىرىپ چىقىرىپ ، تۈلكە ۋەزىرنىڭ ئوردىغا ئېلىپ كىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ.

         ئىككىنچى كۈنى تۈلكە يەنە مايمۇنلار قامالغان جايغا كېلىپ :<< ئالاقىدار تارماقلار قاتتىق قاتتىق سوراق قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق قىزىل قوڭ مايمۇننىڭ ئاسىيلىق قىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. جىنايەتچى ھېلىمۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئىكەن. تېخىمۇ چوڭقۇر پاش قىلمىساڭلار بولمىغۇدەك>> دەپتۇ. ئاقساقال ئاسەن بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قول ئاستىدىكى قالغان 19مايمۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ ، تېخىمۇ زىغىرلاپ تەكشۈ رۈش ئارقىلىق ئاخىر يەنە بىر باشپاشتاق ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق مايمۇننى تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ.

        شۇ تەرىزدە ھەر كۈنى بىردىن مايمۇن تۇتۇلۇپ ئېلىپ چىقىلىپ ، 21-كۈنىگە كەلگەندە ئاسەنمۇ ئارقا قەسىردىكى مەلۇم بىر مەخپىي خانىغا ئۇدۇللا يالاپ ئاپىرىلىپتۇ. ئۇنى ئوتتۇرىسىدا يۇمۇلاق تۈشۈكى بار ، قان داغلىرىنىڭ ئىزى قالغان كىچىك بىر شىرەنىڭ ئاستىغا ياتقۇزۇپتۇ. شۇ ھامان ئۇنىڭ بۇرنىغا ئۆزىگە تولىمۇ تونۇشلۇق بولغان مايمۇنلارنىڭ قاڭسىق ھىدى ئۇرۇلۇپتۇ-دە ئۆز قولى بېلەن تۇتۇپ بەرگەن 20قېرىندىشىنىڭ قىسمىتىنى شۇ ھامان چۈشۈنۈپ يېتىپتۇ. شىر بېلەن تۈلكىنىڭ ئۆزلىرىنى نېمىشقا مۇشۇنداق ئۇسۇللار بېلەن باپلىغانلىقىنىڭ تېگىگە يېتەلمەي تۇرغاندا ، بىر ئاق يالتىراق نۇر شىرەنىڭ ئۈستىنى سىپاپ ئۆتۈپتۇ-دە ،ئاسەننىڭ باش تېرىسىنىڭ خۇددى تاۋۇز شاپىقىدەك بىر پارچىسى << شارت>>تىدە كېسىلىپ كېتىپتۇ.

         شۇنداق قىلىپ ئاسەننىڭ ھورى كۆتۈرلۈپ تۇرغان ئىسسىق مېڭىسى پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ باش ئاغرىقىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دورىسى بولۇپ قاپتۇ.
 
 ( بۇ فېليەتون << فېليەتون ئايلىق ژۇرنىلى>>نىڭ 2002-يىل 7-سانىدىن تەرجىمە قىلىنىپ << جۇڭگو مىللەتلىرى>> ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان)


 
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-06, 23:55
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-08-06 21:01 |
ozqut
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1204
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 127 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 127 سوم
تۆھپە: 72 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 75 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن.... ئارىمىزدىكى سانسىزلىغان «ئاسەن»لەر بۇ ئەسەرنى كۆرسە، يۈرەكلىرى پىچاق تىققاندەك بوپ  كېتەر......
lutun
http://www.ozqutbook.com سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-07 00:16 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2263
شۆھرەت: 12469 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 12531 سوم
تۆھپە: 7319 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 7330 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2731(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېنىڭچە ھېلقى ساۋساۋنىڭ شېئىر يازىدىغان يەتتىنچى ئوغلىنىڭ
قورۇش ئۇچۇن ماشنى ، ماشنىڭ غولى قالاندى ،  دىگەن شئېرىنى ئىسمگە سېلىپ قويدى يوقۇرقى مەسەل
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-07 00:26 |
zekrila
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 363
شۆھرەت: 1912 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1916 سوم
تۆھپە: 1136 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1140 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1797(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

باشقىلارغا ئىشىنىش ساراڭلىق ،ئۇزىگە ئىشەنمەسلىك ،ئۇز مىلىتىگە ئىشەنمەسلىك نادانلىق،سېرتقى دۇشمەن قۇرقىنىشلىق ئەمەس ئىشكى دۇشمەن ئەڭ قۇرقىنىشلىق ،سېتىلما مۇناپىق  خاىنلارنىڭ پايدىلىنىش قىمىتى تۇگىگەندىن كېيىن  بۇلارنى كۇتىدىغىنى ئۇلۇم بۇلىدۇ   خاىنلارنى سېتىۋالغان دۇشمەن  سىرنىڭ پاش بۇلۇپ قالماسلىغى ئۇچۇن مۇناپىق خاىنلارنى ئۇلتۇرۋېتىدۇ [[ دۇشمىنىمىزنىڭ دۇشمىنى بىزنىڭ دۇستىمىز ]]ئەخمەتچان قاسىمى
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-07 00:34 |
xirna
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7796
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 68
شۆھرەت: 458 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 454 سوم
تۆھپە: 256 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 257 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 283(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەر قانداق بىر  دىمىكۇراتىك ئىنقىلاپنى غەلبىگە ئىرىشتۇرىمەن دىگۇچىلەر  ئەڭ ئاۋال ئىچكى قىسىمدىكى مىللى مۇناپىقلارنى يۇقۇتۇۋېتىش كىرەك. .
جىاڭجېشى
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-07 01:48 |
umidyar
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8985
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 314
شۆھرەت: 1588 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1589 سوم
تۆھپە: 950 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 951 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 208(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ فىليەتۇننى بۇرۇن ئوقۇغان ئىدىم. ئەسلى سىز تەرجىمە قىپتىكەنسىز- دە!
تارىخنى ۋاراقلىسام ئۇيقۇم قاچىدىغان بولۇپ قالدى. ئاپئاق غوجا يەكەن خانلىقىغا پادىشاھ بولۇش ئۈچۈن ئۆز دىنىدىن كېچىپ لاما باش قويغان، ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ھەر يىلى نەچچە مىڭنى قالماقلارغا قۇل- دېدەكلىككە بەرگەن...
  تۆمۈر خەلىپە قۇرئان تۇتۇپ قەسەم بەرگەن مۇناپىق تۇڭگانغا ئالدانغان... غوجىنىياز ھاجى تۆمۈر خەلىپىنى قاتتىق توسقان-ئۇ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزى يەنە شۇ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان...
مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا، دەل يۇقارقى مەسەلدە دىيىلگەندەك ئىشلار جىق بولغان ئىكەن... مەدەنيەت ئىنقىلاۋىدا گاچا بىلەن ئاسەن دىگەن مايمۇندەك ئادەملەرلا تاياق- توقماق ۋە تۈرمىنىڭ تەمىنى تېتىمىغان... قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ياكى شۇ ۋاقىتتا ئۆلگەن...
ھەي خۇدا....
ھازىر جاھان ياخشى بولۇپ كەتتى. ئەمما ئاسەن دىگەن مايمۇننىڭ ئەۋلادلىرى يەنىلا بار...
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-07 02:44 |
uyghur_biz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9213
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 115 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 115 سوم
تۆھپە: 68 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 68 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ىلادىيە 1658-يىلى يازدا، خاراباتى ھەزرەت ئىككىنچى بۇخارا ئاتالغان قەدىمىي ئاستانە قەشقەرگە ئىلىم تەھسىل قىلماق ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. يولدىكى بىر چۈشكۈندە مۇسۇلمان بىر ئەركەكنىڭ، سارايدىن چىقىپ كېتىۋاتقان يوچۇن قالماققا «تەخىيىڭ ئايرىلىپ قالدى» دەپ تەكرار-تەكرار ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تەخەي قالماقنىڭ ئەمەس ئىدى. سەۋەپ، قالماقنىڭ مىنىپ  ماڭغىنى خېچىر ئىدى. خېچىرنىڭ تەخىيى بار دېگەننى كىم ئاڭلىغان؟ غەزىپى تاشقان خاراباتى قولىنى كاناي قىلىپ توۋلاۋاتقان كىشىگە يۈزلىنىپ كېلىپ، شۇنداق سورايدۇ:

- ئۆزلىرى كىم بولىلا تەقسىر؟

- مەن. . . . يولوچى. قەشقەرلىك، تەقسىر . . . ._  خۇددى بىر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندەك دۇدۇقلاپ جاۋاپ بېرىدۇ مېھمان.

- ئەپتىلىرىدىن قەشقەرلىك ئىكەنلىكلىرىنى بىلدىم. دەيمەنكى: ئۆزلىرى زادى كىم بولىلا؟

- پېقىرنى چىم① بولىلا دەۋاتاملا؟ . . . – يېنىشلاپ بىر سورىۋېتىپ ئاندىن جاۋاپ بېرىدۇ مېھمان، - ھە، ئۆزلىرىگە ئوخشاشلا ئەلھەمدۇللا مۇسۇلمانمەن تەقسىر، قەشقەر خانلىق مەدرىسىنىڭ خادىمى.
- ئاغزىڭنى يۇم! ! – تۇيۇقسىزلا  ھاۋا  گۈلدۈرلىگەندەك  توۋلايدۇ خاراباتى.
ئۇنىڭ بىرەرسىنى «سەن»لىشىمۇ مۇشۇ تۇنجى قېتىم ئىدى، - دېمىسەڭمۇ سەن مۇسۇلمان ھەم يەنە ئۇيغۇرسەن. بىلىپ قوي، ئالدى بىلەن ئۇيغۇردۇرسەن. ئەمما، خانلىق مەدرىسنىڭ ئادىمى مەن دەپ يالغان ئېيىتما. قەشقەر خانلىق مەدرىستىن سەندەك ئادەم چىقمايدۇ . . . قېنى، مەدرىس ئادىمىدەك پەزىلەت بارمۇ سەندە؟ ساڭا دېسەم مېھمان، مەدرىس ئادىمى ئىستىقلال  چىرىغىنى نۇرلاندۇرۇش كويىدا بولىدۇ. ساڭا ئوخشاش، ياتلارنىڭ پايلاقچىسىغا چېقىم بولۇپ يۈرمەيدۇ . . . قالماقلارنىڭ بۇ ئەلگە سالغان پاراكەندىچىلىكى ئازمۇ؟ ئۇلار ھەر قېتىم بۇلاڭ-تالاڭغا كەلگەندە بىر مۇنچە نەرسىلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق. قان-قېرىنداش، ئاكا-ئىنىلىرىمىزنى چاقتۇق. بىر-بىرىمىزنى تۇتۇپ بەردۇق. ئەمدى بىز قالماققا چاقمىغان كىچىككىنە تەخەي قالدىغۇ؟ .... بىز ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان تەخەي چاغلىق نەرسىلەرنىمۇ قالماقلارغا چېقىپ نىمە قىلماقچىمىز . . . ياق، مېھمان، بۇنداق قىلساق بولمايدۇ! مىللەت ئەزاسىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان بىر كەلىمە تۇزكۇرانە سۆز، قىلدىن قىيىق كۇپۇرانە ھەرىكەتمۇ . . . ئۇلۇغ خانلىقنىڭ ئۇلىغا زەرەر يەتكۈزىدۇ. گېزى كەلسە، ئىمان ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن دېيىلگەن بىر سۆزمۇ قۇدرەتلىك خانلىقىمىزنىڭ خىسلەتلىك چىرىغىنى نۇرلاندۇرىدىغان ماي، كۈچلەندۈرىدىغان پىلىك. ۋىجدان بىلەن ئىش قىل، مېھمان. سەن – ئۇيغۇر، سەن ..........

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقاننىڭ -(خاراباتى نەزەرىدىكى قەھرىمانلىلىق)دىگەن مالىسىدىن ئۆزۆندە
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-07 06:08 |
lion17
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8653
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 84
شۆھرەت: 420 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 420 سوم
تۆھپە: 252 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 252 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دۇشمەننى يۇقۇتۇش ئۇچۇن ساتقىن خائېنلارنىڭ جەسىتىگە دەسسەپ مېڭىش كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا غەلبەقىلغىلى بولىدۇ.<گولدۇرماما> دىگەن ئەسەردە شۇنداق دەيدۇ
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-07 08:43 |
uyghurmen
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5441
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راست دەيسىلەر! "ئانداق قىلىش كېرەك! مانداق قلىش كېرەك!" بۇنى كىم قىلىشى كېرەك؟ ئەگەر لېيىمغا شېكەر جىق قوشۇۋېتىلمىگەن بولسىغۇ مەن قىلاتتىم، ئەمدى كىم قىلىشى كېرەك؟ دوستلىرىم بىلەن ئارىمىزدا "كۈچۈكنى تاشلىۋېتىڭلار" دەيدىغان بىر تەمسىلىمىز بار:
"قايتا تەربىيە" ئېلىۋاتقان ۋاقتىمىز ئىدى. بىر كۈچۈك تېپىۋالدۇق. ئۇنى بېقىۋالماقچى بولدۇق. ياتىقىمىزنىڭ ئىشىكى تۈۋىگە_ ياتاق تېمىغا يۆلەپ بىر كاتەك ياسىدۇق. كەتەك يۇلغۇن كۆتەكلىرىدىن ئەپلەپلا ياسالدى. ئۇنىڭغىچە كەچمۇ بولدى. كۈچۈكنى كەتەككە سولاپ قويدۇق. شۇغۇنىسى بۇ كۈچۈك ئاخشامدىن تارتىپ يۈرەكنى يەيدىغان تاۋۇشتا غىڭشىشقا باشلىدىكى، تۈزۈكرەك ئۇخلاشقا ئىمكان بەرمىدى. زەيكەش چېپىپ مىجىقىمىز چىقىپ كەلگەن ئىدۇق، دەم ئالالمىساق ئەتىسى يەنە شۇنداق ئېغىر ئەمگەك بار ئەمەسمۇ. شۇڭا بىرىمىز ئۇيقۇلۇق غىڭىلدىدى: "كۈچۈكنى تاشلىۋېتىڭلار!"، ھىچكىم قوپمىدى. سەلدىن كېيىن يەنە بىرى: "كۈچۈكنى تاشلىۋېتىڭلار!" دەپ غىڭىلدىدى. يەنە بىرسى مىدىرلاي دېمىدى. كېيىن ئۈچىنچى بىرى ئۇيقۇسىرىغان ھالدا غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازى بىلەن: "كۈچۈكنى تاشلىۋېتىڭلار!" دېدى. نەتىجىدە بىز تاڭ ئاتقۇچە تۈزۈك ئۇخلىيالماي چىقتۇق. ئەمما كۈچۈكنىمۇ ھىچكىم تاشلىۋەتمىگەن ئىدى.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-07 09:36 |
فىدا
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 440
شۆھرەت: 2253 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2273 سوم
تۆھپە: 1347 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1353 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 314(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

                حۇجىنىياز ھاجىمنىڭ كانۋىرى(قوعدىعۇچىسى ) يۇنۇس  موللام شىڭشىسەينىڭ ،ھاجىمنى  نازارەت قىل ،دىگەن تەلىۋىنى رات قىلعانلىقى ئۇچۇن تۇرمىگە  تاشلانعان . شىڭسىسىەي  قاچىدىعان ۋاقىتتا يۇنۇس موللامنى  قويىۋىتىپ ،سەن مۇناپىق ئەمەس ،ياحشى ئادەم ،ساڭا ئۇۋال قىلسام بولمايدۇ .دەپ پۇل بىرىپ يۇرتۇڭعا كەت دەپ تۇرپانعا يولعا سىلىپ قويعان .   ھاجىمنى نازارەت قىلىپ شىڭسىسەينىڭ بىرمۇنچە ئالتۇن -كۇمۇشىگە ئىرىشكەن ،ھاجىمنىڭ  تۇققىنى ،ناسىر دىگەن كىشىنى ،شىحۇدىن چاقىرتىپ كىلىپ ، سەن حۇجايىنىڭعا ساتقىنلىق قىلىدىعان مۇناپىق ئادەم سىنى  ئولتۇرۋەتمىسەم ،ۋاقتى كەلگەندە مىنىمۇ سىتىۋىتىسەن دەپ ئولتۇرۋەتكەن . دىمەك ساتقۇنلارنىڭ ھاياتى  توزعاققا ئوحشايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا 1933-يىلى قەشقەرگە  كىلىپ سابىت داموللامنى يالاپ شىڭشىەيگە  ئاپىرىپ بەرگەن حۇجىنىياز ھاجىم  ئولتۇرلۇپ  1 يىلدىن كىيىن سابىت  داموللام  ئولتۇرۇلگەن  .  تارىحتا  بۇنداق مىساللار شۇنچە كوپ ،ئەمما بۇنداق ئىشنى قىلىدىعانلارمۇ شۇنچە كوپ . دىمەك ،پىشانىدىكىنى كورمەسلىككە ئامال يوق  .
     تۇرمىدە يىتىۋاتقىلى 60يىل  بولعان 90ياشلق بىر نىمىس  ئۇرۇش جىنايەتچىسى بۇلۇپ ،حەلقارا سوت ئىنسان پەرۋەرلىك نوقتىچىدىن بۇ جىنايەتچى ئوزىنىڭ حاتالىقىنى ئىتىراپ قىلسا قويىۋەتمەكچى بولعان . ئەمما بۇ جىنايەتچى ،مەن ھىچقاچان حاتا ئىش قىلمىدىم  ، مەن گىرمانىيە  ئۇچۇن كورەش قىلدىم . دەپ تۇرۋالعاچقا ،حەلقارا سوت قويىۋىتىشكە ئامال قىلالمىعان . دىمەك نىمىسلاردا  مۇشۇنداق روھ  بولعاچقا  ئۇرۇشتا قاتتىق يىڭىلگەن بولسىمۇ ،جەسەتلەر  ئارسىدىن دەس تۇرۇپ ،بۇگۇنكىدەك  قۇدىرەتلەك  گىرمانىيەنى قۇرۇپ چىقالىعان .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-07 11:15 |
bahadir2han
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9092
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 70 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 42 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 42 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 115(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تېمىنىڭ ئىسىللىقى بىلەن ئىنكاسلارنىڭ دەل جايىغا چۈشكەنلىكى ۋە كۈچلۈكلۈكى مىنى بىر خىل ھاياجانغا سىلىپ قويدى، يۈرىكىمدە نۇرغۇن گەپلىرىم بار بولسىمۇ، ھازىرچە ئىپادىلەشكە تىلىم ئاجىز كەلگىنى ئۈچۈن، مۇشۇ ئىنكاسىم بىلەن ئورۇن ئىلىپ تېخىمۇ تىرەن پىكىر يۈرگۈزۈپ ئاندىن تىتىملىق بىرەر ئىنكاس يىزىشقا تەييارلىق قىلىۋالاي،
شۇ نەرسە ئىنىقكى: ئۆز قەۋمىڭدىكى مىللى مۇناپىقلارنىڭ جەسىدىگە دەسسەپ مىڭىپ دۈشمەننى يىڭىسەن. دىگەن گەپكە مەن قەتئى ئىشىنىمەن،
ئاللا، ئىككىلا ئالەمدە ئاشۇنداق مەخلۇقلاردىن مىڭ يىللىق نىرى قىلغايسەن مىنىڭ ۋە ئەۋلادىمنىڭ ئارىسىنى.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-07 11:26 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/9     Go
Bagdax bbs » قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار