بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى togrulbekدە2012-09-03 01:12يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئالدى بىلەن قەيسەر مىجىت ئاكىمىزنىڭ باغداشقا قەدەم تەشرىپ قىلىپ ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى ۋاقىت چىقىرىپ خالىس تەرجىمە قىلىپ قېرىنداشلىرىمىزغا سۇنغىنىغا كۆپ رەھمەت.
مەن قەيسەر مىجىت ئاكىمىزنىڭ پىكىر خۇلاسىسىنى قوللايمەن،ئوبامانى يەنە بىر نۆۋەت پىرىزدېنت بولۇپ قالارمىكىن دەپ ئويلايمەن.
ئىنكاسقا قارىتا تەسىراتىم مۇنداق:مېنىڭچە رۇمىنىينىڭ مەدەنىيەت،يېزا ئىگىلىك،جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكنى ھەددىن زىيادە ۋە بىردىن بىر تايانچ ئامىل قىلىۋالىدىغان كۆز قارىشىغا قۇشۇلمايمەن،چۇنكى سانائەت تېخنىكىسى سانائەتلىشىش ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىماقتا.ئۇنىڭ ئۆز نۇتىقىدا سىزنىڭ كىتابىڭىزدىن نەقىل كەلتۈرگىنى مېنى خۇشھال قىلدى،لېكىن خاتا چۈشەندۇرگىنى بولماپتۇ.2007يىل يازدىن باشلاپ ئۇيغۇر تورداشلار ئوبامانىڭ پېرىزدېنت سايلام رىقابىتى نۇتۇقىنى ئۇيغۇرچىغا خالىس تەرجىمە قىلىپ تاكى رەسمىي پېرىزدېنت بولغىچە تورداشلارنى يېتەكلەپ ماڭغان ئىدى،بۇ يىلمۇ بۇ ھەقتىكى تېمىلار ئۈزۈلمىسە دىگەن ئۈمىتتە،سىزنىڭ كىتابىڭىزنى نۇتۇققا نەقىل قىلىپ ئىشلەتكەن بۇ خەۋەر مېنى ئالەمچە خۇشھال قىلدى،سىزنى سۆيۈمىز،سىزدىن پەخىرلىنىمىز،سىزدىن ئۈگىنىمىز.ناۋادا مۇشۇ سەۋەپتىن سىزنىڭ نامىڭىز چىقىپ ،كىتابىڭىز كۆپ سېتىلىپ،ئامېرىكىلىقلار كىتابىڭىزنى كۆپ ئوقىسا،بىزمۇ تەڭ خۇشھال بولغان بولاتتۇق.ئىنشاھاللاھ .