saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1122 قېتىم كۆرۈلدى
elam_batur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9451
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 50 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 27 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 27 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 جىددىي خاراكتىرلىك ئاق قان كىسىلى قايسى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟

جىددىي خاراكتىرلىك ئاق قان كىسىلى قايسى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟
يىقىندا ھەممەيلەنگە مەلۇم ھەر قايسى تاراتقۇلاردا ھەر خىل سەۋەبسىز كىسەللەر بىلەن دوختۇرخانىدا يىتىپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇراجىئەتنامىسى خىلى كۆپىيىپ قالدى.شۇلارغا يىقىندىن ياردەم قىلىشىمىز بىلەن بىرگە بەزىبىر ساغلاملىق بىلىملىرىنى تورداشلارغا يەتكۈزۈشنى لايىق تاپتىم.
بۇنىڭدا مىنىڭ قارىشىمچە يېقىن ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ توي قىلىشى ئاساسى سەۋەب سەپ قارايمەن.چۈنكى دىيارىمىزدا ھەممەيلەن ئۇچۇرتىمىز،يىقىن تۇققانلار ئۆز-ئارا قۇدا بولۇش تېخى ئۈزۈل كېسىل تۈگىگىنى يوق،تىببى ئىلىم ساھەسىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ئىلىم-پەندە ئىسپاتلىنىش ئاقىلىق دۆلىتىمىزدە ئۈچ ئەۋلاد يېقىن ئۇرۇق-تۇققانلار توي قىلىشى چەكلەنگەن،بۇ چەكلىمە ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز دۆلەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئوخشىمىغان تۈردە چەكلەش ئىلىپ بارغان.چۈنكى بۇ چەكلىمىلەر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ بەدەن ساپاسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ،ھەر خىل كىسەللەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسپىتى تۇققاندارچىلىقى يوق كىشىلەرنىڭ پەرزەنتىگە قارىغاندا ئىنتايىن يۇقىرى،شۇڭا دۆلەت چەكلىمىسە دۆلەت پۇقرالىرى ئارىسىدا كىسەللەر كۆپ بولسا دۆلەت مەبلەغ چىقىرىپ داۋالاتمىسا بولمايدۇ.شۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن دۆلىتىمىز ئۈچ ئەۋلاد دائىرسى ئىچىدە توي قىلىش چەكلەنگەن.ياپۇنىيە قاتارلىق تەرەققى قىلغان دۆلەتتە بولسا چەكلىمىسى جوڭگونىڭكىدىن يۇقىرى چۈنكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر دۆلەت پۇقراسىنىڭ بەدەن ساپاسىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن.شۇڭا 4-5-ئەۋلاد دائىرسىدىكىلەرنىڭ ئۆز-ئارا توي قىلىشى خەتەرلىك كىسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تۆۋەن بولۇپ،ئاساسەن يىنىك بولغان رەڭ قارىغۇسى،ماشىنىغا چىقسا كۆڭلى ئىلىشىش،پۇراش سىزىمى بولماسلىق،ئىگىزدە بېشى قىيىش قاتارلىق كىسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا،دۆلەتكە زىيادە بىسىم بولمىغاچ دۆلىتىمىزدە ئۈچ ئەۋلات دائىرسىدە توي قىلىشنى چەكلىگەن.باشقا تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر بولسا شۇ يىنىك كېسەللەردىن خالىي بولۇش ئۈچۈن چەكلىمىنى يۇقىرى قىلغان.
نۆۋەتتە دىيارىمىزدا بولسا دىنىي ئۆلىمالاردىن سوراش ئارقىلىق ئىمىلدەش بولمىسىلا بولىدۇ دېگەن ئۇقۇم بىلەن ئۇرۇق تۇققانلار توي قىلىش داۋاملاشماقتا.
ئۆزۈمنىڭ بىشىغىمۇ شۇنداق بىر ئىش كەلگەن بولغاچقا ئۇرۇق تۇققانلارنى قايىل قىلالمىدىم،ئۇلار دەيدۇكى پالانى ئاخۇن بىلەن پوكونچى توي قىلغان بالىسى بېجىرىم كېتىپ بارمامدۇ دەيدۇ،شۇنداق قىلىپ ئۇلارغا ھەرقايسى تەتقىقات ماتېرىياللىرىدىن ئىزدىنىپ،كۆپلىگەن ماتىرياللارنى توپلاش ۋە شۇنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس سۆزلىگەندەك سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ تەستە قايىل قىلدىم.بۈ ھەرگىزمۇ بۈگۈن توي قىلسا ئەتىسىلا كېسەل بالا تۇغۇلىدۇ دېگەن گەپ ئەمەس،يوشۇرۇن گېن ئاشكارىلانغاندا ئاندىن پەيدا بولىدۇ.دېمەك كېسەل بالىڭىزدا ياكى نەۋرىڭىزدە ياكى ئەۋرىڭىزدە،ياكى چەۋرىڭىزدە ھەتتا سىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن نەۋرىڭىزنىڭ ئەۋرىسىدە ئاشكارلىنىپ شۇنداق خەتەرلىك كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى دېگەن گەپ.
ھازىرقى ۋەزىيەتتە دۆلەت شۇنداق چەكلىسىمۇ 500 يۈەن پۇل بىلەن بىر نەۋرە كېلىدىغان ئىككى تۇغقىنىمىز مۇۋاپىقىيەتلىك توي قىلدى،كىيىنلىكىنى ئاللاھقا تاپشۇرماي باشقا ئامال يوق.
شۇڭا بۇ توغرىسىدا ئىشەنچىلىك سان-سىفىر،ۋە ئىسپاتلار بىلەن مەخسۇس تېما يوللاش خىيالىم بار.مۇمكىن بولسا كۆڭۈلدىكى سۆز پىروگراممىسى قاتارلىق تېلېۋىزىيە ۋاستىسى ئارقىلىق مۇشۇ ھەقتە كەسپى خادىملارنى زىيارەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.چۈنكى كۆپلىگەن كىشىلەر تېلېۋىزورغا ئىشىنىدۇ.
ھازىرچە ئاق قان كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى فىزىكىلق،خىمىيەلىك،بىئولوگىيەلىك ۋە ئىرسىيەت قاتارلىق بىر قانچە ئامىللار  بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا.ھەمدە ئاق قان ۋىرۇسى ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ بېرىلماقتا.شۇنداقلا تۆۋەندىكى بىرقانچە كىشىلەر توپىدا ئاق قان كىسىلى پەيدا بولۇش نىسپىتى بىر قەدەر يۇقىرى دەپ قارالماقتا.
جىددىي خاراكتىرلىق ئاق كىسىلىگە ئالاقىدار ئامىللار.
يېقىن ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ توي قىلىپ پەرزەنت كۆرىشى:
يېقىن ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ تويدىن كىيىنكى پەرزەنتىدە ئىرسىيەت خاراكتىرلىك كىسەللەرنىڭ قوزغىلىشى تۇققاندارچىلىقى يوق كىشىلەرنىڭ پەرزەنتىگە قارىغاندا 150 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.يېقىن تۇققانلار پەرزەنتىنىڭ تېنىدە داۋاملىق خىرومىسومنىڭ غەيرى ئۆزگىرىشى كىلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا ئاسانلا ئاق قان كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن.
خىمىيەلىك دورا ۋە زەھەرلىك ماددىلار بىلەن كۆپ ئۇچرىشىدىغانلار:
ماي ئامبىرى،خىمىيە سانائەت رايون ئەتراپى ۋە شۇ ماددىلار بىلەن زىيادە ئۇچراشقۇچىلار توپى.
بىنزىن بىلەن كۆپ ئۇچراشقۇچىلار:
ماشىنا ھەيدىگۈچى شوپۇرلار ئۇزاق مۇددەت (بېنزول)苯 تەركىبى بار بولغان بىنزىن بىلەن ئۇچراشقاندا،بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن.
شۇڭا داۋاملىق شوپۇرلۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇنلىنىدىغانلار پات-پات دوختۇرخانىغا بىرىپ قان تەكشۈرتۈپ تۇرۇش زۆرۈر.
ئەگەر ماشىنا ھەيدەشتىن بۇرۇن قاندا ھېچقانداق مەسىلە يوق بولۇپ،ماشىنا ھەيدىگەندىن كېيىن قاندا ئاق قان ھۈجەيرىسى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسا،ئىھتىيات قىلىش كىرەك،سەۋەبى (بېنزول)苯غا بولغان زىيادە سەزگۈرچانلىق ئىشىپ كەتكەن.
چاچ بوياش سۇيۇقلىقى بىلەن كۆپ ئۇچرىشىدىغانلار:
كىلىنكىدا ئاق قان كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بۇرۇن ئۇزۇن مۇددەت چاچ بويىغانلىق تارىخى بولغان،خىمىيەلىك دورا تەركىبى بولغان چاچ بوياش سۇيۇقلىقى ئاسانلا ئاق قان كېسلىنى پەيدا قىلىدۇ.(بولۇپمۇ ساختا تاۋار كۆپ بولغان رايونىمىزدا.چېچىڭىز ئاق بولسىمۇ بولسۇن قېنىڭىز ئاق بولمىسۇن)
چەكلەنگەن دورىلارنى ئىشىلتىش:
يەنى جەمئىيتىمىزدىكى كالا تەمرەتكىسى،شامالدارىش كىسىلى قاتارلىق كىسەللەرنى داۋالاشتا بىر قىسىم دورىلار ھەقىقەتەن ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ بىراق ئۇ كىسەلنى ساقايتقان بىلەن نەق شۇ دورىلار تەركىبىدىكى بىر قىسىم خىمىيەلىك ماددا ئاق قان كىسىلىنى پەيدا قىلدىغان بولۇپ چەكلەنگەن.بىراق نۇرغۇن رايوندا ئاتا مىراس داۋالاش ئۇسۇلى دەپ كىشىلەرگە نەق مەيداندا شۇ كىسەلنى ساقايتقان،ئەمما قايتقاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر ئاق قان كېسلىگە گىرىپتار بولۇپ،بۇ كىسەلنىڭ سەۋەبىنى ئۇقمىغان.
ئۇزۇن مۇددەت ئورۇقلاش دورىسىنى ئىشىلتىش:
نۇرغۇنلىغان خانىم قىزلار ئورۇقلاش مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن تەركىبى ئېنىق بولمىغان دورىلارنى ئىشلتىپ ئاق قان كېسلىگە گىرىپتار بولغان.
بىزەلگەن ئۆيدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش:
بۇنىڭ ئاساسلىقى ئۆيگە ئىشىلىتىلگەن تاختاي پەنەركە ۋە سىرلارنىڭ تەركىپىدىكى خىمىيەلىك ماددا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق بىزەلگەن ئۆيدە ئولتۇرۇپ،شۇ خىمىيەلىك تەركىبلەر بۇلغىغان ھاۋانى سۈمۈرگەندە ئاق قان كېسەلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.
بۇرۇن رادىئاتسىيىگە ئۇچىرىغانلار:
يەنىxنۇر قاتارلىقلارغا چۈشكەنلەردىمۇ ئاسان گىرىپتار بولۇش خەتىرى بار،شۇڭا بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللار ئىنتايىن دىققەت قىلىشى كېرەك.ھەر قايسى رايونلاردىكى دوختۇرخانىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە سەۋىيسى ئوخشاش بولمىغان بۇ ئىنچىكە نۇقتىلارغا ھەممە دوختۇرلارنىڭ دىققەت قىلىپ كىتىشى ناتايىن.

تېما تەستىقلىغۇچى : alqondi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-08, 22:15
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-09-08 21:38 |
jasur84
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9409
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 219
شۆھرەت: 1153 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1148 سوم
تۆھپە: 687 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 693 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 217(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىلىپ قويۇشقا تېگىشلىك تىببى ساۋاتلاركەن، بىزنى خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-09 14:27 |
曲马多!
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 85 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 85 سوم
تۆھپە: 51 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 51 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخمەت،قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!
مەن ئوزەممۇ مۇشۇ كىسەلدىن گۇمانلىناتتىم!
ئەزىز قېرىنداشلىرىم،بۇ زەھەرنى تىزگىنلىمىسەك
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-10 20:36 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تەن ساقلىق -زور بايلىق