ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ۋېرگىنىيە شتاتى فەيىرفاكس شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 11-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى، ئۇيغۇر پەرزەنتى فەرۇخ پەرھات پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ چېمپىيون بولدى.
فەرۇخ بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 11-يىللىقىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتا ئىدى.
پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا ئالاھىدە قىزىقىدىغان 17 ياشلىق فەرۇخ بۇ يىل 2-ئايدا پۈتۈن ۋىرگىنىيە شتاتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئۆزى ياسىغان كىچىك ئايروپىلاننى ئۇچۇرۇش بويىچە ئالتۇن مېدال ئالغان ھەمدە پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تاللانغان.
فەرۇخنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە مەشقاۋۇلى كاتېرىنا ۋىليامسنىڭ فەرۇخنى مەملىكەتلىك مۇسابىقىسىگە تەشەببۇس قىلىپ يازغان خېتىدە ئۇنىڭ تالانتىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.
ئۇ خېتىدە ئۇنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش گۇرۇپپىسى تەركىبىدە ئۆزى ياسىغان ماشىنا ئادەمنىڭ قولىنىڭ ھەرىكىتى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فەرۇخنىڭ دادىسى پەرھات ئەپەندىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، فەرۇخ 21- ماي كۈنى ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇسابىقىدە “س” گۇرۇپپىسى بويىچە، ئۆزى ياسىغان ماشىنا ئادەمنىڭ قولىنىڭ خىزمىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۈچ مىنۇت ئىچىدە ماشىنا قولنىڭ كۆپ تۈرلۈك خىزمىتىنى ئورۇنداپ، باشقىلار ياسىغان ماشىنا قوللارنىڭ ھەرىكىتىدىن بۇرۇن مەشغۇلاتىنى تاماملاپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. فەرۇخنىڭ ياسىغان ماشىنا ئادەم قولىنىڭ خىزمىتى ئەڭ تېز ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ھېسابلانغان.
فەرۇخ ئۆز نەتىجىلىرى بىلەن بۇ يىل 6-ئايدا ئامېرىكا ھاۋا قاتناش ۋە ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ لاڭلېي تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا پىراكتىكا قىلىش ۋە ئۆگىنىشكە قاتنىشىدىغان 100 قابىلىيەتلىك بالىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. مەنبە:http://www.wisalstudio.com/uy/readpost.php?id=508 [ بۇ يازمىنىhawarدە2012-09-10 10:14قايتا تەھرىرلىدى ]