مالىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى تورى خەۋرى
، گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلىق سوت مەھكىمسى 4-سىنتەبىر جاۋاپكار چېن پىڭفۇنىڭ دۆلەت ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇترىتىش دىلوسىغا سوت ئاچقان، چېن پىڭفۇ بۇ يىل 55ياش ئالى مەكتەپ مەلۇماتغا ئىگە ،گەنسۇنىڭ گاۋلەن ناھىسدىن 2012-يىلى6-ئاينىڭ 27-كۇنى دۆلەت ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇترىتىش جىنايىتگە چىتىشلىق دېگەن گۇمان بىلەن تۇرارجايى نازارەت ئاستىغا ئىلىنغان ،ئەيىبنامىدە مۇنداق دىيىلگەن ،چېن پىڭفۇ 2007-يىلى 7-ئايدىن 2012-يىلى 3-ئايغىچە ۋاڭيى،سوخۇ، سىنا قاتارلىق كۆپلىگەن تور بىكەتلەردە ،بىلوگ ياكى مىكرو بىلوگ شەكلىدە ‹‹مىسىر خەلقىدىن ئۈگنەيلى،چىرايلىق گەپلەر بىلەن كولدۇرلىتىشقا تاقىتمىز قالمىدى››قۇلچىلىق مائارىپنىڭ گۇماشتىسى بولمايلى›› ‹‹جۇڭگۇچە ئالا ھىدلىك -رەھبەرلەر ئىديە يارتىش ›› ‹‹دېموكىراتىيە ۋە قانۇنچىلىققا قارشى تۇرسا ،پۇتكۇل مىللەت مەغلۇبىيەتچىدۇر ››ۋەتنىمدە چاكارلىرىم دەپسەندە قىلدى››قاتارلىق 34 پارچە ماقالە ئىلان قىلغان ،ئەيىبنامىدە چېن پىڭفۇ ئىنتىرنىت تورى ئارقىلىق پارتىيە ۋە ھۆكۇمەتكە ھۇجۇم قىلىپ ،دۆلەت ھاكىميىتى ۋە سوتيالىستىك تۈزۇمنى چۆكۇرگەن ۋە تۆھمەت قىلغان ،ئۇنىڭ قىلمىشى جنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپ ،دۆلەت ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇترۇتىش جىنايىتى بويچە جۋاپكارلىقنى سۇرۇشتۇرۇش كىرەك دەپ قارغان ،گەنسۇ روڭچىڭ ئادۇۋكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۇۋكاتې خې خۇيشىن چېن پىڭفۇغا ئاقلىغۇچى بولۇپ ئۇنى گۇناھسىز دەپ ئاقلىغان ،خى ئادۇۋكات مۇنداق دىگەن ،جۇڭگۇنىڭ ئاساسى قانۇنىنىڭ 35-ماددىسدا جۇڭخۇ خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ پۇقرالىرى سۆز ،مەتبۇئات ،يىغلىش ئۆتكۇزۇش ،تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش،نامايىش قىلىش ،كۇچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە، دەپ بەلگىلەنگەن ،چېن پىڭفۇ توردا ئېلان قىلغان ماقالىلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئۇ ئۈزنىڭ قىسمەتلىرگە ئاساسەن يازغان ،يەنە بىر قىسمى باشقىلارنىڭ ماقالىسى بولۇپ ئۇ كۆچۈرۇپ تارقاتقان ،ئۇنىڭ مۇدداسى شۇ چاغدىكى ئەھۋالغا نارازىلىق بىلدۇرۇش كۆڭۇل خەشلىرنى ئىپادىلەش بولۇپ ،پىتنە -ئىغۋا تارقاتمىغان ،تۆھمەت قىلمىغان ،بەلكى ئاساسى قانۇن پۇقرالارغا ئاتا قىلغان ھۆكۇمەتنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى يۇرگۇز گەن ،بۇنى قانداقمۇ دۆلەت ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇترىتىش ،سوتسىيالىستىك تۈزۇمنى ئاغدۇرۇش دېگلى بولسۇن؟ يەنە بىر جەھەتتىن ھۆكۇمەت دۆلەتكە باراۋەر ئەمەس ،پۇقرالارنىڭ ھۆكۇمەت خادىملىرنى ،ھەتتا ھۆكۇمەتنى تەنقىت قىلشى دۆلەت ھاكىميىتىنى ئاغدۇرمىز دىگەنلىك ئەمەس ،چېن پىڭفۇ ئېلان قىلغان ماقالىلەدىن قارغاندا ئۇ ئەسلىدە گاۋلەن ناھىسدىكى كارخانا باشقۇرشىدكى بىر مەكتەپنىڭ ماتىماتكا ئوقۇتقىچسى بولۇپ ،2005-يىلى تۇرمۇشتا بىر قاتار ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان ،ئاۋال كارخانا تاقلىپ ئىشسىز قالغان ،ئاندىن ئىغىر كىسەلگە مۇپتىلا بولۇپ قەرىزگە بوغلۇپ كەتكەن ،ئوغلى ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا ئۆتۇپ ،تۇرمۇشتا ئىغىر قىيىنچىلىقتا قالغان ،ئامالسىزلىقتىن ئۆلكە مەركىزى لەنجۇ شەھرىگە بىرىپ ،ئىسكىرىپكا چېلىپ پۇل تىپىش جەريانىدا ،كۆپ قىتىم يەرلىك ھۆكۇمەتنىڭ يىغۋىلىش پونكىتنىڭ قوغلىشى ۋە ھاقارىتگە ئۇچرىغان،
سۇمرۇغ توردىن تەرجىمە قىلىندى ،
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-09-10 17:22قايتا تەھرىرلىدى ]