saltanat lutun elan berig
«1234»Pages: 1/4     Go
بۇ تېما 3961 قېتىم كۆرۈلدى
togrulbek
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9312
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 363
شۆھرەت: 1998 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1994 سوم
تۆھپە: 1166 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1167 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 355(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بالىڭىز  << ئۈرۈمچىلىك >> بولالىدىمۇ ؟

بالامنىڭ ئىسمىنىڭ  خەنزۇچە يېزىلىشىنى ۋە يۇرتىنى تاللىشىمغا << بەلگىلىمە>> رۇخسەت قىلمىدى
 

1.يېڭى تۇغۇلغان بالامنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇشتىكى

 ئىسمىنىڭ  خەنزۇچە يېزىلىشى

 

 

يېڭى تۇغۇلغان بالىمىزنى ساقچىخانىغا بېرىپ ئىسمىنى نوپۇس دەپتىرىگە يازدۇرۇپ نوپۇس بېجىرگەندە بالىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى ئېيتىپ بەرسەك ، ساقچى ئۆزىنىڭ يىل -يېزىق كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن كىتاپىنى چىقىرىپ بالاڭنىڭ ئىسمىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ماۋۇ كىتاپتىن ئىزدەپ تاپ دەيدۇ ،تېپىپ بەرسەم

 

مەندىن سورىمايلا  كىتاپتىكى سەت ،كۇلكىلىك مەنە چىقىپ تۇرىدىغان خەنزۇچە خەتلەرنى ئىشلىتىپ

 بالامغا ئىسىم –فامىلىسى  دەپ كومپىيوتېر نۇپۇس تورىغا كىرگۈزۈپ ماڭانوپۇس چىقىرىپ بېرىدۇ. سىز قارىسىڭىز بالىڭىزنىڭ ئىسمىغا ئىشلىتىلگەن خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ناھايتى كۈلكىلىك ،ھەتتا ئەخمىقانە مەنىسى چىقىپ تۇرىدۇ، مەن ياق بۇ خەتلەرنى ئىشلەتمەي ،باشقا  ئاھاڭى ئوخشاش    لېكىن  ئاڭلاشقا  چىرايلىق

ئوقۇسا گۈزەل مەنا چىقىدىغان باشقا خەتلەرنى ئىشلىتىمەن دىسىڭىز ،ساقچى سىزگە ياق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنىڭ ئۇيغۇرچە- - خەنزۇچە يېزىلىشىنى ئاپتونۇم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتى قېلىپلاشتۇرۇپ ،بېكىتىپ بەر گەن  دەپ  تەلىپىڭىزنى رەت قىلىدۇ.

 

 ، ئادەمنىڭ تۇغۇلغان چاغدىكى دوختۇرخانا بېرىدىغان تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى  ئالغاندىمۇ  سېستىرالار  باشلىقى  ئوخشاشلا  ھېلىقى  1998-يىللار دا  ئاپتۇنۇم  رايونلۇق  تىل –يېزىق  كومىتېتى  تۈزگەن  ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە يېزىقتىكى كىتاپ بويىچە  بالىڭىزغا  ئىسىم  تاللاپ  بېرىدۇ.ياق  ،ئۆزەم  باشقا  خەت تاللايمەن ،دىسىڭىز  ،رەت قىلىدۇ،پەقەت  كىتاپتىكى خەنزۇچە  يېزىلىشىدىن باشقا  خەت بىلەن  ئۇيغۇرچە ئىسمىڭىزنى  خەنزۇچە  ئىپادىلەپ  يېزىشىڭىزنى  رەت  قىلىدۇ،چۇنكى ئۇيغۇر لارنىڭ  ئىسىم-فامىلىسىنى يېزىشنى ھۆكۈمەت مۇشۇ كىتاپتا بېكىتىلگەن بويىچە  يازىسەن دەپ بەلگىلەنگەنمىش.

 

، ساقچىخانا بېرىدىغان نوپۇس دەپتىرى ۋە نوپۇس دەپتىرىدىكى ۋە كىملىكتىكى ئىسمىڭىز، پاسپورتتىكى ئىسمىڭىز ئاشۇ كىتاپتىكى سەت خەت بويىچە مېڭىۋېرىدۇ ،سىز ياق ،مەن ئىسمىمنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشىنى گۈزەل سۆزلەرگە ئالماشتۇرىمەن ،دېسىڭىز ،ساقچى ياق ،بۇ دىگەن ئاپتۇنۇم بەلگىلەپ بەرگەن تۈزۈم ،بولمايدۇ، پەقەت كىتاپ بويىچە يازىمىز دەيدۇ، ئامال يوق ،يېنىپ چىقتۇق،

 

ئەگەردە  ئۇ  كىتاپتىكى خەتتىن باشقا  خەتنى (خەنزۇچە) ئىشلەتمەكچى  بولساق قانداق  قىلىمىز  دىسەم  ،ساقچى  يولداش  ،بىر  ئادەم  ئۆمرىدە ئىككى قېتىم  ئىسىم  ئۆزگەرتىش،ئىككى قېتىم  مىللىتىنى  ئۆزگەرتىش ھوقۇقى  بار  دەيدۇ.شۇنىڭ  بىلەن  دىگىنى بويىچە  ئىسىم  ئۆزگەرتىش  تەرتىپىنى  بېسېپ  ئاتايىن  گېزىتكە  30 يۈەنلىك  ئېلان  بېرىپ ،ئېلان  بېسىلغان گېزىتنى ساقچىخانىغا  كۆتۈرۈپ  كىلىپ  ،ھېلىقى  كىتاپ بويىچە  قويۇلۇپ  قالغان  سەت  خەنزۇچە  ئىسىمنى  ئاران  تەستە  چىرايلىق  ئاھاڭدىكى  باشقا خەتكە  ئالماشتۇرۇۋالدۇق. ئۇھ....

 

 2.تۇغۇلغان بالىنىڭ يۇرتىنى بېكىتىش  مەسىلىسى:

 ئاتا-ئانىسىنىڭ نوپۇسى ئۈرۈمچىدە بولغان بولۇپ،

ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بالىڭىزنى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ نوپۇسقا ئالدۇرغاندا،ساقچى  تۇغۇلغان جايىغا  ئۈرۈمچى  دەپ  يازدى،لېكىن ،نوپۇس دەپتىرىدىكى بالىنىڭ يۇرتى دىگەن كاتەكچىنى ساقچى سىزدىن سورىمايلا جەنۇبىي شىنجاڭ ياكى شىمالىي شىنجاڭ ياكى شەرقى شىنجاڭنىڭ مەلۇم ناھىيىسى دەپ يېزىۋېتىدۇ ، بۇ نىمە دىگەن گەپ ،بالام ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان تۇرسا

بىزنىڭ ھەتتا بالىمىزغا ئىسىم قويۇش ھوقۇقىمىزمۇ كىتاپتىكى بويىچە ماڭىدۇ، يەنى ئىسمىمىزنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ياكى خەنزۇچە ئاھاڭ بويىچە يېزىلىشىنى ئۆزىمىز خەت تاللاش ھوقۇقىمىز يوق ،يۇرتىمىزنى  تاللاش  ھوقۇقىمىزمۇ  يوقمۇ  ؟  دىسەم ، بۇ دىگەن  بەلگىلىمە  بالىنىڭ  ئاتىسى  شىنجاڭنىڭ  قايسى ناھىيىسىدە  تۇغۇلغان بولسا  ،بالىنىڭ  يۇرتىمۇ  شۇ  يەرلىك  بولىدۇ،  دەپ  بالامنىڭ  يۇرتىنى  كۇچار  دەپ  يېزىپ قويدى، بۇنىڭغا  قومۇللۇق  ئايالىم  ئۇنىمىسىمۇ ،ساقچى ئۆزىنىڭ قائىدىسى بويىچە يەنىلا  شۇ كۇچا دەپ  يېزىۋەردى.مەن كۇچا  بولسا  نىمە بوپتۇ؟ قۇمۇل  بولسا نىمە بوپتۇ؟ ئۈرۈمچى بولسا نىمە بوپتۇ دەپ كارىم بولماي يېنىپ چىقتىم

 

 

بۇنى  ئۆزگەرتىشنىڭ ئامالى  يوقمۇ؟

 

ئۈرۈمچىدە ئىشلەۋاتقان دوستلىرىمدىن 

بالىلىرىنى نوپۇسقا  ئالدۇرغاندا  يۇرتىنى  نىمە  دەپ  يازدۇرغانلىقىنى  سوراپ  باقتىم،

بىرسىنىڭ ئېيتىشىچە  بۇ  بوۋاقنى نوپۇسقا  ئالدۇرغاندا  يۇرتى  دېگەن كاتەكچىگە  ‹‹ قەشقەر ›› دەپ  يېزىپ  قويۇپتۇ، چۇنكى  بالىنىڭ  بوۋىسى ،مومىسى  1942 –يىلىلا  خوتەندىن  ئۈرۈمچىگە چىقىپ ئولتۇرقلىشىپ قالغان بولۇپ ،بوۋاي قەشقەردىن،موماي خوتەندىن ئىكەن، بوۋاي –موماينىڭ بالىلىرىنىڭ ھەممىسى  ئۈرۈمچىدە  تۇغۇلغان ئىكەن بولۇپ ،بۇ بالىلار ئۆزىنى ئۈرۈمچىلىك دەپ  پەخرلىنىدىكەن،بۇ بالىنىڭ بالىسى  يەنى نەۋرە  تۇغۇلۇپ  ساقچىخانىغا بېرىپ بوۋاققا(3-ئەۋلات ئۈرۈمچى نوپۇس، ئۈرۈمچى    نوپۇسنىڭ  نەۋرىسى) نوپۇس ئالغاندا  ،بوۋاقنىڭ  ئاتىسىنىڭ نوپۇسىدىكى  يۇرتى  دىگەن  كاتەكچىدە  ئاتىنىڭ  يۇرتى قەشقەر  دەپ  يىزىقلىق بولغاچقا ،ساقچى  گەپ  سورىمايلا  بۇ  بوۋاقنىڭ  يۇرتىنى  بوۋىسىنىڭ  يۇرتى،ئاتىسىنىڭ يۇرتى قەشقەر  بويىچە  ‹‹قەشقەر ››دەپ  يېزىلغان نوپۇسنى  چىقىرىپ  بېرىپتىكەن، بۇ ئاتا  ئۇنىماي ،بىر  ئاي  يول  مېڭىپ  ساقچىخانا  باشلىقىغا  پۇل  بېرىپ ئۆزگەرتكۈزۈپ  بوۋاقنىڭ  يۇرتىنى ئۈرۈمچى  دەپ  ئۆزگەرتىپتۇ(تۇغۇلغان جايىغۇ  ئۈرۈمچى)

 

 

خۇلاسە:  بە لگىلىمىنى  ئۆ لۈك  ئىجرا  قىلماي ،جانلىق ئىجرا قىلسا،ھەم  قائىدىگىمۇ رىئايە  قىلغۇلۇق،ھەم  كىشىگىمۇ تاللاش ئەركىنلىكى بەرگۈلۈك  بولسا  ياخشى بولاتتى دەيمەن.

1.خەنزۇچە  ئىسمىمىزنى  چىرايلىق خەتنى ئۆزىمىز  تاللاپ  بېرىشكە  رۇخسەت قىلىنسا  دەيمەن.

2.خەنزۇلارنىڭ  بالا ئاتىسىنىڭ  فامىلىسىغا  ئەگىشىدۇ  دەيدىغان  قائىدىنى ئۇيغۇرغىمۇ  ئىشلىتىدىكەن، بىزنىڭ بالىمىزغا

 ئۇيغۇر نىڭ  ئاتا –ئانىسىدىن  خالىغان  بىرسىنىڭ  يۇرتىنى  ياكى  تۇغۇلغان جايىنى  يۇرت دەپ  تاللىغىلى  رۇخسەت  قىلسا  دەيمەن.

 

 تۈگىدى.

 

 
[ بۇ يازمىنىtogrulbekدە2012-09-11 03:24قايتا تەھرىر ]
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-09-11 03:18 |
中国共产党
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9108
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 143
شۆھرەت: 723 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 724 سوم
تۆھپە: 434 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 435 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 182(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىنى
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 18:29 |
karluq02
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 99
شۆھرەت: 505 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 505 سوم
تۆھپە: 301 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 301 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 196(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

موللىغا بەردىم ئوقى دەپ،
بۆزچىگە بەردىم توقى دەپ.
كىم سېنى خوراز قىلغان؟
مىكىياننى چوقى دەپ.
سادىر بوۋىمىز ئېيتقان بۇ ناخشا ئەمدى كۈچىنى كۆرسەتتىمۇ نىمە؟   
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 18:40 |
نۇر
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9254
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 89
شۆھرەت: 455 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 455 سوم
تۆھپە: 271 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 271 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 149(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنچە بولغاندا نوپوس دەپتىرىنى ئۇيغۇرچە-خەنچە تولدۇرۇش كىرەك.
شىنجاڭدىكى نوپوس دەپتەرلىرى بىراق خەنزۇچىغۇ دەيمەن.
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 18:45 |
birkamdunya
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10129
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 50 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 29 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 29 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

.ۇنداقتا بارلىق خەنزۇلارنىڭ  يۇرتىنى ئىچكى ئۆلكەدىن بېرى،قازاقلانىڭ يۇرتىنى ئالتاي دەپلا توشقۇزىدىكەندە
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 18:45 |
kukkaptar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10293
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 105
شۆھرەت: 525 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 525 سوم
تۆھپە: 315 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 315 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 125(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى karluq02دە2012-09-11 18:40يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
موللىغا بەردىم ئوقى دەپ،
بۆزچىگە بەردىم توقى دەپ.
كىم سېنى خوراز قىلغان؟
مىكىياننى چوقى دەپ.
سادىر بوۋىمىز ئېيتقان بۇ ناخشا ئەمدى كۈچىنى كۆرسەتتىمۇ نىمە؟   

ھەقى قەتەن شۇندابوۋاتىدۇ جۇمۇ ھەي
lutun
ئىلەت تۈزەلمى گۈچە مىلەت تۈزەلمەس
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 18:56 |
albax
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2547
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 265
شۆھرەت: 1364 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1367 سوم
تۆھپە: 813 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 816 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 292(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   پاھ ، ماۋۇ تۈزۈم ئاساسى قانۇن ، ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىدىنمۇ كۈچلۈككەن دىسە ...........................  
   قانۇن دىگەننى ئاشۇنداق ئىجرا قىلسا بۇلىدۇ ئەسلى ................
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 19:15 |
budunya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1028
شۆھرەت: 5231 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5238 سوم
تۆھپە: 3131 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3137 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 959(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ بالامنى نوپوسقا ئالدۇرغاندا خەنزۇچە خەتلىرىنى ئۆزەم يېزىپ بېرىپ مۇشۇنداق ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغانتىم.......
istanbol
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 19:22 |
tag
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9524
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 85 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 85 سوم
تۆھپە: 51 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 51 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 32(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ياخشى ئىش، خەنزۇلارنىڭمۇ ئەزەلدىن شۇنداق يېزىلىدۇ. بىر سىچۇئەنلىك بوۋاينىڭ باللىرى،نەۋرىلىرى شىنجاڭدا تۇغۇلغان بولسىمۇ يۇرتى دىگەن يەرگە يەنەلا سىچۇەن دەپ يېزىلىدۇ،شۇنداق يېزىلسا ياخشىغۇ. ۇرۇمچى بولسا،قۇمۇل بولسا نىم بوپتۇ.ھەممىسى يۇرتىمىزغۇ.
تاغلىق
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-11 20:46 |
boratekin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9275
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 140 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 140 سوم
تۆھپە: 82 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 82 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تورداشلادىن سوراپ باقسام .ئىسمىمىزگە تەخەللۇس ئىشلەتسەك،نوپۇس دەپتىرىگە يىزىشقا بۇلامدۇ؟
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 00:16 |
mamat23
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10267
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

گۇزەل ئۇرۇمچى  ، ئىناق شىنجاڭ، ئەزىز دىيارىم ،ھەممىسى مەن ئۇچۇن سۇيۇملۇك ماكان .
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-12 01:20 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«1234»Pages: 1/4     Go
Bagdax bbs » ئۇيغۇرنىڭ كۆزى