سۇلتان ئابدۇلھەمىدخان نىڭ تەخىتتىن چۈشىشىنىڭ ئالدى- كەينىدە
تالان تاراجنى ئۆز تەرەقىياتىنىڭ ئىنىرگىيىسى قىلىۋالغان غەرىپتىكى جاھانگىرلانىڭ نەچچە ئەسىرگە سوزۇلغان مۇسۇلمانلارنى ‹‹ ھىكمەت››تىن يىرىقلاشتۇرۇپ، ئاجىزلاشتۇرۇش سۈيقەستنىڭ ئۈنىمى كۆرۈلۈشكە باشلىغاندىن كىيىن، 1897-يىلى شىۋىتسارىيەنىڭ بال شەھرىدە مەشھو رىئونىزىمچى داھى ‹‹خىرزىل›› رەسمى قۇرۇلتاي ئېچىپ ، بۇنۇڭدىن كىيىكى 50 يىل ئىچىدە پەلەستىندە يەھۇدىلار دۆلىتى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكى قارار قىلىندى، ھەمدە كەلگۈسى 50 يىل ئىچىدە يەھۇدىلار دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى سىتىراتىگىيىلىك پىلان تۈزۈپ چىقىلدى.
غەرىپ سۈيقەستچىلىرى يەھۇدىلار دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرەكلىك زىمىن ھازىرلشقا ئۇرۇندى . پەلەستىندە ئۆزلىرىنىڭ مىللى دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن خەلىپە ئابدۇلھەمىد خاندىن بىر پارچە زىمىن سېتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە يەر شارىدا ھاياتلىقنى سۆيىدىغان، ھوقوق ۋە پادىشالىقنى ياخشى كۆرىدىغان ھەرقانداق ھۆكۈمراننى قىزىقتۇرالايدىغان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بايلىق ۋە مۇكاپاتلارنى سۇلتان ئابدۇلھەمىدخانغا تەڭلىدى( ئەگەر ئابدۇلھەمىد خىرزىل نىڭ پەلەستىننى بۆلۈپ بىرىش تەلىپىگە ماقۇل بولسا تۆۋەندىكىدەك بەش تۈرلۈك ئىشنى قىلىپ بىرىدىغانلىقى توغرىسىدا قاتتىق ۋەدىلەرنى بەردى.
1. 150 مىليون ئەنگىلە ئاتۇن دىنارى بىرىش.
2.ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق قەرزلىرىنى كۆتۈرىۋېتىش.
3. ئوسمانىيە دۆلىتى ئۈچۈن ھاۋا ئارمىيىسى تەشكىللەپ بىرىش.
4. قۇددۇستا ئوسمانىيە ئۇنىۋىرستىتى قۇرۇپ بىرىش.
5. ئابدۇلھەمىدخاننىڭ سىياسەتلىرىنى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا قوللاش ۋە ھىمايە قىلىش).
بۇنىڭدىن باشقا ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆسۈمسىز قەرز ۋە كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاپ كىتىۋاتقان ئوسمانىيە ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش لاھىيەسىنى ۋەدە قىلدى. ھەرقايسى رايولاردىكى يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ خەلپىلىككە قارىشى كۆتۈرۈلگەن توپىلاڭلار( ئەمىليەتتە بۇ توپىلاڭلارنىمۇ جاھانگىرلار زور كۈچ بىلەن تەشكىللىگەن ئىدى)نى تىنجىتىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مانا بۇلار غەرىپتىكى جاھانگىرلارنىڭ ئوسمانىيە دۆلىتىننى پارچىلاش ئۈچۈن كۆرسەكەن ئەڭ كۈچلۈك تىرىشچانلىقلىرى ئىدى.
ئابدۇلھەمىدخان بىر خەلىپىدە بولۇشقا تىگىشلىك كەسكىنلىك، باتۇرلۇق ۋە قەتئىلىك بىلەن بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى.
ئابدۇلھەمىدخاننىڭ، غەرىپتىكى جاھانگىرلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى پارچىلاش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇش سۈيقەستىگە قارىتا بىلدۈرگەن قەتئى پوزۇتسىيىسى ، دۈشمەنلىرىنى باشقىچە يول تۇتۇشقا مەجبور قىلدى.يەنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىسىنىڭ رەزىللىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئابدۇلھەمىدخاننى پۈتۈن دۇنياغا مەنپەئەتپەرەس، شەھۋەتپەرەس، ئىسراپخور نادان پادىشا دەپ سۈرەتلەپ كۆرسىتىشكە باشلىدى.
ئەگەر سۇلتان ئابدۇلھەمىدخان راستىنلا دۈشمەنلىرى سۈپەتلىگەندەك‹‹ مەنپەئەتپەرەس، شەھۋەتپەرەس، ئىسراپخور نادان پادىشا›› بولغان بولسا ئىدى، غەرىپلىكلەرنىڭ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلىپ،ئۇلار بىلەن بىر يولغا كىرگەن بولاتتى. خەلىپىلىك يىمىرىلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ زىمىنى ،خەلىقىنى ، بايلىقىنى تالان- تاراج قىلىپ، غەرىپلىكلەرنىڭ باشقۇرىشى ئاستىدا ئىسلام دۇنياسىغا ھۆكۈمرالىق قىلىپ،‹‹تارىخى قەھرىمان››لارغا ئايلانغان مۇناپىقلارغا ئوخشاش ‹‹تارىخى قەھرىمان››غا ئايلىنىپ كىتەلەيتتى.
سۇلتان ئابدۇلھەمىدخان بىر مۇسۇلمان رەھبەرگەخاس پەزىلىتىنى ئىپادىلەپ، پۈتۈن دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇرغا تۆۋەندىكى مەشھور سۆزىنى قالدۇرۇپ كەتتى.
‹‹ ناھايىتى ئېنىقكى بۇ مىنىڭ زىمىنىم ئەمەس، بەلكى پۈتۈ مۇسۇلمانلارنىڭ زىمىنى. شىھىتلەر بۇ زىمىنلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن سۇغارغان، ھەر-بىر غېرىچ زىمىندا بىر شىھىتنىڭ قېنى بار، مەن بۇ زىمىننىڭ بىر غېرىچ يىرىنىمۇ سىلەرگە بىرەلمەيمەن››.
گەرچە ھەقىقەت بۇ بولسىمۇ، سۇلتان ئابدۇلھەمىدخان دۈشمەنلىرىنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن سۈپەتلىگىلى بولىدىغا ئەڭ قەبىھ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىپ، مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىىڭ تەسىرىدە تەخىتتىن چۈشتى.
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-09-15 00:07قايتا تەھرىرلىدى ]