300-70 -1 oztil xj 50
بۇ تېما 662 قېتىم كۆرۈلدى
bagdax
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 1
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 57
شۆھرەت: 744 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 680 سوم
تۆھپە: 381 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 382 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 852(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ھامۇتخان ۋالىي- بۈگۈر-كۇچا قوزغىلىڭى

مەرھۇم ھامۇتخان ۋالىينىڭ تۆمۈر ئېلى باشچىلىقىدىكى
بۈگۈر-كۇچا قوزغىلىڭىغا قاتنىشىشى
مۇھەممەت يۈسۈپ


      1931-يىلى پارتىلىغان خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسى بىلەن كۇچادىكى «كارۋان بېشى»دەپ نام چىقارغان تۆمۈر ئېلى باشچىلىقىدا كۆتۈرۈلگەن بۈگۈر-كۇچا قوزغىلىڭى مەزگىلىدە مەرھۇم ھامۇتخان ئەھمەت ھاجى كۇچادا بولۇپ، قوزغىلاڭدا باشلامچىلىق رول ئوينىغان ئىدى. ئۇ قوزغىلاڭغا ئەڭ بالدۇر ئاۋاز قوشۇپ، قوزغىلاڭنىڭ تەييارلىقى، باشلىنىشى ۋە ئەمەلىيىتى جەريانىدا تۆمۈر ئېلى بىلەن باشتىن – ئاخىر بىللە بولغان ۋە قوزغىلاڭغا يېتەكچىلىك قىلغان. خوجىنىياز ھاجى قوشۇنلىرى قاراشەھەر ۋە كورلىنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىش  پىلانىنى پائال قوللىغان ھەمدە بۇ چوڭ قوشۇنغا قوشۇلۇپ كەتكەن، مەرھۇم ھامۇتخان  شۇنىڭدىن كېيىن خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بولۇپ قالغان. 1934-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە 1976-يىلى دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر ئىزچىل ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قاتنىشىپ كەلگەن.

          بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنىڭ قىسقىچە جەريانى تۆۋەندىكىچە:
       خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا تەدرىجىي زورىيىپ كۈچەيگەن. گەنسۇدا چىقىش يولى تاپالمايۋاتقان ماجۇڭيىڭ ياردەم بېرىش نىقابى بىلەن شىنجاڭغا چىققاندىن كېيىن، ئۇلار 1933-يىلى ئەتىيازدا ، خوجىنىياز ھاجى ، مەقسۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى قومۇل ،تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ جىڭ شۇرېن ھۆكۈمىتىگە قارشى يۈرۈش قىلىپ مورى، گۇچىڭ ، جىمىسار ناھىيلىرىنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، جىمساردىكى جەڭ ئولجىسىنى خوجىنىياز ھاجى قىسىملىرىغا بەرمەي ئۆزىلا ئىگىلىۋالغان، بۇنىڭ بىلەن خوجىنىياز ھاجى – ماجۇڭيىڭ ئىتتىپاقى بۇزۇلغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي خوجىنىياز ھاجى قىسىملىرى تۇرپان ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىپ كورلىغا كەلگەن.
    خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇشقا قۇمۇلغا كەلگەن جاللات شېڭ شىسەي باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى 1933-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا جىڭ شۇرېننىڭ بۇيرۇقى بىلەن پىچانغا يۆتكىلىپ پىچاندىكى ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىنى قورشاۋدىن بوشىتىپ، تۇرپانغا ھۇجۇم قىلغان. قۇمۇل- تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىدىن ماشىمىڭ، مەھمۇت مۇھىتلار قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ بىر قىسمىنى باشلاپ توقسۇنغا، ئاندىن قاراشەھەرگە چېكىنگەنىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ماشىمىڭ تۇەنجاڭ مارىننى كورلىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن، توقسۇن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى توختى ئېلىمۇ توقسۇن قوزغىلاڭچىلىرىنى باشلاپ كورلا جېڭىگە قاتناشقان ۋە تېزلا كورلىنى ئازاد قىلغان.
      قاراشەھەر ۋە كورلىنىڭ قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى بۈگۈر ، كۇچا قاتارلىق جايلاردىكى جىڭ شۇرېنغا قارشى كۈچلەرگە زور ئىلھام بولغان، بۈگۈر ۋە كۇچادا ئارقا- ئارقىدىن كۆتۈرۈلگەن بۇ قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان تۆمۈر ئېلى توقسۇن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى توختى ئېلىنىڭ ئاكىسى بولۇپ، كۇچادا خېلى كۆلەمگە ئىگە ھارۋا ترانسپورت سارىيىنى باشقۇرۇپ كەلگەن، بۇ ئىش تۆمۈر ئېلىغا خېلىلا ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپ بەرگەندىن باشقا، ئۇنىڭ كەڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرىغا پۇرسەت ۋە شارائىت ياراتقان، تۆمۈر ئېلىنىڭ داڭقى چىقىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى_ئۇ كۆڭلى –كۆكسى كەڭ ، مەردانە ئادەم بولغاچقا، كۇچادىكى چوڭ بايلاردىن بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئامما ئىچىدىكى نام- ئابرۇيى باشقىلاردىن يۇقىرى بولغان.
      تۆمۈر ئېلى ئۇكىسى توختى ئېلى قاتارلىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ كورلىنى ئازاد قىلىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىدىن ھامۇتخان، ئەخمەتلەر بىلەن كۇچادا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى مەسلىھەتلەشكەن، لېكىن كۇچادا تۇرۇشلۇق جىڭ شۇرېن ئەسكەرلىرى كۆپ بولغاچقا ، پىلاننى بۈگۈردە قوزغىلىشقا ئۆزگەرتكەن. مەرھۇم ھامۇتخان بۇ قوزغىلاڭنىڭ تەييارلىقى ، باشلىنىش ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق دېگەن:


1. بۈگۈردە قوزغىلاڭنى باشلاش
      «قۇمۇل يېغىلىقى بولغاندا مەن كۇچادا موزدۇزچىلىق قىلىۋاتاتتىم، يېشىم 30دىن ئاشقان ئىدى. يۇرتۇم قۇمۇلدىكى كىشىلەرنىڭ بۇلاڭ –تالاڭ بولۇپ خانىۋەيران بولۇپ، ئۆز ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ سەرسان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئىچ ئاغرىقى تارتىپ ھەم جىڭ شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ قوزغىلاڭچىلارنى بۇنداق ۋەھشىيانە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشى غەزەپ ئوتۇم  ئۆرلەپ يۈرەتتىم .
      شۇ كۈنلەردە تۆمۈر بېگىم دېگەن ئادەم بىلەن مۇڭدىشىپ يۈردۈم، بۇ ئادەم كارۋانچىلىق قىلاتتى. ئۇ مەرد ئادەم بولغىنى ئۈچۈن، جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىدە زور ھۆرمەتكە ئىگە ئىدى، شۇ زامانغا نەپرەت بىلەن قارايتتى. بىر كۈنى تۆمۈر بېگىم مېنى ئۆيىگە مېھمانغا چاقىردى. تاماقتىن كېيىن تۆمۈر بېگىم ئۆزىنىڭ يۇرت بۇزۇپ ھاكىمىيەتكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى ۋە مېنىڭ ئۆزى بىلەن قوزغىلىشىمنى ئېيتتى. مەن: قانداق قوزغىلىمىز بېگىم ، بىزدە نە قورال ،نە ئادەم بولمىسا؟> دەپ سورىدىم . تۆمۈر بېگىم : < مەندە ئىككى دانە قورال بار، بىرىنى سەن ئالىسەن ، بىرىنى مەن ئالىمەن. ئادەم مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ئوڭاي ئىش > دەپ جاۋاب بەردى. مۇنداق مۆتىۋەر ئادەم يار –يۆلەكتە بولۇۋاتقاندا مەنمۇ ئارانلا تۇرغاچقا دەرھال رازىلىق بىلدۈردۈم. كېيىنكى جۈمە كۈنى ئاتلانماق بولدۇق. جۈمە كۈنىگىچە دۇكانلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ تەييار بولۇپ تۇردۇم. بېگىم ئوغلى ئارقىلىق مېنى چاقىرتتى، تاماقتىن كېيىن بېگىم ماڭا : < بۈگۈن – خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈنى ئاتلىنىمىز، ئاق يول بولسۇن ئۈچۈن خوتۇننىڭ دۇئاسىنى ئېلىۋالاي > دەپ ئايالىنى چاقىردى. بېگىمنىڭ ئايالى ئاق پىشماق، سېمىزرەك ئايال ئىدى. ئۇلار بىرلىككە كېلىشىپ بولغان ئىكەن . بېگىم ئايالىغا قاراپ : < بىزگە ئاق يول تىلەپ دۇئا قىلىڭلار > دېدى. ئايالى گىلەمنىڭ ئۈستىگە جاينامازنى سالدى – دە، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى. دۇئادىن كېيىن : < ھەر ئىككىلىرىنى خۇداغا تاپشۇردۇم ، ئاق يول بولسۇن. ھامۇتخان، سىلى بېگىمگە سەپەرداش بولۇپ قالدىلا، ھەر قانداق ئىش بولۇپ قالسا مېنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويارلا، جان خۇدانىڭ ئىلكىدە، خۇدايىم ھەرقايسىلىرىنى ئامان قىلسۇن > دەپ يەنە بىر قېتىم دۇئا قىلدى.
       بىز كېچىدە يولغا چىقتۇق. بۈگۈرگە يېقىن كەلگەندە (1933-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى بۈگۈرنىڭ يېڭىسار يېزىسىدا قۇمۇللۇق نىياز خەلىپە (2) قوزغىغان قوزغىلاڭنىڭ باشلانغان ۋاقتى _ ئاپتور ) ئالدىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان توپا – تۇماننى كۆردۇق، ئالدىمىزدا بەش نەپەر ئاتلىق ئادەم كېلىۋاتاتتى. ئۇلار ئاتلىرىدىن چۈشۈپ بىز بىلەن قىزغىن سالاملاشتى. ئۇ بەش ئادەمنىڭ تۆتى ئۇيغۇر ، بىرسى قىرغىز ئىكەن، بەشەيلەن بەش مىلتىق ئاسقان ، ئىككىيلەن بىلىگە قىلىچ ئاسقان ئىدى. بۇلار زۇلۇمغا قارشى قوزغالغان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ قۇرباشلىرى ئىكەن. كەينىدىكى سانى نامەلۇم، قولىغا ھەرخىل قوراللارنى كۆتۈرۈۋالغانلار دېھقانلار ئىكەن، ھەممىسى ھەرخىل كىيىنگەن بولۇپ، بەزىلىرى يالاڭ ئاياغ ئىدى. ھېلىقى بەش قۇر بېشىنىڭ ئىچىدىكى ئىككىيلەن تۆمۈر بېگىمنى تونۇيدىكەن. بىزنىڭ يۇرت بۇزۇشقا چىققانلىقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن ، ئۇلار < مانا، بىزگە باش بولىدىغان ئادەملەرنى تاپتۇق > دەپ بىزگە ئېسىلىۋالدى. كېچىچە ئۇخلىماي مەسلىھەتلەشتۇق، تۆمۈر بېگىم ئەڭ چوڭ باشلىق قىلىپ بېكىتىلدى. بېگىمنىڭ تەكلىپى بىلەن مەن ھەربىي باشلىق بولۇپ تەيىنلەندىم ، ئادەملەرنى بەش بۆلەككە بۆلۈپ، ھېلىقى بەش ئاتلىقنى ھەربىر قىسىمنىڭ قۇر بېشىلىقىغا تەيىنلىدۇق. شۇنداق قىلىپ قوزغىلاڭ قوشۇنى بارلىققا كەلدى >
     تۆمۈر ئېلى – ھامۇتخان باشچىلىقىدا كۆتۈرۈلگەن بۇ قوزغىلاڭ 200دىن ئارتۇق دېھقاننى قوزغىدى، ئۇلار 1933-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى يېرىم كېچىدە 36كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيە بازىرىغا بېرىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنى ئىشغال قىلىپ، ھاكىم ياڭ يىتاڭنى ئۆلتۈرىۋەتكەن ( ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلغاندا، ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى شەھەرنى تاشلاپ كۇچاغا قېچىپ كەتكەن ). 2-ئاينىڭ 14-كۈنى قوزغىلاڭچىلار دىنىي زات ئابدۇل راخماننى ھاكىملىققا سايلاپ، 200دىن ئارتۇق ئادەمدىن تەشكىللەنگەن قوغدىنىش ئەترىتى قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ماجۇڭيىڭ قىسمىنىڭ ئەسكەر باشلىقى ماشىمىڭ تۆمۈر ئېلى باشچىلىقىدىكى كامازى باشچىلىقىدا بىر قىسىم ئەسكەر ئەۋەتكەن، تۆمۈر ئېلى بىلەن كامازى كۇچاغا ھۇجۇم قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ تەييارلانغان، شۇ چاغدا كۇچانى 200دەك ئەسكەر ساقلاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشلىقى جەن شىكۇي شەھەر دەرۋازىسىنى چىڭ ئېتىۋېلىپ قارشىلاشقان. كۇچانىڭ ئامما ۋەكىللىرى قوزغىلاڭچىلارنى كۈتۈۋالغان. تۆمۈر ئېلى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار شەھەرگە بېسىپ كىرىپ، جەن شىكۇينى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن، شەھەرنى ساقلاۋاتقان ئۇيغۇر ئەسكەرلەر جەڭ قىلمايلا  تەسلىم بولغان ، باشقا ئەسكەرلەر ئوق- دورا ساندۇقىغا ئولتۇرۇپ ئۆزىنى پارتلىتىپ كوللېكتىپ ئۆلۈۋالغان، كۇچا شەھىرى ئوڭايلا ئازاد بولغان.


2. كۇچا ۋە ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىش 
مەرھۇم ھامۇتخان كۇچاغا ھۇجۇم قىلىش ۋە كۇچا بىلەن ئاقسۇنى ئازاد قىلىشنىڭ جەريانى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە مۇنداق دېگەن :
      « قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بۈگۈرنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن كۇچا خانلىقىغا (1) تەگمەكچى بولۇپ ئاتلاندۇق، بىر سايغا كەلگەندە تۇڭگانلار قوشۇنى ئۇچراپ قالدى. ئەسلىدە ئۇلار خوجىنىياز ھاجى قوشۇنى قوغلاپ كېلىۋاتقان باسقۇنچى تۇڭگانلار ئىكەن . ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە ئۇزۇن سەپ بويلاپ ئەزان بىلەن تەڭ ( شۇ چاغدا ئەزان ئېيتىشنى ھۇجۇمغا ئۆتۈش سىگنالى قىلىپ بېكىتكەن ئىدۇق) ھەممە ئادەم بىراقلا ( قىي ... قا ... ش ) دەپ ۋاقىرىغان پېتى تۇڭگانلارغا ئېتىلدى. تۇڭگانلار پىلىموت ۋە مىلتىقلار بىلەن ئوق ياغدۇرغىلى تۇردى. بىزنىڭ ئادەملەرنىڭ ئاۋازى پەسىيىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بىر ۋاقىتتا تۇڭگانلارنىڭ پىلىموتى توختىدى، ئوق ئاۋازى ئازايدى، تاڭمۇ ئاتتى. دەل شۇ چاغدا بىر قۇر بېشى يۈگۈرۈپ كېلىپ: < تۇڭگانلار قوراللىرىنى تاشلاپ كەتتى، قېچىپ كەتكەنلەر ئاتلىق ئىكەن، قوغلىمىدۇق، قالغانلىرى قوراللىرىنى كۆتۈرۈشۈپ تۇرىدۇ > دەپ خەۋەر قىلدى.
      مەن تۆمۈر بېگىم بىلەن ئۇرۇش مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ماڭدۇق، قارىساق بىز تەرەپتىن خېلى ئادەم قۇربان بوپتۇ، بىر قىسىم ئادەم يارىدار بوپتۇ. بىز بارغۇچە قوزغىلاڭچىلار قولىدىكى توقماق بىلەن ئولجا ئېلىنغان پىلىموتتىن بىرنى پاچاقلىۋېتىپتۇ، ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەر 100دىن ئارتۇق ئىكەن، غەنىيمەت ئالغان قورال – ياراقلارمۇ ئاز ئەمەس بولۇپ، كۆپىنچىسى ھارۋىلارغا بېسىلىپتۇ. بىز قوراللارنى ئادەملىرىمىزگە بىردىن تارقىتىپ بەردۇق. ھەربىر ئادەمگە 20پايدىن ئوق بەردۇق، قورال تېگىشمىگەنلەرگە قىلىچ بەردۇق،ئەسىرلەرنىڭ 10نەپىرىنى ئېلىپ قېلىپ (چۈنكى، بىزنىڭ ئەسكەرلەرگە قورال ئېتىشنى ئۆگىتىدىغان ئادەم ئاز ئىدى) ، قالغانلىرىنى ئۆز ئوقىتىڭلارنى قىلىڭلار دەپ قويۇپ بەردۇق، بىر قىسىملىرى كەتكىلى ئۇنىماي < سىلەرنىڭ ئېتىڭلارنى بېقىپ بېرەيلى ، ئاشپەز بولۇپ بېرەيلى ، مالايلىقىڭلارنى قىلايلى، سىلەردىن ئايرىلساق خوجىنىياز ھاجى بىزنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ، يەرلىك خەلقمۇ بىزنى ئازابلايدۇ > دەپ تۇرۇۋالدى، ئامالسىز نېمىلا بولمىسۇن ئىمانى بار ئىكەن، بىز بىلەن  قالسا قالسۇن، كېيىن بىر تەرەپ قىلارمىز، دەپ ئېلىپ قالدۇق، ئەسكەرلىرىمىز قورالنى ئوبدانلا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپ قالدى. ھەرخىل قائىدە- تۈزۈملەرنى بېكىتتۇق، خوتۇن – قىزلارغا چېقىلماسلىق، خەلقنى بۇلاپ –تالىماسلىق، ئۇرۇپ –تىللىماسلىق، ئەسىرلەرنى خورلىماسلىق، كۇچا خانلىقىنى ئېلىشقا ئىلاج بار ئوق چىقارماسلىق ( چۈنكى كۇچا خانلىقى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆز ئادەملىرىمىز دېمەكچى _ئاپتور ) دېگەنگە ئوخشاش ھەربىي قائىدە- تۈزۈملەرنى بېكىتتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن قاتتىق ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىكى « بۇيرۇققا بويسۇنۇش، ھەرقانداق ئولجىنى ئۆز ئالدىغا بۆلۈشمەسلىك » ئىدى .
      كېلەر پەيشەنبە كۈنى كۇچاغا يۈرۈش قىلماقچى بولدۇق، ئۇرۇشۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بىر نەپەر قۇر بېشى بىلەن بىر نەچچە نەپەر ئادەمنى قوشۇپ ئەلچى قىلىپ كۇچاغا كېلىشىم قىلىشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار 3-كۈنى ناماز دىگەر ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ: < تۆمۈر بېگىم كۇچانى ئېلىشقا نۇرغۇن ئەسكەر تارتىپ كېلىۋېتىپتۇ، يولدا تۇڭگانلارنى بىتچىت قىلىۋېتىپتۇ. كۇچا ۋاڭ شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كېتىپتۇ، سېپىلنىڭ ئىچىدە تۇڭگانلار بار ئىكەن>دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. بىز كۇچاغا دەرھال كىرىپ تۇڭگانلارنى ئەل قىلماقچى بولدۇق. شەھەرگە تاڭ سەھەردە كىردۇق، شەھەر تىپ-تىنچ، ئەل ئۇيقۇدا ئىكەن، سېپىلنى چۆرىدەپ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردۈم، قىرغىز قۇر بېشى سېپىل دەرۋازىسىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولدى.
كۈن كۆتۈرۈلگەندە كۇچا خەلقى بىزنىڭ شەھەرنى ئىگىلىگەنلىكىمىزنى كۆرۈپ دەسلەپتە قاراپ قېلىشتى، بىر ئازدىن كېيىن ھەممە ئادەملەر بىزنى ئورۇۋالدى. يۇرت بايلىرى ۋە ئالىم –ئۆلىمالار بىزنى قارشى ئېلىپ خان ئوردىسىغا باشلىدى، بىز ئۇلاردىن خاننى سورىدۇق، ئۇلار : < تۇڭگانلار كۇچاغا بېسىپ كىرىپ خانلىق خەزىنىسىنى بۇلىدى، ئاندىن كېيىن خەلقنىڭ ئۆيلىرىنى تالان-تاراج قىلدى. نۇرغۇن قىز-چوكانلارنى ئېلىپ كەتتى. خان ئامالسىز تۇرغاندا، تۆمۈر بېگىمنىڭ تۇڭگانلارنىڭ ئەدىبىنى بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ خان بەك  خۇشال بولدى. كۇچاغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ جانابلىرى بىلەن كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىپ قالمىسۇن ، دەپ يېزىغا كەتتى. تۇڭگانلار بۇندىن 3كۈن بۇرۇن سېپىلنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ دەرۋازىنى ئېتىۋالدى> دېگەن جاۋابنى قىلدى. تۇڭگانلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ئىنتايىن ئاچچىقىمىز كەلدى، بەزىلەر : < بۇ خۇنپەرلەرنى قىيما-چىيما قىلىۋېتەيلى > دېسە، بەزىلەر: < باشلىقلىرىنى ئاتقا سۆرۈتۈپ ئۆلتۈرەيلى ، دارغا ئاسايلى > دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى قىلدى. ئاخىرى تۇڭگانلار بىلەن سوقۇشمايلى، چۈنكى سېپىلنىڭ ئىچىدە 200-300دەك قىز- چوكانلىرىمىز بار، تۇتۇشۇپ قالساق ئۇلارنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ياخشىلىقچە ئەل قىلايلى، بۇنىڭ ئۈچۈن قولىمىزدىكى تۇڭگان ئەسىرلىرىگە خىزمەت ئىشلەپ شۇلاردىن پايدىلىنايلى، دېگەن قارارغا كەلدۇق. يۇرت چوڭلىرى ئۇيغۇرچىغا ئۇستا بىر تۇڭگاننى تېپىپ كەلدى، ئۇنىڭغا مۇنداق خەت يازدۇردۇق: < سىلەر تىنچ يول بىلەن قورال تاشلاپ ئەل بولساڭلار، سىلەرنى خالىغىنىڭلارچە بىر تەرەپ قىلىمىز. نەدە ياشاشنى خالىساڭلار شۇ يەرگە بېرىپ ياشاڭلار، بىزنىڭ قولىمىزدا ئەسىرگە چۈشكەن يۈزدىن ئارتۇق ئەسكىرىڭلار بار ، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلدۇق، ئەگەر خالىساڭلار سېپىلدىن شوتا چۈشۈرۈڭلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرەيلى، ئەھۋالنى شۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاڭلار ، جاۋابنى ناماز دىگەرگىچە بېرىڭلار، خەتنى ئوقيا بىلەن ئاتتۇق ، سېپىل ئىچىدىكى تۇڭگان ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقيانى ئالغانلىقىنى كۆرۈپ تۇردۇق، ئۇلار خەتنى ئېلىپ ناماز پېشىن ۋاقتىدىلا بىزگە جاۋاب خەت چىقىرىپتۇ. خەتتە : < قولۇڭلاردىكى ئەسكەرلىرىمىزنى چىقارتىپ بېرىڭلار، ئەھۋال بىلىپ باقايلى> دەپتۇ. بىز قولىمىزدىكى ئەسىرگە چۈشكەن تۇڭگان ئەسكەرلەرگە ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى سېپىلغا چىقىشقا ئۈندىدۇق، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بىزگە ئۆگىنىپ قالغانمۇ، سېپىلغا چىقىشقا ئۇنىمىدى، يەنە بىر قانچىسى بىزنى ئېتىۋېتىدۇ، دەپ ئۇنىمىدى. ئەمما كۆپچىلىكى < چىقساق چىقايلى > دەپ رازىلىق بىلدۈردى، بىزنىڭ يېنىمىزدا قالغان 11نەپەردىن باشقىسى سېپىلغا چىقتى ( بەزىلىرى ئارغامچا شوتا بىلەن، بەزىلىرى ئارغامچا بىلەن چىقىپ كەتتى ) تاكى ئەتىسى ناماز پېشىن بولاي دېگۈچە خەۋەر يوق، بىر ۋاخ بولغاندا سېپىلنىڭ ئىچىدىن تۇيۇقسىز گۈمبۈرلىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، بىز تۇرغان يەرلەرمۇ تىترەپ كەتتى. بىر ئىش بولغان ئوخشايدۇ، دەپ سېپىلغا ئادەم چىقاردۇق، 20دەك ئادەم چىقتى، بىر كەم بولغاندا سېپىل دەرۋازىسى ئېچىلدى. كىرىپ قارىساق، تۇڭگانلارنىڭ ئۆلۈكى ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كېتىپتۇ، ئېغىر يارىدار بولغانلاردىن تۆت ئادەمنى تاپتۇق. ئۇلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ، تۇڭگانلارنىڭ باشلىقى بىز قويۇۋەتكەن ئەسىرلەردىن ئەھۋالنى تەپسىلىي سوراپتۇ، ئۇلار بىزنىڭ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقىمىزنى ئېيتىپتۇ ھەمدە بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنىڭ كۆپلۈكىنى ، ھەممىسىنىڭ قوراللىق ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپتۇ، سوقۇشماي ئەل بولغىنىمىز ياخشى، دەپ دەۋەت قىلىپتۇ، ھېلىقى باشلىق مۇنداق قارار قىپتۇ :
     (1) سىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلغىنى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خوتۇن – قىزلىرىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك . 
    (2) بىز شىنجاڭ خەلقىدىن بۇلىۋالغان ئۈچ ساندۇق ئالتۇن – كۆمۈش، ئۈنچە – مەۋايىتلارنى ئۇلارغا قالدۇرۇش كېرەك.
    (3) تەسلىم بولدى دېگەن نومۇسنى كۆتۈرەلمەيمىز، ئۆلۈۋېلىش كېرەك.
         شۇنداق قىلىپ خوتۇن –قىزلارنى بىر نەچچە ئۆيگە سولاپ قويۇپتۇ، ساندۇقلىرىنى يەر ئاستى ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇپتۇ، ئارقىدىنلا بارلىق ئوق –دورا مەيدانغا دۆۋىلىنىپتۇ. ئاندىن ئەسكەرلەر چەمبىرەك بولۇپ تىزىلىپتۇ، دورىغا چۆرىدەپ ئولتۇرۇشىغا ئارقىدىنلا قول بومبىسى ۋە ئوق ساندۇقلىرى پارتلاپتۇ، ئۆزلىرىمۇ نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي قاپتۇ. سېپىلغا يانداش تۆت ئۆيدىكى ئۈچ تۆمۈر ساندۇقنى ئولجا ئالدۇق، بىز بۇ ئولجا ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن نۇرغۇن پىلىموت،مىلتىق، ئوق ۋە قەنت، قاراشەھەردىكى قالماقلار ۋە يەرلىك خەلقتىن ئەسكەرلەرگە ئات سېتىۋالدۇق. خوجىنىياز ھاجى ئاقسۇغا چۈشۈپ بىز توغرىلىق ئاڭلاپتۇ ۋە مۇزاكىرىلىشىپ بىزنى ئۆزىگە قوشۇۋالماقچى بوپتۇ. تۆمۈر بېگىم بىلەن مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ خەت يېزىپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ. خەتتە دەرھال ئەسكەرلەرنى باشلاپ ئاقسۇغا كېلىشىمىزنى ۋە بىرلىكتە قەشقەرگە يۈرۈش قىلىشنى تاپىلاپتۇ. مەن خەتنى تۆمۈر بېگىمگە كۆرسىتىپ مەسلىھەت ئالدىم، تۆمۈر بېگىم ئىنتايىن خۇشخۇيلۇق بىلەن رازىمەنلىكىنى بىلدۈردى، باشقىلارمۇ قوشۇلدى. بىز ئاقسۇغا ئاتلىق ئەسكەر باشلاپ يۈرۈپ كەتتۇق. خوجىنىياز ھاجى بىزنى بەكلا قىزغىن قارشى ئالدى ۋە تۆمۈر بېگىمنى سىلىڭ ، مېنى لۈيجاڭ قىلىپ تەيىنلىدى»
       تۆمۈر ئېلى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلاركۇچانى ئازاد قىلىپ شايار ،توقسۇ ، بايلارنى ئالغاندىن كېيىن ئۇدۇل ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغان، ئاقسۇنىڭ مەمۇرىي باشلىقى ( ۋالىيسى) شۈيشەن قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ شىجاڭى جېن شۇجى ( ئۆلكە باشلىقى جېن شۇرېننىڭ 4-ئىنىسى – ئاپتور ) غا خەۋپ ئىچىدە قالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان، جېن شۇجى تۇەنجاڭ ياڭ چىڭمىن، شبۇ باشلىقى لى دىڭلۇڭ قاتارلىق كىشىلەرگە ئۈچ يىڭ ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ئاقسۇغا ياردەم قىلىشنى بۇيرۇغان بولسىمۇ، ئۇدا مەغلۇپ بولۇپ، مارالبېشىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. لى دىڭلۇڭ مارالبېشىنىڭ شەرقىدىكى « توققۇز ئۆتەڭ » دېگەن جايدىكى جەڭدە ئۆلگەن. جېن شۇجى تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۈچتۇرپان قاتارلىق باشقا ناھىيلىرىمۇ ئارقا – ئارقىدىن تېزلا ئازاد قىلىنغان. ئاقسۇ ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن تۆمۈر ئېلى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار ھامۇتخان لۈيجاڭنىڭ 1000دەك ئەسكىرى بىلەن 1933-يىلى 4- ئاينىڭ ئاخىرلىرى قەشقەرگە يۈرۈش قىلىپ پەيزىۋات ناھىيىسىگە يېتىپ كەلگەن.
。   3قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى كەچۈرمىشلەر
          قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى كەچۈرمىشلەرنى مەرھۇم ھامۇتخان ئەسلىمىسىدە مۇنداق بايان قىلغان : « بىز پەيزىۋاتقا يېتىپ كېلىپلا قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشتۇق. 5-ئاينىڭ 4-كۈنى قەشقەرگە يېتىپ كىرگىچە ئوسمان قىرغىز ئەسكەرلىرى شەھەرنى ئېلىپ بولغىلى 2-3كۈن بولغان ئىكەن . بىز قەشقەرگە كېلىپ ئىككى ئىشنى قىلدۇق: بىرسى – سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قېچىپ كەلگەن قىرغىز، ئۆزبېك باندىتلىرىنى تازىلىدۇق، ئۇلارنى قورالسىزلاندۇردۇق ۋە مال –مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلدۇق. بۇ باندىتلار قەشقەر خەلقىنى ھەددى –ھېسابسىز بۇلاڭ- تالاڭ قىلىپ، خوتۇن- قىزلارنى ھەددى ھېسابسىز ئاياغ ئاستى قىلغان ئىكەن. ئىككىنچى قىلغان ئىشىمىز باسمىچى تۇڭگانلارنى تەسلىم قىلىپ قورالسىزلاندۇردۇق. تۇڭگانلار قېچىپ يېڭى شەھەرگە مۆكۈنۈۋېلىشتى. يېڭى شەھەرنىڭ سېپىل دەرۋازىسىغا ھۇجۇم قىلغاندا قەشقەر پىدائىيلىرى ئاجايىپ باتۇرلۇق كۆرسەتتى. بىزنىڭ يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك ياخشى ئىشىمىزنى كۆرگەن قەشقەر خەلقى بىزنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلدى، مال- دۇنياسى بار قەشقەر بايلىرى نۇرغۇن مال-دۇنيا ئىئانە قىلدى، ياش بالىلىرىنى توقۇقلۇق ئاتلىرى بىلەن ئەسكەرلىككە بەردى . قەشقەرنى مەركەز قىلىپ تۇردۇق. خوجىنىياز ھاجى نۇرغۇن قانۇن- پەرمانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
      مەسىلەن: ئەسكەر باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى ، چېگرالارغا چازا قۇرۇلۇپ چېگرانى ساقلىدى، ئەسكەر ۋە مۈلۈكى ئەمەلدارلارنىڭ خەلقنى بۇلاڭ – تالاڭ، ئاياغ ئاستى قىلىشىنى قەتئىي چەكلىدى. قەشقەر خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە يەم – خەشەك تاپشۇرۇشىدىن باشقا ئالۋاڭ- سېلىق قاتارلىق ئېغىر يۈكلەر ئېلىپ تاشلاندى. بىر كۈنى مېنىڭ ئالدىمغا ئىككى نەپەر سوۋېت ئادىمى كەلدى. ئۇلارنىڭ نېمىشقا كەلگەنلىكىنى سورىسام ئۇلار: < يەتتە نەپەر يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ھەربىي ئوفىتسېر چېگرادا قالدى. بىز سىلەرنىڭ ئەسكىرىڭلارنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ، ياخشى قوراللارنى بەرسەك، دەپ كەلدۇق > دەپ جاۋاب بەردى ، مەن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ بۇ خەۋەرنى خوجىنىياز ھاجىغا يەتكۈزدۈم . ھاجىم : < ئۇلارنى قىچقار > دېدى، مەن ئۇلارنى ھاجىمنىڭ يېنىغا باشلاپ كىردىم. ھاجىم ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن: مەنزە سىلەردەك قىزىل پاچاقلارنىڭ ياردىمىنى ئالامدىمىنا، كۆزۈمدىن يوقىلىش ، ھۇ، ئىمانسىز مۇرتەتلەر. ھامۇتخان ، سەن ئۇلارنى بۈگۈندىن قالدۇرماي چېگرىدىن چىقىرىۋەت > دەپ بۇيرۇق قىلىپ ئۇلارنى قوغلىۋەتتى. مېنىڭ كۆڭلۈم پوق يېگەندەك بولۇپ قالدى. ئۇلارنى يولغا سالغاندا < خاپا بولمىساڭلار ھاجىمنىڭ مىجەزى چۈسرەك، كېيىنچە باشقا مەسلىھەتلىشەرمىز ، دەپ ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ قويدۇم، ھاجىمنىڭ شۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن چىقىرىپ قويغىنىغا ئاچچىقىم كەلدى. ئەتىسى ھاجىمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمى بىز ئۈچۈن بەك پايدىلىق ئىدى. ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتىپ مۇناسىۋەتنى ياخشى تەرەپكە بۇرۇۋالساق قانداق بولاركىن، دېگەن ئاساستا پىكىر قىلدىم. ھاجىم ماڭا ئاچچىقلاپ: < ھوي خوتۇن تالاق < ئۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭ ، دىنىڭنى يوقىتىدۇ، خوتۇنىڭنى ھەممىگە تەئەللۇق قىلىدۇ، داش قازاندا ئاش يېگۈزىدۇ، كامنۇس قىزىل پاچاقلار دېگەن گەپنى ئاڭلىمىغانمىدىڭ > دەپ ئاغزىمنى ئاچتۇرمىدى.
        شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجىغا 1934-يىلى خەت ئەۋەتتى، خېتىدە خوجىنىياز ھاجىنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ مۇئاۋىن رەئىس بولۇشنى ئېيتقانىدى، بىر قىسىملار بارماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىر مۇنچىلار يۇرتنى ئالغاندىن كېيىن يۇرت سوراپ باققۇلۇق دېيىشتى . ئاخىر ھاجىم ئۈرۈمچىگە بېرىشقا ماقۇل بولدى. ئۈرۈمچىگە كېلىپ مۇئاۋىن رەئىس بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈردى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەرنىڭ يۇرت چوڭلىرى ۋە بايلىرى ئىزدەپ خوجىنىياز گۇڭگۇەنگە توپلىشىشقا باشلىدى. ئارىدا قۇمۇلنىڭ مۆتىۋەرلىرى كۆپرەك ئىدى، ئۇلار ياتاققا ، تاماققا پۇل تۆلىمەيتتى ، بىكارچىلىقتا ھەرخىل ئويۇنلار بىلەن شۇغۇللىناتتى.
      بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايلار خوجىنىياز ھاجىنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سودا قىلىشقا ئۈندىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي شىنجاڭ ۋە قۇمۇل ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە سودا تارماقلىرى بار ئىدى. خوجىنىياز ھاجىنىڭ گۇڭگۈەنىگە يۈك باسقان سودا ماشىنىلىرى كىرىپ چىقىدىغان بولدى، سودا قىزىپ كەتتى، پۇل تاپقان ھاجىم تۇرپاندا پاختا زاۋۇتى قۇردى. ھۆكۈمەت ئىشلىرى بىلەن ئانچە چاتىقى بولمىدى. شېڭ شىسەي خالىغانچە ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان بولدى. خوجىنىياز ھاجىنىڭ گۇڭگۇەنىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدا قىلچە ھوقۇق قالمىدى، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەيگە ئىدارە، مەھكىمىلىرىگە نۇرغۇن مەسلىھەتچى ئەۋەتتى، خوجىنىياز ھاجىغا مەسلىھەتچى قىلىپ مەنسۇر ئەپەندى (كېيىنكى ۋاقىتلاردا <ۋەتەن ئوغلى > دەپ ئاتالدى ) ئەۋەتىلگەنىدى، بۇ ئادەم ئەسلىدە خوجىنىياز ھاجىغا يار-يۆلەك بولدى. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگەتكەنىدى، لېكىن ھاجىمنىڭ دىنىي ئىدىيىسى كۈچلۈك بولغاچقا، سوۋېت كىشىلىرىنى ئۆچ كۆرەتتى، بىر كۈنى ھاجىم بىلەن مەنسۇر ئەپەندى ئوتتۇرىسىدا مىللىي مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا پىكىر ئىختىلاپى تۇغۇلدى. ھاجى مەنسۇر ئەپەندىنى < يوقال ، لومودى> دېگەن گەپ بىلەن تىللاپ قوغلىۋەتتى. بىر كۈنى مەنسۇر ئەپەندىنى چاقىرتىپتۇ، مەن ئاتلىق باردىم .  مەنسۇر ئەپەندى ئاغرىپ قېلىش باھانىسى بىلەن خوجىنىياز گۇڭگۈەنگە بارماي ئۆيىدە قېيىداپ ياتقان ئىكەن. مەنسۇر ئەپەندى ماڭا : < مەن ئەمدى ھاجىمنىڭ قېشىغا بارمايمەن، ئۆزىگە ئۆزى قىلىپ قويدى> دېگەن سۆزنى قىلدى.
         شۇنىڭدىن باشلاپ مەنسۇر ئەپەندى خوجىنىياز گۇڭگۈەنىگە كەلمىدى. ئۇزاق ئۆتمەي خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئەڭ يېقىن، ئەڭ مۇھىم ھەربىي ۋە مۈلۈكى ئەمەلدارلىرىنى ھەرقايسى ۋىلايەت ، ناھىيىلەرگە خىزمەتكە ئەۋەتىۋەتتى، مېنى چۆچەككە ھاكىم قىلىپ ئەۋەتتى.
       بىزنى تارقىتىۋېتىپ بىر يىلدىن كېيىن شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجىنى قولغا ئالدى، خوجىنىياز ھاجى بىلەن سودىگەرچىلىك قىلغان بايلارنى، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى، خوجىنىياز ھاجىنىڭ جەمەتىدىكىلەرنى ۋە باشقا نۇرغۇن ئاتاقلىق ئادەملەرنى ئارقا- ئارقىدىن قاماققا ئېلىپ مال-دۇنياسىنى مۇسادىرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتتى.
       سوۋېت – گىرمان ئۇرۇشى پارتلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرگەن شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرىدى ھەمدە شىنجاڭدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن زىيالىلارنى تۇتۇپ قاماققا تاشلىدى، بىزنىڭ غەلىبە قىلغان ئىنقىلابىمىز ئەنە شۇنداق دەپنە قىلىندى!
        « خۇلاسە كالام شۇكى، شەھەرنى ئالماق ئوڭاي ئىكەن ، يۇرت سورىماق قىيىن گەپكەن. شۇ چاغلاردا بىزنىڭ بىلىمسىزلىكىمىزدىن ۋە نادانلىقىمىزدىن ھۆكۈمەتنى تۇتۇپ تۇرالمىدۇق . مەن خەلق ئالدىدا ئۆزىمىزنى گۇناھكار ھېسابلايمەن. خەلقنى جاللات شېڭ شىسەينىڭ قولىغا قويغانمۇ بىز ، خەلق بىزنى ھەرنېمە قىلسا ھەقلىق!» .
     1933-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئوسمان ئېلى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار قەشقەر كونىشەھەرنى ، ماجەنساڭ قىسملىرى يېڭىشەھەرنى ئالغان، 2-3 كۈن ئۆتمەيلا تۆمۈر ئېلى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارمۇ پەيزىۋاتتىن قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن. تۆمۈر ئېلى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارمۇ قەشقەرگە كىرگەندىن كېيىن تۆمۈر ئېلى ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزىنى شىجاڭ، قوشۇمچە چېگرا مۇداپىئە قوماندانى ، دەپ جاكارلىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ قوماندانلىقىدىكى قىسملارنى بەش لۈي قىلىپ ئوسمان ئېلى ، ھامۇتخان بىلەن ھەمدەمبەگھاجى لۈيلىرىنى قەشقەردە تۇرغۇزغان. يۈنۈسبەگنى ماشاۋۋۇنىڭ ئورنىغا قەشقەر ۋالىيلىقىغا تەيىنلەپ، جېن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەربىي، مەمۇرىي ھوقۇقىنى قولىغا ئالغان بولسىمۇ ، ماجەنساڭ تېزلا شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ سابىق مەمۇرىي باشلىقى ( ۋالىيسى) ماشاۋۋۇر ( شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى ) بىلەن بىرلىشىۋالغان ھەمدە لۈيجاڭلىق ھەربىي ئەمەل بىلەن تۆمۈر شىجاڭ قىسىملىرىغا قوشۇلغىنىغا رازى بولماي، تۆمۈر شىجاڭدىن شىجاڭلىق ھوقۇقى تالىشىۋاتقان ئوسمان ئېلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىپ پايدا ئالماقچى بولغان.
       1933-يىلى 8- ئاينىڭ 9-كۈنى ئوسمان ئېلى كونىشەھەر ناھىيىسىدىن شەھەر سىرتىغا – تاغقا قاچقاندا ئارقىدىن قوغلاپ چىققان تۆمۈر ئېلى كونىشەھەرگە قايتىپ كېلىۋېتىپ، لەنگەر دېگەن جايغا كەلگەندە ماجەنساڭ ئورۇنلاشتۇرغان بۆكتۈرمە ئەسكەرلەر تۆمۈر شىجاڭنى ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە ھەمراھىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئوسمان ئۆزىنى شىجاڭ ، دەپ ئېلان قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن شېڭ شىسەي قىسىملىرىنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشى بىلەن ئاقسۇدىن چېكىنىپ قەشقەرگە يېتىپ كەلگەندە ماجەنساڭ قىسىملىرىغا قوشۇلغان. بۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجى ئاقسۇدا بىر مەزگىل تۇرغان ئىدى. قەشقەرگە ھەرخىل سىياسىي كۈچلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىي قىسىملىرى توپلانغان ۋە ئىچكى نىزا تۈپەيلىدىن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇشتا ھەربىي كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ. بىرلىككە كېلىپ بولالمىغانىدى، ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى، ماشاۋۋۇ قىسمى، تۆمۈر شىجاڭ قىسىملىرى، ئوسمان ئېلى قىسمى، مەمتىمىن بوغرا- سابىت داموللا قىسمى ئىچىدە ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىنىڭ سانى كۆپ، ساپاسى يۇقىرى بولغان .
          1933-يىلى 11-ئايدا قەشقەرلىك سابىت داموللا باشچىلىقىدا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى »نىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. بۇ « جۇمھۇرىيەت» قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، ئاقسۇغا ۋەكىل ئەۋەتىپ خوجىنىياز ھاجىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورۇنغان بولسىمۇ رەت قىلىنغانىدى. خوجىنىياز ھاجى 1934-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى قەشقەرگە كەلگەن بولسىمۇ، بۇ « جۇمھۇرىيەت»نى ئەيىبلىگەن. بۇ «جۇمھۇرىيەت »نى 1934-يىلى 2-ئايدا ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى بىلەن ماشاۋۋۇ قىسىملىرى ( شېڭ شىسەي قىسىملىرى) بىرلىشىپ يوقاتقاندىن كېيىن، 1934-يىلى ياز ئايلىرىدا خوجىنىياز ھاجى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ پىكرى ۋە كاپالىتى بىلەن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلىپ ئۈرۈمچىگە مېڭىشتىن بۇرۇن، يەنە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ پىكرىنى ئورۇنداپ « جۇمھۇرىيەت»نىڭ باش مىنىستىرى سابىت داموللا قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئاساسلىق ئەمەلدارنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قولغا ئالغۇزۇپ، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە يوللاپ بەرگەن. ئارقىدىن 1934-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا بىر قىسىم ئەمەلدارلار بىلەن بىرگە ئۈرۈمچىگە بېرىپ، مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان. ( ھامۇتخان 200دىن ئارتۇق مۇھاپىزەتچى ئەسكەرنى باشلاپ، ئىككى كۈندىن كېيىن يېتىپ كەلگەن).
       مەرھۇم ھامۇتخان ئۈرۈمچىدە 1936-يىلغىچە خوجىنىياز ھاجىنىڭ مۇھاپىزەت ئەترىتىدە باشلىق بولۇپ تۇردى 1936-يىلدىن 1938-يىلغىچە چۆچەك ناھىيىسىگە تەخمىنەن ئىككى يىل ئەتراپىدا ھاكىم بولغان ۋە  چۆچەكتىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1946-يىلى ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭغا قارشى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بولغان، 1949-يىلى بۇرھان شەھىدى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولغاندا، ئۈرۈمچى ئامانلىق قوغداش ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان، شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن 1951-يىلى قۇمۇل ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسىگە مۇئاۋىن ۋالىي بولۇپ تەيىنلەنگەن ھەمدە دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر مۇئاۋىن ۋالىي ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1979-يىلى 82يېشىدا كېسەل بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن.
     مەرھۇم ھامۇتخان ۋالىينىڭ يۇقىرىقى كەچۈرمىشلىرىنى يېزىپ چىقىشقا مەرھۇمنىڭ ئوغلى ئەخمەت ھامۇت < ئەسلىمە>ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ زور ياردەم قىلدى، بۇ كىشىگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

   ئىزاھات : (1) ئازادلىقتىن ئىلگىرى كۇچا ناھىيىسىدىمۇ فېئوداللىق ۋاڭلىق تۈزۈم ئۇزاق يىللار ھۆكۈم سۈرگەن. 1750-يىلى مىرزاھادىبەك چىڭۋاڭدىن باشلانغان كۇچا خانلىقى ( ۋاڭلىقى ) 1950-يىلغىچە 13ئەۋلاد داۋاملاشقان . ( 13- ئەۋلاد ۋاڭ داۋۇت مەقسۇت 1941-يىلى 14يېشىدا تەختكە چىقىپ، 1950-يىلى كۇچا ئازاد بولۇش بىلەن ۋاڭلىقتىن قالغان ۋە كېيىنرەك كۇچا ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان).
        (2) نىياز خەلىپە – قۇمۇل شەھىرىنىڭ غەربىتاغ يېزا تاراتى كەنتىدىن بولۇپ ، بۈگۈر ئازاد قىلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كامازىنىڭ تۇڭگان ئەسكەرلىرى يوقىلاڭ بانا بىلەن ئېتىپ تاشلىغان.
 
پايدىلانغان ماتېرىياللار :
1. سەيپىدىن ئەزىزى  « ئۆمۈر داستانى »
2. بۇرھان شەھىدى: « شىنجاڭنىڭ 50 يىلى »
3. ليۇزىشاۋ « ئۇيغۇر تارىخى» (2-قىسمى )
4. چېن خۇشىڭ، چېن چاۋ «مىڭگو دەۋرىدىكى شىنجاڭ تارىخى»
5. « ئاقسۇ تەزكىرىسى » ، « بۈگۈر تەزكىرىسى »
6. «شىنجاڭ تەزكىرىسى» نىڭ 1995-يىللىق 2-ساندىكى ئۆمەر ئابدۇللانىڭ < كۇچادىكى كۆك گۈمبەز مازىرى >دېگەن ماقالىسى


  ئەسكەرتىش : مەزكور ئەسەر باغداش تورىغا خاس ، باشقا تورلارغا كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ ، ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىڭ !

 
باغداشقا باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-16 15:10 |
arkim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 920 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 925 سوم
تۆھپە: 529 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 529 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 186(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى تەربىيىۋى ئەھمىيىتى، ساقلاش قىممىتى بار ماقالا ئىكەن!
music bagdax
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 16:54 |
tohotur

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 376
شۆھرەت: 2107 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2112 سوم
تۆھپە: 1240 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1243 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 696(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھامۇتخان ۋالى توغۇرسىدا بۇۋام كۆپ  سوزلەپ بىرەتتى .
ئاخىرقى كۇچا ۋاڭنى ھېلى ھەم بار دەپ ئاڭلىدۇق .كۇچادا بىر ۋاڭلىىق مەسچىتنى ساقلاپ قاپتىكەن.بېرىپ جۇمە ناماز ئوقۇپ كەلگەن خېلى ھەيۋەت
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 19:00 |
kar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرەت: 320 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 320 سوم
تۆھپە: 178 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 178 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 148(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھامۇتخان ۋالىي دېگەن CMDنى ماختاۋاتقان مۇھەممەت ھامۇت دوختۇرنىڭ دادىسىغۇ دەيمەن.....
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-17 11:09 |
ilim
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 230
شۆھرەت: 1647 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1673 سوم
تۆھپە: 906 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 913 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 351(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر تارىختىن خەۋەردار قىلدىڭىز ..ساقلاپ قويغۇدەك ۋەقەلەركەن .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-17 11:37 |
karahan0998
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2028
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەسىم:
تىما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر ،
خۇجا نىياز ھاجىمنىڭ مۇھاپىزەتچىسى ،ئازاتلىقتىن كىيىنكى قۇمۇل ۋالىسى ،ھامۇتخان ئەخمەد لۈيجاڭنىڭ سۈرتى ،
music bagdax
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-28 22:48 |
panjir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 559
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 21 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 21 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 110(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئازاتلىقتىن بۇرۇن خۇجا نىياز ھاجىمنىڭ مۇھاپىزەتچىسى !،ئازاتلىقتىن كىيىنكى قۇمۇل ۋالىسى !
oztil
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-28 23:52 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرى